(مەرھۇم ئۆلىما تونۇلغان ئالىم رۇستەم قارى ھاجىمنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن)
سەن بىر ئەلنىڭ خورىزى ئىدىڭ،
قاباھەتتىن ئەلنى ئويغاتقان.
سەن ئىدىڭ بىر قۇتۇپ يۇلتۇزى،
گويا پارلاپ تاڭنى يورۇتقان.
سەن بىر ئەلنىڭ ئىچىپ قانمىغان،
سۈزۈك ھېكمەت بۇلىغى ئىدىڭ.
سەن مىسالى ئەقىل شامىنىڭ،
جۇلا قىلغان يورىغې ئىدىڭ.
تىل بىلەن دىل بىرلىگى ھەر بىر،
سۆزلىرىڭدە ئەكىس ئېتەتتى.
قىلغان پىكىر ،شەرھې بايانىڭ،
دىلغا چەكسىز ئۈمۈد بىرەتتى.
يۈرەك ئېرىپ، تىلغا جان بەرسەڭ،
سۈكۈناتقا چۆمەتتى ئالەم.
بىھۇش بولۇپ، تىلنىڭ سېھرىدىن،
ئۆزگە ئوتتا كۆيەتتى ئادەم.
ئەقىدىنىڭ ئاشىقلىرىغا،
كۆرسىتەتتىڭ ۋىسال يولىنى.
نادانلارنى ھەق يولغا باشلاپ،
تۇتقۇزاتتىڭ ئەقىل قولىنى.
بىلگەن ئىدىڭ قانداق ياشاشنى،
قانداق كۈلۈپ ،قانداق ئۆلۈشنى.
ساڭا قاراپ ئۈگەندۇق بىزمۇ،
بۇ ھاياتنى قانداق سۆيۈشنى.
2013-يىلى يانۋار