مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2314|ئىنكاس: 6

ئۇيغۇر مەدەنىيتىدىكى يارقىن نامايەندە ــــ ئاپتۇۋا -چىلاپچا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86661
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1269
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2012-10-31
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 09:49:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆرۈپ -ئادەت بىر مىللەتنى تۇتۇپ تۇردىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.شۇنداقلا ئۇ بەزىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.ئۆرۈپ ئادەتنىڭ بىر مىللەتنى يەنە بىر مىللەتتىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرشىدىكى ئاسلىماتسىيەدىن ساقلاپ قىلىشتىكى رولىنى بىز ،مانجۇ ۋە تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەرنى ياخشىراق كۈزەتسەكلا ئۆرۈپ ئادەتنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىگىنى تونۇپ يىتەلەيمىز.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىدىكى مەزمۇنلار ،ئۇزاق مەزگىللىك تارىخى تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى .شانلىق مەدەنىيتىمىزنىڭ ئىجادچىسى بولغان تۆھپىكار ئەجداتلىرىمىز تارىخىتىن بۇيان نۇرغۇن ئىسىل مەدەنىيەت نەمۇنىللىرىنى ياراتقان .بۇ جەرياندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۈرلۈك ئېرىق ،مىللەتلەرنىڭ ئىسىل مەدەنىيتىنىمۇ ئۈزلەشتۈرگەن.
ئاپتۇۋا-چىلاپچا، يوسۇنلىرىمىز ئىچىدىكى تارىخى نىسبەتەن ئۇزۇن، ئەجداتلىرىمىزنىڭ باشقا دۆلەت ،مىللەت مەدەنىيتىدىن مۇستەسنا ھالدا بارلىققا كەلتۈرگەن ،چوڭ-كىچىك مۇراسىم مەدەنىيتىمىزدىكى  كەم بولسا بولمايدىغان ،ئەڭ كەڭ ئومۇمىيلاشقان مەدەنىيەت ئەنئەنسى.
بىز تۈرلۈك مۇراسىم پائالىيەتلىرىمىزدە ياكى ئاددىي مىھماندارچىلىق ئىشلىرىمىزدا مىھمان ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن ،ئۆي ئىچى، بالا-چاقا، نەۋرە -چەۋرىلەرنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن دۇئا بىرىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن ساھىبخان بىر قولىدا ئاپتۇۋا يەنە بىر قولىدا چىلاپچا ،مۈرسىدە ياكى بىلگىدە لۆڭگە كۆتۈرۈپ  مىھماننىڭ ئالدىغا چىلاپچىنى قويۇپ يىرىم ئىڭىشكەن ھالدا ئاپتۇۋىدىكى سۇنى مىھماننىڭ قولىغا  ئاز-ئازدىن يىنىك قۇيىدۇ .قول يۇيۇش (قول چايقاش)چوقۇم ئۈچ قىتىم ياكى بەش قىتىم ئىشقىلىپ تاق بولشى كىرەك .
ئاپتۇۋاـــــــــ چۆگۈنگە ئوخشاش بولۇپ ،ئوخشىمايدىغان يىرى بويى سەل ئىگىز ،ئۇزۇنچاق بولدۇ،ئىگىزلىگى ئادەتتە30ــــ50سانتىمېتىرغىچە بولدۇ،قورساق قىسمى چۆگۈندەك يۇمۇلاق ئەمەس سوزۇنچاقراق بولىدۇ ،قورساق قىسمىغا تۈرلۈك نەقىشلەر چۈشۈرۈلگەن بولدۇ.باش قىسمى چۆگۈنگە ئوخشاش تۇتقۇچىغا چىتىقلىق بولۇپ سۇ قۇيغان ۋە سۇنى تۆككەن چاغدا ئاپتۇۋا ئىغىزىنىڭ چۈشۈپ كىتىشدىن ساقلانغىلى بولدۇ.
ئاپتۇۋىنىڭ چۆگۈندىن پەرىقلىنىپ تۇردىغان ئەڭ روشەن ئالاھىدىلگى ئۇنىڭ جوغىسى.
ئاپتۇۋا جوغىسى ناھايىتى نەپىس  s خەت شەكىلدە ياسىلدۇ ھەمدە چىرايلىق نەقىشلەر ئويلىدۇ.جوغىسىنىڭ سۇ چۈشىدىغان قىسمىغا نىپىز «تىلچاق»قوشۇپ قويۇلغان بولۇپ ،بۇنىڭ يۇقۇرقىدەك ئىككى جەھەتتە ئەھمىيتى بار.
1.مىھماننىڭ ئىززىتى : مىھماننىڭ قولغا سۇ بەرگەندە سۇنىڭ چىچىلىپ كىتشى ياكى سۇنىڭ كۆپ چۈشۈپ كىتىپ  مىھمانغا بىھۆرمەتلىك تۇيغۇسى بىرىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولدۇ.
2.رايۇنىمىزدەك سۇ قىس،قۇرغاق رايۇنغا نىسبەتەن سۇنى ھەددىدىن زىيادە ئىسراپ قىلۋەتمەسلىك تىجەشلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
چىلاپچاـــــــ يۇمۇلاق چەمبەرسىمان ياسىلدۇ،ئادەتتە دىئامېتىرى 30ــــ40سانتىمېتىرغىچە قىلىپ ياسىلدۇ .قۇرۇلما جەھەتتىن پۇتبول مەيدانىغا بەكرەك ئوخشاپ كىتىدۇ.چۆرىسى ئىگىزرەك ئوتتۇرسى پەسرەك ،بۇنداق بولشى چىلاپچىغا چۈشكەن سۇنىڭ يىغىلىپ بىر يەرگە يىغىلىشى ئۈچۈن،چىلاپچا ئوتتۇرسىدا يەنە چىرايلىق نەقىشلەنگەن ھەرە كۆنىكىگە ئوخشاش «ياپقۇچ»ئورۇنلاشتۇرۇلغان.ياپقۇچنىڭ يۇقارقىدەك ئىككى خىل ئەھمىيتى بار.
1.مىھماننىڭ قولىغا سۇ بەرگەندە چىلاپچىغا ئىقىپ چۈشكەن سۇنىڭ زىيادە چاچراپ ،كىيىم-كىچەك ۋە ئەتراپنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش.
2.چىلاپچىغا يىغىلىپ چۈشكەن سۇ (يۈندە)نىڭ كۆڭۈلنى غەش قىلىپ قويشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش .
چىلاپچىغا سۇ يىغىلىدىغان قىسمى ئانچە چوڭ بولمايدۇ ،سەۋەبى ۋاقتى-ۋاقتىدا سۇنى (يۈندىنى ) تۆكۈپ تازىلاپ پاكىز بولشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن .
چىلاپچىنىڭ ئاستى قىسمى ئۈستى قىسمىغا سىمىترىك بولۇپ كىچىكرەك ياسىلدۇ.ئادەتتە 15ـــ20سانتىمېتىر ئەتراپىدا قىلىپ ياسىلدۇ.
چىلاپچىنىڭ ياپقۇش قىسمى ۋە يۈز قىسمىغا چىرايلىق نەقىشلەر ئويۇلىدۇ.لىكىن بەك زىچ بولۇپ كەتسە بولمايدۇ.
ئاپتۇۋا بىلەن چىلاپچىنى ئايرىم ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
مىھماندارچىلىقمىزدىكى بۇ گۈلدانلەر مەڭگۈ سىھرى كۈچىنى ۋە ئەھمىيتىنى يوقاتمىغاي .


مەنبە :نۇرمۇھەممەت ئۆمەر
تۈمەن0998



سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 11:13:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ تەپسىكى تۇنۇشتۇرۇپسىز.
بۇ ئەنئەنىلىرىمىز باشقىلاردىن روشەن پەرىقلىنىدۇ!

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89110
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 446
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2012-12-25
ئاخىرقى: 2014-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 12:02:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىزنىڭ ئۆيدىمۇ بار. ئۆيگە مىھمان كەلسە ئاپتۇۋا-چىلاپچىدا قولىغا سۇ بىرىمىز.

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4637
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1212 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 01:28:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
6 7 يەتتە يىل بولدى ، بىز مېھمانغا مۇنچىنى كۆرسىتىپ قويمىز . .( چاق چاق )    

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86661
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1269
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2012-10-31
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 01:32:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما بىلەن مۇناسىۋەتلىك يىڭى مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86661
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1269
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2012-10-31
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 01:34:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇقادىر جالالىدىن نۇتۇقىدىن ئىلھام ئالدىم،كەم تەرىپى بولسا تورداشلىرىمنىڭ تولۇقلاپ قويشىنى ئۈمىد قىلمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90071
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 141
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-1-15
ئاخىرقى: 2013-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 02:54:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ئاپتۇۋىدا مىھمانغا سۇ بەرگەندىن كېين ، سۇ بەرگۈچىنىڭ دولىسىدا ۋە ياكى بىلىكىدە بىر دانە پاكىز لۆڭگە بولىدۇ . بۇ مىھمانغا قىلىنغان ھۆرمەت . ( مىھمانمۇ لۆڭگە ئىشلىتىش ئارقىلىق قولىنى سىلكىپ قۇرۇتۇشتىن ساقلىنىدۇ ... ) . ئىشنى قىلىپ ئۇيغۇرۇمنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتى شۇنچە يىقىملىق .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش