بۇ كېچە تورخانا ياتارىم بولدى
زىرىكىپ كىرگەندە تورخانىلارغا،
كۇنۇپكا تاختىسى ساتارىم بولدى.
ئۇيقۇسىز،شۇ مىسكىن كېچىلەر ئۈچۈن
بۇ كېچە تورخانا ياتارىم بولدى.
قارا چۈش قوينىدا ئاھ ئۇرۇپ، زارلاپ،
بەزىدە بىراۋنىڭ ئىسمىنى توۋلاپ،
زىرىكتىم شۇ سەۋەب ئۇيقۇدىن باتناپ،
بۇ كېچە تورخاتا ياتارىم بولدى.
ئۇيقۇغا باش ئەگمەي تەننى خار قىلىپ،
خىيالىم بىر قىزنى ھەم ئەغيار قىلىپ،
مۇھاببەت،تۇيغۇنى غەم ئەسرار قىلىپ،
بۇ كېچە تورخانا ياتارىم بولدى.
نېمە ئۇ ئۇيقۇنىڭ لەززىتى دېگەن؟
ۋەياكى بىر ماڭا ئازاب ئەيلىگەن؟
ھەر كېچە قەلبىمدە تۇمان لەيلىگەن،
بۇ كېچە تورخانا ياتارىم بولدى.
مەنبە:ئۆز قەلىمىم
يىزىلغان ئورنى :ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر تورخانا
2013.1.17 كەچ سائەت 2