مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 563|ئىنكاس: 5

يېڭى يىلدىكى غېرىبلىق ناخشىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37425
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4709
تۆھپە نۇمۇرى: 99
توردا: 195 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2014-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 02:31:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يىڭى يىل ناخشىسى


     بۆگۈن 2012- ياق 2013-  يىل 1 - يانۋار...

ماناكۆرىۋاتامسىز؟ كۆنگەن يامان بولغاچ غەلەت كىتىۋاتىمەن. 2012  كەلمەسكە كەتتى، كالىندارنىڭ بىرۋارىقى يىرتىلىپ ھەركىمنىڭ ھاياتلىق گۈلىدىن بىر يوپۇرماق تۆكۈلدى.

دەپ كۆنۈپ قالغان، ئاڭلاپ كۆنۈپ قالغان، يېزىپ كۆنۈپ قالغان 2012  كەلمەسكە كەتتى...  بۇنداق كەلمەسكە كەتكەنلەر كۆپ تۇرسا نىمىگە بۇيىل بىلەن قالغاندۇ ماۋۇ ئاداش دىگەنسىز بەلكىم... راست دەيسىز... بىراق مىنىڭ نىمىلەرنى كەتكۈزىۋەتكىنىمنى ھىس قىلىشىم مۇشۇ كۈنلەردە دولقۇندەك كۈچلۈك بولۇپ، دىمەي قويۇپ قويالمايدىغان يەرگە كەپ قالدىم.

مەن بۇيىلغا نۇرغۇن ئىشلىرىمنى سۆرەپ كىردىم: دەپ بولالمىغان، ئاڭلاپ بولالمىغان گەپ- سۆز؛   قىلىپ بولالمىغان ئۆگۈنۈش؛ بىلىپ بولالمىغان نۇرغۇن بىلىملەر...     قەلبىمنىڭ بىر يىرىدە ئۈمۈد،  بىر يەرلىرىدە ئۆكۈنۈش...

« ۋاقىت دىمەك، ھايات دىمەكتۇر» دەپ ئۆگەنگەندىن بىرى، ۋاقىت قەدرىنى بىلىشنى ئارمان قىلىپ دەرمانغا ئايلاندۇرۇپ بولالماي، قەلبىمدىكى ئۈمۈد چو غلىرىنى گۈلخانغا ئايلاندۇرۇپ بولالماي، پىلان- لايىھەلىرىمنى ئەمەلى جەريانغا ئايلا ندۇرۇپ بولالماي،  يەنە بىريىلغا  كۆتۈرگۈسىز يۈكنى ئۆشنەمگە ئارتىپ كىرىپ كەلدىم... بۇيىڭى يىلدا  مىنى يەنە قانچىلىك يۈكلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ؟.. بۇنى بىلىپ بولمايدۇ...


بىر ياش ئېلىپ كەپتۇ يىڭى يىل،

ماڭا سوۋغات  بەرمەكچى دىمەك.

       « ئېلىپ بەر»دۇر ھاياتدەستۇرى،

مەنمۇ سوۋغات بىرىشىم كىرەك...


تۈنۈگۈندىن ئالغانلىرىم كۆپ،

بۇلالمىدىم ئەمما قايتۇرۇپ.

قالار بولدى نىسىگە« بەرمەك»

ھە بۆگۈنمۇ مەن«ئېلىپ» تۇرۇپ.


بېشىم تۆۋەن پۇشايمان ئۈستۈن،

نىتەي قايتماس كەتكەن شۇ كارۋان.

ھەمراھ ئىدى تېخى تۆنۈگۈن،

نەلەرگىدۇ بۆگۈن يول ئالغان...


قۇرۇق قوللا بارما ئەتىگە،

دەيتتى ھەرتاڭ شىۋىرلاپ ئاستا.

مەن غەپلەتتە بىرەلمەي قۇلاق،

بۆگۈن مانا قەلبىم قوقاستا.


كىتىۋەرسە كەلمەسكە كۈنلەر

ئۆتىۋەرسە تاڭمۇ پىچىرلاپ.

غالىپ كىلىپ ھاۋايى ھەۋەس،

قېلىۋەرسە ئەقىل تىپىرلاپ...


ئۈمۈد بار دەپ ئۆلمىگەن جاندا،

ئېغىزدىلا بۇلىۋەرسە گەپ.

جانغا كەلسە بىر كۈنى نۆۋەت

ئەسقاتارمۇ يالۋۇرۇش، يا خەپ؟...


ئەڭ كىيىن باشلاشمۇ كىچىككەنلىك ئەمەس. پەقەت ھىس قىلمىغان ۋە باشلىمىغاندىن مىڭ ياخشى.

لاۋۇلداپ كۆيىۋاتقان ئۈمۈد چۆغلىرى بىلەن؛ ئالغا ھەيدەۋاتقان ئارمان تۇغلىرى بىلەن؛ ھارماس- تالماس جەڭچىدەك غەلبىسىرى ئىلگىرلەشكە،ئۇلۇغ پەرۋەردىگاردىن مەدەد تىلەپ، مەزمۇت قەدەملىرىمنى تاشلاپ كۆرەي؛  ئارمانلىرىمغا دەرمان تېپىپ قالسام ئەجەبمەس.


گۇناھلارغا پاتقان بەندىمەن،

تامامىسى غەپلەتتىن كەلگەن.

ئۈمۈدۋارمەن ئەمما اللە تىن

دەس تۇرۇشقا تەييار، تەمشەلگەن.


ساپ بولسىلا نىيىتىم قەلبىم؛

ئىرىشتۈرەر ئىمكانغا رەببىم!





مەنبە: .ئۇيغۇرتىكىن


2013- 1-  يانۋار سەيشەنبە كىچە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-17 11:37 AM  


مەن مەڭگۈ ئۆگەنگۈچىمەن... ئىلىم -ھىكمەتتىن سۆيۈنگۈچىمەن.

uygur man uygur dak yaxay man

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13274
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8294
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 1378 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2013-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 05:49:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز مەن بەك ياختۇر دۇم

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10861
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1509 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 08:01:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرقى مىسراسى بەك ياخشى چىقىپتۇ !!

جاھان

توۋا قىلىڭ!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39903
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4377
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 01:14:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز مەن بەك ياختۇر دۇم..............



بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەنمىز ،ۋىجدان بىلەن پاك ياشايلى!!!قىلغان ھەر بىر گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلايلى!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87916
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 01:17:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ،بۇ نەسىرمۇ ياكى ناخشىمۇ ؟ئەجەپ ئارىيالماي قالدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83377
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3696
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2012-8-3
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 07:58:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايات مانا مۇشۇنداق، دائىم ئەتىدىن باشلاپ دەيمىزىيۇ، ئەتىنى تاپالمايمىز... ئېنىقكى ئەتە مەۋجۇد ئەمەس، تۈنۈگۈن كەلمەسكە  كەتتى... پەقەت ۋە پەقەت بۈگۈنلا مەۋجۇد...

تۈنۈگۈن تارىخقا ئايلاندى بۈگۈن،
ئەتە ھەم تارىخقا ئايلىنار بۈگۈن.
تارىخقا ئايلانسا ئايلىنىۋەرسۇن،
ۋە لېكىن مەنىسىز ئۆتمىسۇن بۈگۈن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   @udunogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-19 07:59 PM  


ئەڭ كىچىككەن باشلىنىشمۇ كىچىككەن ھېسابلانمايدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش