مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4750|ئىنكاس: 25

ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50634
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10887
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 1693 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 09:49:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋ جۇشى: «جۇڭگو خەلق دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى» دەپ مۇقىملاشتۇرغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى 1944- يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى (قۇربان ھېيتنىڭ 1- كۈنى)، نىلقا ناھىيىسىنىڭ ئۇلاستاي تېغىدا رەسمىي باشلىنىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى تۇنجى ئوقنى ئاتتى. شۇ كۈندىن 11- ئاينىڭ 6- كۈنىگىچە بولغان 28 كۈن ئىچىدە قوراللىق پارتىزان قوشۇنلىرى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئوڭۇشلۇق كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، 11- ئاينىڭ 7- كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى يەر ئاستى ئىنقىلابىي تەشكىلات بىلەن بىرلىشىپ غۇلجا شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ، ئىنقىلاب ئوتىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتاشتۇردى.
بۇنىڭ كونكرېت تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:
1944- يىلى 7- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ نىلقا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئاكا - ئۇكا ئەكبەر بىلەن سېيت ئىلگىرى - كېيىن تۈرمىدىن قېچىپ چىقتى.

Ekber Batur.jpg


(ئەكبەر باتۇر)

ئۇلار ئەكبەرنىڭ ئۇ يەر - بۇ يەردە يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن يەنە بىر ئىنىسى ناۋان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۈچى مەسلىھەتلىشىپ، ئاخىر ئەكبەرنىڭ پىكرى بويىچە: «گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئەمدى بىزگە ھاياتلىق يولى بەرمەيدۇ، قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇپ ئۆلگەندىن، قارشى كۈرەش قىلىپ ئۆلگەن ئەلا! بىر تۈركۈم ئادەم توپلاپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى كۈرەشكە ئاتلانساق، خەلق چوقۇم قوللايدۇ. چۈنكى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ خەلققە قارىتا يۈرگۈزگەن جەبىر - زۇلۇمى چېكىدىن ئاشتى. خەلقنىڭ بۇنىڭغا چىداپ تۇرغۇچىلىغى ھالى قالمىدى» دېگەن خۇلاسىگە كېلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن 1944- يىلى 8- ئاينىڭ باشلىرىدا ئەكبەر، سېيت، ناۋان ئۈچى قورال ئېلىشنىڭ ئامالىنى قىلىش ئۈچۈن، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ قورغاس ناھىيىسى بىلەن تۇتاشقان چېگرىسى ئىيىنتالغا بارىدۇ. ئۇ يەردە بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى نىلقا ناھىيىسىدە ئىنقىلابىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنماقچى بولغاندا قېچىپ كەتكەن فاتىخ مۇسلىموف (تاتار) ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى خەمىت، بايچۇرىن (تاتار)، نۇر، ھوشۇر، ئوسمانلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئۇلار ئۆز ئارا پىكىرلىشىش جەريانىدا، ئەكبەر ئىنقىلاب قىلىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.


(فاتىخ مۇسلىموف ‹تاتار›)
فاتىخ ئۆزىنىڭمۇ مۇشۇ ئىش ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ، ئىزدىنىپ يۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئەكبەرنى قوللايدۇ ۋە بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ ئەكبەرگە: «بۇ يەردە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى قولغا ئالماقچى بولغان چاغدا قېچىپ كەلگەن گىربىنكو دېگەن ئورۇس بار. ئۇ بىزگە ياردەم قىلىپ بەزى ئىشلارنى قىلىپ بېرەلەيدۇ» دەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن فاتىخ ئەكبەرنى باشلاپ بېرىپ، سوۋېتنىڭ ئىيىنتال چېگرىسىدىكى بەزى ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىپ، قورال سېتىپ بېرىش توغرىلىق سۆزلىشىدۇ. ئاخىردا ئۇلار گىربىنكو ئارقىلىق بىر ئاتقا بىر دانە مىلتىق، 100 تال ئوق تېگىشىپ بېرىشكە كېلىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەكبەر، سېيت، ناۋان ئۈچى ئات ئېلىپ كېلىپ قورال ئېلىش ئۈچۈن قايتىپ كېتىدۇ ۋە بىر ھەپتىدەك ۋاقىت ئىچىدە ئون ئات ئېلىپ كېلىپ، قورال ئالىدۇ. بۇ ئارىدا فاتىخ مۇسلىموف باشلىق بەش ئادەمنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئىلگىرى بەش دانە گېرمانكا، بىر مائۇزېر، ئالتە يەشىك ئوق ئېلىپ يولغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلايدۇ ھەم دەرھال يولغا چىقىپ، نىلقا ئۇلاستايغا يېنىپ كېلىپ، ئۇلاستاينىڭ ئاققىساڭ دېگەن يېرىدە ئولتۇرۇشلۇق مولداجاننىڭ ئۆيىدە فاتىخ مۇسلىموف بىلەن ئۇچرىشىدۇ. فاتىخ: ئىيىنتالدا ئەكبەرلەرنى بىر نەچچە كۈن كۈتۈپ، كېلىدىغان قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن يولداشلىرىنى باشلاپ يولغا چىققانلىقىنى؛ يولدا يامغۇر، تۇمانغا دۇچ كېلىپ ئادىشىپ قالغانلىقىنى؛ بۇ جەرياندا گومىنداڭنىڭ قاراۋۇل پونكىتىدىكى ئەسكەرلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغانلىقىنى، ئادەملەر بىر - بىرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، نەتىجىدە ئۇلاستايغا ئۆزىنىڭ يالغۇز كەلگەنلىكىنى؛ قورال ئارتىپ يېتەكلەپ ماڭغان ئاتنىڭ ساربۇلاق تاغ يولىدا غۇلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ھەمدە ئەكبەرگە بىر مائۇزېر تەقدىم قىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدىن ئەپسۇسلانغان ئەكبەر سېيت بىلەن مولداجاننى دەرھال ئىيىنتالغا قورال ئېلىپ كېلىشكە، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئادىشىپ بىر - بىرىدىن ئايرىلىپ قالغان سەپداشلىرىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىپ، ئۇلارنى باشلاپ كېلىشكە ئەۋەتىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، فاتىخ ۋە باشقىلار ماقۇل كۆرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سېيت بىلەن مولداجان ئىيىنتالغا بېرىپ، يەتتە دانە گېرمانكا، 10 دانە يان قورال، 10 مىڭ تال ئوق ئېلىپ، بايچۇرىن، نۇر، ھوشۇر، ئوسمانلارنى باشلاپ 5 - 6 كۈن ئىچىدە ئۇلاستايغا قايتىپ كېلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى فاتىخنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ چېگرا قاراۋۇلى پونكىتىدىكى ئەسكەرلىرى بىلەن تۇتۇشقاندا ئايرىلىپ قالغان ھەمراھلىرىدىن بىرى بولغان خەمىتنى مولداجان بىلەن ناۋان غۇلجا شەھىرىدىن ئېلىپ چىقىدۇ.
دېمەك، 1944- يىلى 9- ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇلاستاي تېغىدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى قوراللىق ئىنقىلاب قوزغاشنى مەقسەت قىلغان فاتىخ مۇسلىموف ۋە ئەكبەر، سېيت، خەمىت، ناۋان، بايچۇرىن، مولداجان، نۇر، ھوشۇر، ئوسمان قاتارلىق كىشىلەر نىلقا ناھىيىسىنىڭ ئۇلاستاي تېغىدا باش قوشۇپ، فاتىخ بىلەن ئەكبەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوچۇق ۋە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق يۈرگۈزۈپ، خەلقنى ئىنقىلابقا سەپەرۋەر قىلىش، شۇ ئاساستا پارتىزانلار قوشۇنىنى كېڭەيتىش ۋە قوراللاندۇرۇشنىڭ ئامالىنى قىلىشقا كىرىشىدۇ.


(خەمىت مۇسلىموف)


Repiq Baychurin.jpg


(بايچۇرىن)

بۇ جەرياندا ئەكبەرنىڭ تەكلىپى، فاتىخ مۇسلىموفنىڭ ماقۇللىشى بىلەن، ئۇلار ئۈرۈمچى تۈرمىسىدىن قېچىپ چىقىپ، غۇلجا ناھىيىسىدە ئۇ يەر - بۇ يەردە يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن غېنىنى ئېلىپ كېلىشكە ناۋاننى غۇلجىغا ئەۋەتىدۇ. ئۇلار 3 - 4 كۈن ئىچىدە غېنىنى تېپىپ، ئۇلاستايغا ئېلىپ كېلىدۇ.



شۇ كۈنلەردە نىلقا ناھىيىسىنىڭ جالىنقۇل، جارتوغان، كۆكەباي، قاراسۇ، چۈنجى قاتارلىق يەرلىدىن سىبانبېك، ساتقىنباي، مازاق، نۇرغالى، چىمىت دورجى، ئىسھاقجان، مەدەتبېك قاتارلىق كىشىلەر كەينى - كەينىدىن كېلىپ، فاتىخ بىلەن ئەكبەر رەھبەرلىكىدىكى پارتىزانلار قوشۇنىغا قوشۇلىدۇ ۋە ئىنقىلابچىلارغا ھەر تەرەپلىمە يار - يۆلەك بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا فاتىخ قولغا ئېلىنىپ قېچىش كويىدا يۈرگەندە ئىنقىلاب قىلىش توغرىلىق مەسلىھەتلەشكەن ئىۋان باشچىلىقىدىكى دوستلارمۇ ئىنقىلابقا قاتنىشىش قارارىغا كېلىپ، فاتىخ، ئەكبەرلەر بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ، جىددىي تەييارلىققا كىرىشىدۇ.
ئۇلاستاي تېغىدا بولۇۋاتقان بۇ ئىنقىلابىي ھەرىكەتتىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ نىلقا ناھىيىسىدىكى ئەمەلدارلىرى قاتتىق چۆچۈگەنلىكتىن يۇقىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، ھەربىي كۈچ ۋە باشقا جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ناھىيىگە كەنت باشلىقىدىن يۇقىرى ئەمەلدارنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇلار ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىنقىلابچىلارغا قوشۇلۇپ كېتىشنى توسماقچى بولىدۇ. ناھىيىگە چاقىرىپ كېلىنگەنلەرنىڭ بىر قىسمى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ گەپ - سۆزىگە كۆرۈنۈشتە «ماقۇل» دەپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالغان بولسا، يەنە بىر قىسمى بىتەرەپ پوزىتسىيە تۇتىدۇ. قاناتبېك قاتارلىق بىر قانچىسى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى بىلەن بىر بۇرۇندىن نەپەس ئېلىپ، ئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش توغرىسىدا ئاكتىپلىق بىلەن مەسلىھەت كۆرسىتىدۇ. ئۇلار خەلققە: «ھازىر ئۇلاستايدا ئالتە ئوغرى پەيدا بولۇپ، ھۆكۈمەتكە قارشى قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. كىمكى ئۇلارغا قوشۇلسا، ئۇنىڭ بېشى ئېلىنىشتىن سىرت ئائىلىسىدىكىلەرمۇ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمۇ ساق قالمايدۇ» دەپ تەھدىت سالىدۇ. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرنىڭ نىلقا ناھىيىسىدىكى ئەمەلدارلىرى قولىدىكى قوراللىق كۈچلەرنى تەشكىللەپ، ئۇلارغا خەلق ئىچىدىكى ئۆزلىرى ئىشەنچ قىلالىغان ئايرىم مەرگەنلەرنى قوشۇپ ئۇلاستايغا ئەۋەتىپ، ئۇلاستاينىڭ ئاققىساڭ دېگەن يېرىگە جايلاشقان فاتىخ، ئەكبەر باشلىق ئىنقىلابچىلارنى قورشاپ يوقىتىشنى مەسلىھەتلىشىدۇ. مەسلىھەت ئاخىرىدا: رېن دۇسا باشچىلىقىدىكى 30 ئەسكەر ئوقاس مامپاڭ بىلەن جامبى كەسكۈنىڭ يول باشلىشىدا ئۇلاستاي ئېغىزىدىن؛ نۇر ساپا قاتارلىقلارنىڭ يول باشلىشى ۋە ھەمدەم بولۇشىدا ماڭغان 20 ئەسكەر كۆكەباي، ئېرمۇدۇننىڭ؛ مەتكېرىم، شىڭ شىڭ قاتارلىقلارنىڭ يول باشلىشى ۋە ھەمدەم بولۇشىدا ماڭغان 20 ئەسكەر جاسىلكۆل، چىبار ئارچىدىن كىرىپ فاتىخ، ئەكبەر باشلىق ئىنقىلابچىلارنى قورشاپ، ئۇجۇقتۇرىۋەتمەكچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوبۇلخەيرى تۆرە، يۈسۈپخان، ئىسھاق، باۋۇدۇن خەلەت، دارجا گەسكۈ قاتارلىق بىر قانچە يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى نەزەربەند قىلىپ، كۈندۈزى خەلققە قارىتا ئۆزلىرى ئۈچۈن تەشۋىقات قىلدۇرۇش ۋە خەلققە «قولغا ئاپتۇ» دەيدىغان گۇمان تۇغدۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن قورچاق ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتە ئەركىن يۈرگەندەك كۆرۈنۈش پەيدا قىلسا، كېچىسى «ئامانلىقىڭلارغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دەپ قورچاق ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ.


(ئوبۇلخەيرى تۆرە)

ئىنقىلابچىلار بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ مۇشۇ دەرىجىگە يەتكەن پەيتتە، يەنى 1944- يىل 10- ئاينىڭ 8- كۈنى كېچىسى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن ئىنقىلابچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ كېلىشكە ئەۋەتىلگەن ماناپقان ئۇلاستاي تاغ ئېغىزىغا كەلگەندە سېيت بىلەن خەمىتنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇلار ماناپقاننى دەرھال قوماندانلىق شىتابىغا ئېلىپ بارىدۇ، شىتابتا فاتىخ بىلەن ئەكبەر سوراق قىلىدۇ. سوراق جەريانىدا ماناپقان ياۋاشلىق بىلەن، ئۆزىنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن ئەھۋال ئىگىلەپ كېلىشكە ئەۋەتىلگەنلىكىنى، بىر - ئىككى كۈنگە قالماي ناھىيىدىن ئىنقىلابچىلارنى ئۈچ تەرەپتىن قورشاپ يوقىتىشقا ئەسكەر كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ ئىنقىلابقا قاتنىشىپ خىزمەت كۆرسىتىپ، گۇناھىنى يۇيۇشقا پۇرسەت بېرىلىشىنى ئۆتۈنىدۇ.
فاتىخ بىلەن ئەكبەر گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئىنقىلابچىلارنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەققىدە ئىشەنچلىك مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، دەرھال (10- ئاينىڭ 8- كۈ نى كېچىسىلا) قوماندانلىق شىتابىنى ئاققىساڭدىن ئاراش تەكچىسىگە كۆچۈرىدۇ. پارتىزانلارنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئۇلاستاي تاغ ئاغزىدىن كىرىدىغان ئەسكەرلىرىنى يوقىتىشقا؛ يېقىن ئەتراپتىكى خەلقلەرنى ئىنقىلابىي قوشۇنغا مەدەت ۋە ياردەم بېرىشكە تەشكىللەپ، شۇ ئاساستا ئەكسىيەتچىلەرنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتىدۇ. 10- ئاينىڭ 10- كۈنى (قۇربان ھېيتنىڭ 1- كۈنى) ئەتىگەنلىك تاماقتىن سەل كېيىنرەك گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ رېن دۇسا باشچىلىقىدىكى 30 نەپەر ئەسكىرى ئۇلاستاي تاغ ئېغىزىغا يېتىپ كېلىدۇ. يوشۇرۇنغان پارتىزانلار ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئوق چىقىرىدۇ. قۇربان ھېيت نامىزغا توپلانغان خەلق دالدىلىنىپ تۇرغان يېرىدىن چۇقان سېلىپ، ئاتلىرىغا مىنىپ ھۇجۇمغا ئۆتىدىغاندەك ئەلپاز كۆرسىتىدۇ. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرەپتىن رېن دۇسا ئوق تېگىپ ئېغىر يارىلىنىدۇ. كېيىن جاھىللىق بىلەن قارشىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېتىپ تاشلىنىدۇ. قالغىنى ھودۇقۇپ چېكىنىشكە باشلايدۇ. بىر ئاز ئېلىشىشتىن كېيىن دۈشمەن ئەسكەرلىرىدىن ئىككىسى تىرىك قولغا چۈشىدۇ ۋە بىر نەچچىسى ئوققا يەم بولىدۇ. قالغانلىرى قېچىپ كېتىدۇ. دېمەك، فاتىخ، ئەكبەر باشچىلىقىدىكى نىلقا ئىنقىلابچىلىرى قوشۇنى بىلەن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئارىسىدا بولغان تۇنجى جەڭ ئىنقىلابچىلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلىشىپ، 13 دانە مىلتىق، بىر مۇنچە ئوق غەنىيمەت ئېلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئوتى تۇتىشىپ ئىنقىلابىي قوشۇننىڭ ھەيۋىسى ئۆسىدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنقىلابقا بولغان ئىشەنچىسى كۈچىيىدۇ.
گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئۇلاستاي تاغ ئېغىزىدىن كىرىشكە ئەۋەتىلگەن ئەسكەرلىرى يۇقىرىقىدەك تارمار كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ خەۋەر گومىنداڭنىڭ كۆكەباي، ئېرمۇدۇن ۋە جاسىلكۆل، چىبارئارچا قاتارلىق كىرمەكچى بولغانلىرى مازارغا چېكىنىدۇ. دېمەك، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ فاتىخ، ئەكبەر باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابچىلارنى ئۈچ تەرەپتىن قورشاپ ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش سۈيقەستى بىتچىت بولىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن فاتىخ بىلەن ئەكبەر خەمىت، سېيت، ئىۋان، غېنى قاتارلىق سەپداشلىرى بىلەن كېڭىشىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى نىلقىغا ئەسكەر يۆتكەپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى ھۇجۇم قىلىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ قورچاق ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە باشقا ئورگانلىرىنى تارمار قىلىش قارارىغا كېلىدۇ. قارارغا ئاساسەن، نىلقا شەھەر ئىچىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تەييارلىقى سۈپىتىدە خەلقنى كەڭ كۆلەمدە ئىنقىلابقا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش، قوراللىنىشنى جىددىيلەشتۈرۈش، ئاساسىي كۈچنى مازار بىلەن سۇفتايغا قارىتىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ مازاردا يېڭىدىن قۇرغان ئەسكىرىي پونكىتىنى يوقىتىش؛ مازار، ئاچال ئارقىلىق نىلقىغا ياردەمگە يۆتكەيدىغان ئەسكەرلىرىنى توسۇش، تېلېفۇن سىملىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش قاتارلىق ئىشلارنى نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە قىلىپ بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە فاتىخ باش شىتابتا تۇرۇپ ئومۇمىي ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىشقا، ئەكبەر بىلەن خەمىت فاتىخنىڭ ئورۇنباسارلىرى سۈپىتىدە كونكرېت ئىشلارغا، جەڭ مەيدانلىرىغا قوماندانلىق قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئەكبەر بۇ ۋەزىپىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن فاتىخنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزۈپ، سىبانبېك باشچىلىقىدا 20 ئادەمنى ئىيىنتالدىن قورال ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ. ئەكبەر پارتىزانلارنى باشلاپ سۇفتايغا، ئاندىن مازارغا كېلىدۇ. بۇ جايلاردا مەنسۇر، ئاقموللا قاتارلىق يۇرت مۆتىۋەرلىرى بىلەن سۆزلىشىپ، خەلقنى ئىنقىلابقا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ مازاردا يېڭىدىن قۇرغان ئەسكىرىي پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن پارتىزانلارنى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ، ئۆزى (ئەكبەر)، سېيت باشچىلىقىدا بىر تۈركۈم ئادەمنى مازارغا كىرىپ ھۇجۇم قىلىشقا، غېنى، ناۋان باشچىلىقىدا بىر تۈركۈم ئادەمنى نىلقا تەرەپتىن قورشاشقا مەسئۇل قىلىدۇ. غېنى بىلەن ناۋان باشچىلىقىدىكى پارتىزانلار بەلگىلەنگەن يەرگە بېرىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، مىلتىق ئېتىپ بەلگە بەرگەندە ھۇجۇم باشلىنىدىغان بولىدۇ. پارتىزانلار مۇشۇ ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە كېچىلەپ ئۆز ئىشلىرىغا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئەكبەر بىلەن سېيت پۇختا تەييارلىنىپ پەم بىلەن مازارغا كىرىپ، غېنى بىلەن ناۋان تەرەپتىن بېرىلىدىغان بەلگىنى كۈتىدۇ. بەلگە مۆلچەرلەنگەن ۋاقىتتا بېرىلمەي، تاڭ ئېتىپ كېتىدۇ. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ مازاردىكى ئەسكەرلىرى ئاتلىرىنى سۇغىرىشقا ئېلىپ چىققاندا، ئەكبەر ھۇجۇمنى باشلىماي بولمىدى دەپ ئۇرۇشنى باشلايدۇ. ئۈچ ئات يىقىلىدۇ. قالغان ئاتلار ئۇياق - بۇياققا پىتىراپ قاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەڭ بىر كۈن داۋام قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا گومىنداڭنىڭ 40 قا يېقىن ئەسكىرىدىن 15-16سى ئۆلىدۇ. قالغانلىرى جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پېتىراپ قېچىپ كېتىدۇ. بىر قانچە مىلتىق، ئوق - دورا غەنىيمەت ئېلىنىدۇ.
جەڭ ئەمدىلا ئاياغلاشقان چاغدا، گومىنداڭنىڭ مازاردىكى ئەسكەرلىرىگە غۇلجىدىن ياردەمگە ئەۋەتىلگەن يەتتە ماشىنا ئەسكىرى قىزىل داۋانغا كەلگەندە مازار پونكىتىنىڭ تارمار قىلىنغانىقىنى بىلىپ، مازارغا قارىتىپ پىلىموتتىن ئوق ياغدۇرىدۇ. قارشى تەرەپتىن ئەكبەر بىلەن سېيت ۋە ئۇلارنىڭ سەپداشلىرىمۇ ئوق بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ. جەڭ مۇشۇ تەرىقىدە بىر ئاز داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئەكبەر ئەكسىيەتچىلەرنىڭ پىلىموتىنى ئۇجۇقتۇرمىغۇچە ئىلگىرىلىگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، سېيتنى ئارقىغا ئۆتۈپ پىلىموتنىڭ ئۈنىنى ئۆچۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ. سېيت چەبدەسلىك ۋە قەھرىمانلىق بىلەن تېز ھەرىكەتلىنىپ، ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇندايدۇ. ئەكبەر بۇ ئوبدان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پارتىزانلارنى باشلاپ دەرھال ئىلگىرىلەيدۇ ۋە ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. غېنى، ناۋان باشچىلىقىدىكى پارتىزانلارمۇ ماسلىشىپ ھەرىكەتلىنىدۇ. قورشاۋدا قالغان دۈشمەن چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. دېمەك، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ پارتىزانلارنى يوقىتىدىغان تايانچىلىرىنىڭ بىرى بولغان مازاردىكى پونكىتى تارمار كەلتۈرۈلىدۇ. ياردەمگە كەلگەن گومىنداڭ ئەسكەرلىرىمۇ دەككىسىنى يەپ چېكىنىدۇ.
پارتىزانلار ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشتا غەلىبە قازانغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قورالى، جۈملىدىن قىسمەن كىشىلەرنىڭ قورالدىن پايدىلىنىشى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، مۇنتىزملىشىشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ نەچچە ھەسسىلىگەن زور كۈچ بىلەن ئالدى - ئارقا ۋە ياندىن ھۇجۇم قىلىش تەھدىتى ھامان مەۋجۇت ئىدى. شۇڭا پارتىزانلار ئالاھىدە سەگەكلىك ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ئۆز كۈچىنىڭ بىر قىسمىنى مازارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر قىسمىنى ئۇلاستاي تەرەپكە يۈزلەندۈرىدۇ.
شۇ چاغدا ئىككى قېتىملىق زور مەغلۇبىيەت جېنىغا تېگىپ تېخىمۇ غالجىرلاشقان گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى نىلقىغا كۆپلەپ ئەسكەر يۆتكەشكە كىرىشىدۇ. دەسلەپكى بىر قېتىمدا غۇلجىدىن نىلقىغا يۆتكەلگەن گومىنداڭ ئەسكەرلىرىدىن 300 دىن ئارتۇقراقى قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ، مازاردىن ئۆتۈپ چوڭ قاراسۇغا كېلىدۇ ۋە شۇ يەردىكى چىڭ باۋ بىلەن خې جىننىڭ قورۇسىغا بۆلۈنۈپ ئورۇنلىشىدۇ. بۇ جەرياندا پارتىزانلار ئەكبەر بىلەن خەمىتنىڭ رەھبەرلىكىدە قارشى ئوق ئېتىپ بىر ئاز ئۇرۇش قىلىپ باققان بولسىمۇ، ئۇلارنى ئورنىدىن قوزغىتالمايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئەكبەر بىلەن خەمىت مەسلىھەتلىشىپ، جەڭ تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، قوراللىق كۈچلەرنى كۈن پاتقاندىن كېيىن يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قورۇنىڭ قورۇق تاملىرىغا يوشۇرۇنۇپ، دۈشمەن ئۆتكەن چاغدا ئوقنى زايە كەتكۈزمەي چەللەپ ئېتىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. سېيت، ماناپقان، كېرىمباي ئۈچىگە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئەسكەرلىرى ئورۇنلاشقان چىڭ باۋ بىلەن خې جىننىڭ قورۇسى ئارىلىقىدىن ۋە يۇقىرى - تۆۋەن تەرەپلەردىن تاڭ ئالدىدا بىر نەچچە پاي ئوق چىقىرىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن قورۇ ئارىلىقىدىكى بېسىپ قويۇلغان بېدە، چۆپكە كىرسىن چېچىپ ئوت قويۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىدۇ. بىر بۆلۈك پارتىزانلار بىلەن بىر بۆلۈك خەلق ئاممىسىنى قولىغا تاياق - توقماق ئېلىپ، ئوق چىقىشى بىلەن تەڭ دۈشمەنلەرنىڭ ئىككى يېنى ۋە ئارقا تەرىپىدىن چۇقان سېلىشقا تەشكىللەيدۇ.
بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن، ئۇلاستاي تېغىنىڭ ئاراش تەكچىسىدىكى قوماندانلىق شتابتا تۇرۇشلۇق فاتىغ مۇسلىموفقا ئادەم ئەۋەتىدۇ.
تاڭ ئالدىدا سېيتلار تەرەپتىن 5 -6 پاي ئوق ئېتىلىدۇ. ئوت يالقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، چۇقان - سۈرەن ياڭرايدۇ. گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ھودۇقۇپ، مازارغا قاراپ چېكىنمەكچى بولۇپ يولغا چىقىشى بىلەن ئۇ يەردە يوشۇرۇنۇپ تۇرغان پارتىزانلارنىڭ ئوقىغا دۇچ كېلىپ، بىر قانچىسى يىقىلىدۇ. بىر قانچىسى يارىدار بولىدۇ. دۈشمەن مازارغا قاراپ قاچىدۇ. پارتىزانلار كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ كەينىدىن خېلى يەرگىچە قوغلاپ زەربە بېرىدۇ. ئۇرۇش جەريانىدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئەسكەرلىرىدىن 7 -8 ئادەم ئۆلىدۇ، 7 - 8 مىلتىق، 8 ئات غەنىيمەت ئېلىنىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ نىلقا شەھەر ئىچىگە ئەسكەر كىرگۈزۈش ئىمكانىيەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن، مازار، ئاچال قاتارلىق يەرلەردە 3 - 4 قېتىم كىچىكرەك چەكلەش خاراكتېرىدىكى ئۇرۇشلار بولۇپ تۇرىدۇ. شۇ ئارىلىقتا، يەنى 10- ئاينىڭ 19- كۈنى كېچىسى ئىيىنتالغا قورال ئېلىشقا كەتكەن سىبانبېك باشلىق 20 كىشى 20 دانە مىلتىق، 10 مىڭ تال ئوق ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنقىلابچىلار 80-90 دەك قورالغا ئىگە بولىدۇ.
فاتىخ بىلەن ئەكبەر مەسلىھەتلىشىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي نىلقا شەھەر ئىچىگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك دېگەن قارارغا كېلىدۇ ۋە سەپەرداشلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، جىددىي تەييارلىققا كىرىشىدۇ. تەييارلىق جگريانىدا نىلقا شەھەر ئىچىگە ئۈچ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلماقچى بولۇپ، ئۈچ ئەترەتكە بۆلۈنىدۇ. غېنى، نۇر، سىبانبېك يېتەكچىلىكىدىكى ئەترەت كېلەڭنى بېسىپ ئۆتۈپ، تاش كۆۋرۈك ئارقىلىق؛ ئەكبەر، سېيىت رەھبەرلىكىدىكى ئەترەت تۆرىك مەھەللىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، چاغان ئامبى ئارقىلىق؛ خەمىت، ئىۋان رەھبەرلىكىدىكى ئەترەت غەربتەرىپتىن كونا بازار ئارقىلىق كىرىدىغان ۋە بۇلارنىڭ ھەر قايسىسىغا ئۆزلىرى بېسىپ ئۆتكەن جايلارنىڭ خەلقى  قوشۇلۇپ، سىرتتىن چۇقان سېلىپ مەدەت بېرىدىغان بولىدۇ.
يۇقىرىقى ئورۇنلاشتۇرۇشلاردىن كېيىن 10- ئاينىڭ 20- كۈنى كېچىسى 500 چە پارتىزان تەرەپ - تەرەپتىن يولغا چىقىپ، 21- كۈنى تاڭ سەھەردە 6 -7 يۈزدىن كۆپرەك خەلق ئاممىسىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىپ مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا نىلقا شەھەر ئىچىگە ھۇجۇم باشلايدۇ. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ بۇ يەردىكى ئەسكىرى كۈچى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، بىر قەدەر مۇستەھكەم ئىستىھكاملىرىغا تايىنىپ كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇرۇش بىر سوتكىغا يېقىن داۋام قىلىدۇ. پارتىزانلار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىشغال قىلىدۇ. ھۆكۈمەت باشلىقى بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى باشلاپ، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە كىرىۋالىدۇ. پارتىزانلار ئەكبەر بىلەن خەمىتنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە كىرىۋالىدۇ. پارتىزانلار ئەكبەر بىلەن خەمىتنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. لېكىن ساقچى ئىدارىسى قورۇسىنىڭ قورۇق تاملىرى بەش مېتىرچە ئېگىز بولۇپ، 15 مېتىرچە ئېگىزلىكتە ئىككى پوتەي قۇرۇۋالغان بولغاچقا ئۇلار بۇ پوتەيلەردىن ئۈزۈلدۈرمەي ئوق ياغدۇرۇپ بوي بەرمەيدۇ. بۇنداق جىددىي شارائىتتا خەمىت بىر نەچچە ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدىكى پوتەي تۈۋىگە ئۆمىلەپ بېرىپ، پوتەي بىلەن يانداش دەرۋازىغا كىرسىن چېچىپ ئوت قويىدۇ. لېكىن، دەرۋازا ئىچى تەرەپتىن قۇم خالتىلىرى بىلەن بېكىتىلگەنلىكتىن، ئوت ئانچە ئۇلۇغ كۆيمەيدۇ. خەمىت ئۆزلىرىگە يېقىن جايغا چۈشكەن ئىككى گراناتنى پارتلاش ئارىلىقىدا ئېلىپ قايتۇرۇپ ساقچى ئىدارىسى قورۇسىغا ئاتىدۇ. 3- قېتىم چۈشكەن گراناتنى ئېلىپ قايتۇرۇپ ئاتىدىغان چاغدا گىرانات پارتلاپ كېتىپ، ئېغىر يارىلىنىدۇ. سەپداشلىرى ئۇنى قورۇنىڭ كەينى بىلەن شتابقا ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ئەھۋالغا ئەكبەر ۋە باشقا سەپداشلىرى قاتتىق ئېچىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىخەتەررەك يەردە تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇلاستاي تېغىدىكى باش شتابقا - فاتىخنىڭ يېنىغا يولغا سالىدۇ. بەختكە قارشى خەمىت 10- ئاينىڭ 23- كۈنى ۋاپات بولىدۇ.
ئاندىن ئەكبەر، سېيت، غېنى، ئىۋان قاتارلىق باشلىقلار باش قوشۇپ، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنى قانداق ئېلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىدۇ. نەتىجىدە، بىرلىككە كەلگەن پىكىر بويىچە تۈن قاراڭغۇسىدىن پايدىلىنىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر قورۇدىن يەنە بىر قورۇغا تېشىپ ئۆتۈپ، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى بىلەن تۇتاشقان كۇلۇبقا ئوق ياغدۇرىدۇ. كۇلۇبتىكى گومىنداڭ ئەسكەرلىرى بەرداشلىق بېرەلمەي، ساقچى ئىدارىسىگە چېكىنىدۇ. غەيرەتكە كەلگەن پارتىزانلار بىر ھۇجۇم بىلەن ساقچى ئىدارىسىنى ئىشغال قىلىدۇ ۋە ساقچى ئىدارىسىنىڭ كوچا تەرەپتىكى پوتىيىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ. ئارقا تەرەپتىكى پوتەيدە تۇرغان ئەكسىيەتچىلەر ئاق بايراق چىقىرىپ، تەسلىم بولىدۇ. قورچاق ھاكىم، ساقچى ئىدارىسى ۋە سوت باشلىقلىرى ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئوبۇلخەيرى تۆرە، يۈسۈپخان، ئىسھاق، ئوسمان، باۋۇدۇن خەلپەت، دارجا گەسكۈ قاتارلىق يۇرت مۆتىۋەرلىرى قۇتقۇزۇۋېلىنىدۇ. ئىنقىلابقا قارشىلىق كۆرسەتكەن قاناتبەگ خەلق ئالدىدا ئېتىپ تاشلىنىدۇ. دېمەك، 10- ئاينىڭ 20- كۈنى نىلقا شەھىرى پارتىزانلارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. پارتىزانلار خېلى نۇرغۇن مىلتىق، ئوق - دورا قاتارلىق غەنىيمەتلەرگە ئىگە بولىدۇ. نەتىجىدە، پارتىزانلارنىڭ سېپى ۋە قورال - ياراغلىرى ھەسسىلەپ كۆپىيىدۇ؛ ئىنقىلابىي ئىرادىسى مۇستەھكەملىنىپ، غەيرىتى ئاشىدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنقىلابقا بولغان ئىشەنچىسى ئېشىپ، تۈركۈملەپ كېلىپ پارتىزانلارغا قوشۇلىدۇ. شۇ كۈنلەردە ئۇلاستايدىكى باش شىتابتىن - فاتىخ مۇسلىموفتىن: «گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ تەخمىنەن بىر تۇەن ئەسكىرى تاشداۋانغا يېقىنلاشتى» دېگەن خەۋەر كېلىدۇ. (ئەمەلىيەتتە بىر تۇەن ئەمەس، 5 - 6 يۈزدەك ئادەم ئىكەن). ئەكبەر، سېيىت، غېنى، ئىۋان قاتارلىقلار مەسلىھەتلىشىپ پارتىزانلارنى باشلاپ، گومىنداڭ ئەسكەرلىرىگە زەربە بېرىشكە ئاتلىنىدۇ. ئۇلار تاشداۋانغا كېلىپ، ئۇ يەردە يوشۇرۇنغان دۈشمەن ئەسكەرلىرىگە تەرەپ - تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى ئورنىدىن قوزغاپ چېكىندۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ. بۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتقان ئەكبەر يېڭى تاكتىكا قوللىنىپ، دۈشمەنگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىش، ئۇلار جاۋابەن ئوق ياندۇرغان چاغدا بىر نەچچىگە بۆلۈنۈپ، ئۇلاستاي تېغىغا قاچقان بولۇۋېلىپ، جىرا - جىرالارغا مۆكۈۋېلىش، دۈشمەن ئورنىدىن قوزغىلىپ قوغلىغاندا ياكى نىلقىغا قاراپ يولغا چىققاندا، ئىۋان باشچىلىقىدىكى پارتىزانلار سازلىقنىڭ تاغ تەرىپىدىن؛ ئەكبەر، سېيىتلار باشچىلىقىدىكى پارتىزانلار ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مۇشۇ تاكتىكا بويىچە ئىش كۆرۈپ، پارتىزانلار قاچقان بولۇۋالغاندا گومىنداڭ ئەسكەرلىرى دەرھال ئورنىدىن قوزغىلىپ قوغلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن بىر ئازدىن كېيىن ئەتراپنى، بولۇپمۇ يولنى بايقاپ كۆرۈپ، نىلقا شەھەر ئىچىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. بۇ چاغدا پارتىزانلار يۇقىرىقى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ھۇجۇم قوزغايدۇ. دۈشمەن گاڭگىراپ، قاش دەرياسى تەرەپكە چېكىنىپ قاچىدۇ. بۇ جگرياندا بىرمۇنچە دۈشمەن يوقىتىلىدۇ. بىرمۇنچىسى دەريادىن ئۆتۈپ، چۈنجى، ئاقتۇبەك قاتارلىق جايلار بىلەن قاچىدۇ، بىرمۇنچىسى قوراللىرىنى دەرياغا تاشلاپ، توقايلىققا مۆكۈۋالىدۇ. بۇنداقلاردىن بەزىلىرى خەلقنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. بەزىلىرىنىڭ سۇدا ئېقىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. دېمەك، پارتىزانلار بۇ قېتىمقى جەڭنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىپ، دۈشمەنگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ ۋە بىر قىسىم قورال - ياراغ، ئوق - دورا غەنىيمەت ئالىدۇ.
بۇ چاغدا باش شىتاب گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ نىلقىنى قايتۇرۇۋېلىش، شۇ ئاساستا ئۇلاستايغا ھۇجۇم قىلىپ، باش شتابنى ۋە پارتىزانلارنى تارمار قىلىش ئۈچۈن، نىلقىغا مازار، سۇفتاي ئارقىلىق بىر پولك، باسىلگەن ئارقىلىق بىر پولك؛ تۆتە داۋىنىدىن ئاشۇرۇپ قاراتۆبە ئارقىلىق بىر تۇەن جەمئىي ئۈچ تۇەن ئەسكەر ئەۋەتمەكچى بولۇپ، جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. خەۋەرگە ئاساسەن رەھبەرلەر ئىلگىرىكى ئۈچ ئەترەتنى ھەر جەھەتتىن تولۇقلاپ، غېنى يېتەكچىلىكىدىكى ئەترەتنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ تۆتەداۋان، قاراتۆبە ئارقىلىق كېلىدىغان پولكىنى توسۇشقا؛ ئىۋان يېتەكچىلىكىدىكى ئەترەتنى مازار ۋە ئاچال ئارقىلىق كېلىدىغان پولكىنى توسۇشقا؛ سېيت يېتەكچىلىكىدىكى ئەترەتنى باسىلگەندىن كېلىدىغان پولكىنى توسۇشقا مەسئۇل قىلىدۇ. فاتىخ ئۇلاستايدىكى باش شتابتا تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىدىغان؛ ئوسمان مەمۇرىي ئارقا سەپ بويىچە فاتىخقا ياردەمچى بولۇپ نىلقىدا تۇرۇپ ئىشلەيدىغان؛ ئەكبەر قوراللىق قوشۇنلارغا كونكېرت يېتەكچىلىك قىلىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئەسكەرلىرىگە قارشى ئۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان بولىدۇ.

داۋامى بار.


ئەسلى ئاپتورى: قۇربان ئېلى ئوسمانوف
مەنبەسى: «شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ئىشلار ئەسەر خاتىرىسى»دىن ئېلىندى

داۋامى
ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ھەر بىر ئەترەت ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا كىرىشىدۇ. ئەكبەر ئورالباينى ھەمراھ قىلىپ ئاچالغا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن بىر ئاز ئىلگىرى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئاچال ئارقىلىق كېلىدىغان ئەسكەرلىرىنى توسۇشقا ئابدىلدا بىلەن بايمەرداننى باش قىلىپ 18 ئادەمنى ئەۋەتىدۇ. ئابدىلدا ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا نەپسى يامانلىق قىلىپ، ئۇگۇڭدىكى جاڭ فۇ دېگەن باي دېھقاننىڭ مال - مۈلكىنى بۇلاپ، بۆربوسۇنغا ئەكىلىۋالىدۇ. ئەكبەر بۇ مەسىلە ھەققىدە ئالدىن خەۋەر تاپىدۇ. شۇڭا ئۇ بىر تەرەپتىن، ئاچالنىڭ ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سەپداشلارنى قايتۇرۇپ كېلىش، شۇنىڭدەك ئامما ئارىسىدىكى كۆڭلى يېقىن ئادەملەرگە سەگەكلىك بىلەن ئەھۋال كۆزىتىپ، بىرەر ئەھۋال كۆرۈلسە خەۋەر قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئابدىلدانىڭ مەسىلىسىنى ئېنىقلاپ، خەلق ئالدىدا بىر تەرەپ قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئابدىلدانىڭ خەلقتە قالدۇرغان يامان تەسىرىنى يوقىتىپ، خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن كېلىدۇ. شۇڭا ئەكبەر ئاچالغا كېلىشى بىلەنلا ئابدىلدانىڭ مەسىلىسىنى خەلقتىن ئېنىقلاپ، راستلىقىنى دەلىللىگەندىن كېيىن، ئابدىلدانى دەرھال قورالسىزلاندۇرىدۇ. بۇلىۋالغان نەرسە - كېرەكلەرنى خەلق ئالدىدا جاڭ فۇغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. شۇ ئاساستا ئابدىلدا قىلمىشىغا قاتتىق توۋا قىلىپ، جاڭ فۇدىن، خەلقتىن ئەپۇ سورايدۇ. ئەكبەرگە: «ئاتما، گۇناھىمنى ئۇرۇش جەريانىدا خىزمەت كۆرسىتىپ ئاقلايمەن» دەپ يالۋۇرىدۇ. ئەكبەر خەلقنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ كەچۈرۈم سورىشى بىلەن ئابدىلداغا چارە كۆرمەيدۇ.ئەكبەر باسىلگەنگە كەلگەندە ئۇرۇش بولىدۇ (گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئەسكەرلىرى 400چە، پارتىزانلار 80-90چە ئىدى. پارتىزانلارغا مەدەت بېرىۋاتقان خەلق 800 ئەتراپىدا ئىدى). گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ 20-30چە ئادىمى باسىلگەندىكى كىچىكرەك بىر چوققىنى ئىگىلەپ، شۇ يەردىن پارتىزانلارغا پىلىموت ئېتىپ، ئۆز قىسىملىرىنىڭ باسىلگەن داۋىنىدىن ئۆتۈشىگە يول ئاچماقچى بولىدۇ. پارتىزانلار بولسا بۇلارغا قارشى ئوق ئېتىپ تىركىشىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئەكبەر بىر قىسىم يولداشلىرى بىلەن دۈشمەن ئىگىلەپ تۇرغان چوققىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى يەنە بىر ئېگىز چوققىغا ئورۇنلىشىپ، ئوق ياغدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قوراللىق پارتىزانلار ئىچىدىكى مەرگەنلەرنى تاللاپ بىر قانچە مۇھىم جايلارغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. خەلقنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىللەپ، تۈزلەڭلىكتىكى دۈشمەنلەر پارتىزانلارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتسە ياكى چېكىنسە، ئېگىزدە تۇرۇپ تاش دومىلىتىپ زەربە بېرىشكە تاش توپىلايدۇ. خەلقنىڭ يەنە بىر قىسمىنى تاياقنى مىلتىق شەكلىدە تۇتۇپ ۋە ئېسىۋېلىپ، ئۇ يەر-بۇيەردە يۆتكىلىپ ئورۇنلىشىۋاتقان قىياپەت كۆرسىتىپ، دۈشمەننى قايمۇقتۇرۇشقا ئۇيۇشتۇرىدۇ. مۇشۇ ئاساستا پارتىزانلار ھەرىكىتىدە جانلىق يېڭى دولقۇن پەيدا قىلغاندىن كېيىن، سېيىتنى بىر بۆلۈك ئادەم بىلەن ئارقا تەرەپكە ئۆتۈپ دۈشمەن پىلىموتىنى ۋە شۇ يەردىكى ئەسكەرلەرنى يوقىتىشقا بۇيرۇيدۇ.
سېيىت شۇئان يولداشلىرى بىلەن ئارقا تەرەپتىن بېرىپ، دۈشمەننىڭ پىلىموتچىسىنى ئۇجۇقتۇرۇپ تاشلايدۇ ۋە قالغان دۈشمەننى قېچىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. شۇ پەيتتە مۇھىم جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەرگەنلەرمۇ كارامىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان دۈشمەن بىر ئورۇندا تۇرالماي، بىردەم ئۇياقتا، بىردەم بۇياقتا يۆتكىلىپ، پاناھ جاي ئىزدەشكە كىرىشىدۇ. دەل شۇ چاغدا توپلاشقان تاشلارنى غۇلىتىپ، بىر تاش ئون تاشقا، ئون تاش يۈز تاشقا، يۈز تاش مىڭ تاشقا ئايلىنىپ دۈشمەننى تىرىپىرەن قىلىۋىتىدۇ. بەرداشلىق بېرەلمىگەن دۈشمەن ئاخىر بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈكىنى قالدۇرۇپ قاچىدۇ. پارتىزانلار بىر نەچچە پىلىموت، 100 گە يېقىن مىلتىق، خېلى نۇرغۇن ئوق - دورا ۋە باشقا نەرسە - كېرەكلەرنى غەنىيمەت ئالىدۇ.
بۇ ئۇرۇشتا ئابدىراخمان باتۇرلارچە قۇربان بولىدۇ. جالباس، جاڭ باي قاتارلىقلار، جۈملىدىن ئابدىلدا گۇناھىنى يۇيۇش يۈزىسىدىن ئالاھىدە خىزمەت كۆرسىتىدۇ. ئوبۇلخەيرى تۆرە، سۈرەتچى شاڭيۇ، فۇجا قاتارلىق يۇرت مۆتىۋەرلىرى پارتىزانلارنى قوللاپ بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. ئوزۇق - تۈلۈك، ئات - ئۇلاغ جەھەتتىن ياردەمدە بولىدۇ...
باسىلگەن ئۇرۇشى دەسلەپكى غەلىبىگە ئېرىشىپ، پارتىزانلار بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ روھى كۆتۈرۈلگەن بىر پەيتتە، باش شتابتىن يەنى فاتىخ مۇسلىموفتىن غېنى يېتەكچىلىكىدىكى ئەترەتنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ كەينى - كەينىدىن كىرگۈزگەن ئەسكەرلىرىگە تەڭ كېلەلمەي، قاراتۆبىدىن چېكىنگەنلىكى، نەتىجىدە نىلقا شەھىرىنىڭ قولدىن كەتكەنلىكى، ئىۋان يېتەكچىلىكىىكى ئەترەتنىڭ مازار ۋە ئاچالغا كېتىۋېتىپ يولدا ئۆزلىرىدىن بىرنەچچە ھەسسە ئارتۇق دۈشمەن ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ سوقۇش قىلغانلىقى، ئۇرۇش جەريانىدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە تۈركۈم - تۈركۈملەپ ياردەمچى ئەسكەر كېلىپ، ئاخىرىدا پارتىزانلارنىڭ چېكىنىپ ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى، چېكىنىش جەريانىدا قاراسۇدىن ئۆتۈپ چولاقبۇلاققا يېقىنلىشىپ قالغانلىقى، شۇڭا ئەكبەر بىلەن سېيىتنىڭ پارتىزانلارنى باشلاپ دەرھال قايتىپ كېلىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، باش شتابنى قوغدىشىنىڭ لازىملىقى ھەققىدە خەۋەر كېلىدۇ.
ئەكبەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، باسىلگەننىڭ بىر قانچە مۇھىم جايلىرىغا قاراۋۇل قويىدۇ - دە، پارتىزانلارنى باشلاپ قاش دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئىۋان يېتەكچىلىكىدىكى پارتىزانلارنى چېكىندۈرۈپ چولاقبۇلاققا يېتىپ كەلگەن دۈشمەن ئەسكەرلىرىگە ياندىن (ئۇلاستاي تېغى تەرەپتىن) ھۇجۇم قىلىدۇ، پىلىموت ۋە مىلتىقلاردىن تەڭ ئوق ياغدۇرىدۇ. ئىۋان ۋە ئۇنىڭ ئەترىتىدىكى پارتىزانلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ روھلىنىدۇ-دە، چېكىنىشتىن تىركىشىشكە، تىركىشىشتىن ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتىدۇ. نەتىجىدە، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئالغا ئىلگىرىلەشتىن توختاپ، قاراسۇغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. مۇشۇ ئارىلىقتا قاراتۆبىدىن چېكىنگەن غېنى ۋە ئۇنىڭ ئەترىتىدىكى پارتىزانلار يېتىپ كېلىپ، ماسلىشىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ.
شۇ كېچىسى پارتىزانلار باش شتابقا باش قوشۇپ، قاراسۇدىكى دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى قانداق يوقىتىش توغرىسىدا پىكىرلىشىدۇ.
ئەتىسى 11- ئاينىڭ 5- كۈنى ئەتىگەندە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ قاراسۇغا چېكىنگەن ئەسكەرلىرى ياردەمگە كەلگەن ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە يەرلىك بىرنەچچە غالچىغا يول باشلىتىپ، پارتىزانلارنى ۋە باش شتابنى تارمار قىلىۋەتمەكچى بولۇپ جالىنقۇلغا كەلگەنلىكى، ئۇلاستايغا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولىدۇ. فاتىخ بىلەن ئەكبەر دەرھال مەسلىھەتلىشىپ، پارتىزانلارنى ئۈچكە بۆلۈپ، غېنى يېتەكچىلىكىدىكى پارتىزانلارنى قاراسۇ تەرەپتىن ئارىغا كىرىپ جالىنقۇلغا كەلگەن دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئارقا سېپىنى ئۈزۈۋېتىش، چېكىنسە توسۇپ زەربە بېرىشكە، قالغان ئىككى بۆلۈك پارتىزانلارنى تاغ ياقىلاپ بېرىپ جالىنقۇلنىڭ ئۆزىدىن ۋە جالىنقۇل بىلەن ئۇلاستاي ئارىلىقىدىكى ئاق چىغلىقتىن ھۇجۇم قىلىشقا مەسئۇل قىلىدۇ ۋە دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ئىشقا كىرىشىدۇ. ئەكبەر ئۆزى ئاق چىغلىقتىن ھۇجۇم قىلىدىغان پارتىزانلار بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ ۋە رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئۇرۇش كەسكىن باشلىنىپ، خېلى ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ. ئاخىر دۈشمەن ئەسكەرلىرى قورشاپ قىلىنغان ھۇجۇمغا بەرداشلىق بېرەلمەۇ، قاراسۇغا چېكىنىدۇ...
بۇ ئۇرۇشتا ئەلئارىس قەھرىمانلارچە قۇربان بولىدۇ. ئەكبەر ئېغىر يارىلىنىدۇ. پارتىزانلار بىلەن خەلق ئاممىسى ئۇنىڭغا قاتتىق ئېچىنىدۇ، كۆز يېشى قىلىشىدۇ. لېكىن ئەكبەر ئۆزىنى تۇتۇپ، پارتىزانلار بىلەن خەلق ئاممىسىنى مەيۈسلەنمەي تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ داۋاملىق ئىنقىلاب قىلىشقا، ئىنقىلاب جەريانىدا تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئىنىلىرىدىن سېيىت بىلەن ناۋانغا، بولۇپمۇ سېيىتقا ئۆزىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، فاتىخ، غېنى، ئىۋان بايچۇرىن قاتارلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرى بىلەن، شۇنىڭدەك بارلىق پارتىزان ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن ھەقىقىي ئىتتىپاقلىشىپ، ئىنقىلابنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىشنى تاپىلايدۇ.
شۇ كۈنى كۈنپېتىشتىن ئىلگىرى ئۇلاستاي تاغ ئېغىزىدا سېرىق جۇۋا كىيگەن ئۈچ ئاتلىق ئورۇس پەيدا بولىدۇ. پارتىزانلار ئۇلارنى توسۇپ سۆزلەشكەندە، ئۇلار فاتىخ ياكى ئەكبەر بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. پارتىزانلار ئۇلارنى ئېھتىيات بىلەن يالاپ ئەكبەرنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلگەندە، ئەكبەر ئۇلارنى فاتىخنىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىشنى بۇيرۇيدۇ. ئورۇسلار فاتىخنىڭ قېشىغا بارغاندا، ئۆز ئارا خۇشاللىق بىلەن كۆرۈشۈپ قول ئېلىشىدۇ. فاتىخقا جۇۋا ئىچىگە يوشۇرۇپ كەلگەن 12 ئاپتوماتنى تاپشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرى رەھبەرلىكنىڭ نىلقا پارتىزانلىرىغا غۇلجا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا بەرگەن بۇيرۇقىنى، بۇلار شەرقتىن ھۇجۇم باشلىغاندا، غۇلجا شەھىرىدىكى ئىنقىلابچىلار بىلەن قورغاس، سۈيدۈڭ (لوسىگۇڭ) پارتىزانلىرىنىڭ غەربتىن ماسلىشىپ ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.
فاتىخ يۇقىرىنىڭ كۆرسەتمىسى توغرىسىدا سېيىت، غېنى، بايچۇرىن، ئىۋان، ناۋان، نۇرغالى، ماناپقان، سىبانبېك، نۇر، ھوشۇر قاتارلىقلار بىلەن كېڭىشىدۇ ۋە خەلق ئاممىسىنى سەپەرۋەر قىلىدۇ. شۇ ئاساستا 11- ئاينىڭ 6- كۈنى كۈندۈزى بىر قانچە كىچىك گۇرۇپپىنى ئەۋەتىپ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ قاراسۇدىكى ئەسكەرلىرىگە تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىدىن قوزغىلىشقا ئىمكانىيەت بەرمەي، جىددىي ھازىرلىق كۆرىدۇ ۋە شۇ كېچىسى غۇلجا شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىپ، 11- ئاينىڭ 7- كۈنى ئەتىگەندە ھۇجۇم باشلايدۇ. لېكىن، غۇلجا شەھىرىدىكى ئىنقىلابچىلار بىلەن قورغاس، سۈيدۈڭ (لوسىگۇڭ) پارتىزانلىرى ۋاقتىدا يېتىپ كېلەلمىگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ قىلغان ھۇجۇمى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ. نەتىجىدە، نىلقا پارتىزانلىرى دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قانچە تەرەپتىن قىلغان قايتۇرما ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىپ، غۇلجا شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلارغا ۋە سۈيدۈڭ، قورغاس تەرەپكە چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. دۈشمەننىڭ پىيادە قىسىملىرى ئۇلارنى قوغلاشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. پەقەت بىر نەچچە ئايروپىلان ئەۋەتىپ ئوققا تۇتىدۇ ۋە بومباردىمان قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا پارتىزانلار تەرەپتىن بىرنەچچە ئات ئۆلگەندىن باشقا، ئادەم چىقىم بولمايدۇ.
نىلقا پارتىزانلىرى چېكىنگەن ۋاقىتتا، غېنى بىر قىسىم پارتىزانلار بىلەن قارادۆڭ ساقچىخانىسىغا بېسىپ كىرىپ، فاتىخ مۇسلىموفنىڭ خوتۇن - بالىلىرىنى ئېلىپ چىقىدۇ.
غۇلجا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان پارتىزانلار 700 دىن ئارتۇق بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق مىلتىق، 20 گە يېقىن يان قورال، بىر نەچچە پىلىموت، ئون نەچچە ئاپتومات قاتارلىق قوراللارغا ئىگە ئىدى. خەلق ئاممىسى مىڭغا يېقىن بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى نەيزە، كالتەك، پالتا قاتارلىقلار بىلەن قوراللانغانىدى. ئوبۇلخەيرى تۆرە، سۈرەنچى شاڭيۇ، فۇجا قاتارلىق بىر قانچە يۇرت مۆتىۋىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامما ئۆز ئارا يار - يۆلەكتە بولۇپ، پارتىزانلارنىڭ سېپىنى تولۇقلاش، ئوزۇق - تۈلۈك، ئات - ئۇلاغ قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەش، ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەرخىل ئۇسۇل - چارىلەر ئارقىلىق دۈشمەنگە تەھدىت سېلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلاتتى. دېمەك، خەلق بىلەن زىچ ئىتتىپاقلاشقان نىلقا پارتىزانلىرى 1700 دىن ئارتۇق كىشىلىك ئىنقىلابىي قوشۇن بولۇپ، غۇلجا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغانىدى.
نىلقا پارتىزانلىرى غۇلجا شەھىرىدىن چېكىنىپ، قايتا ھۇجۇم قىلىشقا ھازىرلىنىش داۋامىدا غۇلجا شەھىرىدىكى ۋە قورغاس، سۈيدۈڭ (لوسىگۇڭ) پارتىزانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، غۇلجا شەھىرىگە 11- ئاينىڭ 8- كۈنى سەھەردە ئىلگىرىكى پىلان بويىچە شەرق، غەرب ئىككى تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىدىغان، تۇنجى ئوقنى غەربتىن ھۇجۇم قىلغۇچى غۇلجا شەھىرى بىلەن قورغاس، سۈيدۈڭ (لوسىگۇڭ) پارتىزانلىرى ھۇجۇم سىگنالى سۈپىتىدە ئاتىدىغان بولىدۇ.
شۇنداق قىلىپ نىلقا پارتىزانلىرى تاڭ ئالدىدا غۇلجا شەھىرىنى شەرقتىن قورشاپ، قارا دۆڭ، بوينى كېسىك تەرەپلەردىن كىرىشكە ھازىرلىنىپ، سىگنال بېرىلىشنى كۈتىدۇ.
شۇ پەيتتە غۇلجا شەھىرى بىلەن قورغاس، سۈيدۈڭ پارتىزانلىرى ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە غۇلجا شەھىرىگە غەربتىن دۆڭمەھەللە، شەرقمەھەللە ئارقىلىق كىرىپ، ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنى قورشىۋالىدۇ ۋە ساقچى باشلىقى ليۇ بىندىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ليۇ بىندى ئەسلىدە قورچاق شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ساقچى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىدى. نىلقىدا ئىنقىلاب باشلانغان چاغدا ئىنقىلابنى باستۇرۇش ئۈچۈن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى ئىلىغا مۇئاۋىن ۋالىي، قوغۇنچە ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قىلىپ ئەۋەتكەنىدى. ئۇ ئىلىغا كېلىشى بىلەنلا، گومىنداڭنىڭ ئىلىدىكى مەمۇرىي، ھەربىي باشلىقلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، بىر قىسىم كونا - يېڭى جاسۇس ۋە غالچىلاردىن پايدىلىنىپ ئىنقىلابنى باستۇرۇش يۈزىسىدىن بىگۇناھ خەلقنى قولغا ئېلىش، نەزەربەند قىلىش، يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش قاتارلىق يوللار بىلەن تېرورلۇق يۈرگۈزۈپ، خەلقنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇماقچى بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۈچ يول بىلەن ئەسكەر كىرگۈزۈپ، نىلقا پارتىزانلىرىنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنقىلابقا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا، ئىنقىلابىي خەلقنىڭ ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشى توغرا ئىدى.
غۇلجا شەھىرىگە شەرقتىن بېسىپ كىرگەن نىلقا پارتىزانلىرى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ يول ئۈستىدىكى ساقچى ئىدارىسى ۋە باشقا توسالغۇلىرىنى كەلكۈن سۇدەك بېسىپ ئۆتۈپ، قوماندانلىق شتابى بىلەن ۋالىي مەھكىمىسىگە (ئىككىسى بىر قورۇدا ئىدى) شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، تېزلىك بىلەن ئىشغال قىلىدۇ. باش ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلغان ئىنقىلابچىلار باش ساقچى ئىدارىسىنى ۋە باش ساقچى ئىدارىسى ئالدىدىكى تۈرمىنى ئىشغال قىلىدۇ. ئاندىن ئۇن زاۋۇتى ۋە 2- تۈرمىنى بازا قىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان دۈشمەن ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ جەرياندا نىلقا پارتىزانلىرى بىلەن غەلىبىلىك ئۇچرىشىدۇ.
ئىنقىلاب ئوتى ئىچىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى قېچىپ، ھەربىي كۈچلىرى بىر قەدەر مەركەزلەشكەن ۋە مۇستەھكەم ئىستىھكام دەپ ئىشەنگەن ھەرەمباغقا كىرىۋالىدۇ...
ئىنقىلابچىلار ھەرەمباغنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر تۇتاش لياڭشاڭ ئايرودرومىنى قورشىۋېلىپ، دۈشمەننى ئەركىن ھەرىكەتلىنىشتىن مەھرۇم قىلىدۇ.
غۇلجا شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى غەلىبىلىك ئۇرۇش جەريانىدا پارتىزانلار جەريانىدا پارتىزانلار سېيت قەھرىمانلارچە قۇربان بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن نىلقا پارتىزانلىرى، مىللىي ئارمىيە رەسمىي قۇرۇلغىچە بولغان بىر نەچچە ئاي ئىچىدە نۇرغالى، ماناپقان، نەزەروف، بەيبېك، قازىقان، تۆكەن قاتارلىق ئادەملەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە 7-8 ئەترەتكە (ليەنگە تەڭ كېلىدۇ) بۆلۈنۈپ، ھەرەمباغ، ئايردروم قاتارلىق ئورۇنلارنى قورشاپ تۇرىدۇ ۋە ئۇرۇش قىلىدۇ. قورشاۋدىكى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن ئايروپىلان ئارقىلىق ئايردرومغا تاشلانغان ئوزۇق - تۈلۈك، قورال - ياراغ ۋە باشقا نەرسىلەرنى داۋاملىق تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى ياردەمسىز قالدۇرىدۇ. شۇ قاتاردا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ غۇلجا شەھىرىگە جىڭ، ئاچال، توغراسۇ قاتارلىق يەرلەر ئارقىلىق كىرگۈزمەكچى بولغان ئەسكەرلىرىنى توغراسۇ، چاپقۇنجۇتا، قاراسەي قاتارلىق يەرلەردە ئالدىدىن توسۇپ ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ. دېمەك، ئۇلار غۇلجا شەھىرىدىكى خەلقنىڭ گومىنداڭ مۇستەبىتلىرىنىڭ قانلىق چاڭگىلىدىن ئازاد بولۇشىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشىدۇ...
غۇلجا شەھىرى گومىنداڭ مۇستەبىتلىرىنىڭ قانلىق چاڭگىلىدىن ئازاد بولغاندىن كېيىن (1945- يىلى يازنىڭ باشلىرى بولۇشى مۇمكىن) ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى رەسمىي قارار چىقىرىپ، مەرھۇم ئەكبەرگە «خەلق قەھرىمانى» دېگەن نامنى بېرىدۇ ۋە شۇ نامدا بىر ئوردىن تەقدىم قىلىدۇ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى 300 قوي بىلەن مۇكاپاتلايدۇ (بۇ قارار ۋە بۇ قارارنىڭ ئىجراسى شۇ چاغدىكى ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە باشقا تىلدىكى گېزىتلەردە ئېلان قىلىنىدۇ).

                                                                   * * *


ئاپتور قۇربان ئېلى ئوسمانوفنىڭ ئەسلىمىسى


مېنىڭ بۇ تارىخىي ئەسلىمىنى يېزىشتىكى ئاساسلىرىم:
1. مەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى نىلقىنىڭ ئۇلاستاي تېغىدىن باشلانغان چاغدا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى شۇ يەردە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئىدىم. دېمەك، ئىنقىلابنىڭ باشلىنىشىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن.
2. 1945- يىلى 10- ئايدا نىلقا ناھىيىسىدە ئىنقىلاب باشلانغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش، تەنتەنە قىلىش چوڭ يىغىنىغا مۇخبىر سۈپىتىدە قاتناشقان ۋە مۇشۇ جەرياندا خەمىت توختى ئىككىمىز بىرلىكتە فاتىخ مۇسلىموف بىلەن كۆرۈشۈپ يېرىم كۈن سۆھبەتتە بولۇپ، ئىنقىلابنىڭ باشلىنىش ئەھۋالىنى ئاڭلىغان.
3. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ۋە ئازادلىقتىن كېيىن بايچۇرىن قاتارلىق يولداشلار بىلەن ئىلىدا بىللە بولغان، شۇ جەرياندا بۇلاردىن بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئۇققان.
4. بۇ يىل (1984- يىلى) يازدا نىلقا ناھىيىسىگە بېرىپ، نىلقىدا ئىنقىلاب قوزغىغان ۋە ئىنقىلابقا باشتىن - ئاخىر قاتناشقان نۇرغالى، مولداجان، ئورالباي، ماناپقان قاتارلىق يولداشلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىنقىلابنىڭ باشلىنىش ئەھۋالىنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىدىم. جۈملىدىن نىلقا ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق كومىتېتىدا ئىشلەۋاتقان ۋە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان شاماش (شامەشرەپ)، مەمەتقان، شوكەمان، دۆلەتقان، قاڭباقوف قاتارلىق يولداشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇردۇم.
دېمەك، بۇ ئەسلىمىنى خېلى پىششىق ۋە ئىشەنچلىك دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەسلىمىدە يېتەرسىزلىكلەرنى يوق دېيەلمەيمەن. شۇڭا سەپداشلارنىڭ كۆرۈپ چىقىپ تۈزىتىش، تولۇقلاش توغرىسىدا پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

1984- يىلى ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى.

(«شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى»نىڭ 1985- يىللىق 16- سانىدىن ئېلىندى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرى)

مەنبەسى: شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ئىشلار ئەسەر خاتىرىسى ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-17 12:09 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11120
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 01:17:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتە ئوغرى باشلىغان ئىشنى ، ئىككى زىيالى چىقىپ بۇزدى ، دەپ ئاڭلىغانتىم مەن .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1506
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3111 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 01:45:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىرىڭىزگە رەھمەت  دوستۇم، بەك ياخشى تېما توللاپسىز. داۋامىغا ئىنتىزارمىز.

كۈمۈش قاغا مۇزىكا ئەترىتى
anka8 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 02:55:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89409
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 153
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-1-1
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 11:23:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرلۇپ بۇلۇپ،نىمىشقا  تارقىلپ كېتىدۇ؟ نەچچەيىل جەڭ  قىلپ،ئەسلى بۇلارنىڭ نىيتى باشقىكەن؟

!!!افۇرقان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1090
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6960
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 593 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 11:35:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى  2013-1-16 01:17 AM
ئالتە ئوغرى باشلىغان ئىشنى ، ئىككى زىيالى چىقىپ بۇزدى  ...

دەل   شۇنداق !

تىرىشچانلىق بىزدىن ، مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھتىندۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89110
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 446
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2012-12-25
ئاخىرقى: 2014-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 11:42:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتە ئوغرى باشلىغان ئىشنى ، ئىككى زىيالى چىقىپ بۇزدى
ئەينى مۇددىئا !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74767
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5092
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 12:12:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدىن دۇنيا ھاڭ-تاڭ قالغۇدەك قان كېچىپ جەڭ قىلىدىغان نۇرغۇن قەھرىمانلار چىقتى. لىكىن سىياسۇنلار ئاساسەن يوق دېيەرلىك بولدى.
تارىخ كەتتى. بىز بۈگۈننى قەدىرلىشىمىز لازىم.

پەقەت ئاللاھ قا ئىگىلىمەن.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22893
يازما سانى: 1032
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15560
تۆھپە نۇمۇرى: 312
توردا: 7223 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 12:13:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى  2013-1-16 01:17 AM
ئالتە ئوغرى باشلىغان ئىشنى ، ئىككى زىيالى چىقىپ بۇزدى  ...

شۇنداق!!!!

تۈلكىنىڭ قولىغا چۈشكەندىن،يولۋاسنىڭ قولىغا چۈشكەن ئەلا.
خۇدانى ھەقىقى بىلگەن كىشى ھەرقانداق ۋاقىتتا،خەق كۆرمىدى دەپ ئۆزنەپسىگە چوغ تارتالمايدۇ.
شۇنداق بىر كۇنلەر كىلىدۇ.(مىللىتىم)ھەمىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان، ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ خالاس!

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 12:45:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز يالغۇز ئەمەس!!!چۈنكى ئۈستىمىزدە ئىگىمىز بىز بىلەن بىللە!!!

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش