مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1219|ئىنكاس: 6

ئايرىم چاقىرىش ۋە ئايرىۋىلىپ چاقىرىش(كۆك ھىلال) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 875
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5053
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 386 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 02:29:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئايرىم چاقىرىش ۋە ئايرىۋىلىپ چاقىرىش


ئاتا-ئانىلار يىغىنىنى قىدرىپ تەكشۈرۈش


مائارىپ مىللەتنىڭ تەپەككۇرى.مائارىپتىن ئايرىلغان مىللەت ئىنىقكى تەپەككۇردىن ئايرىلغان مىللەتتۇر.21-ئەسىردە قۇرال ئارقىلىق،كۈچ ئارقىلىق قۇدرەت تاپىمەن دىيىش ساراڭلارچە خىيال،بۇ ھەممىمىزگە مەلۇم.مىللىتىمىزنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولى مائارىپ ئارقىلىق ئىچىلىدۇ.
مىللىي مائارىپنىڭ كەچكۈزدىكى ياپراقتەك توزۇپ كىتىشىدە ھەرقانداق ئادەمنىڭ بىر كىشلىك مەسئۇلىيىتى بار.بۇنىسى ھەرقانداق ئادەمنىڭ كاللىسىدا ئىنىق بولىشى كىرەك.مىللىي ئوقۇتۇش بىلەن،خەنچە ئوقۇتۇشنىڭ سەۋيىسىنى ئىلىپ ئىتقاندا خەنچە ئوقۇتۇشنىڭ ئۈنىمى مىللىي ئوقۇتۇشتىن كۆپ دەرىجىدە ئۈنۈملۈك بولغان.بۇ نۇقتىنى ھەرقانداق مائارىپچى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايدۇ.ئۇنداق بولسا مىللىي ئوقۇتۇشنىڭ سەۋيىسى نىمە ئۈچۈن خەنچە ئوقۇتۇشقا يەتمىدى ؟مانا بۇ سوئال ھەرقانداق مائارىپچىنى ئويلاندۇرىدۇ ئەلۋەتتە.
بۇ تىمىنى مۇشۇ يۆنۈلۈشتە تەرىققىي قىلدۇرسام تىمىدىن بەكلا چەتنەپ كەتكەن بولىمەن.ھەم بۇنچىلىك چوڭ سوئالغا  جاۋاپ تىپىشمۇ تەپەككۇر ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشمايدۇ.بۇنۇڭغا سان-سىپىر ۋە پاكىت بىلەن سۆزلەش كىرەك.
مىللىي ئوقۇتۇشنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مىللىي ئوقۇتقۇچىلار بىر نۇقتىنى ھىس قىلىشى كىرەك.ئۇ  بولسىمۇ مىللەتنىڭ خارەكتىرىگە ئاساسەن تەربىيلەشتۇر.ھەربىر مىللەتنىڭ خارەكتىرى ئوخشىمايدۇ.تىل،مەدەنىيەت،ئەنئەنە دىگەنگە ئوخشاش مىللىي خارەكتىرمۇ مىللەتنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر.ھەرقانداق مائارىپ مىللەتنىڭ خارەكتىرنى تۈپ يۆنىلىش قىلمايدىكەن ئۇخىل مائارىپ بىر تۈركۈم  مىللەتتىن تانغانلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.ئۇ چاغ مائارىپنىڭ ماتەم كۈنىدۇر.
ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش تەربىيلەشتىكى ئەڭ موھىم ھالقا.مىللىي خارەكتىرنى ئاساس قىلىپ كىشىلەرنىڭ يەنە ئۆز ئالدىغا نۇرغۇن مىجەز خارەكتىرى بولىدۇ.ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ شۇ مىجەز خارەكتىرنى چىقىش قىلىپ مۇناسىۋەتنى تەڭشىمەيدىكەن ئاقىۋەت سىنىپ ئىچىدە يوشۇرۇن زىدىيەت تۇغۇلىدۇ.ئاتا-ئانىلار يىغىنى مانا مۇشۇ زىديەتنىڭ ئوت پىلتىسى بولغان موھىم نۇقتا.
ئاتا-ئانىلار يىغىنى(توغۇرسى سۆھبەت يىغىنى)بالىلارنىڭ تەربىيلىنىشى ئۈچۈن ئاتا-ئانا بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چىقىڭتىدىغان موھىم سورۇن.
ھالا بۈگۈنكى كۈندە ئاتا-ئانىلار يىغىنى نوقۇل ئاتا-ئانىغا بالىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى،ناچار ھەركەتلىرىنى دوكىلات قىلىپ ئۆيگە بارغاندا  تەربىيە قىلىشنى (توغۇرسى ساۋاشنى) تەلەپ قىلىدىغان خارەكتىرى ئۆزگەرگەن يىغىن شەكلىگە ئۆزگۈرۇپ قىلىۋاتىدۇ.ئىنتىزامى،ئۈگۈنىشى ناچار بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئايرىم چاقىرىش  مانا مۇشۇنداق دوكىلات خارەكتىرلىك تۈسنىڭ موھىم شەكلى.
ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئىچىمىزدە مەلۇم ئوقۇغۇچىغا  ئەسكىلىك قىلىۋالايچۇ دەيدىغان ئوقۇتقۇچى مەۋجۇت ئەمەس.ھەرقانداق جازانىڭ مەقسىتى ئوقۇغۇچىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت.لىكىن يۇقارقىدەك ئايرىم چاقىرىش ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن تەتۈر تەسىر بىرىپ قويىدۇ.شۇنۇڭ بىلەن ئويلىغان مەقسەت ياخشى، قىلغان ئىشىمىز خاتا بولىدۇ.
يىقىندا غۇلجا شەھەرلىك ئۈچۈنجى ئوتتۇرا مەكتەپتە بەزى مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى چاقىرىلدى .ئەمما ئايرىم چاقىرىشتىكى خاپىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈچلۈك تەنقىتىگە ھەتتا قارشىلىقىغا ئۇچۇردى.ئاتا-ئانىلارغا تارقىتىلغان ۋەدىنامە تۈسىدىكى ۋاراقچە قوللاشقا ئەمەس يىرتىپ تاشلىنىشقا دۇچار بولدى.
بۇنۇڭدىكى تۈپكى سەۋەب نىمە؟ياخشىراق ئويلاپ باقساق بۇنۇڭدىكى تۈپكى سەۋەپ ئايرىم چاقىرىلغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ بۇ يىغىنننىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىنى خالىمىغان.ئەلۋەتتە بۇ ئەقەللىي قوغداش.لىكىن بىرقىسىم مائارىپچىللىرىمىز بۇنى ساپا مەسىلىسى بىلەن ئۆلچىدى. مۇشۇ قىتىملىق يىغىندا ئاتا-ئانىلارنىڭ ساپاسى تۆۋەن دىگەن نەتىجە ئۇلارنىڭ كاللىسىغا دەررۇ كەلگەن بولسا كىرەك.
توغرا بىرقىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ ساپاسى ھەقىقەتەن تۆۋەن .ئەمما سەل كۈزىتىدىغان بولساق ئادەتتىكى قارا قورساق ئادەملەر ھەرگىزمۇ ئوقۇتقۇچىلارغا قارشىلىق بىلدۈرمەيدۇ.ئەلۋەتتە بۇنى مۇتلەق دىمەيمىز.لىكىن كۆپچىلىك قارا قورساق ئاتا-ئانىلار مۇئەللىمنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدۇ.كۆپ سانلىق قارشىلىق بۈلدۈرگەنلەر زىيالىي ئاتا-ئانىلار بولىدۇ.بۇقىتىمقى يىغىندىمۇ دەل مۇشۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلدى.
جەمىيەتتە ئورنى بار،ئوقۇغان ئاتا-ئانىلار قاتتىق قارشىلىق بىلدۈردى.قالغان ئاتا-ئانىلار بىر ئىغىزدىن ۋايساپ قويغان بولسىمۇ لىكى ئاۋۇ زىيالىي ئاتا-ئانىلاردەك كەسكىن پىكىردە بولمىدى.بۇ نىمە ئۈچۈن؟بىز يەنىلە بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى قارقورساق ساپاسىز ئاتا-ئانىلار دەپ نەتىجىلەمدۇق؟بۇ ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزى خوش قىلىش بولماي نىمە؟ئەلۋەتتە ئوقۇغان ئاتا-ئانىلارنىڭ شۇنچە كۈچىشىدە بىرەر ئىلمىي ئاساس يوقمۇ؟
ئايرىم چاقىرىش مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خارەكتىرىگە ئەسلا ماس كەلمىگەن ئۇسۇل.گەرچە بۇ ئۇسۇل باشقا مىللەتلەردە ئۈنۈم بەرسىمۇ بىزنىڭ مىللەتكە قارشىلىق پەيدا قىلىدۇ.بۇ نۇقتىنى ھىس قىلىشىمىز كىرەك.شۇ يىغىندا ئاتا-ئانىسى ئايرىم چاقىرىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى ئانىسىغا ئانا بىز سىنىپتا ۋىرۇس بولۇپ قالدۇق دىگەن.بۇ ئىنىقلا ئوقۇغۇچىنىڭ پىسخىك نورماللىقىنى ئۆلتۈرگەنلىك بولماي نىمە؟ئاشۇ ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ كەمسىندۈرۈلگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇقۇتقۇچى بىلەن ھەمكارلىشارمۇ؟مەنچە خارەكتىر مەسىلىسىدىن ئىلىپ ئىتقاندا بۇ مومكىن ئەمەس.
بۇنداق ئايرىم چاقىرىش توغرا كىلىپ قالغاندا ئاتا ئانىلارنىڭ سانى كۆپەرەك بولسا ئەڭ ياخشىسى ھەممە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسنى چاقىرىپ ، ئاندىن ئايرىم چاقىرتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى يىغىن ئاخىرىدا ئايرىۋىلىش كىرەك.مانا بۇ ئۇسۇل بىر قەدەر ئىلمىي ۋە ئاقىل ئۇسۇلدۇر.
بۇ ئىككى ئۇسۇلنىڭ پەرقى.
ئايرىم چاقىرىشنىڭ داۋرىڭى چوڭ.مانا بۇ ئايرىم چاقىرىشنىڭ ئەڭ سەلبىي تەسىر نۇقتىسى.ئۆيىدىكىلەرنى ئايرىم چاقىرىتقان ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يامان كۆرگەنلىكى  دەپ بىلىدۇ.ئۇلارنىڭ كاللىسىدا چوقۇم( مەن كۆزىگە سەت كۆرۈنۇپ قالدىم،شۇڭا مۇشۇ بالىلارنىڭ ئارىسىغا قېتىلىپ قالدىم )دىگەن ئىدىيە شەكىللىنىپ قالىدۇ.مانا بۇ نۇقتا ئەڭ چوڭ خاتا رول ئوينىغان نۇقتا.ئايرىۋىلىپ چاقىرىش بولسا ھەممە  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى كەلگەندىن كىيىن بۇ ئومۇمىي يۈزلۈك بولغان ئىشتەك بىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىدا قارشىلىشىش ئاز بولىدۇ.ئىككىسىنىڭ ئۈنىمى ئوخشاش، ئوخشىمايدىغان يىرى ئۇسۇل ۋە ئۇسلۇپ.ئازراق رەڭۋازلىق خالاس.ئەمما بۇ نۇقتىنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
يىغىنچاقلىساق يۇقۇرقى يىغىندىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ قارشى پىكرى ئومۇمىي نۇقتىدىن ئورۇنلۇق.بۇنۇڭدىكى كەتكۈزۇپ قويۇلغان نۇقتا ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئىچىشتىكى ئۇسۇلنىڭ توغرا بولماسلىقىدىن ئىبارەت.
مومكىن بولسا ئاتا-ئانىلار يىغىنى سۆھبەت يىغىنىغا ئايلانسا،ئوقۇتقۇچى بىلەن ئاتا ئانىلار ئوقۇغۇچىلاردىن يوشۇرۇن كۆرۈشسە،دىمەكچى بولغۇنۇم ئاتا-ئانىلار يىغىنى يوشۇرۇن ئىچىلسا(ئوقۇغۇچىدىن مەخپى تۇتۇلسا)يىغىن مەزمۇنى نۇقتىلىق ئەيىپلەشلا ئەمەس،بالىنىڭ نۇقسانلىرىنى،خاتا ھەركەتلىرىنى بىرنى قويماي ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ئەڭ موھىمى تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئاتا-ئانىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار مەخپى تۈزىۋالسا،بۇنۇڭ ئۈنىمى غايەت زور بولاتتى.ئەپسۇس بۇنداق تەكلىپلەرنى بىرىشىمىز بىلەنلا بەزىلەر نوپۇس كۆپ دىگەن تامغا بىلەن ئاغزىمىزنى يەملەپلا قويماقتا.

مەن شۇ يىغىنغا قاتناشقان بىر ئاتا بولۇش سۇپۈتۈم بىلەن بۇ نۇقتىنى دەپ ئۆتۈشنى مائارىپ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىم دەپ بىلدىم.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37322
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3507
تۆھپە نۇمۇرى: 238
توردا: 516 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2014-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 03:49:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم ، تۇرمۇش ھەم كېلەچەكنىڭ ئىگىسى بولغان پەرزەنىتلەرنى تەربىلەش يولىدا پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان ماتىرياللارنى كۆرسىتىپ بېرىپ سىز. تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت.

تور ئارىلاۋىتىپ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم ھەم قېرىنداشلارغا يەنە بىر ئوزۇق بولۇپ قالور دىگەن مەقسەد  بىلەن سىلەرگە سۇندۇم..
بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ...
http://sayna.salamurumqi.com/read.php?tid=3006

ھورۇنلۇق نامراتلىقنىڭ زاۋۇتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89409
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 153
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-1-1
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 04:25:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ئويلاپ سىز،سىزدىگەن ئىشلا ئۇيغۇر دىيارىمىز دا خەلىيىللا بولدى تۈزەلمىدى.
بىز،ئوقۇيدىخان چاخدىمۇ ئوقۇتقۇچىلا بىلەن قارشىلىشىدىخان ىشلا.باتى.
شەخسەن ،ئۈزئۈم ئۇستازلىرىمنى .ھۆرمەتلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88317
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 593
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 460 سائەت
تىزىم: 2012-12-8
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 04:42:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akbar999 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-17 04:25 PM
توغرا ئويلاپ سىز،سىزدىگەن ئىشلا ئۇيغۇر دىيارىمىز دا خ ...

ئەكبەرجان ئىنكاسنى دەششەت يازىدىغان بولۇپ كىتىپسىلەرغۇ






سەرخىل دېتاللارنى چۈشۈرۈۋېلىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79004
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2038
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 441 سائەت
تىزىم: 2012-4-18
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 04:47:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akbar999 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-17 04:25 PM
توغرا ئويلاپ سىز،سىزدىگەن ئىشلا ئۇيغۇر دىيارىمىز دا خ ...

ئىملا  خاتالىقى  كۆپكەن  دىققەت  قىلىڭ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 1053
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 101
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2651 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 05:04:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمزارىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم ..چوڭقۇر مەنا ..

پىلدىن بۈيۈك پىل ئوۋچىسى بار . ـــــــــــــــــــ بۆرىلەر ۋادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89916
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 416
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2013-1-11
ئاخىرقى: 2013-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 06:27:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇشتىن ئېلىنغان ،ئەينەن مەسىلە ئىكەن . بەك ياخشى يېزىپسىز.....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش