|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىزلەر ، ھەممىڭلار سالامەت تۇردۇڭلارمۇ؟ مۇنبەردىشىڭلار مۇسىلىنەدىن ئېگىلىپ تۇرۇپ ئوتلۇق سالام، ئەزىز مۇنبەرداشلار ، ھەممىڭلارنىڭ تېنى سالامەت بولسۇن، ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن، چېھرىڭلاردىن كۈلكىلەر ئۆچمىسۇن،باسقان قەدىمىڭلاردىن گۈللەر ئۈنسۇن. ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك ، ئۇزۇن بوپتۇ مۇشائىرە قىلىشمىغىلى،بۈگۈن كۆڭۈل ئۈنچىلىرىمىزنى چېچىشقان ھالدا، مۇشائىرە قىلىشايلى دېگەن مەقسەتتە بۇ مۇشائىرە سورۇنىنى ھازىرلىدىم،قېنى ئەمسە،مۇشائىرەگە مەرھەمەت قىلايلى.....
ئەستىلىكلەر يۈتكەن بۇ كېچە، ئاڭلانمىدى شۇ مۇڭلۇق ناخشا. ئۈنسىز سوئاللار قىينار جىسمىمنى ، قايسى ئىشنى قىلدىممەن خاتا؟
تۇرمۇش دېگەن ئەمەستۇر ئويۇن، رەسىم ئەمەستۇر سىزىلغان بەتكە. بۇ ھاياتتا بولمىساڭ پۇختا، تۇرمۇشمۇ سېنى چىقىرار چەتكە.
ئەسكەرتىش : يۇقارقى ئىككى كۇبلىت شېئىر ئايرىم مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان شېئىرلاردۇر، مۇشائىرە قائىدىسى كۇبلىتلارنىڭ ئاخىرقى مىسراسى باش مىسرا قىلىنىپ باشلىنىدۇ،ئەگەر باشقا شەكىل،باشقا مەزمۇندىكى شېئىرلارنى يېزىپ بېقىشنى خالايدىغانلار بولسا ئۇنىڭغىمۇ مەرھەمەت،چۈنكى مۇنبەر ھەركىم ئۆزىنىڭ كۆڭۈل ئۈنچىلىرىنى چاچىدىغان سورۇن..... قېنى ئەمسە ، مەرھەمەت...مېنى نائۈمىتتە قويمىغايسىلەر.....
مەنبە : كۆڭۈل ئۈنچىلىرىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-17 12:01 AM
|
|
|
|
|
|