|
|
|
|
سەھەر ھىكىمىتى!
تۇرغىنا ھەرتاڭ سەھەر ياخشى ئادەتتۇر ساڭا،
ساھادەت نۇرلىرى ئۇراپ كىرگۈسى بىر نۇر ساڭا.
ۋاختىدا ئارام ئالغىن ئۈيقۇ بىر رەھمەت ساڭا،
گەر ئېغىر ئاغىرىق ئەمەس تۇرساڭ سالامەت يار ساڭا.
قەن ناۋاتنى كۆپ يىمە بولغاي ئېغىر يۈك مەيدىگە،
ئۈيقۇنى ئۇخلاۋەرمە ئۇ بىرەر غەپلەت ساڭا،ئېلىپ كىرەر قەبىرىگە.
ۋاختىدا ئىش باشلىماي سۈرسەڭ كىيىنگە- ئەتىگە،
ئىش ئەمەس شۇ كۈن ئىشىڭ بولغاي مالامەت ۋەدىگە.
كىمكى سەگەك بولمىسا غەپلەت مىنىپ ئەتكەي ئىشەك،
يۈرىت-زىمىندىن ئايرىلىپ خار -زەبۇنلۇق،سېلىنار كىشەك.
بىل سەھەرنىڭ كۆكسىدە پارلايدۇ چولپان ھەر قاچان،
تىرىشقانلار ھەق ئۈستىدە،ھەقنى سۆزلەر ھەرقاچان.
ئۈيقۇدا قولدىن بىرىپ گۈلنىڭ ئېچىلغان ۋاختىنى،
قەلبىڭ غەپلەت كاللاڭ گاراڭ،ئوبدان ئىبادەت پەيتىنى.
ئاھ دىدىڭ كەتتى قۇلۇڭدىن يەر -زىمىن بايلىقلىرىڭ،
تاڭ سەھەردە قولدىن بەردىڭ،دۈشمەننىڭ بىھۇش پەيتىنى.
ئاچ كۆزىڭنى ئۇيقىدىن،شۇ غەلبىلەر كەلمەس ساڭا،
خام-خىياللار تاما بىلەن بىر چەڭچىلەر چىقماس يەنا.
ئۆز-ئۆزىڭنى ئوڭشىماي،ئوڭشاشنى كۈتمە تەڭرىدىن،
ھەق ئۈچۈن بېغىشلا جاننى،ئۈمۈتنى كۈتمە سەۋىرىدىن.
شەھىرى كەشغەرى؛ئوسمانجان مۇھەممەد ئورخۇن ئوغلى.
|
|
|
|
|
|