سېڭلىمغا خىتاب
ئاڭلىغىن ئەي سىڭلىم ساڭا بىر خىتاب،
ئىنتىلمە ھەرگىزمۇ كىيىم-كىچەككە.
مودا كىيىم ،رەڭمۇرەڭ شۇ بۇياقلار،
ئەسقاتمايدۇ ھەرگىز جاۋاب بىرىشكە.
مىللىتىڭ ئۇيغۇردۇر ئۇيغۇردەك ياشا،
كۆكسى ئۇچۇق كىيىم ياراشماس ساڭا.
ئارتىۋالغىن بېشىڭغا ياغلىقىڭنى،
بەخىت ئامەت مەڭگۇ يار بولسۇن ساڭا.
چەت ئەللىكتەك ياشاش ساڭا زىتتۇر،
زەپمۇ ياراشقان ساڭا ئەتلەس كۆڭلەك.
چاچنى چۇۋۇپ بۇياش شەرەپلىك ئىشمۇ،
مىڭ قارىساڭ ئەكسىڭنى كۆرسىتەر ئەينەك.
ئېچىۋىتىلدى ئىشىك دەپلا سەنمۇ،
ئېچىۋەتمە ھەرگىز سەن بەدىنىڭنى.
مودا ئەمەس ھەرگىز ئەخماق بولما،
تۆكۈۋالسەن چوڭلار ئالدىدا يۈزۈڭنى.
ياشىغىن ھەرۋاقىت نۇمۇسىڭ بىلەن،
ساتمىغىن ئىپپەتنى ئازغىنى پۇلغا.
ھاراق تاماكىغا بىرىلمە ئەسلا،
كىرىپ قالمىغىن ھەرگىز ئەسكى يولغا.
چىرايىڭ سەت بولسا مەيۈسلەنمىگىن،
ئەمەستۇر ئۇ سېنىڭ بەخىتسىزلىكىڭ.
قەلبىڭ پاك بولسۇن ھەركىتىڭ گۈزەل،
بۇلىدۇ ئۇسېنىڭ چىن گۈزەللىكىڭ.
ھەر باسقان ئىزىڭنى پەم بىلەن باشلا،
كىرمە سەن ھەرگىز شەيتان كەينىگە.
ياشىماق بەكمۇ تەس بۇ زامانلاردا،
تۈگىشەرسەن بىرىلسەڭ شۇ ھەۋەسكە.
غالىپ كەلگىن ھەرۋاقىت پۇل ئۈستىدىن،
بۇلۇپ قالما سەن ھەرگىز پۇل چاكىرى.
ھەمراھ قىل ئۈزۈڭگە ئەخلاق ئەدەپنى،
يامان كىشىلەر تۈۋىدىن تۇرغىن نېرى.
قىز دىمەك ئۇ مىللەتنىڭ ئانىسىدۇر،
مەسئۇليەت ئېغىردۇر مىللەت ئالدىدا.
شوخلۇقۇڭ بۇلىدۇ ساڭا بىر بالا،
جاۋابكار بولىسەن مىللەت ئالدىدا.
چوڭ بولغاندا چوقۇم ئانا بۇلىسەن،
تەربىيلەيسەن مىللەتنىڭ پەرزەنتىنى.
مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۇلار قۇلىدا،
خانى ۋيران قىلمىسۇن مىللىتىنى.
ئايال بولغان ئىكەنسەن ھالال ياشا،
ئىپپىتىڭنى نۇمۇسنى ھەرگىز ساتما.
گەر قالساڭمۇ كىچىدە ئۆي ماكانسىز،
تۇنمايدىغان يات ئەرلەر بىلەن ياتما.
نىرى تۇر ھەرۋاقىت پىتنە ئىغۋادىن،
كىشىنىڭ غەيۋىتىنى قىىلما ئەسلا.
ئاچكۆزلۈك كۆرەلمەسلىك شۇم ئېغىزلىق
يىراق تۇرسۇن سەندىن ھەزەر قىل ئەسلا.
ئەھمىيەت بەر چۇقۇم بىلىم ئېلىشقا،
نادانلىق بىلىمسىزلىك بەكمۇ نۇمۇس.
بىكار قالساڭ ئوقۇ ياخشى كىتابنى،
يوقىلار نادانلىق ،يۇقىلار نۇمۇس.
ئادەم بۇلۇش بەكمۇ قىيىن دۇنيادا،
ئايال بولماق تەستۇر ئەر بولماقتىنمۇ.
قائىدىلەر بەكمۇ كۆپ ئاياللارغا،
سۆزلىسە تۈگىمەس يۈز كىتابنىمۇ.
ئەسكەتىش:سىڭلىم دىگەن بۇ سۆز بارلىق قىزلارغا قارتىلغان.
2013-يىلى 16-يانۋار
ئۇيغۇر ئوغلى
جېجاڭ خاڭجۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-17 04:11 PM