arman312 يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 12:17 AM 
ھەرقانداق بىر تەرجىمە كىتاپنىڭ مەنىسى ھەرگىزمۇ ئۆز تى ...
شۇنداققۇ دەيمىز، بىراق بىلىپ تۇرۇپ تەرجىمىسىنىڭ مەنا دائىرىسىنى تارلىتىۋېتىش، ياكى مەناسىنى ئۆزگەرتىۋەتسە...
مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئاز پۇلغا تېگەشمەڭلار (يەنى پۇل-مال، مەنسەپ ۋە پارا ئۈچۈن ئايەتلىرىمنىڭ ھۆكمىنى ئۆزگەرتىۋەتمەڭلار)، كىملەركى اﷲ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر. (سۈرە مائىد 44- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئايەتلىرىمنى ئەرزان باھادا سېتىۋەتمەڭلار، ماڭىلا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. (سۈرە بەقەرە 41- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
سىزنىڭچە قۇرئان ئايەتلىرىنى سېتىش، پۇلغا تېگىشىش قانداق بولىدۇ؟
مېنىڭ قولۇمدا يېڭى تەرجىمىسى يوق، قولىدا يېڭى تەرجىمىسى بار قېرىنداشلار ياردەم قىلىپ قاراپ باقسا، بىرىنجى بولۇپ سۈرە بەقەرەنىڭ 6- ئايىتىگە يەنى «شۈبھىسىزكى، كاپىرلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن، بەرىبىر، ئۇلار ئىمان ئىيتمايدۇ.» دېگەن يېرى يېڭى تەرجىمىدە قانداق ئېلىنىپتۇ؟