ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. ناھايتى ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. تىما مەزمۇنىنى كۈرۈپ ئۈزىڭىزنىڭ تىبابىتىمىزگە بولغان كۆز قارىشىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ.
تۈنگۈن (2013.01.15) كۈندىكىدەك دۇكانغا چىقىپ كىسەل كۈرۈپ، دورا ياساپ ئولتۇرغان ئىدىم. سائەت 10 لار ئەتىراپىدا بىر يېقىن تۇنۇشۇم كىرىپ كەلدى ۋە بەك ھۇدۇققان ھالدا ‹زۈرۈر ئىش چىقىپ قالدى. يېرىم سائەت ھايال بۇلىسىلەر. يۈرۈڭلار› دىدى. نىمە ئىش بولغىنىنى بىلمىسەممۇ بىرەر جىددى ئىش بارلىقىنى پەمىلەپ ‹كىسەل كۈرىدىغان ئىش بولسا ئىككى قۇلۇمنى بۇنۇمغا تىقىپ بارسام دورا ئېلىۋالمىسام بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نىمە ئىشلىقىنى بىر دىگەن بولسىڭىز› دىدىم.
ئەسلىدە بۇ كىشىنىڭ بىر نەۋرە سىڭلىسى ھۇشىدىن كىتىپ يەنە ھۇشىغا كىلىپ يەنە ھۇشىدىن كىتىپ دىگەندەك ئەھۋال بولغان ئىكەن. بىمارنىڭ يېشىنى سورىغاندىن كىيىن قىزلاردا كۆپ كۈرلىدىغان ‹ھېستىرىيە› دىن گۇمان قىلدىم ۋە سۇمبۇل ھىندى، داۋائى مىشكى، قۇرسى شىپا دىگەن دورۇللىرىمنى ئېلىپ ئۇ كىشى بىلەن باردىم. ئۇلارنىڭ ئۈيى دۇكىنىمدىن 7 كىلومىتىر يىراقتا بۇلۇپ بېرىپ بولغىچە كۆڭلىمدە ‹خەلىقىمىزنىڭ تىبابىتىمىزگە بولغان كۆز قارىشى خېلى ئۆزگىرىپتۇ، تىبابىتىمىز خېلىلا قوللاشقا ئىرىشكىدەك› دەپ ئويلىدىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى خېلى ياخشى بۇلۇپ قايسى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارسا ياكى قايسى دوختۇرنى تەكلىپ قىلسا شارائىتى يار بىرەر ئىدى.
شۇ خىياللار بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈيىگىمۇ يىتىپ كەلدۇق. بىمارنىڭ يېنىغا كىردىم. بىمار ھۇشسىز ياتقان بۇلۇپ دورا ئىچكۈزۈش ئىمكانىيتى يوق ئىدى. بىماردىكى ئەھۋاللارنى كۈرۈپ پەرىزىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى جەزىملىدىم . شۇنداقتىمۇ قائىدە بۇيىچە تۇمۇرىنى تۇتۇپ، قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندىن كىيىن ئېلىپ كەلگەن سۇمبۇلنى كۆيدۈرۈپ بىمارغا پۇراتتىم. تەخمىنەن 3 مىنۇتلاردا بىمار كۈزىنى ئاچتى. بىراق ئەتىراپقا قارىشى، سۇئالغا جاۋاپ بەرمەسلىكىگە قاراپ ئۇنىڭ تۇلۇق ئەسلىگە كەلمىگەنلىكنى پەرەز قىلدىم ۋە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ 2 تال قۇرسى شىپا ئىچىرگەندىن كىيىن داۋائى مىشكىدىن 5 گىرام شۇمۇشكە بەردىم. 10 مىنۇتلاردىن كىيىن تۇلۇق ئەسلىگە كەلدى.
بىمارنىڭ ئاتا – ئانىسىغا باشقا ئىش يوقلىقىنى بىمارنى ساياھەت قىلدۇرسا ۋە كۆڭلى خوش بۇلىدىغان ئىشلارنى قىلسا تۇتۇش قېتىمىنىڭ ئازلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىر نەچچە خىل دورا ياساپ بىرىشكە كىلىشىپ يانماقچى بولدۇ. شۇ ۋاقىتتا قىزنىڭ ئانىسى ‹كىچىدىن نەچچە قېتىم شۇنداق ھۇشىغا كىلىپ يەنە ھۇشىدىن كىتىپ قىلغان بولسا بىر ئاز كۈزۈتۈپ باقساق تۇرغاچ تۇرسىڭىز› دىدى.
نىمە دەيمەن بىر ئانا ئۆز پەرزەنتىدىن ئەنسىرىمەي قانداقمۇ تۇرالىسۇن. مەن ئۆز تەجىربەمگە ئاساسلىنىپ ‹بىر سائەتلەردىن كىيىن بىر تۇتۇشى مۇمكىن، شۇ ۋاقىتتا يەنە بىر قېتىم مەن قىلغاندەك قىلساڭلار بۇلىدۇ. دۇكاندا ئازىراق ئىشىم بار ئىدى، مەن ماڭغاچ تۇراي› دىدىم. بىراق ئۇلار قەتتى ئۇنىمىدى.
بوپتۇ دەپ بىر ئاز ئولتۇرۇپ قالدىم. ئارلىقتا داستىخان سېلىپ تاماققا باشلىدى. داستىخانغا كىرگەندە ناتۇنۇش 2 كىشىنى (بىر قېرى ئايال، بىر ياش ئەر) نى كۆردۈم. ئۇلار بىلەن سالاملىشىپ بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالاندۇق. بۇ جەرياندا ھېلقى ئەرنىڭ بۇ ئۆيگە تۈنگۈن ئەتتىگەن كەلگەنلىكى، ئايال كىشىنىڭ ئاخشام كەشتە كەلگەنلىكىنى بىلدىم.
يۇقارقى مەزمۇننى ئۇقۇپ كاللىڭىزدا ‹بۇ ئەلسىھەت دىگەن بۇرادەر ساراڭمۇ نىمە؟ بىر ئوپتان ئىش بولسا نىمگە كۆڭلى يېرىم، ئۈمۈتسىز بوپ قالغاندۇ؟› دەپ ئويلىغانسىز. ئەمدى تۈۋەندىكى ئىشلارنى ئۇقۇپ بېقىڭ.
ئەسلىدە بۇ بىمار ئۈلۈشكۈنى كەچتە مەكتىپدىن تەتىل قىلىپ كەلگەن بۇلۇپ كەلگىچە يولدىمۇ نەچچە قىتىم ھۇشىدىن كەتكەن ئىكەن. نەچچە دوختۇرخانىغا كىرسە ‹ئۇزۇقلۇق يىتىشمەپتۇ› دەپ قۇۋەت ئۇكۇلى ئېسىپتۇ. ئۆيگە كەلگەن كۈنى كەچتىمۇ نەچچە ئايلىنىپ كەتكەندىن كىيىن قىزنىڭ ئاتىسى ھېلقى دوختۇرنى تېپىپ كەپتۇ. دوختۇر كەچكىچە ئۇكۇل ئېسىپ باققان بولسىمۇ كىسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىش تۈگۈل ئېغىرلىشىپ كىتىپتۇ. ئاندىن قىزنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى يىغىلىپ قىزنى بىر ئۇقۇتۇپ باقماق بوپتۇ. ھېلقى ئايال داڭلىق دۇئاخان (داخان) ئىكەن. كىچىچە قىزنى ئۇقۇپ قىلمىغان ئىش قالماپتۇ. لىكىن سەھەردىن باشلاپ قىز ھەر 10 مىنۇتتا بىر دىگۈدەك ھۇشىدىن كىتىپ 5~10 مىنۇتتا ئەسلىگە كەپتۇ. ئەڭ ئېغىر بولغاندا 30 مىنۇت ھۇشسىز يېتىپتۇ. ئاندىن مەن ئىسىگە كىلىپ كىرىپتىمەن.
تاماقتىن كىيىن بىمارنىڭ قېشىغا چىقتىم. بىرئازدىن كىيىن يەنە بىر قېتىم كىسىلى تۇتتى. شۇ ۋاقىتتا 55 مىنۇت بولغان ئىدى. بۇ قېتىم ئاۋالقىدەك قاتتىق تۇتمىدى. تۇتۇش ۋاختىمۇ 3 مىنۇت ئەتىراپىدا بولدى. بىمار ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن ئاندىن قايتىم. يولدا كەلگەچ ۋە بۇ تىمىنى يازغۇچە تۈۋەندىكى ئىشلار كاللامغا كىرىپ بىئارام قىلدى.
بۈگۈنكىدەك بىر زاماندا ئۇيغۇر تىبابىتى ئۈزىنىڭ ئاجايىپ مۇكەممەل نەزىرىيە ئاساسى، پۇختا بولغان داۋالاش ئۇسۇلى ۋە ئاجايىپ ئۈنۈملىك دورىللىرى بىلەن كەڭ خەلىقىمىزنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشتى دەپ يۈرسەك بىز بىر داخانچىلىك بۇلالماپتۇق. ئاغرىق ئازابىنى تارتقۇچى بىمار ۋە بىمارنىڭ يېقىن تۇقانلىرى بىزنى پەقەت ئامال بولمىغاندا ئاندىن ئىسىگە ئالىدىكەن. دىمەك خەلىقىمىزنىڭ ئانا تىبابىتىمىزگە بولغان چۈشەنچىسى ناھايتىمۇ تۈۋەن، ئىشەنچىسى يوق دىيەرلىك ئىكەن. بۇنداق بۇلىشى ئۇيغۇر تىبابىتىنى دۇنياغا ئەمەس ئۆز خەلقىمىزگە تۇنۇتۇش ئىشىنىڭمۇ تېخى ئادا بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ئەھۋال مەن ۋە ماڭا ئوخشاش بۈيۈك غايىلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ تىبابىتىمىزنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن كىچە – كۈندۈز ئىزدىنىۋاتقان، خەلىقىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مەيلى جەمىيەتتە ياكى توردىن ئىبارەت بىر مەۋھۇم دۇنيادا ئۈن تۈنسىز خىزمەت قىلىۋاتقان تىۋىپلار ئۈچۈن ئېغىر كىلىدۇ. بۇ بىزگە، ئانا تىبابىتىمىز بولغان ئۇيغۇر تىبابىتىگە قىلىنغان ھاقارەت. ھەممىمىز ئۇيغۇر، تىبابىتىمىز ئۇيغۇر تىبابىتى، بۇ تىبابەتنى بىز تەرەققى قىلدۇرمىساق، بىز قوللىمىساق، بىز چۈشەنمىسەك كىم كىلىپ چۈشىنە؟ كىم كىلىپ قولاپ بىرەر؟ ئەگەر قوللاش، چۈشۈنۈش بولمىسا 2500 يىلدىن كۆپىرەك تارىخقا ئىگە تىبابىتىمىزنىڭ كەلگۈسى نىمە بۇلار؟ … بۇلارنى ئويلاپ يەنە كۆڭلۈم يېرىم بولماسلىقى مۇمكىنمۇ!
http://blog.alsihat.com/62.html | ئەلسىھەت تور خاتىرسى: مۇقىم ئۇلانما