مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3227|ئىنكاس: 36

بىز نېمە يەۋاتىمىز ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87362
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 347
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-11-17
ئاخىرقى: 2013-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 10:44:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىز نېمە يەۋاتىمىز؟؟؟


تەرجىمە قىلغۇچى : تۇنيۇقۇق 3





ئاپتۇرى:لىنگۇاڭچاڭ

ئامىرىكا گۇلومبۇ ئۇنىۋېرىستىتى شەرق تىبابىتى دوكتۇرى،سىنگاپور راك كىسەللىرىگە غەمخورلۇق قىلىش بىرلەشمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى،لىياۋنىڭ جۇڭيى دۇختۇرخانىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك دوختۇرى

كىشىلىك ھاياتتىكى نۇرغۇن بەخىتسىزلىك ۋە كۈلپەتلەرنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆزىمىزنىڭ نادانلىقى ۋە سەل قارىغانلىقىمىزدىن كىلىدۇ.نادانلىق دېگىنىمىز بىز چۇقۇم بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلارنى بىلمەسلىكىمىز ،سەل قاراش بولسا بىز چۇقۇم دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارغا دىققەت قىلماسلىقىمىزنىڭ ئۆزى بولۇپ ،سەل قارشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيىنى نادانلىقنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيىنىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كىتىدۇ .شۇڭا بۇلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئازراق ۋاقىت چىقرىڭ .

بەلكىم سىز ھازىرقى ياشلارنىڭ بەدىنىنىڭ بارغانسىرى ئاجىزلىشىپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغان بولىشىڭىز مۇمكىن .ئوبدان قاراپ باقسىڭىز ئۇلارمەيلى ئايرۇپىلان ئىستانسىرى،ماشىنا بىكەتلىرى،ھەتتا مېھمانسارايلاردا ياكى ئىش ئورۇنلىرىدا بولسۇن  ئادەتتە قۇرسىقى ئاچقان بولسىمۇ ئالدىراشچىلىقتا تاماق يىيىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي ئىشلەۋىرىدۇ .يەنە تېخى بەزى ئىلىم-پەن خادىملىرىنىڭمۇ بەدەن سۈپىتى بارغانسىرى ئاجىزلىشىپ كىتىۋاتىدۇ .ئۆتكەن يىلى تەيۋەندە تېخى ناھايىتى ياش،ئالدى 41ياشقا كىرگەن ئۈچ پرافىسورنىڭ ئىككى ھەپتە ئىچىدىلا ئۈلۈپ كەتكەنلىكىدەك چوڭ خەۋەر تارقالدى .نىمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بەدىنى ئاجىزلىشىپ ئۈلۈپ كەتتى .سەۋەبى ئۇلار ئادەتتە ناھايىتى ئالدىراش بولغانلىقتىن ھەتتا ئۇسسىغان ۋاقىتتا چاي ئىچىشكە ۋاقتى يەتمەيدۇ.ئۇنداقتا ئۇلار مۇشۇنداق ئالدىراشچىلىقتا نىمە يەپ،نىمە ئىچىدۇ ؟ گازلىق سۇ ئىچىدۇ ،تەييار چۆپ يەيدۇ .بۇنداق ئىشلار كىچىك بالىلاردىلا ئەمەس ياشلاردىمۇ ئومۇملىشىپ كەتتى .بۇنداق ئەھۋال دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق دۆلەتتە دۆلىتىمىزدىكىدەك ئېغىر ئەمەس .دۆلىتىمىز دۇنيادا تەييار چۆپنىڭ سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ .بۇلۇپمۇ ياشلارنىڭ تەييار چۆپ يىيىش نىسبىتى ئۆتكەن يىلقى سىستاستىكا ئەھۋالىغا قاراپ باقساقلا ئادەمنى چۇچۇتىدۇ .

تەييار چۆپ ئالدى بىلەن مايدا پىشۇرۇلغانلىقتىن يۇقىرى مايلىق،يۇقىرى ئىسسىقلىق يىمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.بولۇپمۇ ئۇنىڭ تەركىۋىدىكى فوساۇرنىڭ يۇقىرىلىقىنى باشقا ھەرقانداق ماددا بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس .ئۇ بىرخىل تالاسىز،تۇزلۇق،كۆپ خىل تېتىتقۇلارنىڭ بىرىكمىسىدىن تۈزۈلگەن يىمەكلىك بولۇپ،راك كىسەللىكلىرىنى پەيدا قىلغۇچى يىمەكلىك ئۆلچىمىگە شەرتسىز چۈشىدۇ .ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز تەييار چۆپ يىيىشنى بەك ياخشى كۆرىدىغان بولسا ئۇنىڭغا مۇنداق بىر تەجرىبىنى ئىشلەتكۈزۈپ كۆرۈڭ .بالىڭىزغا بىر چاشقان تېپىپ بىرىپ ئۇنىڭغا ھەركۈنى تەييار چۆپ يىگۈزۈڭ.مۇشۇنداق يىگۈزۈپ دەل 21كۈن بولغاندا ئۇ چاشقان ئۈلۈپ كىتىدۇ .قاراڭ نىمە دىگەن ئۆتكۈر زەھەر ھە!

مەن سىلەرنىڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ بولۇپلا يەنە يەيدىغانلىقىڭلارنى بىلىمەن .چۈنكى سىلەر ناھايىتى ئالدىراش تاماق يىيىشكە ۋاقتىڭلار يوق .ئەمىسە قانداق قىلىش كېرەك .مىنىڭ تەكلىپىم شۇكى ،بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر خالتا يەڭ ،ئەمما يىيىشنىڭ ئالدىدا چۇقۇم بەش جىڭ كۆكتات يەۋىتىپ ئاندىن يەڭ .مۇشۇنداق قىلسىڭىزلا زەھەرنى تازىلىيالايسىز .

مەن ھازىر دىمەكچى بولغىنىم دەل سىلەر كۈندە يەيدىغان قورقۇنىچلىق نەرسە .ئۇ بولسىمۇ قىزىل گۆش.

گۆش بۇلۇپمۇ قىزىل گۆشكە قارىتا تىببى ساھە شۇنى ئىسپاتلىدىكى ،دۇنيادىكى قىزىل گۆش ئىستىمالى ئەڭ يۇقىرى رايۇن دەل راك كىسەللىكلىرى ئەڭ كۆپ رايۇن .ئۇنداقتا قىزىل گۆش دىگەن قانداق گۆش ؟قوي گۈشى،كالا گۆشى .قاتارلىقلار قىزىل گۆش دەپ قارىلىدۇ .

مەن ئىلگىرى ۋەتەندىكى تىببى ئۇنۋىرىستىتلارنىڭ بىرقانچە باشلىقلىرىنى ۋە بىر قانچە تىببى مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئۇلاردىن ئىلگىرى دۆلىتىمىز نامرات،گۆش ئىنتايىن قىس ۋاقىتلاردا ،بولۇپمۇ گۆش نۇرمىلىق بىرىلىدىغان ۋاقىتلارداچوڭ ئۈچەي راكى قاتارلىق كىسەللىك ھەققىدە ئاڭلىغان ئاڭلىمىغانلىقىنى سورىسام ئۇلار بىردەك ئاڭلىمىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

چوڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولىدىغانلارنىڭ كۆپ قىسمى يۇقىرى ئىسسىقلىق،يۇقىرى مايلىق ،يۇقىرى ئاقسىللىق{零纤维}يىمەكلىكلەرگە ئامراقلار بولۇپ ئەگەر سىزمۇ ئامراق بولسىڭىز ئۇنداقتا سىزگە«مۇبارەك بولسۇن »كى پات ئارىدا چوڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغۇدەكسىز.بۇ كىسەل ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولۇپ ،ئۈلۈش ئالدىدا ناھايىتى قىيلىنىپ كىتىسىز .شۇڭا ئامال بار ئامال بار يەنە قىزىل گۆش يىمەڭ.ئەگەر بەك چىدىيالماي قالسىڭىز ئاق گۆش يەڭ.ئاق گۆش قىزىل گۆشتىن ياخشىراق .

مەن يېقىندا داۋالاش جەريانىدا ھازىرقى كىچىك دوستلاردىكى مۇنداق بىر غەلىتە ئەھۋالنى ئويلاپ قالدىم .نىمىشقا 9-10ياشقا كىرە-كىرمەي قىزچاقلارنىڭ كۆكسىنىڭ تەرەققىياتى تىزلىشىپ كىتىدۇ ؟ئۇغۇللارچۇ؟ نىمىشقا ئۇلارنىڭ «كىچىك ئادىشى»بارغانسىرى كىچىكلەپ كىتىۋاتىدۇ ؟ ئىشەنمىسىڭىز ئۆيىڭىزگە بېرىپ ئوغلىڭىزنىڭكىگە قاراپ بېقىڭ.ئۇنداقتا بۇنداق ئەھۋال نەدىن كىلىپ چىقتى ؟ ھازىر بايقىسام ئەسلىدە بۇ كىچىك دۇستلىرىمىزنىڭ  بەدىنىدىكى ئاياللىق ھورمۇننىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن  بولغان ئىكەن .چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەڭ ئامراق يەيدىغىنى تۇخۇگۈشى ئىكەن .

ئىلگىرى بىر تۇخۇنى 9ئايدىن 10ئايغىچە باقاتتى .ھازىر ئۇنداق ئەمەس .ئامىرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكىسى پۈتۈن دۇنياغا تارقالغاندىن بويان ئىلگىرى 9ئايدا چوڭ بولىدىغان تۇخۇلار ھازىر ئۈچ ھەپتىدىلا چوڭ بولۇپ كىتىدۇ .نىمىشقا ؟چۈنكى بۇ تۇخۇلارغا ئۇكۇل ئورىدۇ.تۇغۇلۇپلا ئانتىبىوتىك ئوكۇللار ئۇرۇلۇپ،كىسەلدىن ساقىت قىلىنغاندىن كىيىن ھورمۇن ئورۇلۇپ ئۆسۈشى تىزلەشتۈرىلىدۇ.بىراق ئۇكۇل كۆپ ئۇرۇلۇپ كەتسە،تۇخۇلارنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ بىر نەرسە يىمەس بولىۋالغانلىقتىن يۇغىنىمايدۇ.قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇنىڭغا يەنە ئىشتىھا ئاچىدىغان ئۇكۇل ئۇرۇلىدۇ .شۇنىڭ بىلەن تۇخۇلار ھەم ياخشى يەيدىغان ھەم تىز يۇغىنايدىغان بولىدۇ .بىراق چاتاق يىرى شۇكى ئۇكۇل كۆپ ئۇرۇلغاندىن كىيىنلا تۇخۇلارنىڭ نىرۋا سىستىمىسى قالايمىقانلىشىپ قالايمىقان چىللايدىغان،بىربىرىنى چۇقۇۋالىدىغان بولۇپ پۈتۈن فىرمىنى بېشىغا كىيىدۇ .مۇنداق بولۇپ كەتسە ھەرگىز بولمايدۇ دە شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر تىنىچلاندۇرغۇچى ۋاكسىنا سېلىشقا توغرا كىلىدۇ.سىلەر ھازىرقى تۇخۇلارنىڭ ناھايىتى كالامپاي كىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلدىڭلارمۇ يوق ،راستىنلا ئۇلاردا تەبىئىي تۇخۇلاردىكى ئالاھىدىلىكلەر يوق.چۈنكى ۋاكسىنا بەك كۆپ ئۇرۇلۇپ كەتكەن-دە .مەن بىر قېتىم مەلۇم بىر جايدا لېكسىيە سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن بىر پىشقەدەم يولداش بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم .ئۇ دىئابىت دەمدۇ،يۇقىرى قان بېسىمى دەمدۇ،يۈرەك كىسىلى دەمدۇ ،ئىشقىلىپ راكتىن باشقا ھەممە كىسەلگە مۇپتىلا بولغان كىشى ئىكەن .ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇ يۈز مىڭغا يېقىن تۇخۇ بېقىپتۇ.ئىلگىرى خۇددى بايا دىگىنىمگە ئوخشاش تۇخۇلارغا بىربىرلەپ ۋاكسىنا سالىدىكەن .بىراق ھازىر ئۇنداق قىلمايدىغان بوپتۇ.مەن راست شۇنداق قىلدىڭىزما،ۋىجدانىڭىز باركەن دىسەم .ئۇ ئەكسىچە ئۇنداق ئەمەس، ۋاكسىنا ئۇرۇپ يىتىشىپ بولالمىغانلىقتىن ھازىر دورىلارنى بىراقلا يەم-خەشەكلەرگە ئارلاشتۇرىۋەتتۇق دەيدۇ. بۇنداق بولسا ناھايىتى خەتەرلىك .تۇخۇم تەركىۋىدىكى خۇلىستىرۇلنىڭ تەركىۋى باشقا ھەرقانداق يىمەكلىكنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەردە بۇنىڭغا قارىتا قارىغۇلارچە كۆز قاراش مەۋجۇت .ئىلگىرى ئامىرىكا تۇخۇم مەھسۇلاتلىرى جەمئىيتى كىشىلەرگە كۈنىگە بىر تاللا تۇخۇم يىيىشنى تەۋسىيە قىلغان .كىيىن يۈرەك كىسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيتى ئوتتۇرىغا چىقىپ ،ئەگەر كۈنىگە بىر تالدىن تۇخۇم يىسە ئاخىرىدا يۈرەك كىسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كىيىن كىشىلەر بارا-بارا بۇنىڭغا كۈنۈشكە باشلىدى. ئامىرىكىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يېنىغا يوغان ۋېۋىسكا ئېسىپ ئۇنىڭغا « ھەپتىدە تۆت تۇخۇم يىسىڭىزمۇ بولىدۇ،ئەمىلىيەتتە ئۈچنى يىسىڭىزلا تىنىڭىزدىكى خولىتسىرىننىڭ مىقدارى ئېشىپ كىتىدۇ »دەپتۇ .راسىت گەپنى قىلسام ،ھازىرقى تۇخۇملاردىكى مەسىلە يالغۇزلا خۇلىتسىرىن مەسىلىسى بولۇپلا قالماي ،ئەڭ خەتەرلىكى ئۇنى قۇيغان تۇخۇدىكى، تۇخۇنىڭ تىنىدىكى  مەسىلە.چۈنكى بۇ تۇخۇلاردا ئەسلىدىنلا مەسىلە بار ،نىمىشقا دېسىڭىز ھازىرقى تۇخۇلار سۇنئىي يەم-خەشەكلەرنى يېگەن بولغاچقا ئىلگىرى ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر توغۇدىغان تۇخۇلار ھازىر ھەركۈنى قۇيىۋاتىدۇ .شۇڭا سىزگە دەيدىغىنىم ،ئەگەر سىز تۇخۇ گۈشىنى يېمەي تۇرالمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ئۆزىىڭىز بېقىپ يەڭ .چۈنكى بۇ تۇخۇلار بىر تەرەپتى تەبىئىي نەرسىلەرنى يېگەن ،يەنە بىر تەرەپتىن ھەركۈنى تاخلاپ-شوخلاپ يۈرەلىگەن بولغاچقا روھىي ھالىتىمۇ ناھايىتى ياخشى بولىدۇ .بىراق بۇنىمۇ ئاچكۆزلەرچە كۆپ يىيىشكە بولمايدۇ .

ئەمەلىيەتتە ھازىرقى شارائىتتا تۇخۇ يېيىشنىڭ خەتىرى ناھايىتى يۇقىرى ،بولۇپمۇ سىرىتتىكى تىز تاماقخانىلاردىكى تۇخۇ .نىمىشقا تىز تاماقخانىلاردىكى توخۇلارنى ياغدا پىشۇرىدۇ ؟چۈنكى بۇ توخۇلار ئاللىقاچان بۇزۇلغان.پۇراپ قالغان ،سېسىپ قالغان بولغانلىقتىن ياغدا پىشۇرغاندا سىز بۇلارنى سىزەلمەيسىز ،ئەكسىچە ئىشتىھا بىلەن يەيسىز .بۇ بەك قورقۇنىچلىق ئەمەسمۇ ؟

بەلكىم سىز توخۇنىمۇ يىيىشكە بولمىسا ،ئۇنداقتا نىمە يەيمىز دەپ سورىشىڭىز تۇرغانلا گەپ .بېلىق .بېلىق مەن قارشى تۇرمايدىغان بىردىنبىر گۆش تۈرى .ئەمما مەن قوللايمەن دىمىدىم .نىمىشقا؟ ئەمەلىيەتتە بىلىق ناھايىتى ياخشى.مۇبادا سىز ھەر ھەپتىدە بىر-ئىككى قېتىم بىلىق گۈشى يەپ بەرسىڭىز بەدىنىڭىز كىرەكلىك بولغان ھايۋانات ئاقسىلىنى تۇلۇقلاپلا قالماستىن بەلكى ئەڭ مۇھىمى ،ھازىرقى تىببى ساھەدىكىلەرنىڭ ئىسپاتلىشىغا ئاساسلانغاندا ،بىلىق يىيىش ئارقىلىق ياشانغاندا دىۋەڭلىك كىسىلى بولۇپ قېلىشنىڭ نىسبىتىنى 60%ئازايتالايسىز ھەمدە مىڭە يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز .بىراق ھازىرقى بىلىقلارمۇ بىر ئاز بۇرۇنقىغا ئوخشىماي قالدى .چۈنكى دېڭىز بويىدىكى بىلىقلاردا ئېغىر دەرىجىدىكى مىتاللار بىلەن بولغىنىش كۈپىيىپ قالدى .بولۇپمۇ بىلىق تەركىبىدىكى سىماپلىشىش ھادىسىسى ئېغىرلىشىپ كەتتى .بايقىشىمىزچە دائىم بىلىق يىگەن كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى سىماپنىڭ مىقدارى يۇقىرىلىشىپ كىتىپتۇ .سىماپ بۆرەككە زىيانلىق ،مېڭە نىرىپلىرىنى زەخمىلەندۈرىدۇ . شۇڭا بىلىق يىيىشتە مىنىڭ تەكلىپىم شۈكى ،ئەگەر بەك بىلىق يىگۈڭىز كىلىپ كەتسە ،ئامال بار ئېگىز تاغلىقلاردىكى كۆلچەكلەردە ،ئېقىن دەريالاردا ياشىغان بىلىقلارنى يەڭ ،بۇنداق بىلىقلار ناھايىتى ياخشى .

ئۇنداق بولسا گۆشتى باشقا يەنە قانداق نەرسىلەرنى يىيىش كېرەك ؟

نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا مېڭە قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى راك كىسىلى بىلەن ئۈلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانىدىن ئارتۇق .بۈنچە كۆپ مېڭە قان تۇمۇر كىسەللىرىنىڭ بىر ئورتاقلىقى بار .ئۇ بولسىمۇ ئۇلار يۈرەك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن ئىلگىرى،كىسىلى قوزغىلىشتىن ئىلگىرى بەدىنىدىكى خولېستېرىن مىقدارى ئالاھىدە يۇقىرىلاپ كەتكەن . ئادەتتە بەدىنىڭىزدىكى خۇلىتسىرىننىڭ مىقدارى نورمال ھالەتتىن 1%ئېشىپ كەتكەن ھامان ،سىزنىڭ يۈرەك قان تۇمۇر كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىڭىز 2-3%گىچە ئېشىپ بارىدۇ .مەن ھەمىشە :« يۈرىكىم بەك بىئارام ،يۈرىكىمنىڭ سېلىشى بەك تىز ،دائىم تىقىلىپلا تۇرىدۇ » دېگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى ئاڭلاپ قالسام دەرھال ئۇنىڭغا گۆش يىمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمەن .ئەگەر سىز ئىككى ئۈچ كۈن گۆش يىمەي تۇرۇپ باقساق يۈرىكىمىزنىڭ ناھايىتى راھەتلىنىپ قالغانلىقىنى سىزىمىز .

دېمەك ،يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىنىڭ بىرئورتاق مەنبەسى بار ئۇ بولسىمۇ تۇخۇم يەنى توخۇ تۇخۇمى.چۈنكى تۇخۇمنىڭ تەركىبىدىكى خۇلىتسىرىنىڭ مىقدارى بارلىق ئۇزۇقلىقنىڭكىدىن يۇقىرى .

ئەمدى ئىستىمال قىلماسلىققا تىگىشلىك يەنە بىر نەرسىنى ئوتتۇرىغا قۇيىمەن .ئەگەر بۇنى ئوتتۇرىغا قويسام نۇرغۇن كىشىلەرگە ئۇۋال قىلىپ قۇيىشىم مۇمكىن ،شۇڭا مەن بۇلاردىن  كەچۈرۈم سورايمەن .بىراق بىر ئىلىمگەرگە خاس ۋىجدانىم ۋە دۇرۇسلىقىم بىلەن بۇنى كۆپچىلىككە ئېيىتمىسام بولمايدۇ .كۆپچىلىك ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن بۇ گەپنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى سىناپ باقسا بولۇدۇ.بۇنىڭغا ئىلمىي مۇنازىرە كەتمەيدۇ .چۈنكى ئىلمىي نەرسىلەردىمۇ نۇرغۇن خاتلىقلار بار .تۈنۈگۈن توغرا دەپ قارالغان ئۇقۇم بۈگۈن خاتا بولۇشى مۇمكىن .شۇنىڭغا ئوخشاش تىببى ساھەدىكى تەتقىقاتلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.بۇ يەردە دېمەكچى بولغان ئېستىمال قىلىشقا بولمايدىغان يەنە بىر نەرسە سۈت.ئەگەر سىز سۈت ئىچمىسىڭىز تەن ھالىتىڭىزنىڭ ناھايىتى زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى بايقايسىز.ئۇنداقتا بۇ قانداق گەپ؟

ھەممىڭلار ئاقسىلنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىسىلەر .توغرا،ئاقسىل ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم .چېچىمىز،تىرنىقىمىز،تىرىمىز،ھۈجەيرىلىرىمىزۋە بەدىنىمىزدىكى ھەرقايسى ئەزالار ئاقسىلغا ئىنتايىن ئېھتىياجلىق،زەخمىگە ئۇچرىغان تۇقۇلمىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئاقسىل كېرەك بولۇدۇ . سۇنى ئويلاپ كۆرەيلى سۇمۇ ئىنتايىن مۇھىم .ئەگەر سۇ قىس بولسا شۇ ھامان قورغاقچىلىق يۈز بىرىپ ياشاش ئىمكانىيتىمىزنى يوق قىلىدۇ .بېراق ،مۇبادا ھەركۈنى يامغۇر يېغىپ ئون نەچچە كۈنگىچە توختىمىسا بۇنى ياخشى ئىش دىگىلى بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق دىگىلى بولمايدۇ .ئادەم بەدىنىدىكى ئاقسىلمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئىش .مۇۋاپىق بولغان ئاقسىل تەنگە ناھايىتى پايدىلىق .ئارتۇق بولۇپ كەتكىنى ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ .  

ھازىرقى زامان مەدەنىيەتلىك كىسەللىرىگە گىرىپتار بولغان  80%دىن ئارتۇق بىمارنىڭ ھەممىسى تىنىدىكى ئاقسىل يىغىندىسىنىڭ تۇلىمۇ يۇقىرلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.مۇبادا سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىكى ئاقسىل نۇرمال ئېھتىياجدىن ئۈچ ھەسسىلا يۇقىرىلاپ كېتىدىكەن سىز چۇقۇم راك كېسىلى بولىسىز . مىنىڭ مۇنداق دىيىشىم ھەرگىزمۇ ئاساسسىز ئەمەس.چۈنكى ھازىر ئىچىلىۋاتقان سۈتلەرنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى تەبىئىي سۈتنىڭكىدىن ئۈچ ھەسە ئارتۇق بولغاچقا بەدەن ئۇنى ھەرگىز بىر تەرەپ قىلالمايدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل سۈتتىكى ئاقسىلمۇ قېتىق ئاقسىلى بولۇپ بەدەندە تەس ھەزىم بولىدۇ-دە ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .شۇنىڭ بىلەن كىچىك بالىلاردىكى ئىشتىھاسىزلىق .چوڭلاردىكى ئاشقازان كۈپۈش،ئاغرىش قاتارلىق كىسەللىكلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ.شۇڭا مۇنداق قېتىق ئاقسىلىنى ئىچمەڭ .ئەمەلىيەتتە كالا سۈتى كۆڭۈلدىكىدەك ئۇزۇقلۇق .بىراق بۇ يەردە دىيىلگىنى« كالا»نىڭ سۈتى .بىراق بىز ھازىر ئىچىۋاتقان سۈتلەردە ناھايىتى يۇقىرى ئاقسىل بولغاچقا ،بۇ ئاقسىللار بەدەندىكى مىتابولىزىم جەريانىدا كۆپ مىقداردا كىسلاتالىق ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.بۇماددىلارنىڭ تەسىرىدە بەدەننىڭ كېسلاتالىقى ئېشىپ كىتىپ ئوڭاي كېسەل بولۇش خەۋپى تۇغۇلىدۇ . بۇنىڭغا قارىتا بەدىنىمىزنىڭ تەبىئىي ئىقتىدارى ئىشقا كىرىشىپ سۈڭەك ۋە بەدىنىمىزدىن ئىشقارلىق ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ بەدىنىمىزدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈگىتىپ كىسەل بولۇپ قىلىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

ئۇنداقتا،بەدىنىمىزدىكى قايسى ماددىنىڭ ئىشقارلىقى ئەڭ يۇقىرى،ئەلۋەتتە كالتىسىنىڭ-دە.شۇڭا سىز سۈتنى قانچە كۆپ ئىچكەنسىرى بەدىنىڭىزنىڭ كىسلاتالىقى شۈنچە ئېشىپ بارىدۇ.بەدىنىڭىز بۇ تەڭپۇڭسىزلىقنى تەڭشەش ئۈچۈن سۈڭىكىڭىزدىكى كالتىسىينى تېخمۇ كۆپلەپ ئاجرىتىشقا توغرا كېلىدۇ .كالتىسىينىڭ چىقىپ كىتىشى تىزلەشكەنسىرى بەدىنىڭىزنىڭ كالتىسىيغا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ ئېشىپ كالتىسىي كەملىك كۆرىلىدۇشۇنىڭ بىلەن كالتىسىي تۇلۇقلاش ئۈچۈن يەنە سۈت ئىچىشكە مەجبۇر بولىسىز.ئىچكەنسىرى بەدىىڭىزدىكى كالتىسىينىڭ خورىشىمۇ تىزلىشىپ مەڭگۈ تۇلۇقلانمايدۇ.نىمىشقا ؟ چۈنكى سىز بىلىپ بىلمەي بەدىنىڭىزدە چوڭ بىر ھاڭنى ئېچىپ قويدىڭىز .تاتلىق يىمەكلىكلەردىن باشقا سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىل كۆپ مىقداردىكى كىسلاتالىق ماددىلارنى ھاسىل قىلغان بولغاچقا،بەدىنىمىزدە كىسلاتا ئېشىپ كىتىش مەسىلىسى تۇغۇلىدۇ .

ئەنگىلىيە بولىستون ئۇنۋېرىستتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ،ئۇلار 1972-يىلدىن 1974-يىلغىچە تۇغۇلغان بۇۋاقلارنى ئاساس قىلىپ،ئۇلار 20نەچچە ياشقا كىرگەندە قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق سۈت پاراشۇكى ئىچىپ چوڭ بولغان بۇ بالىلاردا «ئىككى ئېگىز» مەسىلىسىنى ،يەنى بىرىنچىدىن بوي ئىگىزلىكى ئېگىز،ئىككىنچىدىن ،قان بېسىمى « ئېگىز» لىك مەسىلىسىنى بايقىغان .

جۇڭگۇنىڭ ئىچكىرىكى بىر قەدەر چەت رايۇنلاردىكى ئاياللارنىڭ ھەركۈنلۈك تۇلۇقلىنىدىغان كالتىسىي مىقدارى 400-500مىللىگىرامغىچە بولۇپ 1000-800مىللىيگىرامغا يەتكىلى خېلى بار.بىراق ئۇلاردا سۈڭەك شالاڭلىشىش كىسەللىرى كۆرەلمەيدۇ.نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەمسىز ؟چۈنكى ئۇلار سۈت ئىچمەيدۇ –دە .

بۇنىڭدىن شۇنداق يەكۈن چىقىدۇكى ،ئەگەر سۈڭەك شالاڭلىشىش كىسىلىگە گىرىپتار بولاي دېسىڭىز  كۆپرەك سۈت ئىچىپ بىرىڭ .مۇنداق دىسەم سىز چۇقۇم بۇ دۇرۇس بولمىدى،سۈت تەركىبىدە نۇرغۇن كالتىسىي بار ھەمدە باستىرزاتسىيىلىنىپ( ئۆلچەملىك ئايرىلغان ۋە دېزىنفىكسىيەقىلىنىپ) سۈتلەر ئانىئورگانىكلاشتۇرۇلغان تۇرسا دىيىشىڭىز مۇمكىن .بىراق بۇ ئانىئورگانىكلاشتۇرۇلغان سۈت بۆرەكتە تاش پەيدا قىلىدىغان خام ماتىرىيال ئەمەسمۇ ؟مەن سۈت راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ھەممىسىدە سۈڭەك شالاڭلىشىش كىسىلى بارلىقىنى بايقىدىم .ئۇلار ھەرگىزمۇ بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانىقتىن سۈڭەك شالاڭلاشمىغان بەلكى كۆپ مىقداردا سۈت ئىچكەنلىكتىن شۈ كىسەلگە گىرىپتار بولغان .

مۇبادا سىز سۈت ئىچىشنى داۋاملاشتۇرىۋەرسىڭىز ،بۇخىل باستىرزاتسىيىلەنگەن سۈتنى بەدىنىڭىز قۇبۇل قىلالمايدۇ .يۇقىرىدا ئېيىتقىنىمىز بىلەن بىرلەشتۈرسەك سىزنىڭ ئارتۇقچە كالتىسىي تولۇقلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ،ئاقسىلنى ئىنتايىن ئاز تۇلۇقلىسىڭىزلا كۇپايە .قانچىلىك ئاز دېسىڭىز،بۇنىڭدا بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى 0.6گەكۈپەيتسىڭزلا سىزنىڭ كۈندە تۇلۇقلاشقا تېگىشلىك بولغان ئاقسىلىڭىز چىقىدۇ .

( داۋامى بار )  


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-17 11:39 AM  


تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19971
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10615 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 12:28:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداقتا بىز ھازىر يەۋاتقاننىڭ ھەممىسىدە چاتاق بارمۇ؟ بۇ تىمىدا ھەممە نەرسىنىڭ كەمچىلىكى ئېچىپ بىرىلىپتۇ .
ھەييييييييييييييييييييييييييي  ئەمدى نىمە يەپ نىمە ئىچىپ ياشايمىز ؟ ھازىر شەھەر - بازارلىشىپ بۇرۇنقىدەك ئۆز ئۆيىمىزنىڭ قويى ،ئۆز ئۆيىمىزنىڭ كۆتاتلىرىنى يىيەلەيدىغان كۈنلەر كەلمەسكە كەتكەن تۇرسا .

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

شۇنچىلىك~سەن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89066
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 319
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2012-12-24
ئاخىرقى: 2014-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 12:30:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
orkixi يوللىغان ۋاقتى  2013-1-16 12:28 AM
ئۇنداقتا بىز ھازىر يەۋاتقاننىڭ ھەممىسىدە چاتاق بارمۇ؟ ...

كەلمەسكە كەتمىدى ھازىرمۇ با ..................خاتىرجەم بولۇڭ بانى بىللە يەيمىز

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 801
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 621 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 12:32:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىدە مۇشۇ قورساقتىنمۇ زېرىكىمەن .............

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5768
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 12:37:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلار تەسلىشىپ كەتتى!

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89160
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1630
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 343 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 12:37:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kar0923 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-16 12:32 AM
بەزىدە مۇشۇ قورساقتىنمۇ زېرىكىمەن .............

ھىلىقى چوڭ ئەيسادەكما ، بىر كۇندە 3قېتىم ئاچىدۇ ، بىرە قېتىم ئاچسا نىم بۇلا  ،  كىسىپ ئېلۋېتەيمۇ يە بۇ ئاشقازاننى دىگەندك، ھى ھى ھى  

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 801
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 621 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 12:39:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dunya5201314 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-16 12:37 AM
ھىلىقى چوڭ ئەيسادەكما ، بىر كۇندە 3قېتىم ئاچىدۇ ، بىرە ...

   ھا ھا ھا ......نەق گەپنى قىلدىڭىزغۇ ....   شۇنداق قىلغىلى بولغان بولسىدى كاشكى

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73477
يازما سانى: 687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4911
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2012-1-19
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 01:10:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ،بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى..................

يۇزۇڭنى قايىسى تەرەپكە قاراتساڭ ئاللاھ شۇ يەردۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90071
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 141
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-1-15
ئاخىرقى: 2013-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 02:04:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاقتىدا غىزالىنىش بىلەن بىرگە ، مىۋە - چىۋە ۋە كۆتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشىمىز ، تاماقتىن كېيىن پىيادە مېڭىش قاتارلىق يەڭگىل ھەركەتلەرنى قىلىپ تۇرۇشىمىز كىرەك . مۇشۇ توكسىكىلىت پەيدا بولغاندىن بويان قەشقەردە دىئابىت كىسەللىكلىرى ئاۋۇپ كەتتى جۇما ... بەدەن ھەركىتى يىتەرلىك بولماي شۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70085
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2014-12-28
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 04:10:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
،ئاقسىلنى ئىنتايىن ئاز تۇلۇقلىسىڭىزلا كۇپايە .قانچىلىك ئاز دېسىڭىز،بۇنىڭدا بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى 0.6گەكۈپەيتسىڭزلا سىزنىڭ كۈندە تۇلۇقلاشقا تېگىشلىك بولغان ئاقسىلىڭىز چىقىدۇ

====================================
سان  -سىفىردا  ئازراق خاتالىق  بارمۇ  قانداق .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش