ئەسلى تىما: دونيا جوڭگونىڭ ھاۋا بۇلغىنشىغا دىققەت قىلماقتا
بېيجىڭدا ئۇدا داۋاملاشىۋاتقان تۇمانلىق ھاۋا رايى پۈتكۈل دونيانىڭ دىققىتىنى تارىتتى. ئامېرىكا « نىيۇ يورىك ۋاقىت گىېزىتى»نىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بېيجىڭ شەھرى ئايرىدورۇم ئىچىدىكى«تاماكا چىكىش رايۇنى» غا ئوخشىتىلدى. گېمانىينىڭ ئەينەك ھەپتىلىك گىېزىتى»دە ئۇدۇللا « بېيجىڭ دونيادىكى ئەڭ بولغانغان شەھەرلەرنىڭ بىرى»دەپ كۆرىستلدى.
بولغانمنىڭ تېرورلۇقى پۈتكۈل دونيانى ھەيرەتتە قالدۇردى.ئەنگىلىيە «ئىقتىسادشۇناسلار »ژورنىلنىڭ 14-يانۋاردادىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە:EPA(ئامېرىكا مۇھىت قوغدا ش ئىدارىسى)نىڭ بەلگىلمسىدە ھاۋا سۈپىتى AQIئادەتتە100 دىن يۇقۇرى بولسا«ساغلام»بولمايدىكەن،400دىن ئېشىپ كەتسە «خەتەرلىك»ھىساپلىندىكەن ، بىراق 12-يانۋاردىكى بېيجىڭنىڭ AQIھاۋا سۈپەت ئۆلچىمى 700دىن يۇقۇرى بۇلۇپ بۇ سانلىق مەلۇماتقا ئىشىنىش ھەقىقەتەن قىيىن، مەزكۈر ژورنالدا بۈگۈن «بېيجىڭدىكى زۇلىمەتلىك بىر كۈن»دەپ تەسۋىرلىنىپ جوڭگونىڭ مۇھىت بۇلغىنشى ئاللاقاچان تىزگىنلىمسە بولمايدىغان ھالەتكە كىلىپ بولغانلىقى كۆرسىتىلدى.
NASAبۇ يىل 12-يانۋار بوشلۇقتىن تارتقان بېيجىڭ
ئاۋىستىرالىيە «سىدنىي ئاۋانگىراتلىرى ئەتىگەنىلك گېزىتى» دە بۇ بىر كۈننى بېيجىڭدىكى ھاۋا ئەڭ ناچارلاشقان بىر كۈنى ،ېيجىڭدىكى 20مىليۇن ئادەم تۇنجۇقۇپ قېلۋاتىدۇ» دەپ كۆرسىتىلدى.
روسسىيە «خەۋەرلەر»12-يانۋاردىكى خەۋىردە :« بېيجىڭ بارغانچە دونيادىكى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى باھالاش تەرتىۋىدە ئەڭ ئاخىرقى ئورۇنغا چۈشۈپ قېلۋاتىدۇ.»دىيىلدى. گېرمانىيە «ئەينەك»ھەپتىلىك ژورنىلنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىردە ئۇدۇللا «بېيجىڭ دونيادىكى ئەڭ بۇلغانغان شەھەرلەرنىڭ بىرى»دىيلدى،«ئەينەك ھەپتىلىك ژورنىلى»نىڭ خەۋىرىدە يەنە «بۇيەردىكى ناچار ھاۋا رايىنى غەربىي ياۋرۇپالىقلارنىڭ تەسەۋۇر قىلىشى تەس، بۇيەردىكى ھاۋا سۈپىتى ھەتتا قاھىرە بىلەن تېھرانغىمۇ يەتمەيدۇ....بۇيەردىكى ھاۋانى پۇرىسا ئىس تۈتەكنى پۇرىغاندەك بۇلىدۇ»
NASAبۇ يىل 12-يانۋار بوشلۇقتىن تارتقان بېيجىڭ ( تىيەنجىن خاتا ھالدا شاڭخەي ئېلىنغان)
گېرمانىيە «دەۋىر ھەپتىلىك ژورنىلى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: بېيجىڭلىقلار ناچار ھاۋارايىغا ئادەتلنىپ كەتكەن، بىراق ھىچكىممۇ ئىلگىرى بۈگۈنكىدەك ناچار ھاۋا رايى بولغانلىقنى ئەسلىيەلمەيدۇ، بىر قىسىم كىشلەر تۈنجۇقۇپ ئۇلۈپ كېتىشتىن ئەنىسىرمەكتە.
كانادا«رەقەملىك خەۋەرلەر»گېزىتىنىڭ 12-يانۋاردىكى خەۋىرىدە: 2010-يلى ئامېرىكىنىڭ NASAئېلان قىلغان يەرشارىنىڭ PM2.5 سۈرەتلىك سۈرەتلىك مەلۇماتى ئېلان قىلنغان بۇلۇپ ماقالىدە ئېيتىلىشچە، كىشلەر بۇ خىل ئۇششاق دانىچىلەرنىڭ سىبىريە،ئاندىس تاغلىرى،ئاۋىستىرالىيە ئىچكى قۇرۇغلۇقى ۋە پۈتكۈل يەرشارىدا ئۈزلۈكسىز كۆپىيۋاتقانلىقنى بايقىغان ،ھەمدە بېيجىڭنىڭ رەڭگى قېنىق قىزىل رەڭلىك بۇلۇپ بۇ بېيجىڭنىڭ «زەھەرلىك گازخانا » نىغا ئايىلىنۋاتقانلىقنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن.
نىمىشقا بېيجىڭنىڭ ھاۋارايى نىمىشقا بۇنچە يامانلىشىدۇ؟ «نىيويورىك ۋاقىت گېزىتى»دە كۆرسىتىلىشچە: بۇ پەرەز قىلىش تەس بىر مەسلىكەن. ماقالىدە دىيىلشىچە؛ بېيجىڭغا
خوشنا بولغان خېبىې ئۆلكىسى تەۋەسىدە چوڭ-كىچىك زاۋۇتلار كۆپ بۇلۇش بىلەن بىرگە بېيجىڭدا ماشىنلارنىڭ سانى كىشنى ھەيران قالدۇردىغان دەرىجىدە كۆپىيىپ كەتكەن ،بۇندىن سىرىت بېيجىڭ ئۈچ تەرپى تاغ بىلەن ئورالغان تۈزلەڭلىك بولغاچقا شامال بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇلغانمىلار تىك چۇققىلار تەرپىدىن توسۇلۇپ قېلىپ بېيجىڭنىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى قاپلىۋالدىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنىتلىقنىڭ خەۋىرىدە دىيىلىشچە؛ ھاۋانىڭ بۇلغىنشىنى جوڭگونىڭ تىېز سۈرئەتتە سانائەتلىشىشى كۈمۈرمەنبەسىگە ھەدىدىن زىيادە تايىنۋېلىش،ماشىنلار ساننىڭ پارتىلاش خارەكتىرىدە كۆپىيشى ۋە مۇھىت قوغداش قانۇننىڭ ئىجراسىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان . ماقالىدە دىيىلشىچە ھەر يىلى قىش يىتىپ كەلگەندە جوڭگونىڭ ھاۋا بۇلغىنشى ئىلگىركىدىن ئېغىرلىشىدىكەن، چۈنكى بۇ مەزگىلدە قىشلىق ئىسنىش بىلەن تەمىنلەش باشلىندىكەن.
گېرمانىيە رادىيو-تېلۋىزيە بىرلەشمىسى (ARD)نىڭ قارىشچە: كۈمۈرگە تايىنۋېلىش بۇلغانما تېرورلۇقنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبكەن .بۇندىن سىرىت، ئامېرىكا «دېلۇماتتىيە سىياسىتى» ژورنىلنىڭ ئۆتكەن يىلقى 9- 10-ئايلىق سانلىرىدا ئېلان قىلغان «چوڭ شەھەرلەر - ئادەم ئۆلتۈردىغان قورالدۇر» دېگەن ماقالىدە : ''جوڭگودىكى بۇ چوڭ مەسلە زىيادە ماشىنا قىزغىنلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .ھازىرقى جوڭگو ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرىدىكى ئامېرىكىغا ئوخشاش بۇلۇپ شەھەرلەردىكى ماشىنلار سانى پارتىلاش خارەكتىردە ئاشقان، جوڭگو ھازىر ئامېرىكا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىش جەريانىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقىلارنى ئۆتكۈزۋاتىدۇ،بەلكى ساقلىنۋاتقان مەسلە ئەينى مەزگىلدىكى ئامېرىكىدىن تېخىمۇ ئېغىر''دىيىلدى.
مەنبە: يەرشارى تورىدىن تەرجىمە قىلندى
( قالايمىقان ئىنكاسلار بىردەك چەكلىندۇ،ئۆزىڭىزنى ئۆزگىنى ئاياڭ! )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-16 01:13 AM