مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 564|ئىنكاس: 8

يوللار سۆزلەيدۇ ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 11:42:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                        يوللار سۆزلەيدۇ
     يوللار سۆزلىمەكتە . مېنىڭ قىسسەلەرنى سۆزلەپ كېلىۋاتقىنىغا قانچىلىك ۋاقىت كالىندارلىرىنىڭ يېرتىلىپ تۈگىگەنلىكىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ . يوللار قان - ياشلىق قىسمەتلەرگىمۇ ، شەرەپلىك ھىممەتلەرگىمۇ تويۇنغان . بىز يولغا چىقىپ كەتكەنلەردىن بىر تەرەپتىن ئەنسىرىسەك ، بىر تەرەپتىن ئىپتىخارلىنىمىز . ئۆمۈر بويى يولغا چىقىپ باقماي مەڭگۈ قايتقىلى بولمايدىغان ئاخىرقى سەپەرگە ئاتلىنىپ كېتىش كىشى تېنىنى شۈركەندۈرىدۇ ....
      يوللار سۆزلىمەكتە .يوللار يىلسېرى راۋانلىشىپ كەتتى . ئىشلار بارغانسېرى يۈرۈشۈپ كەتتى . مەنزىللىرىمىزگە يېتىش شۇنچىلىك ئاسان . شۇنداقتىمۇ تالاي يولىمىزغا قارايدىغانلارنى مۇشۇ راۋان يوللاردا يولىمىزغا قارىتىپ قويىدىغان ئىشلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس . يول شۇنداق دېدى : ھەممە گۇنا ئۆزۈڭدە ، سەن مېنى ھەقىقىي چۈشىنىشتىن خېلى يىراقتىسەن . مېنى چۈشەنگەنلەر ئاللىقاچان مەنزىلىگە يېتىپ بولدى ...
    يوللار سۆزلىمەكتە . مەن مېڭىپ تۇرغانلارنى ، مېنى چۈشەنگەنلەرنى ھېچقاچان نائۈمىد قويۇپ باقمىدىم . ئەمما تۈپتۈز يولدا نىشانىنى توغرىلىماي ماڭغانلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرىمەن . مىغىلداپ يۈرگەن كىشىلەر ئىچىدە نۇرغۇنلىرى مېنى دەسسەپ تۇرۇپ ئىزدەشمەكتە . مەن بەزىلەرنىڭ ئالىقىنىدا بولسام ، بەزىلەرنىڭ يانچۇقىدا ، يەنە بەزىلەرگە ھەرقاچان قويۇق تۇمانلىق ، بوران - چاپقۇنلۇق ، ئەگرى - بۈگرىمەن ، يەنە بەزىلەرگە شۇنداق ئاسان يەتكىلى بولىدىغان پارلاق مەنزىلمەن ...
     يوللار سۆزلىمەكتە . مېنىڭ ئۈستۈمدە ھەممە تائىپىدىكى ئىنسانلار مېڭىپ ئۆز مەقسەتلىرىگە يەتمەكتە . بۇلار ئارىسىدا بىر - بىرىنى يولغا چىقارماسلىق ، يول بەرمەسلىك ئۈچۈن مېڭىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس . مەن راۋان ئەمەس يىللاردا مەن توغرىلىق ئاجايىپ قىسسەلەر ، ناخشىلار ، قوشاقلار توقۇلغان ، ئابىدىلەرمۇ تىكلەنگەن . ھازىرقى ئەۋلادلار بۇلاردىن قانچىلىك خەۋەرداردۇ ؟...
    يوللار سۆزلىمەكتە . ئەي ئىنسانلار مېنى سەل چاغلىماڭلار ! مېنىڭ يۆنىلىشىمنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى زور تەرەققىياتتىن ، ياكى ئارقىدا قېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ . قان - ياشلىق ھەسرەتلىك كەلگۈسىدىن ، مەڭگۈ ئەسلىنىپلا ئۆتىلىدىغان شانلىق پارلاق مەدەنىيەتتىىنمۇ دېرەك بېرىدۇ . ئۇنداقمۇ ئۈمىدسىزلەنمەڭلار ! مېنى يەنىلا ئىنسانلار ئاپىرىدە قىلغان ئەمەسمۇ ؟...
    يوللار سۆزلىمەكتە . مەن ياسىلىۋاتىمەن . تۈزىلىۋاتىمەن ، ئۇزىراۋاتىمەن . ئەمما ئىنسانلارنىڭ ماڭىدىغان مۇساپىسى مەندىن كۆپ ھالقىپ كەتكەن . ئۇلار مېنى بېسىپ بولالماي ھارماقتا . تېخى يولغا چىقالمىغان ئۇزۇنراق مۇساپىنى بېسىپ باقمايلا ئارماندا قالغان قانچە ئىنسانلار باردۇ - ھە!..
    يوللار سۆزلىمەكتە . پالانچى يول تېپىپ كېتىپتۇ - ھە ؟ بىز چوڭ يولدا يۈرگەندە ئۇ تېخى چېغىر يولغىمۇ چىقالمىغان . بەزىدە ھەممە ئادەم بىرلا يۆنىلىشىمگە قىستىلىۋالسا ، بەزىدە تەۋەككۈلچىرەك بېرەرسى شۇنچىۋالا ئادەمنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ھېچكىمنى قىستىماي ، ھېچكىمگە دەخلى قىلماي يېڭى بىر يولنى ئېچىپ كېتىۋېرەتتى . بەزىلىرى يەنىلا ئۆزىنىڭ شۇنچە ئۇزۇن يىللار يول ماڭغانلىقىدىنلا ماختىناتتى ...
     يوللار سۆزلىمەكتە . مەندە تالاي ئوت يۈرەك ، باتۇر ئەزىمەتلەر بىرلا قېتىملا مېڭىپ باققان ، ئەمما مەن ئۇلارنى پەقەت ئۇنتۇيالمىدىم . مەندە تالاي ئىختىراچىلار ماڭغان . ئۇلارمۇ ئېسىمدە . مەندە يەنە ئاجايىپ جەسۇر جەڭچىلىرىمىز ماڭغان ، ئۇلارمۇ ئېسىمدە . مەندە تالاي قات - قېتىمنى ئېچىپ ئىلگىرلىگۈچىلەر ماڭغان . ئۇلارنى قانداقمۇ ، ئۇنتۇي . مەندە يەنە شۇنداقمۇ ئىنسانلار مېڭىپ ، ئەشۇلارنىڭ ھايات شامىنى ۋاقىتسىز ئۆچۈرۈپ تاشلىغان . مەن ئۇلارنى ئۇنتۇيالماي ئاۋارە ... ھەي ! ئۇنتۇپ كېتىش سېنىڭ بۇنچىۋالا سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىڭنى قارا ... ھەسرىتا ...
    يوللار سۆزلىمەكتە . مەندە بوۋاڭلار ماڭغان ، مەندە بوۋاڭلارنىڭ بوۋىسى ماڭغان . بوۋاڭلارنىڭ ناھايىتىمۇ بۇرۇنقى بوۋىسى تۇنجى ئىز سېلىپ مېنى ھاسىل قىلىپ بەلگە سالغان . مەندە ھېكمەت بار ، مەندە قىممەت بار ، مەندە خىسلەت بار ، مەندە جاراڭلىق ، ئۈزۈلمەس كولدۇرما بار . قۇلىقىڭلارنى زامانىۋى قاتناش ، ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ساداسى قانچە بېسىۋالسىمۇ ، دىققەت قىلىپ يۈرىكىڭلارنى تىڭشىساڭلار مېنىڭ چىقىرىقىمنى ئاڭلىيالايسىلەر ، كۆزۈڭلار ئىچىدە كۆز بولسۇن ، بوۋاڭلارنىڭ ئىزىنى كۆرەلەيدىغان . پۈتۈن دۇنيا تورلاشسىمۇ كۆزۈڭلار تورلاشمىسۇن ...  يوللارنىڭ گېپى تۈگەيدىغاندەك قىلمايتتى...
      مەنبە : ئۆز قەلىمىم .  سەپەر ھاسىلاتلىرىم .   ئەبەي تارىم . 2013- 1- 16 . شەھىرى شىخو .
      يوللار - تارىخ ،  يوللار - تەھرىر ،  يوللار - زەرداستان .   ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن .
   
                                                                                      

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15233
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3605 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 12:56:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللار -بىزگە ئەڭ سۈيۈملۈك ئابىدىلەرنى قالدۇرغۇسى!ئامىن!

ياخشى يىزىپسىز، تىخىمۇ تىرىشىڭ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىپارە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-17 12:57 AM  


ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5768
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 01:53:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يول...............................................

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 02:06:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللار سۆزلەيدۇ ، يامان يولنىڭ سۆزى ھەتتا گاچىنىڭمۇ قۇلىقىغا كىرىپ شۇ يوللارغا راۋان بولىدۇ ، نۇرانە ، ھىدايەتلىك يوللار ۋە تەۋبە يوللىرىدا قەدەملەرنىڭ ئىزى ئاللىبۇرۇن ئۆچكەن بىراۋ ماڭمىغىلى نۇرغۇن زامان بولۇپ كەتكەن . . . . بۇ ئازغۇن جەمىيەت ، گۇمراھ ئىنسانلار قاچان ئەقلىنى تاپار ؟!

Made in Answer

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88957
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 409
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-12-22
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 10:34:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاياتلىق بىر سەپەر،سەپەر دىمەك يول دىمەكتۇر،بۇ يول شۇنداق بىر يولكى:-ئازاپلىق يىغىلار،تاتلىق كۈلكىلەر،بەخىت ئامەت ۋەئوڭۇشسىزلىق ئېلىمتلىرىدىن تەركىپ تاپقان ،ئەگر-توقايلىق زىچ گىرەلەشكەن بىر سناق مەيدانى.
لىكىن بۇ يولدىكى كارۋانلارنىڭ ئاخرقى بېكىتى پەقەت بىرلا...................................................
ئەسرىڭىز شۇنچىلىك ياخشى يېزىلىپتۇ،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1745
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9711
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 09:06:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دوستۇم تېماڭ ناھايىتى ئىسىل چىقىپتۇ-بارىكاللا!
ئۇلۇغ اللە ھەممىزنى توغرا يول ئۈستىدە قىلغاي ئامىن .

سىر بېرىپ، سىر سورىغانغا سۆزلىگەن ئەخمەق ئېرۇر ،
رەقىبىڭ قەستى سىرىڭنى سىنچىلاپ ئۇخماق ئېرۇر.
شۇ ئەيىبتىن يەتتى باشقا كۆپ نادامەتلەر بۈگۈن،
ئەمدى بىلدىم ؛ياخشى خىسلەت -دىلنى سىر تۇتماق ئىرۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90005
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 11:14:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر كىمنىڭ،ھاياتلىق مۇساپىسىدە، قانداق قەدەملەرنى باسقانلىقىغا،ماڭغان يوللىرى گۇۋا بولالايدۇ.                                                              ھەممىگە قادىر ئاللا يوللىرىمىزنى راۋان قىلغاي ئامىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90005
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 11:49:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاياتلىقتىكى ياخشى-يامان قەدەملىرىمىزگە،ماڭغان ‹يوللىرىمىز›گۇۋا بولالايدۇ.         ھەممىگە قادىر اللە يوللىرىمىز راۋان قىلغاي ئامىن                                      

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79886
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3687
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2014-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 11:03:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇئەللىم قەلىمىڭىز بەك ئۆتكۈركەن

ئانا تىلىم ئەگەر سەن ئەتە يوقالماقچى بولساڭ،مەن بۈگۈن ئۆلۈشكە رازى!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش