سۆيگۇ بەردىم چىن-دىلىمدىن سۆزلىرىڭگە ئىشىنىپ .
سۆيگۇ  تاما  قىلىپ  كۈتكەن  كۆزلىرىڭگە  ئىشىنىپ .
ئاشىقلىق رىشتىسى مەندە بەكلا مۇستەھكەم دىدىڭ،
مىھىر  بەردىم   شۇڭا   بىل   ۋەدىلىرىڭگە   ئىشىنىپ.
مىھىر  بېرىپ  سرلىرىڭنى  بىلمەككە قىلدىم  ئىختىيار،
مەنمۇ   بەرگەچ ھەم سرىمنى كەچمىشلىرىڭگە ئىشىنىپ.
كۆڭۇل  بەرسەم سەن  نىگارغا   بىۋاپالىق   قىلمىغىن ،
سۆزى شىكەر ،  قارا دىل   دۇشمەنلىرىڭگە  ئىشىنىپ.
سېنى   دەپ  چەكتىم  پىغان   كەزدىم   جاھان ،
مەن ئۇچۇن پەرۋانە كەبى كۆيگەنلىرىڭگە ئىشىنىپ .
مەن سېنى بىر  دەپ  بىلىپ  تاشلىدىم ھەم   ئۆزگىنى .
سەن  مىنىڭ يىگانەم دەپ  سۆيگەنلىرىڭگە  ئىشىنىپ،
گۈل  تىكەنسىز  بولمىغاي  تىكەن نە پۇراق  چاچقاي،
سۇنغان گۇلۇمنى خار ئەيلىمە  تىكەنلىرىڭگە ئىشىنىپ .
گۇلۇم خۇشپۇراق چاچقاي مەيلىمنى تارتقان كۆڭلىڭگە،
سەن  مېنىڭ  بىر  تال  گۈلۇم   دىگەنلىرىڭگە  ئىشىنىپ .
ئادىمى  شەيتان  يامان  سېنى  ھەردەم  ئازدۇرغۇسى ،
كۆكنۇرنى قىلما ياد ئۆزۇڭگە شەيتانلىرىڭغا  ئىشىنىپ .
مەنبە: يەنىلا شۇ كەپسىز ھېسلىرىمدىن ئۇزۇندە.