|
|
|
|
بەھرام گور پادىشاھلىقى(4) كىرىش سۆز ئورنىدا: ‹‹بەھرام گور پادىشاھلىقى››نىڭ باش قىسمىنى يېڭى يىلدىن بۇرۇن يوللاپ كېلىۋاتقان ئېدىم.يېڭى يىلدىن بېرى ئالدىراشچىلىق سەۋەبىدىن ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن داۋامىنى يوللىيالمىغان ئېدىم.مانا ئەمدى تەتىل بولۇۋىدى،خېلى پۇرسەت چىقىپ قالدى.مەن بۇ قىشلىق تەتىل پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىنى تولۇق يوللاپ مۇۋەپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدىم.ئاللاھ خالىسا بۇ ئىش ئوڭۇشلۇق روياپقا چىققۇسىدۇر. مەن بۇنى كەلگەن يەردىنلا ئەسلىدىكى تېما ئاخىرىغا ئۇلاپ ئىنكاس قىلىپ چاپلاپ داۋاملاشتۇراي دېسەم ئۇ تېمىغا ئىنكاس چاپلانسا مۇنبەرنىڭ يېڭى ئىنكاسلىق تېمىلار قاتارىدا كۆرۈنمەس بولۇپ قاپتۇ.مۇنداقتا سادىق ئوقۇرمەنلىرىمىز داۋامىنى يوللىغىنىمنى ۋاقتىدا ئۇقالماي قالىدىكەن.شۇڭا داۋامىنى بۇ تېمىنىڭ تۆتىنچىسى قىلىپ يوللۇدۇم. شاھ بەھرام يەنە ئوۋغا چىقتى،ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىھىساپ باتۇر لەشكەرلىرى كۈز كۈنى ئاسمان بىتىدە ئاققان بۇلۇتلاردەك ھەممە ياقنى قاپلاپ ئېقىپ كەلمەكتە ئېدى.ئۇلار يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ھەرقايسى ئەللەردىن ئەۋەتىلگەن سان-ساناقسىز جەڭ سۆيەر لەشكەرلەر تۇشمۇ-تۇشتىن كېلىشىپ ئىران شاھى ئوردىسىغا توپلانغان ئېدى.پادىشاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن مىڭدىن بىرنى تاللاپ يۈرۈپ ئوۋ تەلەپ قەھرىمانلاردىن نەچچە ئوننى تاللاپ چىقتى.ئۇلار سەپەر جەريانلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ شىكار قىلىدىغان دەشتكە يېتىپ كەلدى.پۈتكۈل دەشت تۈمەنلىگەن قوشۇنلار بىلەن ئاۋاتلاشتى.ھەر يانلارغا شاھانە چېدىرلار قۇرۇلدى.باياۋان لەشكەرلەر ۋە ئۇلار مىنىپ كەلگەن ئات،تۆگە،خېچىر دېگەندەك تۈرلۈك چارۋا ماللار بىلەن تولدى.ئادەم ۋە چارۋا ماللارنىڭ سۇ مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇدۇقلار كولاندى.قۇدۇق بەكلا چوڭقۇر بولغاچقا ئۇلارغا چىغرىقلار ئورنۇتۇلۇپ سۇلار تارتىلدى.لەشكەرلەر كېلىپ جايلىشىپ بارلىق تەييارلىقلارنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن شاھ كېلىپ ئورۇنلاشتى.قەلەمدار ۋە ئەلەمدار بەگلەر،ۋەزىر- ئەمىرلەردىنمۇ نۇرغۇنلىرى ئۇنىڭ بىلەن ھەمراھ بولۇشۇپ بىرگە كەلگەن ئېدى. بۇ ئوۋنىڭ ئەڭ ياخشى مەزەىلى بولۇپ باياۋان ۋە يايلاقلار قۇلان بىلەن تولغان،شىرلارمۇ ئورمانلىقلارغا ماكانلىشىپ نەرە سادالىرى بىلەن ھەرقايسى ھايۋانلارغا ۋەھىمە پەيدا قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئېدى. شاھ يارانلىرىغا دېدى: -بۇ كېچە مەي ئىچىپ،ناخشا ساز ئاڭلاپ بەزمە قىلايلى!كېچىدىكى ۋاقتىمىز خاتىرجەم ۋە خۇشال ئۆتكەي.ئەتە تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئورمانغا كىرىپ شىر ئوۋى قىلايلى.ئوۋىمىز ئەۋجىگە چىقسۇن،ئورماننى زىلزىلىگە سېلىپ يۈرگەن زوراۋان شىرلار نەرىمىزنى ئاڭلاپ مۈشۈكتەك يۇۋاشلاپ توشقاندەك پىتىراشسۇن!
مەنبەسى:<<شاھنامە >>نەزمى نۇسخا،نەسرىلەشتۈرگۈچى مەن (يەنى قابىلجان)
داۋامى ھەر كۈنى كۈن ئاتلاتماي ئىنكاس شەكلىدە يوللۇنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-16 01:57 AM
|
|
|
|
|
|