رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيەتلىرى
(سەنئەت دېگەن)
سەنئەت دېگەن سىڭىپ كەتكەن قان-قىنىمىزغا،
سەنئەت دېگەن ماغدۇر بىزنىڭ جان-جىنىمىزغا.
سەنئەتخۇمار خەلىق دەپ نام ئالغان خەلقىمىز،
ساما سالساق سۇنناي ھەمرا داپ ناغرىمىزغا.
سەنئەت دېگەن ئەل كۆڭلىگە زوق بەرسە سەنئەت،
گەر بەرمىسە سەنئەت ئەمەس بىر دۆۋە ئەخلەت.
سەنئەتنى سۆي سەنئىتىڭنى قەدىرلەشنى بىل،
ئەۋلادىمىز ياغدۇرمىسۇن دىسەڭ سەن نەپرەت.
سەنئەت دېگەن مەدەنىيەت بىزگە مىراس ئۇ،
قەدىرلىمەك مەجبۇرىيەت ئۇنتۇش نۇمۇسقۇ.
يات سەنئەتكە ئاشىق بولۇپ قويساق يىغلىتىپ،
تەڭرىتاغ ھەم تارىمدىكى يىغلار بولۇتمۇ.
سەنئەت دېگەن يولدا كارۋان باردۇر داۋامى،
بىزگە ئەجدات مىراس قىلغان مۇقام سامانى.
ئەۋلاتلارغا مىراس قىلماق بىزلەرگە قەرىز،
شۇڭا دەيمەن ۋارىس قىلغىن ئۇيغۇر بالاڭنى.
(بىر جۈملە سۆز)
سەنئەت بىلەن ياشاپ كەلگەن ئەجدادىمىز،
ئۈزۈلمەستىن سايراپ كەلگەن دۇتتارىمىز.
تەمبۇر راۋاب غىجەك ھەمرا كۈيىمىزگە،
مۇقام دىسەك مۇڭلۇق سايرار ساتارىمىز.
ئەجداد ئىزى بىزگە مىراس سەنئەتمۇ ھەم،
نىچۈن بۆگۈن دۇتتار تەمبۇر ئاۋازى كەم.
سۇناي راۋاب چىقماس بولدى سەھنىلەرگە،
شۇ ۋەجىدىن چىرمىۋالدى پىقىرنى غەم.
نۇرمۇھەممەد سايراتقاندا تەمبۇرۇنى،
ئەجەم سايراپ شاتلاندۇرغان بىز ئۇيغۇرنى.
سەنئىتىم دەپ ئۆمرى ئۆتكەن رەھمەتلىكنىڭ،
شۇنداقلاردىن تۇغسا ئۇيغۇر يەنە ئوننى.
كۆز تەگمىسۇن سەنئىتىمىز گۈللە-گۈللە،
ئۈمۈد بىلەن قارىماقتا مىليۇن كۆزلە.
تەمبۇر دۇتتار يۈرۈكىدۇر ئەل-نەغمىنىڭ،
سەنئەتچىلەر سىزگە كەتتى بۇ بىر جۈملە.
رۇستەم قاراسۇ...ئاتۇش
مۇڭلۇق تەمبۇر دۇتتار ناخشىسىنى ئەجەبمۇ سېغىندى خەلقىمىز .....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-17 12:30 PM