مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 272|ئىنكاس: 6

قارلاردىن ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1852
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 03:34:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىغايدىن ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى

قۇرۇتلار قېنىڭنى شورىمۇسۇن دەپ
قارلاردىن ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى .
قىممەتلىك غازاڭنىڭ نالىسى ئۈچۈن،
پارچىلىنار جەڭگاھتا دېكابىر تېنى .


جەڭگاھتا يىقىلار بۇۋامنىڭ تېنى،
ئازگالغا ئاقماقتا بىھۇدە قېنى.
كېسلاتا تۆكمەكتە يالغانچى باھار،
دەريادىن ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى.

پولاتتىن ياسىدىم ۋەتىنىنم سېنى،
تۇرايلى داتلارنىڭ قولىدىن نېرى .
رىشتىمىز ھېملىشىپ بولساق قۇم قەغەز،
خەندەكتە قالامدۇ لۇتپۇللا تېنى.

قۇملاردىن ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى،
ياۋرۇپا يەنە بىر كەلمەمسەن قېنى؟
قۇلىپنىك غولىدا يېيىلاي دەيمەن،
ئى. مەھمۇد باغرىڭغا تەرمەمسەن مېنى.

توغراقتىن ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى ،
پادىچى بالىلار تونۇمدۇ سېنى ؟
يۈرەكنىڭ شەكلىنى سىزىغان بولساق،
خاتىرىجەم چىقمامدۇ ئىپارخان جېنى.

ئالمىدىن ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى،
چۆللەرنى كۆرسەتتى  باغلىرىم مېنى.
شېھىتكە شاھادەت ئوقۇلماي تۇرۇپ،
بەك بالدۇر سوۋىدى رىزۋانگۈل تېنى.

ئۈزۈمدىن ياسىدىم   ۋەتىنىم سېنى ،
مەنبە يوق توختىدى كارىزنىڭ قېنى.
ھەسەرەت ئىلكىدە كۆمۈردەك كۆيۈپ،
ئاچىل دەپ يىقىلدى ئا. خالىق تېنى .

ئاناردىن ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى،
يەرمەنكە داڭلىغاچ ساتىدۇ سېنى.
مېھراپنى چايانلار قاپلىغاچ ئېسىت
كۆمەچكە ئايلاندى ئا.موللام نېنى.

نەشپۈتتىن ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى،
ھەر لەھزە چىقمايدۇ خەلقىمنىڭ يېلى.
ئەجداتلار كىملىكى يۈتكەچكە قۇملۇق ،
بىچارە مۇقامنىڭ تۆكىلەر قېنى.

قارىغايدىن ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى،
باغرىغا باغلىسۇن چوققىلار مېنى.
يېڭى بىر ئەتنىڭ يامغۇرى ئۈچۈن ،
كۈنلۈكتىن ۋاز كەچتۇق ، بوپتىلا قېنى.


ئا. مۇھەممەت باغۋەن شېئىرى







تولۇقلىما مەزمۇن (2013-1-16 12:20 PM):
داڭگالدىن  ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى


قۇرۇتلار قېنىڭنى شورىمىسۇن دەپ

قارلاردىن ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى .

ناتىۋان غازاڭنىڭ نالىسى ئۈچۈن،

پارچىلىنار جەڭگاھتا دېكابىر تېنى .



جەڭگاھتا يىقىلار بۇۋامنىڭ تېنى،

ئازگالغا ئاقماقتا بىھۇدە قېنى.

كېسلاتا تۆكمەكتە يالغانچى باھار،

دەريادىن ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى.


پولاتتىن ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى،

تۇراي دەپ داتلارنىڭ قولىدىن نېرى .

رىشتىمىز ھېملىشىپ بولساق قۇم قەغەز،

خەندەكتە قالامدۇ لۇتپۇللا تېنى.


سايرامدىن ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى

كەڭسايغا تۆكۈلدى ئارغىماق قېنى.

قويىۋەتمەي ئوغلۇمنى يايلاقلىرىغا،

چۈشۈمدە نوقىدى ئوغۇزخان  مېنى.


داڭگالدىن ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى،

يىمەكتە چۆمىلە ئۇۋىتىپ سېنى.

بىر ئازغۇن ئېتىقاد توستى يولۇمنى،

قەۋمىمگە بىر ئۆمۈر سوۋىتىپ مېنى.


شىۋاقتىن ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى

مۇڭ بىلەن تۆكۈلدى نوزۇكنىڭ قېنى.

سەجدىلەر ھەقىيقى زاتقا بارمىغاچ

يات ئەلدە قالدىغۇ غېنىنىڭ تېنى.




مىڭ ئۆيدە ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى،

ياۋرۇپا يەنە بىر كەلمەمسەن قېنى؟

مەھمۇدنىڭ تىلىدا شاخلىناي دەيمەن

نەۋائى بېغىڭغا تەرمەمسەن مېنى.


توغراقتىن ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى ،

پادىچى بالىلار تونارمۇ سېنى ؟

يۈرەكنىڭ شەكلىنى سىزىغان بولساق،

خاتىرىجەم چىقمامدۇ ئىپارخان جېنى.


ئالمىدىن ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى،

چۆللەرنى كۆرسەتتى  باغلىرىم مېنى.

شېھىتكە شاھادەت ئوقۇلماي تۇرۇپ،

بەك بالدۇر سوۋىدى رىزۋانگۈل تېنى.




ئۈزۈمدىن ياسىدىم   ۋەتىنىم سېنى ،

مەنبە يوق توختىدى كارىزنىڭ قېنى.

ھەسىرەت ئىلكىدە كۆمۈردەك كۆيۈپ،

<ئاچىل> دەپ يىقىلدى ئا. خالىق تېنى .


ئاناردىن ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى،

يەرمەنكە داڭلىغاچ ساتىدۇ سېنى.

مېھراپنى چايانلار قاپلىغاچ ئېسىت

كۆمەچكە ئايلاندى ئا.موللام نېنى.


نەشپۈتتىن ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى،

ھەر لەھزە چىقمايدۇ خەلقىمنىڭ يېلى.

ئەجداتلار كىملىكى يۈتكەچكە قۇملۇق ،

بىچارە مۇقامنىڭ تۆكىلەر قېنى.


قارىغايدىن ياسىدىم ۋەتىنىم سېنى،

باغرىغا باغلىسۇن چوققىلار مېنى.

يېڭى بىر ئەتىنىڭ تۇمارى ئۈچۈن ،

ئۆتمۈشتىن ۋاز كەچتۇق ، بوپتىلا قېنى.



ئا. مۇھەممەت باغۋەن شېئىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1492
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3759
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 339 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 01:45:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شىئىرنى ئۇقۇغاندىكى ھسياتىمنى ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلدىم ، سىزگە قايىلمەن .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

مەن ھامان پارتىلايمەن!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 1508
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 7522
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 685 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 02:13:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە نېمىلەردىن ياسايسزىكىن ، چىنلىق ئېنىق ئىپادىلىنىپتۇ ، ئاپىرىن ،

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88957
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 219
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2012-12-22
ئاخىرقى: 2013-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 03:00:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇدۇم ۋەتەنگە سۆيگۈ مېھرىڭنى
مىسرادا يۈز ئاچقان نۇرلۇق چېھرىڭنى
تامچىدى كۆز ياشلار ھاياجان ئىچرە
مۇجەسسەم قىلماققا سېنىڭ سېھرىڭنى.


...............................................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1172
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 388 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 04:48:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شىېر مەن كۆرگەن شىېرلارنىڭ سەردارىكەن بەك خۇشبولدۇم ئاللاھ سىزگە رەھمەت ئاتاقىلسۇن قېرىندىشىم

نامەرتلەرگە جاۋابىم يوق !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8793
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 983 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 02:13:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۈلۈپ قويدۇم ، نىمىلەرنى پەرەز قىلدىڭ ؟  

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5799
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 557 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 03:34:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش