ئەر ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى ئەقلىلىك ۋە ھېسسىيلىق پەرقى
ئادەملەر خاراكتىرىگە ئاساسەن چوڭ جەھەتتىن ئەقلىي ۋە ھېسسىي دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدىغان بولۇپ، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئەقىل – ئىدىراكقا ياكى ھېسسىياتقا تايىنىشنى كۆرسىتىدۇ.
پۈتۈنلەي ئەقىلگە تايىندىغان ئادەم كىشىلەرنى ئاسانلا بىزار قىلىپ قويىدۇ، پۈتۈنلەي ھېسىياتقا تايىندىغان ئادەم باشقىلار تەرپىدىن ساراڭ دەپ قارىلىدۇ. ھەر بىر ئادەمدە ئەقلىلىك ۋە ھېسسىيلىق ئارلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. پەرىق شۇكى، بەزىلەرنىڭ ئەقلىلىكى كۈچلۈك، يەنە بەزىلەرنىڭ ھېسسىيلىقى كۈچلۈك بولىدۇ.ئەقلىلىكى كۈچلۈك ئادەملەر ئىشلارنى ئويلاشقاندا كۆپرەك پىرىنسىپنى ۋە توغرا خاتا دېگەننى ئاساس قىلىدۇ. ھېسسىيلىقى كۈچلۈك ئادەملەر بولسا ھېسىياتنى ۋە كەيپىياتىنىڭ ياخشى ياكى ناچار بولۇشىنى ئاساس قىلىدۇ. كىيىم سېتىۋىلىشنى مىسالغائالىدىغان بولساق، ئەقلىلىكى كۈچلۈك ئادەم بۇ كىيىمنىڭ رەختى ياخشى ئىكەن،تىكىلىشىمۇ ياخشىكەن، مۇشۇ نەرقتە سېتىۋالساق ئەرزىيدىكەن دەپ ئويلايدۇ – دە،كىيىمنى سېتىۋالىدۇ. ھېسسىيلىقى كۈچلۈك ئادەم بولسا، كىيىمنى ياخشى كۆرۈپ قالسلا سېتىۋىلىۋىرىدۇ.
ئادەم مەبلەغ سېلىش، ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىق ئىشلاردا كۆپرەك ئەقلىيلىككە تايىنىشقا توغرا كىلىدۇ. سەنئەت ۋە قىزىقىش دېگەندەك ئىشلاردا كۆپرەك ھېسسىيلىققا تايانمىسا بولمايدۇ. ئەقلىيلىكى يوق ئادەم ئۇ بىر نان قېپى،ھېسسىيلىقى يوق ئادەم ئۇ بىر پارچە مۇز. ئەر كىشىدە ئەقلىيلىك بولمىسا بىر نانقېپى بولۇپ قالىدۇ. ھىچقانداق قىز ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇشنى خالىمايدۇ. ئايال كىشىدە ھېسسيات بولمىسا، ئەرسىز قالىدۇ. چۈنكى ھىچقانداق بىر ئەر كىشى بىر پارچە مۇزنى قۇچاقلاپ يېتىشنى خالىمايدۇ.
ئومۇمەن، ئەرلەرنىڭ ئەقلىيلىكى كۈچلۈك، ئاياللارنىڭ ھسىسىيلىقى كۈچلۈك كېلىدۇ. ئەرلەرنى ئەقلىيلىكى كۈچلۈك دېيىشتىكى سەۋەپ شۇكى، ئەر كىشى ئۆز كۆزى بىلەن گۈزەل مەنزىرىنى كۆرگەندىلا ئاندىن قەلبىمۇ گۈزەل تۇيغۇغا چۆمىدۇ، ئاياللاربولسا، قەلبى گۈزەللىككە تولغاندىلا ئاندىن مەنزىرىنى گۈزەل ھېس قىلىدۇ.
ئەقلىيلىكنىڭمۇ ياخشى يامان پەرقى بولىدۇ. بەزىلەر ئەقىل ئىدراكىنى سېخىيلىق قىلىشتەك يۈكسەك ئەدەپ ئەخلاققا ۋە ياخشى ئىشقا ئىشلەتسە، يەنە بەزىلەر ئاچ كۆزلۈك ۋە ناچارلىق قىلىشتەك سەلبى ئىشلارغا ئىشلىتىدۇ، گەپ شۇ كىشىنىڭ قانداق تەربىيەلىنىشىدە. ئەلۋەتتە،ئەقلىيلىك ۋە ھېسسىيلىق مۇتلەق بولمايدۇ، ۋاقىت، ئورۇن ۋە ئادەم تۈپەيلى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئارلىشىش جەريانىدا ئەقلىيلىك ۋە ھېسسىيلىق ئۆز ئارا ئۈچۇرىشىپ توقۇنۇش ھاسىل بولۇپ تۇرىدۇ. بەلگىلىك توقۇنۇشتىن كىيىنكى ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە ماسلىشىشمۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدەك دەرىجىدە ياخشى بولۇپ كەتمەيدۇ. گەپ ھەر قېتىملىق توقۇنۇش ۋە زىددىيەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتا. ئەگەرتوغرا بىر تەرەپ قىلىنسا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى ھېسسيات ئاساسى ۋە جەلىپكارلىقى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، بۇ ‹ھېسسىيات بانكىسى› غا ئامانەت قويغانلىق بىلەن باراۋەر.زىددىيەتلەر باستۇرلۇپ قويۇلسا ياكى توغرا بىر تەرەپ قىلىنمىسا كىچىك خاتالىقلارمۇ چوڭ كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىمۇ كۆزگە كۆرۈنمەس بولۇپ قالىدۇ، بۇ ‹ھېسسىيات بانكىسى› غا قەرىز بولۇپ قالغان بىلەن باراۋەر.
مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەر ئاياللارئوتتۇرسىدىكى ھىسيات ئاساسىنىڭ ئاجىزلىشىشى يەنى ‹ھېسسىيات بانكىسى›دىكى ئامانىتىنىڭ ئازلاپ كېتىشى ھەتتا قەرزگە بوغۇلۇپ قىلىشى نىكاھ پاجىئەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل ئىكەن. شۇڭلاشقا ئەرلەرنىڭ ئەقلىيلىكى بىلەن ئاياللارنىڭ ھېسسىيلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك بۇ تۇغما پەرىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئەنئەنە،ئىتىقات، خاراكتىر،كەيپىيات، مۇھەببەت، نىكاھ، ئائىلە، ئىقتىساد، كەسىپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە جەھەتتىن تەھلىل قىلىش ۋە چۈشىنىش كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئوتتۇردىكى توقۇنۇش ۋە زىددىيەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ناچار ئاقىۋەتنى ئازايتقىلى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ياخشى نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ.
گەپ-سۆز قىلىشتا ۋە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، نوقۇل ھېسسىيلىققا يەنى ياخشى كۆرىمەن، كۆرمەيمەن دېگەندەك ھېسسىياتقا تايىنىش بالىلارغا خاستۇر. نوقۇل ئەقلىيلىككە يەنى پىرىنسىپ ۋە توغرا خاتالىققا ئاساسلىنىش چوڭلارغا خاستۇر. پەقەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى يامانلىقىغا ئاساسلىنىش بولسا نىكاھلانغان ئەر ئاياللارغا ۋە پىشىپ يېتىلگەن كىشىلەرگە خاستۇر.
‹‹男人是理性的动物,女人是感性的动物›› دېگەن كىتاپتىن پايدىلىنىلدى.
بۇماقالە يەنە ئۈندىدار ئۇيغۇرچە ساغلاملىق بىلىملىرى سەھىپىسى-‹ساغلام›(ئىزدەش نۇمۇرى:Saghlam)دە ئاڭلىتىلدى.ئەلكۈيى مىكرو بىلوگىمدا تارقىتىلىدى.http://alkuyi.cn/saghlamliq
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saghlam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-16 01:09 AM