在内地的你,时刻记得你是一个维吾尔族!作者:维片
تۆۋەندىكى ماقالىنى ئەسلى بىر قېرىندىشىمىز يېزىپ،باشقىلار مىكرو بىلوگىدا ئۇلاپتىكەن،ئەسلى بىلوگنى ئاچالماي،ئۇلانغان يېرىدىنلا تەرجىمە قىلدىم
ئىچكىرىدىكىلەر،ئۆزىڭىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىگىڭىزنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ!
ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەرنىڭ كوچىلىرىدا يۈرگۈنىڭىزدە،باشقىلار قىزىقسىنىپ:"سىز قايسى دۆلەتتىن؟"دەپ سورىغىنىدا "ئۆزىڭىزنىڭ جوڭگۇلۇق ،شىنجاڭلىق،ئىكەنلىگىڭىزنى،ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەنلىگىڭىزنى"،پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئېيتىڭ.
يېڭى مۇھىتتا ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرماقچى بولغىنىڭىزدا،ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئالدى بىلەن ئانا تىلىڭىزدا "ياخشىمۇ سىز"دەۋىتىپ ئاندىن راۋان خەنزۇ تىلىدا ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇڭ.
مۇئەللىمىڭز ئىسمىڭىزنى خاتا ئوقۇسا ياكى فامىلىڭىز بىلەن ئىسمىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ قويغىنىدا،دادىللىق بىلەن ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ-دە،ئەدەپ بىلەن مۇئەللىمىڭىزگە ئىسىم شەرىپىڭىزنى ئېيتىپ بېرىڭ،شۇنداقلا چۈشەنچە بېرىڭ.
ساۋاقداشلىرىڭىز ناقايىللىق بىلەن"نىمىشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نۇمۇر قوشۇپ بىرىدۇ؟"دىگىنىدە"پارتىيەنىڭ ي سىياسىتى
ياخشى بولغاچقا" دەپ قويسىڭىزلا كۇپايە.
ساۋاقداشلىرىڭىز ئون،يۈز،مىڭ قېتىم " 维族"ۋېيزۇ دىگىنىدە سىزمۇ ئون،يۈز،مىڭ قېتىملاپ ئېرىنمەستىن维吾尔族 ئۇيغۇر مىللىتى دەپ تۈزۈتۈش بېرىڭ.
ساۋاقداشلىرىڭىز سىزنى بىرەر قول شىنجاڭچە ئۇسۇل ياكى ناخشىغا تەكلىپ قىلسا ھەرگىز رەت قىلماڭ!بىراق شىنجاڭچە ئۇسۇل ئۇخمايمەن،ئۇيغۇرچە ناخشا ئۇسۇل ئۇقىمەن دەڭدە ئاندىن ئۇلارغا دەسلەپ بېرىڭ.
ساۋاقداشلىرىڭىز ئانا تىلىڭىزدا خەت يېزىپ بېرىشىڭىزنى تەلەپ قىلسا ئەگەر ئۇقسىڭىزلا ئۇلارغا داڭلىق ئەقلىيە سۆزىمىزدىن بىرنى يېزىپ بېرىڭ،شۇنداقلا مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ!ناۋادا بىلمىسىڭىز ئىسمىڭىزنى بولسىمۇ يېزىپ بېرىڭ!بىراق ھەرگىزمۇ ئىسمىمنىلا يازالايمەن دەپ سالماڭ!
يانفۇنىڭزنىڭ ئېكرانىدا ھەرقانچە تونۇش نۇمۇر چىققىنىدىمۇ ئاۋال"ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم"دىيىشنى ئۇنۇتماڭ!
مەكتىپىڭىزدە قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالسىڭىز،تونۇشمىسىڭىزمۇ ئەھۋاللىشىڭ،ھىچبولمىغىنىدا كۈلۈمسىرەپ قويۇڭ!
ساۋاقداشلىرىڭىز"بەشىنچى ئىيۇۇۇلغا قانداق قارايسىز؟"دەپ سورىغىنىدا"سىياسى دۇنيا بەكمۇ مۇرەككەپ!سەن چۈشەنمەيسەن"دەپ قويۇڭ!
ساۋاقداشلىرىڭىز"شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەممىسىلا ياۋايىمۇ؟"دىگىنىدە،ئاۋال ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈڭ ئاندىن"مەن قالتىس ياۋايىدەك تۇرامدىم؟"سوراپ قويۇڭ.
ئابتۇبۇستا باشقىلار سىزگە ئوغرىغا قارىغاندەك قارىغىنىدا ،ئۇنىڭغا دوستلىق بىلەن كۇلۇمسىرەڭ-دە ئاندىن ئۇنىڭ يېنىدىن كېتىڭ.
نەرسە سېتىۋېلىۋاتقىنىڭىزدا،باشقىلار سىزنى چەتئەللىك كۆرۈپ،ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭىزنى تۇيۇپلا پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرىتكىنىدە،ئۆرۈلۈپلا چىقىپ كېتىڭ،ھەرگىز ئۇنىڭ نەرسىسىنى سېتىۋالماڭ!
ئۇلار ئۇلۇق كىشىلىرىمىزنى سورىغىنىدا،پەخىرلىنىپ تۇرۇپ بىر نەچچىسىنى،ھەم ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنى ئېيتىپ بېرىڭ!
ئۇلار "نىمىشقا ئۆز-ئارا تويلاشساق بولمايدۇ"دەپ سورىغىنىدا،ئىككەيلەن تاماقتىمۇ بىرگە بولالمايدىغان تۇرسا ،توي قىلىپ نە قىلسۇن دەڭ!
ساۋاقداشلىرىڭىز"چوشقا گۆشى يېسە نىمىشقا بولمايدۇ؟يېسە نىمە بولىدۇ؟"دىگىنىدە:"مەن پەقەت ئېتىقات سەۋەبىدىنلا يىمەيمەن،باشقا نىمىشقا.ئەگەر لەر يوق،ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ يېمەيمەن،" دەپ جاۋاپ جاۋاپ قىلىڭ!
باشقىلارنىڭ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئۇسۇل ئويناپ بولغىنىڭىزدىن كېيىن،قائىدىمىز بويىچە سالام بېرىشنى ئۇنۇتماڭ.تاماشىبىنلارغا،ئۇلۇق مىللىتىڭىز-- ئۇيغۇر ئۈچۈن سالام قىلىڭ!
تۈگۈمەس سۇئاللار ئالدىدا سالاپىتىڭىزنى ساقلاڭ!چۈنكى سىز شىنجاڭدا پەقەت سىز ئۆزىڭىزلا خالاس،بىراق ئىچكىرىدە(بۇ يەردە)بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىسىز!
ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەنلىگىڭىز ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدە بولسۇن!ئوقۇۋاتقىنىڭىزدا ئۇستازلىرىڭىزغا،ساۋاقداشلىرىڭىزغا،ھەمدە ناتونۇش كىشىلەرگە ئاقكۆڭۈل،مېھماندوسىت،قىزغىن تەسىر قالدۇرۇڭ!ھەتتا ئۇلارنىڭ بىر ئۆمۈر شىنجاڭغا كەلگۈدەك ھەپسىلىسى بولمىسىمۇ،چاغانلىق كونسېرىتتا مىللىتىمىزنىڭ نۇمۇرلىرى قويۇلغىنىدا ئائىلىسىدىكى ۋە ئەتراپىدىكىلىرىگە ئۇيغۇرر مىللىتىنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىگىنى ئېيتىپ بېرىدۇ!ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ساۋاقدىشى،ئوقۇغۇچىسى ،ياكى قەتئى تونۇمايدىغان سىزنىڭ ئۇنىڭغا قانداق ياخشى تەسىر قالدۇرغانلىغىنى ئېيتىپ بېرىدۇ ئەمەسمۇ.ئېھتىمال بۇ ھازىر دەل بىزگە كېرىگىدۇ!؟
............................................................
مەنبە!http://blog.sina.com.cn/s/blog_60f25ed70102e7e3.html