مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2197|ئىنكاس: 39

تۇز: كىملىكىڭىزنى ئېيتايمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 2368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42365
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 14195 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 05:44:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇئال :

ئاكامنىڭ ئائىلىسى بار . ئەمما ، يەنى بىر تۇل ئايال بىلەنمۇ ياشاپ ،ئۇنىڭغا ياردەم بەرمەكچى . بىرىنچى ئائىلىسىگە بىلدۈرمىگەن ھالدا ، نىكاھ ئوقۇتۇپ ياشىسا بولامدۇ ؟

جاۋاپ :

بالىجانىم ، سېنى ئاۋارە قىلماي ، ئۆىڭىزنىڭ ئۆزىگە گەپ قىلىپ قوياي .
ئوغلانىم ، سۆزۈمنى ھۇشىڭنى يىغىپ ، يۈرۈكىڭدىكى ھاياجانلىرىڭنى بېسىپ ، دىققەت بىلەن ئاڭلا . ئاۋۋال قانداق ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنىڭنى ئۆزۈڭگە كۆرسىتەي ، ئاندىن خۇلاسىنى ئۆزۈڭ چىقىرۋال .
ئەينى پەيتتە سەن ئىمان ئەمەس ، شەيتاننىڭ گىپىگە قۇلاق سېلىپ تۇرۇپسەن . ئەسلىدە روزغارلىق ، ئۆيلۈك ئوچاقلىق ، بالا-چاقىلىق بولۇش بىر يىگىتنىڭ نىيەتلىرنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىدۇر .
شەيتاننىڭ بولسا بەندىلەرنىڭ خاتىرجەملىكىنى كۆرۈشكە كۆزى يوق ! ئۇنىڭ جېمى قەستى ئادەم نەسلىدە . ئۇ ئىنسانىيەتنى گۇناھقا يېتەكلەش ئۈچۈنلا ياشايدۇ . سەن بولساڭ ئاشۇ ئىبلىس شەيتاننىڭ توزىقىغا ئىلىنىش ئالدىدا تۇرىسەن !
ئاناڭنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولغانمۇ ، ياكى ئاتاڭنىڭ ساۋاپ ئىشلىرى ئورنىغىمۇ ياراتقۇچى ئاللاھ سېنىڭ ھاياتىڭنى ياخشىلاپتۇ . قولۇڭغا پۇل چۈشۈپتۇ . قولۇڭغا پۇل چۈشكەنئىكەن يېنىڭغا شەيتان كېلىدۇ ھەمدە يۈرۈكىڭگە كېرۋالىدۇ . ھېلى ئۇ نەپسىڭنى ، ھېلى بۇ نەپسىڭنى قوزغىتىدۇ .
سەن ئۇ ئايالغا ياردەم بەرمەكچى ئەمەسسەن ، شۇ باھانە بىلەن نەپسىڭنى قاندۇرماقچىسەن ! سەن ئائىلە بىشىسەن ، قولۇڭغا چۈشكەن پۇل بولسا ،ئائىلەڭنىڭ بالا - چاقىلىرىڭنىڭ رىزقى ، ياراتقۇچى ئاللاھ ساڭا رەھىم قىلىپ ، قىينالمىسۇن دەپ ، ئۇلار ئۈچۈن سېنى تەمىنلەپ تۇۇپتۇ . ياق ، مەن ئۇ پۇللارنى نى-نى مۇشەققەت بىلەن ئۆزەم تاپقانمەن ، ئەمدى خالىغانچە خەجلەيمەن دەپ مۆتتەھەملىك قىلما ! ئاللاھ سېنى مېھنەت قىلىشقا قادىر قىلمىسا ، يا كاللاڭنى ، يا پۇت - قولۇڭنى ئىشلەتمەي قويسا ، پۇل نەدە ئىدى ساڭا ؟! قېنى ئېيتە ، ئۆزۈڭنى ۋە پۇلۇڭنى ئوغۇرلاش ئۈچۈن ساڭا توزاق قويغان بىر يول توسارغا پۇشتىڭدىن بولغان بالاڭنىڭ رىزقىنى تۇتقۇزامسەن ؟! قۇشقاچتىن تارتىپ چۈمۈلىگىچە تاپقىنىنى ئۇۋىسىغا توشۇپ دۆۋلەۋاتسا ، ئىنسان تۇرۇپ شۇلارچىلىك پەلسەپە يۈرگۈزەلمەمسەن ؟ سېنىڭ ئۇۋاڭغا سەندىن بۆلەك جاۋاپكار ئەركەك يوققۇ ، ئاخىر !!!!!
مەكتۇپىڭدا ئائىلەڭدىن ئىشىنىپ باشقا بىراۋنى بىقىشقا ئىشارە قىپسەن  . بەندىنىڭ ھېچقاچان ئۆيىدىن ئاشۇرۇپ كوچىغا ئېلىپ چىقىدىغان ئىمكانىيتى بولمايدۇ . قولۇڭغا قاراپ تۇرغانلارنىڭ قوسىقىنى تويغۇزسساڭ ، كىيىمىدە كەملىك چىقىدۇ . ئۈستى پۈتۈن بولسا ، ساقلىقى خىراجەت تەلەپ قىلىدۇ . ھويلاڭنىڭ ئۇ تەرىپىنى ياسىساڭ بۇ تەرىپى چانىدۇ . يېغىپ ئېيتقاندا ، بىر ياخشى ئەركەك بىر ئائىلىنى تارتىشقا ئاران يارايدۇ . قوش خوتۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى كونا ئائىلىسىنى قۇربانلىققا تارتىدۇ : ئىتىبارنىڭ توقسان پىرسەنتىنى يېڭى "يار"لىرىغا بۇراپ ،ئارقىسىدىكى ئەرلىك ، ئاتىلىق بۇرچىنى ، يىگىتلىك ئارىيىتىنى ، شەنىنى ئۇنتۇيدۇ ! خوتۇنلىرى ئارا ئادالەت قىلىشنى بىلمىدىمۇ ، تامام ! مۇنداق ئادەم گۇناھى ئەزىمنى بوينىغا ئالدى دېگەن گەپ ! ئۇنىڭغا ئەمدى يورۇق كۈن يوق !
يەنە خۇپىيانە نىكاھنى ئارزۇلاپسەن ! نىكاھ _ئەر-خوتۇن بولغانلىقىنى مەلۇم قىلىش مۇراسىمىدۇر . دىمەك ،ئۇ ئاشكارا قىلنىشى شەرت قىلىنغان ئەمەلدۇر . ئۇ رازىلىق بىلەن تۈزۈلىدىغان ئۇيۇشما . ئەگەر خۇپىيانە ئىكەن ، دىمەك ، ئۇ زىنا بىلەن تەڭ !  زىنا ھارامدۇر ! بۇ ئەمدى ئەتراپىڭدىكىلەر سېنىڭ كاساپىتىڭغا قالىدۇ دىگەن گەپ !
سەن ئۆزەڭچە بۇ ئايالغا ئۆز ئايالىڭدىن ياخشىلىقى ئۈچۈن يىپىشىسەن  شۇنداقمۇ ؟ ئەي خام سۈت ئەمگەن بالا ، ئەگەر ئۇ ياخشى ئايال بولسا ، بىراۋنىڭ بەختسىزلىكىگە ئۆز بەختىنى قۇرارمىدى ؟  خوتۇن باللىرىڭنىڭ رىزقىنى ئىلىپ كەلسەڭ ، خاتىرجەم ھەزىم قىلارمىدى ؟ بۇنداق ئەندىشىسىزلىكنى ئۆزىگە راۋا كۆرگەن يۈزى قېلىن شەرمەندە ئايال ئەتە تۇرۇپ ئۆگۈلىككە ،سېنى سەندىن كاتتىراقىغا ئالماشتۇرۋالمايدۇ دەمسەن ؟ يەنى بىر بولسا خوتۇنۇم مېنىڭ قەدرىمنى بىلمىدى ، بۇ ئايال بولسا ، مەن ھەر تەرەپلىمە يېتىلگەن ئەر بولغانلىقىم ئۈچۈن تاللىدى دېيشىڭمۇ مۈمكىن ! بانا كۆرسىتىپ . تىخى ئىسمىنى مۇھەببەت دەپمۇ ئاتاپ قويارسەن ! ھە ، ساددا بالام !
كىملىكىڭنى ئېيتايمۇ ئەمدى ؟! دىققەت بىلەن ئاڭلا :
سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بار - يوقى بىر ئولجا ، ماختاپ -ماختاپ يېيىلدىغان ئۆلۈمتۈكسەن ، خالاس !
بالام ، مەن سېنى تونۇمايمەن ، سەن خالس سورىدىڭ ، مەنمۇ خالس جاۋاپ بەردىم ۋە سىنى ھاڭ گىرۋىكىدە كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن . تېز بول توۋىغا ئالدىرا ، ياراتقۇچى پېشانەڭگە پۈتكەن ئايالىڭنى باغرىڭغا مەھكەم باس ! ئەرلىك قەرىزلىرىڭنى بىجىرىشكە ئاتلان !
ياراتقۇچى ئاللاھ كەچۈرگۈچىدۇر .

مەنبە : ئۆمۈر بىر كېلۇر .
يوللىغۇچى : تۇز  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-18 06:44 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kawa + 50 ھەقىقتەن ياخشىكەن.ئۇز.
uysoda + 100 بەك ياخشىكەن...

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 150   باھا خاتىرىسى

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

مەنىسىز ھايات

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6726
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 6496 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 06:14:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك توغرا جاۋاپ بېرىلىپتۇ....لېكىن  بۇ جاۋاپقا ئەمەل قىلالايدىغانلار قانچلىك؟ ئىسىل يازمىلىرىڭىز زىيادە  بولسۇن

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

the wolf , he used to be

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 1220
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 362989
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 2773 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 06:21:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ناترىي خلور دېگەن يولداش خېلى ياخشى بىر نەرسىلەرنى يازاتتى دەپ ئالدىراپ كىرسەم ، بۇ نەرسە سەل ئۇزۇن تۇرامدۇ قانداق ؟ بوپتۇ ، قەۋەت ئىگەللەپ قويۇپ ئوقاي ...


سۈف ...

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80716
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4081
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2012-5-27
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 06:48:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مىنىڭچە ئاكىڭىزدا سۈيدۈك ژىلدايدىغان ئىشەكنىڭ خۇيى بولمىسىلا ئاشكارە نىكاھ ئوقۇتۇپ ‹‹ھالىدىن خەۋەر ئالسا›› بولىۋىرەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 921
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1400
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1851 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 07:00:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gadankax111 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-16 06:48 PM
مىنىڭچە ئاكىڭىزدا سۈيدۈك ژىلدايدىغان ئىشەكنىڭ خۇيى  ...

خە خە خە ،،ما ئىنكاسنى ..

سەن مىنىڭ تۇرقۇمغا قاراپ بىچارە دىسەڭ، مەن سېنىڭ تۇيغۇڭغا قاراپ بىچارە دەيمەن. ــــــــ جودا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1628
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4018
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 470 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 07:00:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ئىسل تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، پۇل تاپقان يول تاپقان ۋە شۇ ۋەجىدىن جاپادا بىللە بولغان ئايالىدىن ۋاپادارىدىن چانماقچى ، يۈز ئۆرىمەكىچى بولغان كىشىلەر ئۇقۇسا تۈزۈلۈپ  قالسا ئەجەپ ئەمەس . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يولتۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-16 07:02 PM  


قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

مەسئولىيەتچان بۇلايلى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 3067
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17488
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6249 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2013-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 07:17:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇز،بەك ئېسىل تېمىلارنى يوللايسىز ،ئەھمىيەتلىك ....
بۇنى ئىككىنچىسىگە ئۆيلەنمەكچى بولغان ئەر -ئاياللار بىر ئوقۇسا بولىدىغان تېمىكەن...ئېسىل تېمىلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىسۇن....

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83608
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3414
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2012-8-7
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 07:39:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رىئال  مەسىللەرنى  چۆرىدەپ  يېزىپسىز  .قەلەم  قۋتىڭىز  تېخىمۇ  كۈچەيسۇن  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89718
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 248
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2013-6-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 07:43:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئېسىلكەن ، لېكىن بىر كېسەل جۈملە تۇرامدۇ نېمە ؟‹بۇنداق زىنا ھارامدۇر › ، مېنىڭچە بۇ يەردىكى ‹بۇنداق ›سۆزى ئارتۇقچە بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ .‹بۇنداق زىنا ھارام ›دېسەك زىنانى ھالال ھارام دەپ ئايرىغاندەك مەنە چىقىپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ . شۇڭا ‹بۇنداق› سۆزىنى ئېلۋىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17729
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1544 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 08:07:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئايالدىن ھەم جامائەتتىن يۇشۇرۇن خۇتۇن ئۇستىگە خۇتۇن ئېلىش ئاۋۇپ كەتتى.يەنە كىلىپ ئۇ ئاياللارمۇ ئەر ئۇستىگە ئەر تۇتۇۋاتىدۇ .
ئىككىنجى خۇتۇن بارلىق بەھىرمان بۇلدىغان دۇلەتتىن بەھىرمان بۇلۋاتىدۇ .ماشىنا، ئۆي،ئالتۇن -كۇمۇش،قىممەت باھالىق كىيىم -كىچەك ،ياخشى يەپ -ئىچىش ئىككىنجى خۇتۇننىڭ .
ئەمما جاپانى تەڭ تاتقان ئۆيدىكى خۇتۇنغا جاپا بىلەن تاپا تەنە بار .ئۇ ياخشى نەرسىلەردىن ئۆيدىكى خۇتۇنغا ئايدا ،يىلدا بىر قېتىم  با  يا  يۇق .  بۇ ھادىسە نۇرغۇن ئائىلىلەرنى ئەخلاق كىرىزىسىغا دۇچار قىلدى .
نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ تۇغرا ھەل قىلالماسىق تۇپەيلى ئۇغۇرلۇقچە قىلغان بۇ بىمەنە ئىشى ھازىر جەمىيەتتە بەزى بىر يىڭىدا ئازىراق پول تاپقان ئەخمەق-نادانلارنىڭ ئارسىدا ئۇمۇمىلىشىقا باشلىدى.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش