مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 537|ئىنكاس: 3

پولات يۈرەك.... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90167
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 06:22:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(1)


( بۇ مىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشۇمدا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ بىرى ، ھەر قايسى تورداشلارنىڭ  ماڭا ياخشى يوللارنى كۆرسىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن !)


دەل شۇ قىېتىملىق ئىش ھازىرقىچە ئىسىمدىن چىقمايدۇ ، تۇنجى مۇھەببەت يولىدا كۆرگەن قاتتىق ئازابلارنىڭ بىرى بولدى ، تولۇقسىزغا چىققان ۋاقتىمدىن باشلاپ تاكى ھازىرقىچە شۇ ئىشلار كاللامدىن پەقەتلا ئۆتمەيدۇ.     تولۇقسىزغا ئائلەمدىن ئايرىلىپ ياتاق تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ئۈستىگە كەلگىنىمدىن ئايلانغان كاللامنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن. بىراق تەقدىر شۇ بولسا كۆرگەندىمەن!  يىڭى ئوقۇش ھاياتىم بىلەنلا تەڭ باشلانغان يىڭى تۇرمۇشۇم يەنىلا شۇ ئاتالمىش مۇھەببەت بىلەن  باشلاندى . تۇنق بارغاندىكى ھەربىي مەشىقتىلا ىبىر قىزغا قىزىقىپ قالدىم ۋە باشقىلاردىن كىملىگى قاتارلىق ...لارنى سورىدىم كۆپىنچىسى  خاتا چۈشەنچە بىلەن كاللامنى بۇرىۋەتتى. شۇ ئەسنادا  ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئېغزىدىكى ئاتالمىش مۇھەببەت شۇ بولسا كىرەك دەپمۇ چۇشەندىم ، ۋە باشقا ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئازىراق يول كۆرسىتىشى بىلەن تەلەپ خېتى يىزىش قارارىغا كەلدىميۇ ،سۈكۈت قىلدىم كىيىن بىر سىنىپقا بۆلۈنۈپ قېلىپ تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى . باشقا مۇھەبەتلەشكەنلەرگە قاراپ ھەۋەس بىلەن تەڭ ئازابنى مېھمان قىلدىم ... كىيىن ئىرادىگە كىلىپ تەلەپ قويمەقچى بولدۇميۇ ..يېنىپ قالدىم چۈنكى نۇرغۇن گۆدەك ۋە سەبى مۇھەببەتلەر باشقىلار تەرىپىدىن ۋەيران بولۇپ كەتكىنى كۆز ئالدىمغا كىلىۋالدى ، بولۇپمۇ قىزلار بۇزۇق نامغا چىقىپ كىتىۋاتقىنى ماڭا بەكىرەك تەسىر قىلىپ قالدى . شۇ سەۋەب  قىز بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنلا ئورناتتىم ،لېكىن ئۇدۇلۇمدىكى پارتىدىلا ئولتۇرغاچقا داۋاملىق قاراشلىرىمدىن ئۆزى ئالدىن سەزگەن قىز ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇندى ، شۇنداق بولسىمۇ مىنىڭ ياراتقان پۇرسەتلىرىم سەۋەبى نۇرغۇن ئىشلاردا بىرگە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇردۇق !  شۇنداق قىلىپ دوستلۇقتا تولۇقسىز ھاياتىدىكى ئۈچ يىلمۇ توشۇشقا ئاز قالغاندا تۇيۇقسىز كۆزۇمدىن غايىپ بولدى؛ بىر كۈنى قىز چۈشتىن بۇرۇنلۇق دەرىستىن چۈشكەندىن كىيىن ماڭا چۈشتە ياتاققا كىرمەي بازار غا بارىدىغانلىقىنى ،ئاياق ئېلىپ كىرىدىغىنىنى ئېيتتى .مەن شۇ سىنىپنىڭ سىنىپ ھەيئىتى بولغانلىقىم ئۈچۈن سىنىپ مەسئۇلۇمنىڭ تەييار قىلىپ يىزىپ قويغان رۇخسە سوراش قەغەزلىرىنى ساقلايتتىم ۋە جىددى ئەھۋاللاردا سىنىپ مەسئۇلۇم ئورنىدا رۇخسەت بېرەتتىم ،مەن مۇئەللىمنى خەۋەر دار قىلغاندىن كىيىن بىللە چىقىش مەقسىتىدە بىرگە ماڭدۇق ،لېكىن سىنىپ مەسئۇلۇم ئۇچىراپ قېلىپ:  سەن ئاۋارە بولمىغىن! مەن بېرىپ كىلەي دەپ ئېلىپ كەتتى .  ئەنسىز سوققان يۈرەكلىرىم سىنىپ مەسئۇلۇمنىڭ مېنىڭ نېمىشقا بىللە چىققىنىمنى سورىمىغىنىدن خۇش بولۇپ جايىغا چۈشتى . بىراق كىم بىلسۇن دەل شۇكۈنى دوستۇمدىن ئايرىلىپ قېلىپ قۇرۇق پارتىغا قاراپ ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالدىم . سەۋەبى يەنىلا رەزىل ھىسياتنىڭ قۇلى بولغان پاكلىقتىكى مەسىلە ئېدى .سىنىپ مەسئۇلۇم ئىلگىرى تەييار قىلىپ قويغان دىپلوم بىلەن ئۇنىڭ ئىپپىتىنى بۇلغاپ ئۆيىگە يولغا سېلىپ قويدى . دۇنيا ماڭا ئېنتايىن چوڭ دۈشمەنلىك قىلغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى . خۇددى ھىكايىلەردىكىدەك ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك دېسەممۇ بولىدۇ !    ئۇزۇنغا بارماي ئۇنىڭ توي قىلغىنىنى ئاڭلاپ ؛خەت يازماي ، مۇھەببەتلەشمەي ،قەدىرىنى ۋاقتىدا بىلمەي ، ئايرىلغىنىمدىن قاتتىق پۇشايمان قىلدىم .يەنە بىر تەرەپتىن ئىچىمدە ئاتالمىش ھەقىقى مۇھەببەت شەرىتلىرىنى قانا ئەتلەندۈرۈپ بەخىت تىلىدىم !  ھازىر ئويلىسام ئەشۇ ئېغىزلاردىكى مۇھەببەت شەرىتلىرى پۈتۈنلەي خاتادەك تۇيۇلىدۇ : ئۆز سۆيگىنى ئۈچۈن جىنىنى قۇربان قىلىدىغان  ، باشقىسىنى ياخشى كۆرۇپ قالسا بەخىت تىلەيدىغان ....... ئەشۇ باتۇرانە يىگىتلىرىمىز ئۆز سۆيگىنى ئۈچۈن قۇربان قىلىۋەتسە قىزچاقنىڭ باشقىلار غا قالىدىغىنىنى ئويلىمامدىغاندۇ ؟ بەخىت تىلىسە ئۆزىنىڭ ئەڭ ناچار ئورۇنغا چۈشۇپ قالىدىغىنىنى  ئۆزىنىڭ پەقەت ئۆتمۈشلا بولۇپ قالىدىغىنىنى  ئويلىمامدىغاندۇ ؟ مۇھەببەت شۇنداق بىچارىمۇ ؟ ياخشى كۆرۇش شۇنچىۋالا گۇنامۇ ؟   بۇلارنى كاللامدىن كەچۈرۈپ تەتىلىممۇ شۇنداق بىچارە ۋە تەشۋىشتە ئۆتتى . يىڭى ھايات باشلىنىش ئالدىدا ئىرادىلىرىم ئۆلۈك ھالدا ئىڭرىماقتا ،جان ئۈزگەن ئۈمۈدلىرىم يەنىلا تىمتاس ئېدى .    (2)     تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىمنىمۇ يەنىلا ئەشۇ يۈگەنسىز كۆڭۈلنىڭ باشلىشى بىلەن يۈرۈپ كەتتىم ، بۇ قېتىممۇ يەنىلا ئەشۇ ھەربى مەشىقتىكى قاچقۇن ۋاقىتلىرمدىن باشلانغان ئېدى ، ئۆزۇمنى يەنىلا بالىلاردەك چاغلاپ يۇرگەن بولسام كېرەك 50-60ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن ئويۇن چىقىرىپ بىر نەچچە بۇرادىرىم بىلەن جاۋلىەن قارىمىغاندا يۈگۈرۈپ كىرىپ چىقىپ ئويۇن قىلىپ يۈرگەن شۇ كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە مەن بىلەن كىچىك ۋاقتىدىلا بىرگە ئويناپ يۈرگەن بىر دوستۇم (قىز) ئۇچىراپ قالدى ؛ كىچىگىمىزدە بىرگە ئوينىغاندىكى سىيماسى ھىلىمۇ ئېسمدە تۇرۇپتۇ . ئۇكىللىرىمىز بىلەن بىرگە ئويناپ ھىرىپ تەرلەپ كتەتتۇقكى ئويۇننى قولدىن بەرمەيتتۇق .ئەلۋەتتە ئاندا - ساندا ئۇرۇشۇپمۇ قالاتتۇق لېكىن يەنىلا بىرگە ئويناپ ئەپلىشىپ قالاتتۇق . بىز داۋاملىق مەھەللىدىكى  ئاجايىپلا بىر دەرەخ يىنىدىكى چىملىقتا ئوينايدىغان بولۇپ ئۇ يەردىن كىشىنىڭ كەتكۈسىمۇ كەلمەيتتى ...... شۇ خىياللار بىلەن بىرگە ئۇنىڭ مېنى تونىيالمىغىنىنى بىلدىم ۋە مەنمۇ ئۇنىڭ شۇ قىز شۇمۇ ياكى ئەمەسلىگىدىن ئازىراق گۇمانلىنىپ ئەنسىرىگەن ھالدا : سەن ^^ مۇ ئەمەسمۇ ؟ دەپ سورىدىم .      ^^: ھەئە مەن شۇ .. ، سىز ؟؟؟؟       مەن : مەن && بولىمەن ! تونىمىدىڭمۇ ؟-دەپ سورىدىم .      ^^: ۋاي سەنمىدىڭ ؟! نىمدا ئۆزگۈرەپ كەتتىڭ ....  شۇ خىل پاراڭ ۋە ئۆز تۇرمۇشۇم توغرىسىدا پاراڭلىشىپ ،ئۇنىڭ ھالىنى سورىمىغىنىمدىن كىيىن قاتتىق تەشۋىشلەندىم . بىراق يەنىلا كەلگەن پۇرىسەتلەردىن ئۇنىمۇ خېلىلا چۈشىنىۋالدىم .   بىر مەزگىل مەن ئۇ يىڭى مەكتىۋىمگە كۆنىۋالغۇچە بىر قىسىم ناھەق ئىشلار يۈ بەردى . شۇ ئاچچىقلىرىمدا يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ئۇ مەن ئۈچۈن بىردىن بىر تونۇيدىغان ۋە ياخشى ئۆتىدىغان چۈشۈنىدىغان كىشىلىرىمنىڭ بىرى بولغاچقا تەسەللىيلەر بىلەن مىنى ئۆزىگە قاراتتى . شۇنداقلا ئىلگىرىكى مۇھەببەتتىكى پۇشايمىنىم ئېسىمگە كەلگەچكە دەرھال ئۇنىڭغا تەلەپ قويۇپ مۇھەببەتلىشىشنى تەلەپ قىلدىم ؛  شۇنداقلا ئۇنى يەكشەنبە كۈنى خەلىق مەيدانىدا كۈتىدىغىنىمنى ،ۋاقتىنى دېدىم . قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن  خاتىرجەم بولۇپ دەم ئېلىش كۈنىنى دىمەكچى بولغان سۆزلىرىمنى خۇشاللىق ئىچىدە يادىلاش بىلەن ئۆتكەزدىم .....  مەن ئۈچۈن تولىمۇ تەستە توشىۋاتقان ۋاقىتلاردىن بىزار بولدۇم . شۇنداق قىلىپ ئارزۇلىغان يەكشەنبەممۇ يېتىپ كەلدى .ساقلىسام كىلىپ بولالمىغان ،،، شۇ زېرىكىشتە كىملىك بىلەن نوپۇسۇمنڭ ئۆيدە قالغىنىنى بىلىپ ئۆيگە ياندىم . چۈنكى مائارىپ ئىدارىسىغا يوللاشقا ئېلىپ كىلىشنى بۇيرىغان مۇھىم نەرسىلىرىم -دە  ئۆيگىمۇ جىددىلا بىرىپ ئىزدەۋاتسام تېلفونۇم سايرىدى ،قارىسام ^^ ئۆزۈم ئەمەلىي ئەھۋالنى دەپ بولۇپ نەۋرە سىڭلىمغا تېلفوننى بەردىم چۈنكى بۇلار يىقىن دوستلاردىن ئېدى . ئۇلارنىڭ پارىڭى تۈگگۈچە تەييارلىقىمنى قىلىۋالدىم ۋە دەرھال يولغا چىقتىم ، كوچا ئاپتىبوسنىڭ ئاستا مىڭىشىدىن بەكمۇ زېرىكتىم شۇنداقتىمۇ ئامال يوق -دە    ئاپتىبوستىن چۈشۈپ دەرھال خەلىق مەيدانىغا يۈگۈردۈم . ... قارىسام ئاللا بۇرۇنلا كىلىپ بولغان ^^ نى كۆردۈم. خىجىللىقتىن تەستە ئويلىنىپ ئاخىرى ئامال تاپتىم ؛ ئارقىسىدىن بېرىپ قورقىتىۋىتىشنى ئويلاپ ئىتتىك مىڭىشمغىلا ئۇ كۆرۈپ قالدى ... يەنىلا چاندۇرماي ؛ مىنى كۆپ ساقلىتىپ ، ساقلىسا قانداق بولىدىكەن دەپلا تۈگەتتىم . خالىي بىر جاينى تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلدىم . لېكىن بۇ دەل مېنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىمنى بىلگەن كېچىنىڭ قۇياشلىق ۋاقىتلىرى بولۇپ مېنىڭ ئۇندىن تېخى خەۋىرىم يوق ئېدى ....   ^^: مەن ساڭا ئىلگىرى بىللە ئوينايدىغان ۋاقتىمدىن باشلاپلا قىزىقاتتىم ، كىيىن باشقا يەرگە يۆتكۈلۈپ ئوقۇپ سەندىن يىراقلىغىنىمدىلا سېنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلدىم ،-دېدى       مەن بۇلارنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇش بولدۇم ،بىراق. ^^: مەن تولۇققا چىقىپ تۇنجى يىلنىسى مۇراد دەپ بىرى ماڭا خەت يازغان ،مەن ئۇنىڭغا قوشۇلمىغان ،بىراق ئۇ ساڭا بەك ئوخشىغاچقا ئاكا قىلىۋالغان .-دېگەندەك بىر تۈركۈم گۈزەل ۋاقىتلىرىنى سۆزلىگەندىن كىيىن ئۇنىڭ قاتناش ھادىسىسىدە مەكتەپ ئالدىدا تۈگەپ كەتكىنىنى ئېيتىپ بەردى . مەن ئچىمدە ئازىراق ئېچىندىم چۈنكى ئۇمۇ بىر ئوغۇل ، يەنە كېلىپ ماڭا بەكلا ئوخشايدىكەن ،ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن بوپتۇ ئۇلار ئۆتكەن ئىشلار ھىچقىسى يوق ! دەپ ئاخرلاشتۇردۇم ! بىراق كاللامنى ئەشۇ مۇرات چىرمىۋالدى . ئۇنىڭ رەسىمىنى بولسىمۇ كۆرۈپ بېقىش مەقسىتىدە ئېنىقلاشنى ئويلىدىم .     بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سىرىتقا قاراپ مىڭىۋاتقىنىمدا مەندىن بىر يىللىق يۇقىرى ئقۇيدىغان دوستۇم ئۇچقىدى ، مەن دەرھال ئۇنى توختىتىپ قويۇپ ،قىزدىن قايسى مۇراد ئىلگىرى قايسى سىنىپتا ئوقۇغان دىيىشىمگىلا  قىز بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى . ئارقسىدىن چاقىرسام قارىمىدى شۇ ئاچچىقىمدا بىلىكىدىن تۇتۇپ سىلكىۋىتىپ قالدىم . ئەشۇ سەۋەب بىزنىڭ بىر مەزگىللىك ئايرىلىشىمىزغا سەۋەب بولدى ....    دەل شۇ ۋاقىتلارنىڭ بىرىدە ئۆز ئانامنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى يىتىپ كەلدى .شۇ ئازابلار ئىلكىدە ئاسماندىن تاشلىۋەتكەندەك بولۇپلا قالدىم .. بۇ خىل ئىشلار تەسىرىدە قەدىناسىم تاماكىنى تېپىۋالدىم .   بۇلارنى بىلگەن قىز يەنە ماڭا تەسەللى بېرىپ مۇھەببىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈردى . بىراق بۇ قېتىمقىسمۇ مېنىڭ خۇشاللىغىم ئۈچۈن تەسەللى ئۈچۈن بولغانىكەن . ئۇ داۋاملىق ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى ،شۇ سەۋەبتىن ئازىراق ياخشى بولۇپ قالدىم .  بىراق ھەممە ئىشنى يوشۇرغىلى بولمىغاچقا ئاخىرى ئايرىلدى ، بىردىنبىر سەۋەب بەلكىم سەۋەبلىكتۇ ياكى ئۇنداق ئەمەستۇ ، بىر دوستىنىڭكىگە بېرىپ قونۇپ كەلگىنىگە ئاچچىقلىغىنىم بولدى . دەل مۇشۇ سەۋەبنى دەپ مەندىن ئايرىلىپ كەتتى .  كۈتىدىغىنىمنى ۋە نۇرغۇن سۆزلەرنى ئېيتتم ،ئاخىرى ئۆزۈم ئۇنىڭ ھالىنى ئۈستۈن قىلىۋالماسلىقى ئۈچۈن چ چ رىدىنمۇ چىقىۋالدىم . ئىچىم سىقىلىپ بىر دوستۇمنى ياردەم قىلىشنى سورىدىم . ئاخىرى ئۇ قىز بالىچە چ چ بىلەن ئۇنىڭدىن گەپ ئالغىنىدا مېنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەيدىغىنىنى،پەقەت تەسەللى ئۈچۈنلا مەن بىلەن يۈرگىنىنى مەن ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرىقى ئۇرۇشۇپ قېلىشىمدىن پايدىلىنىپ مەندىن ئايرىلغىنى مەلۇم بولدى .......  شۇ سەۋەب مەن ئۆزۈنىڭ كېسىلىمنى داۋالىتىشتىن ۋاز كېچىپ دورىلار بىلەن كۈن كەچۈرۈپ توردا پىكىر ئالماشتۇرۇش بىلەن كۈنلۈرۈمنى  ئۆتكۈزىۋاتىمەن ..............  


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   RYANLIK تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-17 11:01 PM  


سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5789
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 07:14:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە بەك.............ئاغرىۋاتىدۇ.

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47175
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3925
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2682 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 11:09:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زادى مۇشۇقىزلار زەئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئە










ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90167
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-22 07:12:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ تورداشلارنىڭ پىكىرلىرى قانداقكەن ؟ دۇيادىن زېرىكىش دەل شۇنداق رەھىمسىز مۇھەببەتنىڭ ...........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش