مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2052|ئىنكاس: 15

ئەيدىز ساغلاملىق مەسلىھەتچىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 11:58:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   ئەيدىز توغرىسىدا




1) ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئاغرىغانلاردىن قاچماڭ، ئەيدىز ئادەتتىكى تۇرمۇش ئالاقىسىدە يۇقمايدۇ.

2) ئەيدىز ئاغرىقلىرىنى تەكشۈرۈش، داۋالاش، يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىشقا دائىر ئۇچۇرلار ھەققىدە شۇ جايدىكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–كونترول قىلىش مەركىزىدىن ياكى ئەيدىز ھەققىدىكى قىزىق لىنىيىلىك تېلېفوندىن مەسلىھەت ئېلىش لازىم.

3) ئەيدىزنى دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە مەنپىي چىققانلار تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن گۇمانلانسا، ئۈچ ئايدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ كۆرۈشى لازىم.

4) ھەر دەرىجىلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – كونترول قىلىش مەركەزلىرى ياكى سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى بەلگىلىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش ۋە دەسلەپكى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى قىلىدۇ.

5)ئەيدىز بويىچە ۋاقتىدا ئىختىيارىي مەسلىھەت ئالغانلار ۋە تەكشۈرتكەنلەر (VCT) يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بالدۇر بىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغدىيالايدۇ.

6) خەتەرلىك جىنسىي ئالاقىنى داۋاملىق قىلىپ تۇرغانلار ھەر ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى تەنچىنى بىر قېتىم تەكشۈرتۈشى لازىم.

7) خەتەرلىك جىنسىي ئالاقە قىلغانلار يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى ۋاقتىدا بىلىش ئۈچۈن، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى تەنچىنى تەكشۈرتۈشى لازىم.

8) دۆلەت ئەيدىز بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ ھالسىزلىرىغا زۆرۈر ياردەم بېرىدۇ، ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا پائال مەدەت بېرىدۇ.

9) ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ يېتىم قالغان بالىلىرىنى دۆلەت ھەقسىز ئوقۇتىدۇ.

10) ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللارنى دۆلەت مەسلىھەت بېرىش، تۇغۇت ئالدىدا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۇغدۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، كېرەكلىك دورىلارنى ھەقسىز بېرىدۇ.

11) ئەيدىز تەكشۈرتۈش ۋە ئۇ ھەقتە مەسلىھەت ئېلىشنى ئىختىيار قىلغانلار ھەقسىز مەسلىھەت ئالىدۇ ۋە دەسلەپكى تەكشۈرتۈش ھەقسىز بولىدۇ.

12) دېھقانلار ۋە شەھەرلىك نامراتلار ئارىسىدىكى ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلارنى دۆلەت ۋىرۇسقا قارشى شىپالىق دورىلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ.

13) ئەيدىز يۇققان ۋە ئەيدىز بىلەن ئاغرىغانلارنى كەمسىتمەي، ئۇلارغا كۆيۈنۈڭ، ئۇلار كېسەلنى يېڭىپ، ئىشەنچىنى تۇرغۇزسۇن.


                  ئەيدىز توغرىسىدا

ئەيدىز جىنسىي تارقىلىشچان كېسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ، تارقىلىش يوللىرى، خەتەرلىك ھەرىكەتلەر، چېتىلىدىغان ئادەملەر توپى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى جەھەتتە ئادەتتىكى جىنسىي كېسەللەر بىلەن نۇرغۇن ئورتاقلىققا ئىگە. بولۇپمۇ جىنسىي ئەزالىرىدا يارا بار بولغان جىنسىي كېسەل ئاغرىقلىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ ھەم ئەيدىز كېسىلىنى تارقىتىدۇ. باشقا جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندا، بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىشى سەۋەبلىك جىنسىي كېسەل جەريانى ئۇزاققا سوزۇلۇپ، كېسەل ئەھۋالى ئېغىرلايدۇ – دە، داۋالاش قىيىنلىشىدۇ ھەم ئاسانلا قايتا قوزغىلىدۇ، نەتىجىدە جىنسىي كېسەلنىڭ يۇقۇش دەۋرى ئۇزىراپ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ. جىنسىي كېسەلنى ۋاقتىدا داۋالىغاندا جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلىشنىڭ خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. شۇڭا جىنسىي كېسەللەرنى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئەيدىز كېسىلى تارقىلىشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.

تۇبېركۇليوز كېسىلى ئەيدىز ئاغرىقلىرىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش بولۇپ، تۇبېركۇليوز تاياقچە باكتېرىيىسى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن قوش يۇقۇملىنىش كېسەل ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى ئاللىقاچان تۇرغۇن ھالەتكە ئۆتكەن كونىرىغان تۇبېركۇليوز كېسەل ئوچاقلىرى قايتىدىن جانلىنىپ، بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، قايتىدىن تۇبېركۇليوز تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، بەدەندىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىشى تېزلىشىدۇ، ئادەتتە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان نورمال ئادەم تۇبېركۇليوز تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملانسا، ئۆمرىدە تۇبېركۇليوز كېسىلى بىلەن ئاغرىش پۇرسىتى %10 بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدا تۇبېركۇليوز كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بىر يىلدىلا %10 بولىدۇ. تۇبېركۇليوزنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئوخشاشماسلىقى شۇ يەردىكى، تۇبېركۇليوز ئاغرىقلىرى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئىچىپ، سىستېمىلىق داۋالانسا، تۇبېركۇليوز كېسىلىنىڭ ساقىيىش نىسبىتى %95 تىن ئېشىپ كېتىدۇ، ستاتىستىكىغا ئاسالانغاندا، ھازىر پۈتۈن دۇنيادا ئۈچتىن بىر قىسىم ئەيدىز ئاغرىقى تۇبېركۇليوز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن. دېمەك، تۇبېركۇليوز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ.


                       ئەيدىز توغرىسىدا

ئەيدىزنىڭ ئۈچ خىل تارقىلىش يولىغا قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش لازىم.

1. جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

جىنسىيەت ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلىش، جورىسىغا سادىق بولۇش ۋە بىخەتەر جىنسىي ئالاقە ئەيدىزنىڭ جىنسىي يول ئارقىلىق ئارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر. سۈپەتلىك بىخەتەرلىك قاپچۇقى (گاندون) نى توغرا ئىشلىتىش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ خەتىرىنى ئازايتىدۇ. جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا ياكى جىنسىي كېسەلدىن گۇمان قىلغاندا، دەرھال بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى ياكى مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتۈش ۋە داۋالىنىش لازىم.

2. قان ئارقىلىق تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

زەھەرگە يېقىن يولىماسلىق ۋە زەھەرنى چەكلەش لازىم. بەختكە قارشى زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قالغۇچىلارنىڭ زەھەرنى تاشلىشىغا ياردەم بېرىش، ۋاقتىنچە مېتادون بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى (قامدىما داۋالاشمۇ دېيىلىدۇ) قوللىنىش، پاكىز يىڭنە، شپىرىس ئالماشتۇرۇپ بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چېكىشنى ئۆزگەرتىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش كېرەك. ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسى تەكشۈرۈلمىگەن قان، قان ياسالمىلىرى ۋە ئەزالارنى قوبۇل قىلماسلىق، قاتتىق دېزىنفېكسىيىلەنمىگەن شپىرىسلارنى ئىشلەتمەسلىك، باشقىلار بىلەن شپىرىس ۋە ساقال تىغى قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، بىر قېتىملىق شپىرىستا ئوكۇل ئۇرۇش تەدبىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىش لازىم.

3. ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار ھامىلىدار بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى، ناۋادا ھامىلىدار بولۇپ قالسا، دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھامىلىدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئويلىشىش كېرەك. تۇغۇشنى خالىغۇچىلارغا قارىتا چوقۇم ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن ئالدىنى ئېلىش، ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى توسۇش، تۇغۇتتىن كېيىن بالىنى ئېمىتىشتىن ساقلىنىش لازىم.


                       ئەيدىز توغرىسىدا

1. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ۋە روشەن كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى، دەپ ئاتىلىدۇ.

2. ئەيدىزنىڭ يۇقۇم مەنبەسى ئەيدىز ئاغرىقى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئەيدىز ئاغرىقىنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى، ئەزا توقۇلمىلىرىدا ياشايدۇ، يۇقۇملانغۇچى ۋە ئاغرىقنىڭ قېنى، ئىسپېرمىسى، جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى، سۈتى، يارا ئېغىزىدىن سىرغىپ چىققان سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە كۆپلىگەن ئەيدىز ۋىرۇسى بولۇپ، ئۆتكۈر يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولىدۇ. ياش، شۆلگەي، تەر، سۈيدۈك ۋە تەرىنى قان ۋە يەللىك سۇيۇقلۇقى ئارىلاشمىغان بولسا يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولمايدۇ.

3. بەدەن ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتقى مۇھىتتىكى كېسەل قوزغاتقۇچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالايدىغان، ئۆزىنى قوغدىيالايدىغان بىر مۇرەككەپ سىستېمىسى بار بولۇپ، ئادەتتە، ئۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى، دەپ ئاتىلىدۇ. ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى نورمال بولسا، ئادەم بەدىنىدە كېسەل پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيە، ۋىرۇس قاتارلىق مىكرو ئورگانىزملارنى ۋاقتىدا يوقىتىدۇ ۋە ئۆسمە پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ لىمفا ھۈجەيرىلىرىدە كۆپىيىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ.

4. ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈش ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، قاندا ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى ھاسىل قىلىدۇ. قاندىن ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈش ھازىر ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى تەكشۈرۈشتىكى تەجرىبىخانا ئۇسۇلى بولۇپ، ئادەتتە، ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئىشلىنىدۇ. يەنى، ئالدى بىلەن تاسقاپ تەكشۈرۈش تەجرىبىسى ئىشلىنىدۇ ھەم مۇسبەت چىقسا جەزىم تەجرىبىسى ئىشلىنىدۇ، جەزىم تەجرىبىسىدىمۇ مۇسبەت چىقسا ئاندىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، دەپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ.


                        ئەيدىز توغرىسىدا

1. كۆزنەك مەزگىلى ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، قان تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق تاپقىلى بولىدىغان يېتەرلىك مىقداردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى ھاسىل قىلغۇچە بولغان مەزگىل كۆزنەك مەزگىلى، دېيىلىدۇ. ئادەتتە بۇ مەزگىل ئىككى ھەپتىدىن ئۈچ ھەپتىگىچە بولىدۇ. كۆزنەك مەزگىلىدە گەرچە ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بەدەندە ئەيدىز ۋىرۇسى بار بولىدۇ. شۇڭا. كۆزنەك مەزگىلىدىكى يۇقۇملانغۇچىلارمۇ ئوخشاشلا يۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە بولىدۇ.

2. يوشۇرۇن دەۋرى ئادەم بەدىنى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ تەخمىنەن يەتتە يىلدىن ئون يىلغىچە ئەيدىز ئاغرىقىغا ئۆزگىرىدۇ، بۇ ۋاقىت يوشۇرۇن دەۋر، دەپ ئاتىلىدۇ. يوشۇرۇن دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى، ئىسپېرمىسى، جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى، سۈت ۋە ئورگانىزملىرىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بولۇپ، يۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە بولىدۇ. لېكىن سىرتقى قىياپىتى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن پەرقلەنمەيدۇ.

3. ۋىرۇس سانى بۇ قاندىكى ئەيدىز ۋىرۇسى يادرو كىسلاتاسىنىڭ ھەسسىلىك سانى (قىسقارتىلىپ ۋىرۇس سانى دېيىلىدۇ) بولۇپ، ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىش دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش، داۋالاشقا يېتەكچىلىك قىلىش، داۋالاش ئۈنۈمىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە ئاقىۋىتىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ.

4. ئەبجەش داۋالاش ئۇسۇلى بۇ يەنە ‹‹يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەتۈر ئاغدۇرۇلغۇچى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش›› (HAART) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق ئالىم، پروفېسسور خې دايى 1996 – يىلى ئەيدىز كېسىلىنى ۋىرۇسقا قارشى ئۈچ تۈرلۈك ياكى ئۈچ تۈرلۈكتىن كۆپ دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ داۋالاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنداق داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ قوللىنىلىشى يەككە دورا ئىشلىتىشتە پەيدا بولىدىغان دورىغا چىدامچانلىقنى ئازايتىپ، ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە تىزگىنلەپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بەدەن ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قىسمەن، ھەتتا تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كېسەلنىڭ تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىپ، ئاغرىقنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

5. ۋېرتىكال تارقىلىش بۇ ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا ۋېرتىكال تارقىلىشى بولۇپ، ئۇ مۇھىم بىر تارقىلىش يولى. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە يۇقىدۇ، تۇغۇتتا ھامىلە تۇغۇت يولىدا ئانىنىڭ ئاجرالما ماددىلىرى ۋە قېنى بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق؛ تۇغۇتتىن كېيىن ئانا سۈتىنى ئېمىتىش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.


                          ئەيدىز توغرىسىدا

1. ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يولىنى ئۈزۈۋېتىش دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللارغا ھامىلىدارلىق مەزگىلى ۋە تۇغۇت مەزگىلىدە ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى بېرىش، تۇغۇتىدا زەخىملىك مەشغۇلاتلارنى ئازايتىش، تۇغۇتتىن كېيىن بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى چەكلەش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ھامىلە ۋە بوۋاققا يۇقۇش پۇرسىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.

2. پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش بۇ كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىش كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بىر قىسىم كېسەل قوزغاتقۇچىلارنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى نورمال ئەھۋالدا كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدىغانلىقىنى، بىراق ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئاجىزلىغان چاغدا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئادەم بەدىنىگە ھۇجۇم قىلىپ، ھەر خىل كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

3. كاپۇس ساركومىسى بۇ ئەيدىز كېسىلىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىككىلەمچى كېسەل بولۇپ، ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئەيدىز كېسىلىگە كاپۇس ساركومىسى قوشۇلۇپ كەلگەن چاغدا، كېسەل تېزلىكتە كېڭىيىپ، بەدەندىكى كۆپلىگەن ئەزالارغا، بولۇپمۇ ئۆپكە، ھەزىم قىلىش يوللىرى، لىمفا قاتارلىقلارغا بۆسۈپ كىرىپ، كۆكرەك بوشلۇقىغا سۇيۇقلۇق يىغىلىش، قان تۈكۈرۈش، يۇقىرىقى ھەزىم يولى قاناش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پۈتۈن بەدەندە سىلىق، قاسىراقسىز ئەسۋە، قاپارتما، تۈگۈنچە پەيدا بولىدۇ، بۇلار كۆكرەك، دۈمبە، يۈز قىسىملىرىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىدىمۇ كۆرۈلىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتىدىن ئىلىندى.



مەنبە : شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ، ئەيدىزتىن مۇداپىئەلىنىش تورى
http://www.yarp.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=2505

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86881
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1630
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 912 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 01:56:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ نىجىس كېسەلدىن ھەممىمىزنى يىراق قىلسۇن.

دۇنيادا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق!!!

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5768
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 02:04:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا تائالا :( ھەرقانداق بىر قەۋىمنىڭ ئىچىدە زىنا، پاھىشەۋازلىق ئاشكارا قىلىنىدىكەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلگىركىلەردە كۆرۈلۈپ باقمىغان ساقايماس بىر كىسەلنى پەيدا قىلىمىز) دىگەن.
مانا بۇدەل شۇنىجىس  كىسەل!
ئاللاھ بۇيرىغاننى قىلغان توسقاندىن يانغان كىشى بۇ كىسەلگە ھەرگىز مۇپتىلا بولمايدۇ.
بۇ ھەم دىندا ھەم پەندە ئىسپاتلانغان!

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 02:23:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزڭىزنى ئىسلاھ قىلىپ ئادەمدەك ياشىسىڭىز ئىنشا ئاللاھ ساغلام بولىسىز !

Made in Answer

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5251
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 10:11:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Esimda يوللىغان ۋاقتى  2013-1-17 01:56 AM
ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ نىجىس كېسەلدىن ھەممىمىزنى يىراق قىلسۇ ...

ھاي... ھاي.... كېسەلنى تىللىماڭ، پەيغەمبىرىمىز كېسەلنى تىللاشتىن توسقان، چۈنكى كېسەلنى ئاللاھ بېرىدۇ، شىپانى ھەم ئاللاھ بېرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5251
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 10:12:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abdulahad يوللىغان ۋاقتى  2013-1-17 02:04 AM
ئاللا تائالا :( ھەرقانداق بىر قەۋىمنىڭ ئىچىدە زىنا، پاھ ...

سىزمۇ ھەم كېسەلنى تىللىماڭ، يۇقۇردا دېگىنىڭىز ئايەتمۇ ياكى ھەدىسمۇ؟ ئايرىپ قويۇڭ، ئاللاھنىڭ قۇرئاندا دېگىنى ئايەت، پەيغەمبىرىمىزگە دېگىنى بولسا، ھەدىيسى قۇددۇسىي بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5251
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 10:13:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيدىزنىڭ داۋاسى تېپىلمىغاچقا قورقۇنۇچلۇق كېسەل بولۇپ قالدى، ئەگەر داۋاسى تېپىلسا، بۇزۇقچىلىق تېخىمۇ كۆپىيەرمىكىن دەيمەن..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   faruk063 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-17 10:14 AM  


فورمات بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 10:26:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 2005
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32910
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12097 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 10:34:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئەستايىدىل چۇشەندۇرۇپسىز رەخمەت سىزگە

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 2005
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32910
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12097 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 10:34:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئەستايىدىل چۇشەندۇرۇپسىز رەخمەت سىزگە

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش