ئويلاپ باقمىغان
(ۋىسال)
مەن ئويلاپ باقمىغان ئالداشلىرىڭنى
ئالدىغاندىن كىيىنلا ياتلاشلىرىڭنى
خاتالىق ئۈتكۈزۈشنى خالارمۇ ئىنسان
ئازاپلار ئىلكىدە يۈرەكلەر بولدىغۇ پىنھان
ھەر ئىنسان شۇنداقمىدۇ مىنىلا ئالداپ
مەن ماڭدىم تېخىچە ئازاپنى بويلاپ
نە ئازاپ نە بەخىت بىلمەيلا قالدىم
مەن تېخى يول ئۈستىدە قالدىم گاڭگىراپ
ئالداپ مىنى يۈرۈپسەن ئۇزاقتىن بۇيان
بۇلار دەپ ئويلىمىغان رەڭگىمنى سامان
ماڭا ئەجەپ تار كەلدى كەڭرى بۇ جاھان
شۇ تاپتا باستىغۇ كۈزلۈرۈمنى تۇمان
قەدىرلەپ سۈيگەن گۈل سانچىسا تىكەن
شۇنداقتىمۇ قەدىرلەپ سۈيۈپ كەپتىمەن
كۈڭلۈمگە كىرىپ ھەم چىقمىغان ئىدى
مىنىڭ گۈلۈم مىنى راس ئالداپتىكەن
ياش تۇرۇپ چىكىۋالدىم كۈپلەپ ئازاپنى
تاپماي تۇرۇپ تېخىچە ياخشى ساۋاپنى
ئوڭشالمىدى بۇ يۈرەك دەتلەردە ئەجەپ
ياكى ساقىيىپ قالارمۇ چالسام راۋاپنى
ئانامغىمۇ كۈيمەپتىمەن ساڭا كۈيگەندەك
دادامغىمۇ قىلماپتىمەن ساڭا قىلغاندەك
بىلمىدىڭ سەن ئەپسۇس قىلغانلىرىمنى
خەيىر ئەمدى كۈرمە يىغلىغانلىرىمنى
مەنبە :ئابلەت ئابدىرېھىم (ۋىسال)
2013.يىلى 1.ئاينىڭ 17.كۈنى سىچۈەن لىياڭشەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا WISAL5328 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-17 02:17 PM