مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 879|ئىنكاس: 13

«مۇمكىن ئەمەس»تىن«مۇمكىن»گىچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89292
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 10:39:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەش يىل ئىلگىرى مەن ياپونيىدىكى بىر سودا شىركىتىنىڭ تېخنىكا بۈلۈمىدە ئىشلىدىم.مائاشىم مۇقىم ئىدى.شۇغىنىسى بىر خىل كۈن ئۆتكۈزگەچكە ئىچىم پۇشاتتى.خادىم قىشقارتىش بۇ شىركەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى ئىدى.غايەمگە كەلسەك،مەن بىر مال ساتقۇچى بۇلۇشنى،سودىدا چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى ئويلايتىم.بۇنداق خىيالغا كىلىشمدە يەنە بىر سەۋەپمۇ بار ئىدى.يەنى مال ساتقۇچىلارنىڭ كىرىمى ئېنژنىرلارنىڭكىدەك مۇقىم بولمىسىمۇ،ئەمما كۆپ پۇل تېپىش پۇرسىتى بار ئىدى.ئۇ يىلى مەن 25ياشتا ئىدىم.ئۆي،ماشىنا دىگەنلار مەندىن يىراقتا ئىدى.ئەمما سۆيگىنىمنى رەپىقەمگە ئايلاندۇرۇش ئىستىكىم مېنى كۆپ پۇل تېپىشقا قىستايتى.
ئۇزاق ئۆتمەي پۇرسەت كەلدى.دۆلەت ھالقىغان بىر شىركەتنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلدىغان ئىش باشقارمىسىغا جىددىي ئادەم لازىم ئىدى.خەقنىڭ كۆزىگە ياخشى كۆرىنەي دەپ،سېتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان تەرجىمالدىن بىرنى توقۇدۇم ھەم دوستۇمدىن سېتىش خىزمىتىگە دائىر تەجىربىلەرنى سوراپ ئۆگىنىۋالدىم.شۇنداق قىلىپ،ھاياتىمدىكى تۇنجى سودا_ئۆزۈمنى سېتىش ئىشىغا قەدەم باستىم.
غوجايىن مارى ئىسىملىك ئامېرىكىلىق ئايال بۇلۇپ،ئەينى چاغدا ئۇ شىركەتنىڭ رەسمىيەتلىرنى بېجىرىش بىلەن ئالدىراش بولغاچقا،مېنىڭ تەرجىمالىمنى كۆرىدىغانغا چولىسى يوق ئىدى.شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ ئىشىم ئاسانلا پۈتتى.
ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنىلا مەن يالغان گەپ قىلغانغا تويدۇم.چۈنكى،مارىنىڭ گېپىنى پەقەتلا چۈشەنەلمەيتىم.ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سېتىش كەسپىگە دائىر ئاتالغۇلار مەن ئۈچۈن تولىمۇ ناتۇنۇش بىلىنەتتى.سورىغىلى ئەسلا بولمايتتى.شۇڭا يېنىمدا ئادەم قالمىغان پۇرسەتتىن پايدىلنىپ،دوستۇمغا تېلفۇن بېرىپ
ياردەم تىلەيتتىم.بۇنىڭدىن باشقا ئامالىم يوق-دە!غوجايىنىڭ گېپىنى چۈشەنمىگەچكە ،دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ بولالمايتتىم.شۇڭا كۈندە دېگۈدەك تىل ئىشىتەتتىم.ھەر كۈنى ئۆيگە كىلىپلا تامغا قاراپ "چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى !"دەپ توۋلاپ كېتەتتىم.بىراق،كۆڭلۈمدە چوقۇم رەسمىيلىشىپ بۇلۇپ،ئاندىن ئستېپا بىرىمەن دېگەن بىر نىيەت بار ئىدى.شۇنداق قىلسام كېينىى قېتىم خىزمەت ئىزدىگەندە "سېتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش تەجربىسى بار"دىگەن دەسمايىگە ئىگە بولاتتىم.
ئۈچ ئايمۇ توشتى،رەسمىيلەشتىم.بۇ چاغدا ئاشۇ كەسپىي ئاتالغۇلارنى ئاساسەن دېگۈدەك چۈشۈنەلەيدىغان بۇلۇپ قالغانىدىم.بۇنى بايقىغاندىن كېيىن "پۇلنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ يەنە بىر مەزگىل چىداي"دەپ ئۆزمگە نەسىھەت قىلدىم.چۈنكى،بۇنداق چاغدا كەتسەم پەقەت ئاساسىي مائاش بىلەنلا چىقىپ كېتىمەن ئەمەسمۇ؟ ئارقىدىن تېخىمۇ چوڭ پېشكەللىكە يولۇقتۇم،يەنى مارى دىگەن بۇ ئايال ئەپ ئۆتۈش ئەڭ تەس باشلىق چىقىپ قالدى.نىكاھتىن ئاجىراشقان،قىرىق ياشلىق بۇ ئايال ئاچچىق گەپ قىلاتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر خىزمەت تەلۋىسى ئىدى.ئۇ باج ،ئوت ئۆچۈرۈش،سوت قاتارلىق بارلىق رەسمىيەتلەرنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن پۈتۈن زېھنىنى خىزمىتىگە قاراتتى،شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ ئىشىم تەس بولدى،ئۆمۈرۈمدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق كەسپىي ھاياتىم باشلاندى.
ھەركۈنى خىزمەتتىن چۈشۈپ شىركەتتىن ئايرىلىشىمدا ،ئەمدى ھەرگىزمۇ كەلمەسمەن ،دەپ ئويلايمەن-يۇ،ئەتىسى يەنىلا كاستۇم-بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كىيپ،ئىش ئۈستىلىمگە كىلىمەن.مەن توختىماي ئۆزۈمگە"سەۋىرنىڭ تېگى ئالتۇن"دەپ ئەسكەرتىپ تۇردۇم:باشلىقىمنڭ تىل-ھاقارىتى ئىچىدە ھەركۈنى نۇرغۇن يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋاتاتتىم،مانا بۇ مەن كەسىپ ئالماشتۇرغاندا كۆزلىگەن ئىش ئەمەسمۇ!يەنە بىر تەرپى شۇكى ،بىر يىل چىدىۋەتسەم ،خېلى تەجىربىلىك مال ساتقۇچى بۇلۇپ قالىدىغان گەپ!
بىر يىل توشتى،قولۇمغا خېلى كۆپ يىللىق مۇكاپات پۇلى تەگكەندىن كېيىن ئەمدى كېتىدىغان ۋاقتىم كەلدى،دەپ ئويلىدىم.ئويلىمىغان يەردىن مارى ماڭا شىركەت ئادەم ئالىدىغانلىقىنى،مەن بۇ يېڭىدىن تەشكللەنگەن سېتىش گورۇپۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولىدىغانلىقىمنى ئۇقتۇردى.مەن ئۆزۈمنى قېلىپ قېلىشقا يەنە بىر قېتىم كۆندۈردۈم.بۇ چاغدا ئۇنىڭ بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشنىڭ ئۇنچىلىك تەس ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم.خىزمەتتە كۆزگە كۆرۈنۈشىمگە ئەگىشىپ ،ئۇمۇ مېنى قەدىرلەيدىغان،ئەركىن يول ئېچىشىمغا ئىمكانىيەت بەردى.
ۋەزىيەت ئۇشتۇمتۇت ئۆزگەردى.سەككىز ئايدىن كېيىن شىركىتىمىز يەنە بىر شىركەت بىلەن بىرلەشتۈرۋېتىلدى.مارى كۆز ئالدىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز ئىكەنلىنى كۆرۈپ،يەنە بىر شىركەتكە كېتپ قالدى.مەن بولسام ئۇنىڭ قولىدا چېنقىپ يېتۈلدۈرگەن قابىليىتىم بىلەن يېڭى باشلىققا ياراپ قالدىم.شۇنداق قىلىپ خوشال-خۇرام ھالدا سېتىش بۆلىمىنىڭ دىرېكتورى بولدۇم.ئابرويۇممۇ ئۆسۈپ،يىلىغا نەچچە يۈزمىڭ يۈەن مائاش ئالىدىغانلار سېپىگە قېتىلدىم.
دەسلەپتە مۇشۇ كەسىپكە قەدەم قويغان كۈنلىرىمنى ئەسلىسەم،ھەربىر كۈنۈم "مۇمكىن ئەمەس"دىگەن چەمبىرەكـتە ئۆتۈپتۇ،بىراق ئاخىرئۇنى "مۇمكىن"دىگەن كەڭلىككە ئايلاندۇردۇم.مۇشۇ پەيىتتە يېنىمدىكىلەرگە مۇنداق دېگۈم كېلىدۇ:ئۆزىڭىزگە مەڭگۈ "مۇمكىن ئەمەس"دىمەڭ!قىينچىلىققا يولۇققاندا ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنىڭىز "قىلالايمەنمۇ-قىلالمايمەنمۇ"بولماستىن ،بەلكى "قانداق قىلىشتىن "ئىبارەت بولسۇن.تاكى دۇنيا سىزگە "ياق"دېگۈچە،ئۆزىڭىزنى بارغانسېرى قۇدرەتلىكلەردىن قىلىپ چىقىڭ!
          تەرمىلەرنىڭ 2011-يىللىق 11-ساندىن ئېلىندى
                      ئامىرىكا تەرپىدىن يېزىلدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7519
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 424 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 01:32:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىڭىزگە مەڭگۈ "مۇمكىن ئەمەس"دىمەڭ!قىينچىلىققا يولۇققاندا ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنىڭىز "قىلالايمەنمۇ-قىلالمايمەنمۇ"بولماستىن ،بەلكى "قانداق قىلىشتىن "ئىبارەت بولسۇن.تاكى دۇنيا سىزگە "ياق"دېگۈچە،ئۆزىڭىزنى بارغانسېرى قۇدرەتلىكلەردىن قىلىپ چىقىڭ!
--------------------------------------------------------------
سىزگە ئامەت تىلەيمەن. كۆرگەن-بىلگەنلىرىڭىزنى،ئوي-خىياللىرىڭىزنى،پىكىر يولىڭىزنى داۋاملىق دوستلار بىلەن ئورتاقلاشقايسىز.

كۈن ئېيتىدۇ: مېنىڭ قەدرىم كۈندۈز كەتكەندە،
ئاي ئېيتىدۇ: مېنىڭ قەدرىم كېچە يەتكەندە.

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6531
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 36836
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2784 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 01:41:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى سىزنىڭ سەزگۈرەشتىلىرىڭىز ئوخشايدۇ دەپتىمەن...

ئۆزىگە ئىشىنىش -مۇۋاپپەققىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى..

غەلىبە -تىرىشقانلارغا مەنسۇپ....

‹‹قىيىن ئىش يوق ئالەمدە،كۆڭۈل قويغان ئادەمگە››

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1480
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3717
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 336 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 01:41:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشقاندىلا ئاندىن غەلبە قازانغىلى بولىدۇ ،سىز بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپسىز ،ئاسان ئەمەس ، سىزگە قايىل بولدۇم ، مارى خانىمنىڭ قاتتىق قۇل بۇلىشى سىزگە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بوپتۇ . سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .يەنىمۇ ياخشى تەجىربىلىرىڭىز بولسا بىزدىن ئايىمىغايسىز !

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1480
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3717
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 336 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 01:41:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشقاندىلا ئاندىن غەلبە قازانغىلى بولىدۇ ،سىز بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپسىز ،ئاسان ئەمەس ، سىزگە قايىل بولدۇم ، مارى خانىمنىڭ قاتتىق قۇل بۇلىشى سىزگە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بوپتۇ . سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .يەنىمۇ ياخشى تەجىربىلىرىڭىز بولسا بىزدىن ئايىمىغايسىز !

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 837
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6042
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 569 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 01:47:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئۈزلۈكسىز تىرىشىش غەلىبگە ئېرىشتۈرىدۇ . سىزگە ئامەت تىلەيمەن .

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 801
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5023
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 584 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2013-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 02:23:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

ئەگەر بېشىڭغادەرىت كەلسە،ئىھ تەڭرىم مىنىڭ دەردىم بار دىمەستىن،  ھەي دەرىت مىنىڭ تەڭرىم بار دە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5171
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 02:39:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە: «كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ» دەيدۇ. دۇنيادا ئۆلمەسلىككە چارە تاپقىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقىسىغا چارە تېپىش مۇمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89834
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 550
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2013-1-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 04:01:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئۈزلۈكسىز تىرىشىش غەلىبگە ئېرىشتۈرىدۇ ..... ياخشى تىمائىكەن.

ئادەم ھاياتىدا شۇنداق ياشاش كېرەككى،ئۆتكەن كۈنلىرىگە پۇشايمان قىلمايدىغان بولسۇن !

مەن ھامان پارتىلايمەن!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 1503
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 7531
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 675 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 04:26:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت ئەتىگە كۈلۈپ قارىسىلا   بارلىق مۇمكىن ئەمەسلەرگە يول ئېچىلىدۇ

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش