مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 152|ئىنكاس: 1

ئاتا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76718
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3412
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-2-28
ئاخىرقى: 2013-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 12:14:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چۈشلىرىمگە كىرىپ باقمىدىڭ،
رەنجىگەنمۇ مېنىڭدىن ئاتا؟
رەنجىش ساڭا راۋا ئىش ئەمەس،
ئاجىزەڭدىن ئۆتتى نە خاتا؟

يورۇق ئالەم شۇنچە قاراڭغۇ،
يوقلاپ ئۆتتى ھازا نەچچە رەت
ئايمۇ مۆكتى بۇلۇت كەينىگە
يۆلەنچۈكسىز قالدىمغۇ ئەبەد

كۆرۈنىسەن گاھى كۆزۈمگە،
تۇمانلارغا بولىسەن ھەمراھ
شۇنچە يىراق ،يىراق يەردىمۇ؟
ئۈنۈم يەتمەي،يۈرىگىم يارا.

جۈدەپ كەتتى باغرىم ئېزىلىپ
ئىزىڭ پۇراپ يىغلايدۇ يۈرەك
كىمدىن كەلگەن ئۆلۈم نۆۋىتى
تاپالمىدى سېنىڭدىن بۆلەك

يىغلاپ قالدىم يىراق قىرلاردا
يىغلاپ قالدىم  كۆرەلمەي يۈزۈڭ
يىغلاش بىلەن ئاتمايدىكەن تاڭ
ۋەسىيەت بولدى ئاخىرقى سۆزۈڭ






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-16 05:37 PM  


ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6533
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 36842
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2785 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 11:20:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا -ئۆينىڭ تۈۋرىىك،
ئانا -ئۆينىڭ گۈلى.

ئاتىسىندىن ئايرىلغانلار ،قاناتىدىن قايرىلغانلار...

بەك مۇڭلۇق چىقىپتۇ شېئىرىڭىز، يۈرىكىم ئېزىلدى شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ....

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش