مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2453|ئىنكاس: 12

بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك ئىشلار (تەۋسىيەلىك) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30816
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8575
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 4719 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 03:35:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


                          بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك ئىشلار (تەۋسىيەلىك)


    مەن يېقىندا تىجارەت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ئۇزۇن قۇلاق تۇنۇشۇم بىلەن ئەھۋاللىشىپ قالدىم. ئۇ تۇنۇشۇم چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ مۇنداق گەپلەرنى قىلىپ بەردى.
    بۈگۈنكى دۇنيادا مەخپى ئىشلارمۇ قالمايدىغان ئوخشايدۇ، سەن بىر تىجارەتچى جىق ئىشلىرىڭ تىلىپۇن ئارقىلىق بۇلىدۇ ئالغۇ- بەرگۈ ئىشلىرىڭدا دىققەت قىل، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدە ئۆي تىلىپۇنىدىن ھالقىپ يان تېلىپۇنلىرىنى يۇشۇرۇن ئاڭلايدىغان ئىشلار بەك ئەۋىج ئېلىپ كېتىپتۇ. تىلىۋىزۇرلاردا بۇ توغرۇلۇق نۇرغۇن خەۋەرلەر بىرىلدى. ئاڭلىشىمچە تۇتۇلۇپ تۇرمىدا ياتقان جىنايەتچىلەرنىڭ 98% پىرسەنتى دىگۈدەك تىلىپۇندا قىلىشقان گەپلىرىدىن تۇتۇلىدىكەن. ئستانبۇل ساقچى ئىدارىسى بىرلا ۋاقىتتا 60 مىڭ ئادەمنىڭ تىلىپۇنىنى ئاڭلىيالايدىكەن. يۇللانغان،كەلگەن ھەر خىل ئۇچۇرلار بىلەنمۇ يۇشۇرۇن ئاڭلايدىغان مىكروپلارنى ماڭدۇرىۋىتەلەيدىكەن. تىلىپۇننى يۇشۇرۇن ئاڭلاش، ھەرخىل ئۇچۇرلارنى يۇشۇرۇن ئۇقۇش دېگەن ئۇيۇننىڭ ئورنىدا ئىكەن. ھەتتا سېنىڭ نەگە بېرىپ. نەدە تۇرغانلىقىڭنىمۇ يېنىڭدىكى تىلىپۇندىن ئۇقۇپ تۇرىدىكەن. سەن تىلىپۇن نۇمۇرۇڭنى ئالماشتۇرساڭمۇ ئۇ نۇمۇرنى قوللانغان تىلىپۇننىڭمۇ نۇمۇرى بولغاچقا قىلچە پايدىسى يوق ئىكەن. كىنولاردا چوڭ خوجايىنلا تىلىپۇندا سۆزلىشىپ بولۇپلا سۇغا ئېتىۋەتسە مەن- ۋاي ئىسىت، شۇنچە قىممەت تىلىپۇننى سۇغا تاشلىۋەتتى، كاشكى نۇمۇرىنى تاشلىۋېتىپ تىلىپۇنىنى ماڭا بەرگەن بولسىچۇ، دەپ كىتەتتىم. ئەسلىدە ئۇلار بىر ئىشلارنى بۇرۇنلا بىلىدىكەن ئەمەسمۇ، ئېزىز جان، مىليونلاپ دوللار، زەھەرلىك ئەتكەس تىجارىتىنىڭ ئالدىدا ئۇ تىلپۇنلار ھىچنىمە ئەمەسكەن، كىيىن بۇ ئىشلارنى بىلىپ مەن تازا ئەخمەق ئەكەنمەن دىدىم، دەپ چايىدىن بىر يۇتۇم ئوتلىۋېلىپ سۈزىنى داۋام قىلدى- سەنمۇ زۆرۈل تېپىلغاندا سۇغا ئات. ئەمما ئادەتتە توختام تۈزىدىغان، پۇل ئالغىلى بارىدىغان دىگەندەك ۋاقىتلاردا نۇمۇرۇڭنى تىلىپۇندىن چىقىرىۋەت. مېيىنى چىقىرىۋەتسەڭمۇ بىكار. مايسىز تىلىپۇنلارمۇ سىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىڭنى ئوخشاشلا بىلىپ تۇرىدۇ. ھەتتە تىلىپۇنقا توك قاچىلايدىغان سىمىمۇ سېنىڭ تىلىپۇنۇڭ توغرۇلۇق يېتەرلىك دېدى.
    مەن قىزىقىپ ئاڭلىدىم، سۆھبىتىمىز ئۇزۇنغا سۇزۇلدى. ئۇ يەنە- قانۇنسىز سىگارا ئەتكەسچىلىكى بىلەن تۇتۇلۇپ يېقىندىلا تۇرمىدىن چىققان بىر تۈرك دوستۇم بار ئىدى. ئۇنىڭ دەپبىرىشىچە- مەن بەك دۆتكەنمەن تىلىپۇن ئاز بولۇپ قالغاندەك ئۈيۈمدىكى ئادرىس، تىلىپۇن نۇمۇرى، قايسىدۇر بىر ۋاقىتلاردا يىزىشقان سالامخەت، چۈشكەن رېسىم، كاسىت پىلىملىرىمۇ بېشىمغا بالا بولدى. ئۇ تېلىپۇن دىگەن نىجىس ئادەملەرنىڭ ئىككى مۈرىسىدىكى پېرىشتىدەك ھەممە نەرسىنى خاتىرلەيدىكەن. كومپىيوتۇر دىگەن نەرسىمۇ بىر بالايى ئاپەت ئەكەن. 30 يىل ئىلگىرى قۇيۇلغان بىر تال چىكىتمۇ ئۈچۈپ كەتمەيدىكەن، ئون قېتىملاپ ئۈچۈرىۋەتسەممۇ ئۇلار ئۈچۈن تېپىپ چىقىش بىر ئۇيۇننىڭ ئورنىدىكى ئىشكەن. مەن بەك كېسىلسەم 2 يىل كېسىلەرمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، نەدىكىنى ساق 7 يىللىق ھۈكۈم قىلدى. شۇ تېلىپۇن، رەسەم، خەت، كومپىيوتۇر دىگەنلەر كېچە- كۈندۈز بىزنى باقىدىغان ساقچىلار ئىكەن ئەمەسمۇ. سوتتا ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىن چىقارغان نەرسىلەرنى ئالدىمغا دۆۋلىۋەتتى، تىلىمنى چىشلەپ تۇرۇشتىن باشقا چارەم قالمىدى. تۇرما دىگەندىمۇ ئىش- ھەركىتىڭنى كامىرادا كۈرۈپ تۇرىدىكەن دىسەم ئەمدى ھەممە شەھەرلەرگىمۇ شۇ كامىرا دىگەننى بەكىتىۋېتىپتۇ، ئۇ نەرسە ئىسرائىلدە ياسالغان دەيدۇ، ئىستانبۇلدىلا 20 مىڭى بارمىش. ئاڭلىسام سېنىڭ ھەر بىر ھەركىتىڭنى كۈزۈتۈپلا قالماي گەپلىرىڭنىمۇ ئاڭلاپ تۇرىدۇ دەيدۇ. ماڭا ھازىر ھەممە يەر تۇرمىدەك، ھەر ۋاقىت ساقچىلار مىنى كۈزىتىۋاتقاندەك، گويا قېنى نىمە قىلىسەن؟ ئاۋال قىل ئاندىن مەن تەييار دەۋاتقاندەك بىلىنىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ تۇنۇشۇم تۈرك دوستىنىڭ گەپلىرىنى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بىرىۋاتاتتى.   
    بىزنىڭ ئاتا- بوۋىللىرىمىز ئۆز ۋاقتىدا "تامنىڭمۇ قۇلىقى بار، كۆزىنىمۇ ئۇنۇتما" دەپتىكەن قايسى ئەقىللىق بوۋام دېگەن بولغىيتى، بۈگۈن دەل شۇنداق زامان ئىكەن يەنە كىلىپ مىنىڭ بېشىمغا كەلدى. مەن بۇندىن كېيىنكى ھاياتىمدا ھەممە ئىشىمغا بەك دىققەت قىلىمەن. ھېلىمۇ  قىلغان ئىشنىڭ تايىنى يوق يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىسىنى تۆلەيدىغان، مۇشۇ ياشقا كىرىپمۇ ھىسسىياتىمنى باشقۇرالماي، شۇ ھىسسىياتنىڭ قۇلى بولۇپ تۇرمىلاردا ياشاش ماڭا ياراشماس. ۋاي ئانداقچى، ۋاي مانداقچى دېگەن نام ئالغانغا چۇشلۇق چوقۇم بىر نەتىجە ئېلىشىم كېرەك.  كېيىنكى پۇشايمان ئۆزگە دۈشمەن.
    مەن ئۇ تۇنۇشۇمنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاپ رەخمەت دېدىم. كېچە كەچ سائەتلەردە خوشلاشتۇق.


مەنبە: ئۆز قەلىمىم


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
نۇرنىسا + 50

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87898
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 02:12:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ئەمەسمۇ ،ھۇشيار بولغۇلۇق.تىمىنى جايىدا يوللاپسىز

نۇر ئەھمەدجان روزى سۇلتاننۇر http://www.65933.cn/136183

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3318
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 02:26:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاسماندا تور يەردە قاپقان دىگەن شۇ دە....


قانۇن  مۇقەددەستۇررررررررررررررررررررررر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 1750
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8150
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1280 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 04:22:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز تۈركىيە نى مىسال قىلىش ئارقىلىق ، بىزنى ئاگاھلاندۇرۋېتىپسىزدە ! ئوفففففففففففف !!! ئارام خۇدا تىلفۇندا پاراڭلاشقىلى تورغا چىققىلى بولمامدۇ نىمە

ئاتمايدىغان تاڭ يوق ،
پاتمايدىغان كۈن يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72613
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3117
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-1-5
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 04:23:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر گەپ -سۆزلەرگە دېققەت  قىلمىسا بۇلمايدىغان جاھان بۇلۇپتۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 205
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2013-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 05:21:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىنى جايىدا يوللاپسىز                لكېن بۇ ئېشلارغا ۇزۇن  بولدئ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3503
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10677
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 4929 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 07:15:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن بىىپ قويۇشقا تىىگىشلىك ئىشلار بۇ..ئوغامنى قاينىتىدىغىنى ئۈرۈمچىدە«پەلەستىن» رايۇنىدىلا كامىرا بەك كۈپ ،«پەلەستىن »رايۇنىدىن چىقىپ كەتسە كامىرا ئازلايدۇ..ئەسلى ھەممە يەر ئوخشاش بولىشى كىرەكتى...كۈزىتىش كامىراسىنى بىز ئۈچۈن ئىجاد قىلغاندەكلا..ھازىر ئاممىۋى ھاجەتخانا ئىچى بىلەن  ئاممىۋى مۇنچىنىڭ ئىچىدىلا كۈزىتىش كامىراسى يوقمىكىن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4083
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17453
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1465 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 08:15:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ كۈندۈزى سۆزلىسەڭ يان - بېلىڭغا باق ، كېچىسى سۆزلىسەڭ قولاقنى - قولاققا ياق  ›› دىگەن ئەژداتلىرىمىز  .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20459
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 123
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 532 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 08:21:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئىقتىدار 360 دىگەندەك خىلى نوپۇزلۇق سىستىمىلاردىمۇ بار...سىز شۇ ئىقتىدارنى ئىچىۋەتسىڭىز تىلىفۇنىڭىز يۈتۈپ كەتسە تاپالايسىز، يىزىشقان قىسقا ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز، بۇنى قارشىسىچە ئىشلەتسىڭىز بۇ دىگىنىم باشقىلارغا بەرسىڭىز قارشى تەرەپنىڭ تۇرغان ئورنىنى بىكىتىپ نازارەت قىلالايسىز...ھازىر بۇنى ئاندىروئىد تىلىفۇن ئىشلىتىۋاتقان كىچىك بالىلارمۇ قىلالايدۇ . بەك ئاددى .ئالما تىلىفۇندىمۇ مۇشۇ ئىقتىدار بار .بۇنىڭ ھەقلىقلىرىنىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن مۇكەممەل تېخى....

نامەرتلەرگە جاۋابىم يوق !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8835
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 964 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 02:12:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىلغان ئىشنىڭ تايىنى يوق زور بەدەل تۆلەشتىن ساقلىنىپ ، مۇقۇم جەمىيەت ئامانلىقىنى قوغدايلى ! ۋاقتى كەلسە قىلغان سۆزىڭىز ئالدىڭىزغا قويۇلسا شۇ سۆزۈڭىزگە ئىگە بولالمايىسز ، شۇڭا ھىسياتقا بىرىلمەڭ ، ئۆزىڭىزنى ئاياڭ ~

بىر كۈن شۇنداق ۋاقىت بولىدۇ ، كۆزگە - كۆزلەر قادىلىدۇ !

كۆرىمىز ، ھىم ~ كىمنىڭ كۆزىدىن ياشلار ئاقىدۇ !
ANSWER ( جاۋاب )
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش