مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 993|ئىنكاس: 17

‹‹كىملىك يوق ئۇيغۇر زىيالى››ناملىق شېئرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئويلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 15133
تۆھپە نۇمۇرى: 1618
توردا: 3107 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 11:39:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تور ئارىلاۋېتىپ مۇنبەرگە بېرىلگەن <<كىملىكى يوق ئۇيغۇر زىيالى>>ناملىق شېئىرنى ئوقۇپ چىقتىم.شېئىر خېلى قاملاشتۇرۇلۇپ يېزىلغان بولۇپ ئوقۇرمەنلەرنىمۇ ئۆزىگە جەلىپ قىلغان.شۇنداقلا نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر بەس-بەستە ئىنكاسلارنى يېزىپ قالدۇرۇپتۇ.مەن ئالدى بىلەن شېئىرنىڭ مۇئەللىپىگە شۇنداقلا ئىنكاس يازغان تورداشلارغا تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ تەنلىرىگە سالامەتلىك شۇنداقلا تۇرمۇشىغا بەخت تىللەش بىلەن بىرگە ياراتقۇچى ئاللاھدىن ئۇلارغا ئىنساپ تىللەش بىلەن بىرگە ئۆزۈمنىڭ مەزكۇر شېئىر توغرىسىدا ئويلانغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشنى لايىق تاپتىم كەڭ تورداشلارنىڭ ئويلۇنۇپ بېقىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.ئالدى بىلەن مەن ئىلم پەن ئۇچقاندەك يۈكسېلىۋاتقان مەدىنىيەتلەر توقۇنۇشى كەسكىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كىشىلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا مىللەت ئۇقۇمىنىڭ تولىمۇ ئاددىي ئىكەنلىكىدىن ھەيران قېلدىم.مۇئەللىپنىڭ  قارىشىچە دوپپا ،كانىۋاي كۆينەك،ئەتلەس كۆينەك كىيمىگەن ساقال-بۇرۇت قويمىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئەمەسمىش.
خوش  ئۇنداق بولسا 5مىڭ يىللىقتىن ئۇززاق تارىخقا ئىگە بولغان ئۇيغۇرنىڭ دوپپا ۋە كانىۋاي كۆينەك،ئەتلەس كۆينەك كىيىشنى بىلگىنىگە 5مىڭ يىل بولغاندىمۇ؟ئۇنداق بولسا بىز ئۇندىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر ئاتىمامدۇق؟ئوغۇزخاننى نېمە دەپ ئاتايمىز،كۆلتېگىن ،بېلگە قاغانلارنىچۇ؟ئۇززاق تارىخنى دىمەي قوياي ئۇنداق بولسا سىز خۇنەندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان200مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر پۇشتىنى نېمە دەپ ئاتايمىز چۈنكى خۇنەندىكىلەر خەنزۇچە،سەئۇدىدىكىلەر ئەرەبچە كىينىپ يۈرىدۇ ئەگەر مۇئەللىپنىڭ دىگىنىچە بولسا ئۇلارنى قەتئىيلا ئۇيغۇر ئاتاشقا بولمايدۇ، شۇنداق قىلىشقا سىزنىڭ ۋە مىنىڭ ھەققىم بارمۇ؟
خوش ئۇنداق بولسا ئاپپاق خوجا ساللا يۆگەپ ئۇزۇن تون كىيىپ ھەقىقىي ئۇيغۇرلارغا خاس ياشىغان لېكىن ئۇ بىر چوڭ مۇناپىق دىننىي ۋە مىللىي خائىن  ئۇنى قانداق ئاتاش كېرەك ؟ئۇنىمۇ ئۇيغۇر ئەمەس دىيەلەمسىز؟ئەگەر شۇنداق قىلىدىغان بولساق تارىخنى بۇرمىلىغان بولمامدۇق؟
خۇش كىيم-كېچەككە كېلەيلى كاستوم -بۇرۇلكا قانداقتۇر غەرىبنىڭ كىيىمى بولماستىن ئۇيغۇرنىڭ كىيىمىدۇر كاستوم دىگەن سۆزنىڭ كاسىغا چۈشىدىغان تون دىگەن سۆزدىن كەلگەن لىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشتۇقمۇ؟
باش كىيىمىگە دوپپىغا كەلسەك ئۇ مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمىدۇر ،نۆۋەتتە زىيالىرىمىز كىيمەيدۇ كىيگەندىمۇ ئاز بىر قىسىمى كىيىدۇ.سىزنىڭچە دوپپا كىيمىگەن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى ئۇيغۇر دىگىلى بولماسمۇ؟
سىزنىڭ موشۇنداق دىيىشىڭىزدە نېمە ئاساسىڭىز بار.ئالايلۇق ئەرەبلەرنىڭ باش كىيىمى بىلەن يەھۇددىيلارنىڭ باش كىيىمى ئوخشايدۇ ئۇنداق بولسا شۇ خىلدىكى باش كىيىمىنى كىيگەن كىشىنىڭ ھەممىسى ئەرەبمۇ ياكى يەھۇددىيمۇ؟سىز بۇنىڭغا قاداق قارايسىز.
ساقال -بۇرۇتقا كەلسەك سىز بۇرۇتلۇق ئىستالىننىڭ يەھۇددى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز ؟.مەزكۇر شېئىرددا ئىڭىكىدە بەلگىسى يوق دىيىلگەن ئىكەن ئۇ ھالدا ئىستالىن بىلەن ئەنگىلىزلارنىڭ ئىڭىكىدە بەلگىسى بار ئۇنداقتا ئۇ ئۇيغۇرمۇ گېتلىرغا نېمە دەيسىز.
گەپنى يىغىنچالىغاندا كىيم -كېچەك،ساقال -بۇرۇت مىللەتنىڭ كىملىكىنى بەلگىلىمەيدۇ .مىللەتنىڭ كىملىكىنى بەلگىلەيدىغان بىر دىن -بىر مۇھىم مەسىلە ئۇنىڭ شۇ مىللەتنى سۆيۈش-سۆيمەسلىكى،مىلىىتىگە كۆيۈنۈش-كۆيۈنمەسلىكى،مىللەتكە قوشقان تۆھپىسى بەلگىلەيدڭ دەپ قارايمەن.
مۇسۇلمان -مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنىمۇ بەش ۋاق مەسچىتكە چىقىش -چىقماسلىق بەلگىلىمەيدۇ،ئەگەر شۇنداق دىيىشكە توغرا كەلسە دىننىي تونغا ئورۇنىۋېلىپ بارلىق ئەسكىلىكلەرنى قىلىدىغان نامىي ھاجى ئاق چىلار ۋە دىننىي مۇناپىقلار ،شۇنداقلا كىشىنىڭ ھەققىنى يەپ جان باقىدىغان ،ئۈلۈكتىن باج ئالىدىغان كىشىلەر مۇسۇلمان بولامدۇ؟مۇسۇلمانننىڭ بەلگىسى ئۇنىڭدا ئىماننىڭ بار يوقلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.
يەنە <<مەسچىتلەردىن خۇشال ئەمەس >>دېگەندەك تېتىقسىز مىسرالار كىشىنىڭ كۆزىگە چېلىقىدۇ تېخى سىز ئۇنىڭ مەسچىتتىن خۇشال-ياكى خۇشال ئەمەسلىكىنى قانداق بىلىسىز سىزچە ئۇيغۇر زىيالىلىرى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنمىدۇ.<<پادىشاھنىڭ ئەمىرىنى تۇتماق ۋاجىپتۇر>>سىز بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەمسىز ؟دىمەك نۆۋەتتە زىيالىلىرىمىز شارائىتنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلىدىن مەسچىتلەرگە كىرمەيدۇ ياكى كىرەلمەيدۇ سىز بۇنى چۈشىنەمسىز؟
مەنچە كۈندە بەش ۋاق مەسچىتكە كىرىپ كىشىنىڭ ھەققىنى يەپ،ئۆلۈكتىن باج ئېلىپ يۈرگەن ھارام تاماق ،نەپسانىيەتچى،زىناخور كىشىلەردىن زىيالىلار مىڭ ئەلادۇر .ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ھەرقۇانداق بىر بەندىنىڭ قىلمىش -ئەتمىشلىرىنى  پەرىشتىلەر خاتىرلەپ ماڭىدۇ ياراتقۇچى قۇدرەتلىك ئاللاھ مەشەرگاھتا ئۇلارنى ئايرىيدۇ.
دىمەكچىمەنكى سىز ھەر قانچە نادان،ساۋادسىز بولۇپ كەتسىڭىزمۇ زىيالىلارنى كەمسىتمەڭ.سىز ئالدى بىلەن تىرىشىپ بىلىم ئېلىش بىلەن بىرگە <<كىملىك>>نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىڭ.ئېسىڭىزدە بولسۇن  ۋەتەن،مىللەت پەقەت جاپاكەش زىيالىيلارنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىقلا گۈللىنىدۇ بولمىسا مەھكۇملۇقتا قالىدۇ.شۇنۇڭ ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن زىيالىلىرىمىزغا ھۆرمەت قىلىشنى بىلاۋالايلى .بىلىمگە بىلىملىك كىشىلەرگە ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ساۋابلىق ئىشتۇر.ئېسىڭىزدە بولسۇن ئاللاھ ئىلىم-پەننىڭ ئىجادچىسىدۇر ئۇ بىز ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان كەشپىياتلارنى يارىتىپ يۇشۇرۇپ قوۇيغان ۋە داۋۇتنى تۆمۈرچىنىڭ پىرى،نوھنى كېمىچىنىڭ پىرى قىلىپ ئەۋەتكەن.شۇنداق تۇرۇغلۇق بىز يەنە قاپاق كاللىمىزنى ئىشلەتمەي ئاللاھ يارىتىپ بەرگەن نىممەتلەردىن پايدىلىنالماي زارلاپ،بىر-بىرىمىزنىڭ كۆتىنى كولاپ يۈرسەك ئاللاھمۇ راۋا كۆرمەيدۇ.بىزگە ئېنىق بولسۇنكى ئاللا مەن بەندىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بايلىقلارنى يارارتتىم ئۇنى يەر دېڭىز ئاستىغا يۇشۇردۇم دىگەن بايانلار بارلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.ھەرگىزمۇ تار مىللەتچىلىك ۋە بىر تەرەپلىمە قارشتا ياشاپ ئۆمرىڭىزنى زايە قىلماڭ ئاللا سىزگە بىلىم ئاتا قىلغاي !كۈندە<< رەببىي،زېدىنى ئىلمەن >>دەپ بەرگەيسىز!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-16 01:27 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
faeza.akef + 97 ماختاشقا تېگىشلىك
Azizan + 100 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 197   باھا خاتىرىسى

دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90092
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-1-15
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 01:35:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەرداشلارياخشىمۇسىلەر مەن بۇتىمىغامۇناسىۋەتسېزسوزقىلدىم كەچۇرۇڭلا ھەم توغراچۇشنىشىڭلارنى ئۇمىدقىلىمەن .  مەن بولسام ئادەتتىكى ئەزا  ئىسمىم 492400395  تۇنگىندېن باشلاپلا زىيارەت قىلىشىمنى چەكلەپ مۇنبەردىن توختىتىپتۇ سەۋەبىنى بىلمىدىم مىسرانىم ئەپەندىمگە ئەرىزيازدىم لىكىن جاۋاپ يوق بەكلا كوڭلۇم يېرىم بولدى  سىلەرئويلاپ بىقىڭلار شۇنداق قىلسابولامدۇ  ؟ ئاخىرى باشقائەزانامىداچىرىپ خەت يېزىۋاتىمەن--
باشقۇرغۇچېلارجىق بولغاچقا خىتمنى كورۇپ زىيارەت قىلىشىمنى ئەسلىگەكەلتۇرۇپ بەسە دىگەن---ئۇمۇد تەمەن .ئەزا  ئىسمىم 492400395   تىزىم نۇمرۇم


ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 840
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6047
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 572 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 01:45:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  دېگەنلىرىڭىز تولىمۇ ئورۇنلۇق بوپتۇ . شەخسەن مەنمۇ ھەقىقەتەن بۇنچە دىققەت قىلماپتىكەنمەن.   ئېغىزنى باشقۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم . گەپكە ئۇستا دەپ دەۋېرىپ ئاللاھنىڭ ياخشى كۆردىغان كىشىلىرى قاتارىدىن چىقىپ كېتىپ قالماسلىققا تىرىشايلى !

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5171
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 01:53:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك كۆپ ئويلاپ كەتتىڭىزمۇ قانداق؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75918
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3975
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 430 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 02:37:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك قايناپ كەتتىڭىز .قىرىندىشم.                                                                                                                          1. ئەرەپلەر بىلەن يەھۇدىلارنىڭ كىيىنىشىدە يەنى باش كىيىمىدە پەرق بار، ياخشى تەكشۈرۈپ  بىقىڭ  2. سىز‹‹ ناماز مۇسۇلمان بىلەن كاپىرنىڭ ئارىسىدىكى كۆۋرۈك›› دىگەن ھەدىسنى ئاڭلىمىغانمۇ؟؟   3.     سىز دىگەندەڭ بىر قىسىم مۇناپىق ئىسلام ئىچىگە كىرۋالغان ئادەملەر بار ، لىكىن ئۇنداق دەپ لا ئۇلارنى بىر تاياقتا ھەيدىمەڭ.  ئۇنداڭلار ھالال ھارامنى ئىلغىماي يەۋىرىپ ئاشۇنداق بۇلغان .   4.  ‹‹ پادىشاھ نىڭ ئەمرىنى تۇتۇش ۋاجىپ››  بۇ يەردە‹‹ پادىشاھ›› ئېيتلۋاتقىنى   قانداڭ پادىشاھ بىلەمسىز؟  مۇسۇلمان ، ئادىل پادىشاھ دىمەكچى.         ھازىرىقى زىيالىرىمىز ئىچىدە مىللەت ئۈچۈن غەم يەيدىغىنى قانچىلىك ؟كۈپپىنچىسىنىڭ ئويلايدىغىنى تۈمۈر تاۋاققا تايىنىپ خاتىرجەم كۈن كۈرۈش ،مۇئاشلا پەقەت.   ئۇلار ئەڭ ئددىسى ئۈيىدىكى مەجبوريىتىنىمۇ تۇلۇق ئادا قىلمايدۇ. ئۇغۇللىرىغا  ئىماندىن ،غۇرۇردىن ،ئەركەەكلىكتىن  ،،،،،قىزلىرىغا بۇلسا ئىماندىن ، شەرمى ھايادىن  دەرس ئۈتمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا ۋاختى يۇق. ‹‹جەمىىيەت مۇشۇنداق ،زامان مۇشۇنداق ›› دەپلا تۈگىتىدۇ،        ئۇنداقلاردىن قانداقمۇ چوڭ ئۈمۈتلەرنى كۈتكىلى بولسۇن.     مىللەتنىڭ باشقا مىللەتتىن پەرقى ، تىلى ، ئۆرۈب-ئادىتى ، كىيىنىشى . بىز تۇيىمىزدا نىكاھ ئۇقۇش ، مۇۇسلمانچە  دەپ يىزۋالغان ئاشخانىلاردا تاماق يىيىش يىلدا بىر كىلدىغا 2 ھىيت نامىزىغا قاتنىشىپلا مۇۇسلمانلىق دەۋاسى قىلساق مۇسۇلمان بۇپ قالامدۇق.  تىلىنى ، مىللى ئۈرۈپ-ئادىتىنى ، مىللى كىيىنىشىنى ساقلاپ قالامىغان ئادەمدە ئىمان ساقلىنىپ قالارما!!!!!   ‹‹ كىمكى باشقىلارنى دۇرايدىكەن شۇلار قاتارىىدن قۇپىدۇ قىيامەتتە››  دىمەك بىز ھەقىقى چىن مۇسۇلمانلارنى دۇراپ ، ئۇلاردىن ئۆگەنسەك قىيامەتتە شۇلار قاتارىدىن قۇپىمىز، ئاخىرىتىمىزمۇ ياخشى بۇلدۇ، ئەكىسچە نەدىكى ئاتالمىش ئۈزىنى مەدىنيەتلىك ھىساپلاۋاتقان ، كاپىرمىللەتلەرنى دۇرىساق پۇققا بىشىمىز پاتقىنى پاتقان ، مىڭ ‹‹مەن مۇسۇلمان›› دوپ داۋا قىلغىنىمىز پايدىىس يۇق قىيامەتتە . زىيالى كىشىلىرىمىز ، بىلىلىملىك كىشىلىرىمىز بۇلغاندىكىن ، بىشىنى سىلكىۋىتىپ  ئۈزىنىڭ ئۈستىدىكى مەجبوريەتلىرى تۇغۇرسىدا ياخشى ئويلاپ بىقىشى كىرەك!!!

رۇستەم قارسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37319
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 784 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 03:07:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىزدىن ئارتۇق سۇئال سۇرمايمەن بىر سۇئال سىز 5000 يىل ئاۋالقىم ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمان دەپ ئاڭلىغانمۇ؟ بىز ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغىنى ئۇنداق ئۇزۇن بوپ كەتمىدى سىز ئاۋال ئاشۇ شېئرنى شۇ بىز يەنە ئۇيغۇرلار ئىمان ئىيتقاندىن كىيىنكى تارىخ بىلەن سىلىشتۇرۇڭ   ئەگەر دوپپا ئەتلەس مەدىنىتىمىزنى ئۇنتۇش كېرەك بولسا سىز شۇ ئەجدات ياراتقاندىن ئارتۇقراق بىر مەدىنىيەت يارتىپ بېقىڭ؟   

رۇستەم قارسۇ ئاتۇش

the wolf , he used to be

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 1164
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 361967
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 2688 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 03:17:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەمىنە بۇ ئورۇننى زاكاس قىلدى . بۇ تىمىغا پىرلار ، ئىشانلار ، سوپىلار ، خۇلپىلار ، غۇلاملار ، ئاشىقلار كىرىپ جەزبىسى تۇتقۇچە سەكرىۋالغاندىن كېيىن ، ئاندىن كەمىنە فەقىر بۇ ئورۇنغا تۇغ باغلايدۇ .
سۈف !

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

the wolf , he used to be

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 1164
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 361967
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 2688 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 03:23:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېپەنلىكىنى كىيىپ يۈرىدىغان تەركىي دۇنيا ئاشىقلار ئۇيغۇر .
يوغان يوغان ساقال قويۇپ يۈرىدىغانلار ئۇيغۇر .
ئۇيغۇرنىڭ ئەنئەنىسىنى بىدئەتكە چىقىرىپ ئەتلەس كۆينەك كىيگەن قىزىنى ئۇرۇپ جىلباپ كىيىشكە زورلىغان ئاتا-ئانا ئۇيغۇر .
كونىلىقنىڭ ھەممىنى نوچى ، يېڭىلىقنىڭ ھەممىنى ھارام كۆرىدىغان رادىكال قازىلار ئۇيغۇر .
ساقال قويغىنى ئۇيغۇر ، تون كىيگىنى ئۇيغۇر ، ئەتلەس كىيگىنى ئۇيغۇر ، مەسچىدكە بەش ۋاخ تولۇق بارغانلار ئۇيغۇر .

دېمەك ، دىنىي زاتلار ، سەنئەتچىلەر ئۇيغۇر ، سۇفىئىي ئاشىقلار ئۇيغۇر .
مىللەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ ، مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىنى ساقلاپ ، مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى يېڭىلىققا بىرىكتۈرۈپ ، ئۇيغۇر دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىنى دۇنياغا ياڭرىتىۋاتقان شۇ بىچارە زىيالىيلار ، ئۇلار ئۇيغۇر ئەمەس ، سېپى ئۆزىدىن مۇناپىق .

مانا بۇ مىسرانىم پەيلاسوپلىرىنىڭ لوگىكىسى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Azizan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-16 03:25 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
خەزنىچى + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
lawa0998 + 108 كۆڭلۇمدىكى گەپ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 118   باھا خاتىرىسى

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 15133
تۆھپە نۇمۇرى: 1618
توردا: 3107 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 03:25:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
5-قەۋەتتىكى تورداشقا


مىللى كىيىنىشىنى ساقلاپ قالامىغان ئادەمدە ئىمان ساقلىنىپ قالارما!!!!!   ئۇنداقتا سىز ئەرەبچە كىيىنىۋالسىڭىز ئىمانىڭىز ساقلىنىپ قالامدۇ؟ئىمان دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمې قېرىندىشىم؟
سىزچە ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانمۇ؟سىزچە ھەقىقىي مەنىدىكى مۇسۇلمان قانداق بولىدۇ؟
سىز شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى ئاللاقا شەپى كەلتۈرمىگەن .ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى بىجا كەلتۈرگەن ،مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىەنگەن كىشى ھەقىقىي مۇسۇلماندۇر.ئىسلامدىنىدا ئىلىم تەسىل قىلىش پەزىر ھېسابلىنىش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ بىز ئۈچۈن تېپىشماق قىلىپ يارىتىپ بەرگەن قائىدە-قانۇنلارنى بايقاپ مۈشكىلىنى ئاسان قىلماقلىقنىڭ ئۆزى بىر پەرىز.شۇنىسى ئېنىق بولسۇنكى ئاللاھنىڭ نبىزنى پىكىر قىلالايدىغان قىلىپ يارىتىشىدىكى سەۋەب دەل بىز ئۈچۈن يارىتىلغان تۈرلۈك-تۈمەن خىل بايلىقلارنى تېپىپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتىن ئىبارەت.سىز شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى نىيوتۇننىڭ بىرىنچى.ئىككىنچى قانۇنى دىگەن نەرسىلەر ئاللا بۇرۇن ئاللاھ تەرىپىدىن بىز ئۈچۈن تېپىشماق قىلىپ يارىتىپ بەرگەن قانۇنىيەتتۇر.دىمەك بىزمۇ كاللىمىزنى ئىشلىتىپ ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان بولساق ئەنە شۇنلارنى بايقىيالايمىز.ئەگەر ئۇنداق قىلالمىساق قىيامەتتە سۇئال-سوراققا قالىمىز.چۈنكى سىز بىلەن مەن بۇ دۇنياغا يىگىلى-ئىچكىلى يارىتىلمىغان دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن يارىتىلغان ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا بىزنىڭ ھايۋاندىن نېمە پەرقىمىز بولىدۇ؟
بىز تۇيىمىزدا نىكاھ ئۇقۇش ، مۇۇسلمانچە  دەپ يىزۋالغان ئاشخانىلاردا تاماق يىيىش يىلدا بىر كىلدىغا 2 ھىيت نامىزىغا قاتنىشىپلا مۇۇسلمانلىق دەۋاسى قىلساق مۇسۇلمان بۇپ قالامدۇق.  تىلىنى ، مىللى ئۈرۈپ-ئادىتىنى ، مىللى كىيىنىشىنى ساقلاپ قالامىغان ئادەمدە ئىمان ساقلىنىپ قالارما!!!!!

يۇقارقى بايانلارغا ئاساسلانغاندا ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ئەرەبچە كىيىنىپ يۈرگەن ئاشۇ ئۇيغۇرلىرىمىزدىمۇ ئىمان يوق ئىكەندە.سىز بۇنداق نەرسىلەرنى قۇرئان كېرىمنىڭ قايسى ئايىتىدىن ئوقۇدىڭىز؟مىسال ئېلىپ بېقىڭا قېنى؟
بىر كۈنى پەيغەمبەر سەپەر ئۈستىدە كېتىۋېتىپتۇ ئالدى بىلەن بەش ۋاق نامازنى تەرك ئەتمىگەن بىر مۇسۇلمان ئۇچىراپ قاپتۇ ۋە پەيغەمبەردىن قاياققا ماڭغانلىقىنى سوراپتۇ پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ يېنىغا ماڭغانلىقنى ئېيتىپتۇ .ھېلىقى كىشى .
_ئۇنداق بولسا ئاللاھتىن سوراپ باقسىڭىز بوپتىكەن مەن بىر ئۆمۈر ناماز ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولدۇم ماڭا قايسى جەننەتنى ئاتا قىلدىكىن دەپ ئۆتۈنۈپتۇ .پەيغەمبەر ماقۇل بوپتۇ.خېلى ماڭغاندىن كېيىن ياشىنىپ قالغان يەنە بىر كىشى ئۇچىراپتۇ.ئۇ پەيغەمبەرنىڭ قاياققا قاڭغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن.
__ئەي پەيغەمبەر مەن بىر ئۆمۈر ئىبادەت قىلالمىدىم كەيپ -ساپادا ئۆتتۈم ماڭا قايسى دوۋزاقنى ئاتا قىلغانلىقىنى سورىغاچ كەلسىڭىز دەپ ئۆتۈنۈپتۇ پەيغەمبەر بۇنىڭغىمۇ ماقۇل بوپتۇ.
قايتىشىدا ئالدى بىلەن ھېلىقى ناماز ئوقۇمىغان كىشى ئۇچىراپتۇ ۋە ئۆزىگە قايسى دوۋزاقنىڭ ئاتا قىلىنغانلىقىنى سوراپتۇ؟پەيغەمبەر كەچۈرىسىز مەن سورىيالمىدىم چۈنكى ئاللاھنىڭ ئىشى بەك ئالدىراش ئىكەن يىڭنىنىڭ تۈشىكىدىن تۆگە ئۆتكۈزىۋېتىپتۇ دەپتۇ جاۋابەن.بۇ سۆزنى ئاڭلىغان كىشى ھەق دىگىنىچە قولىنى قوشتۇرۇپ تۇرۇپتۇ. ئىككىنچى بولۇپ ھېلىقى بەش ناماز كىشى ئۇچىراپتۇ پەيغەمبەر ئۇنىڭغىمۇ شۇ جاۋابنى تەكرارلاپتۇ ھېلىقى كىشى كۆڭلىدە نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بولسۇن دەپتۇ ئاقىۋەتتە ئۇ دوۋزاىخى بوپتۇ ئەكسىچە ناماز ئوقۇمىغان كىشى جەننىتى بوپتۇ.قاسەسۇل ئەنبىياھقا قارالسۇن.دىمەك ئىش سىز دىگەندەك ئۇنداق ئاسان ئەمەس سىز دىگەندەك مەسچىتكە كىرمىگەنلا كىشى مۇسۇلمان سانالمامدۇ؟ئىبادەتىنى مەسچىتتىن باشقا جايلاردا قىلىشقا بولمامدۇ؟سىزچە مانا مەن مەچىتكە كىرىۋاتىمەن دەپ كىشىگە كۆز-كۆز قىلغانلىكى كىشى ئىمانلىق بولامدۇ؟ھەي ئىسىت سىزنىڭ ھالىڭىزغا ئۇكام سىز ئالدى بىلەن بىلىم ئېلىڭ زىيالىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىڭ.


دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...

رۇستەم قارسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37319
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 784 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 04:33:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھە

پادىشاھ يوللىغان ۋاقتى  2013-1-16 03:25 PM
5-قەۋەتتىكى تورداشقا


قېرىندشمىز سىز مېنىڭ يەنە 5 .قەۋەتتە مېنىڭ ئىنكاسىم بار ئەمما جااۋبنى باشقا ئىنكاسقا قايتۇرۇپسىزمۇ؟قانداق ؟ ياكى مەن چۆشەنمىدىممۇ؟ ھە چۆشەندىم كەچۈرۈڭ بۇ ئىنكاس ماڭا يېزىلغان ئەمەسكەن باش سۈرىتى كىچىك بالنىڭكى بولغان مۇنبەرداشقا يېزىلغان كەن ئەسلى.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-16 04:39 PM  


رۇستەم قارسۇ ئاتۇش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش