مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 490|ئىنكاس: 3

مەرىپەت ئىزدەش ، كامالەتكە يېتىش خىياللىرى بىزدىن قانچىلىك يىراق؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 09:26:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


          مەرىپەت ئىزدەش ، كامالەتكە يېتىش خىياللىرى بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا ؟

                               ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىش
     كىشىلىك ھايات بىر تىلسىماتلىق كائىنات . ئۇنىڭدىكى جۇت - بورانلىق كۈنلەر ئاي-كۈنى توشۇپ كۆزى يورۇش ئالدىدىكى ئايالنىڭ تولغاق ئازابى بولسا ، خوشاللىق دەقىقىلىرى بالىسىنىڭ تايتاڭلاپ مېڭىپ ئايىغى چىققانلىقىنى كۆرۈپ ، ئەزگۈ ھېسىياتلارغا تولغان ، ياراتقۇچىسىنىڭ ئۆزىنى بىر ئانا بولۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر قىلغانلىقىدىن چەكسىز ئىپتىخارلانغان سۆيۈملۈك ئانىنىڭ ئاچچىق كەچمىشلەرنى ئۇنتۇپ ، بالىسىغا تېخىمۇ بېقىۋاتقاندىكى كارتىنىلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ . كىشىلىك ھايات بىر قارىسا قۇرساق تويغۇزۇش ، ئائىلە تىرىكچىلىكى ، بالا غېمى ئۈچۈن پالاقشىپ ، ئۆز - ئۆزىنى قىيناشتەك تۇيۇلىدۇ . بىر قارىسا چىن ئىنسان بولۇش يولىدا پىشىپ يېتىلىش ، ئىختىرالارنى يارىتىش ، گۈزەللىكتىن ھوزۇرلىنىش ، ماددىي ۋە مەنىۋى چاڭقاقلىقنى قاندۇرۇشقا تىرىشىش ، ئادىمىيلىك پەزىلەتكە ئىگە بولۇشتەك تۇيۇلىدۇ . دېمىسىمۇ ھايات ئادەمگە ھەممە نەرسىنى ئۆگىتىدىغان "ئوقۇتقۇچى" . تىرىكچىلىك ئادەمنىڭ ئادىمىيلىك مۇقامىغا يېتىشتە ئوينىلىدىغان ئۇسۇلدۇر .
     بىر كىشىنىڭ ھاياتىنىڭ قايسى رەۋىشكە ئىگە بولۇشى ئۆزلۈك دۇنياسىنىڭ خارەكتىرلىنىش - خارەكتىرلەنمەسلىكىگە ، ئارىفلىق ھېسىياتىغا چۆمۈلۈش - چۆمۈلمەسلىكىگە ، ھاياتلىق پائالىيەتلىرىگە يېڭى تەم ئاتا قىلىش - قىلماسلىقىغا باغلىق بولۇشى مۇمكىن .
    ئارىمىزدا ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشى چىركىن ، پىسخىكىسى ناچار ، روھى دۇنياسى زەئىپ ، قىممەت قارىشى نائېنىق ، باشقىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان شاپائىتىدىن ئاۋارىچىلىقلىرى كۆپ ئادەملەر بەلگىلىك توپ بولۇپ تۇرۇپتۇ . ئۇلار ئۆزلىرىدىكى مەسىلىلەرنى سەگەكلىك بىلەن تونۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئۆزىنى دۇنيددىكى پەزىلەت ئىگىسى ، ئەقىل - پاراسەت دەستۇرى ، بەخت- سائادەت گۈلتاجى ، كامالەت باغچىسىدىكى شاھزادە ، مەلىكىلەردەك ھېس قىلىدۇ . بىزدە خېلى بىر مەزگىللەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ماختىغانلارنى ئۆز كۆرۈپ ، ئىللەتلىرىنى كۆرسەتكەنلەرنى يامان كۆرىدىغان ئادەتنىڭ تەسىرىدىن نۇرغۇنلىرىمىز ھېلىغىچە ئۆزىمىزنىڭ قىلمىز - ئەتمىشلىرىمىزنىڭ بەھرى - زەھىرىنى ئىلغا قىلماي " دۇنيادا ئاكاڭ قارىغايدەك ئادەم بارمۇ ؟" دېيىشىنى نۇمۇس بىلمەي يۈرۈۋاتىمىز . ئارىفلىق بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا . ئارىف بولۇش خىيالىنى سۈرىدىغانلاردىن سۈرمەيدىغانلار نەچچە يۈز ھەسسە كۆپ .
    ئالىم - ئەدىبلىرىمىز ئۆزىدىن ھالقىپ ئارىفلىق مۇقامىغا يەتكەچكىلا ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر سۆزى ھېكمەتكە تويۇنغان ، ماڭغان يوللىرىدىن گۈل ئۈنگەن ، قىلغان ئىشلىرىدىن مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر تىكلەنگەن . كاتتا ئالىم ، مۇتەپپەككۈر ، شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ جەھەتلەردە ھەممىمىزگە ئۈلگە قالدۇرۇپ كەتكەن . ئۆزىنىڭ شۇنچىۋالا ئىجادىي ئەمگەكلىرى تۇرۇپ ئۆزىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئوپراتسىيە قىلغان ئالىمغا ھەقىقەتەنمۇ ھۆرمىتىمىز قوزغىلىدۇ . ئالىم ئۆزىنىڭ ئىدىيە جەھەتتە بۇرۇلۇش ياسىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇرۇنقى ئىجادىيەت ھاياتى ۋە تۇرمۇشىنى خۇلاسىلەپ چىققان " ئۆمۈر تەلقىنلىرى " دېگەن ئەسىرىنىڭ " ئارىفلىق يېشى " ناملىق بۆلىكىدە : " مەن ئويغىنىش يېشىمغا - ئارىف يېشىمغا كېلىپ قالدىم . تىرىك ۋاقتىمدا ئۆلۈمنى ئويلاپ ، مۈتىۋەر چېغىمدا تۇپراقلىق زاتىمنى تونۇپ ، كىبرى - ھاۋانى قايرىپ قويۇپ ، ئۆز - ئۆزۈمگە مۇنكىر - نىكىر سورىقىنى سورىغىنىم بار . ئۆمۈر مەنزىللىرىمدىن ئۈمىد جاۋاھىراتلىرىنى تېپىش نىيىتىدە تەمەچلىرىم سېلىنغان سەپر خورجۇنۇمنى تەلقىن داستىخېنىمغا تۆكۈپ ، ئۇلارغا ئەقىل بىلەن نەزەر تاشلىماستىن ، بۇ ماقامغا قەدەم قويالمايمەن ." دېسە ، يەنە شۇ ئەسىرىنىڭ " شەخسنىڭ قىممىتى " دېگەن بۆلىكىدە مۇنداق دەيدۇ : " ئۆمۈر مەنزىللىرىمدە توپلىغان تەمەچلىرىمگە بىر قۇر نەزەر سېلىپ چۆچۈپ كەتتىم . ئەل بىلەن سۆھبەتلەشكىنىم تەنھا پىكىر قىلشلىرىمدىن ئاز بولدى ؛ سەيلە ساياھەتتە كۆرۈپ بىلگەنلىرىم تەييار كىتابتىن ئوقۇپ تەسەۋۋۇر قىلغانلىرىمدىن ئاز بولدى ؛ كەلگۈسى بۇغۇنغا قالدۇرغانلىرىم ئۆتمۈش ، ئۇستازلاردىن ئالغىنىمدىن ئاز بولدى ؛ ئەقىلغە بېرىلىپ ھېسىياتتىن ئايرىلىپ قالغان ۋە ھېسىياتقا بېرىلىپ ، زېمىن تەڭشىكىنى بۇزۇۋالغان ئىشلىرىم بىر تالاي بولدى ؛ مەغرۇر ۋە ئۆزىنى ئەرزىمەس تۇتقان روھى ھالەتلىرىم ھەر قايسى دەۋرلىرىمدە كۆرۈندى ؛ ئۆزىنى تىزگىنلىگەن سۈكۈناتلىرىم بىلەن جۈرئەت قىلالمىغان سۈكۈناتلىرىم ئارلىشىپ كەتتى ... دەۋر ۋە مۇھىت ھاۋاسىدا ئۇزاق مەست بولۇپ تەنتەك چۈشەكەپ ، مۇستەقىل ۋە بېۋاستە كۆزىتىپ تەپەككۈر قىلىشتا مۇچەل - مۇچەللەپ كېچىكتىم ؛ مېنى ئوقۇتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمدىن داۋاملىق نەسىھەت ئاڭلاپ ، ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىلىرىمدىن يېمىرىلمەس مەرىپەت كارۋىنى ئۇيۇشتۇرالمىدىم ؛ ئۆزى چۈشۈنۈپ قالىدۇ ، قايتا چۈشۈنۈشكە پۇرسەت بېرىش كېرەك ، دەپ قاراشلىرىمنى چۈشۈنەلمىگەن زاتلارغا پائال يېقىنلىشىپ پىكىرلىشەلمىدىم ؛ تېماتىك تەسەۋۋۇرۇم نۇرغۇن جەھەتلەردە تار، قاتمال ، زەئىپ بولۇپ قالدى . قىسقىسى زامان - ماكان ، تۈركۈم ، ئىندىۋۇدىئال چەمبەر توساق - زەنجىرلىرى ئىچىدە ياشىدىم . قوللاش ئىمتىيازى ، نەشرىيات ھامىيلىقى ، يوقۇرى قاتلام زىيالىيلىرىنىڭ ھەمدەملىكى ، پائالىيەتلەرگە ھەمكارلاشقۇچى كاتىپلارغا مۇيەسسەر بولالمىدىم . "
    ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ تارىخى ، مەدەنىيىتى ، ئەدەبىيات - سەنئىتى ، روھى دۇنياسى قاتارلىق ساھەلەردە باشقىلارنىڭ ئوڭايلىقچە چىشى پاتمايدىغان تېمىلارنى يورۇقلۇققا چىقارغانلىقىدىن ھەقىقى ئالىملىق سالاھىيىتىنى ھازىرلىغانلىقىنى كۆرۈپلا قالماستىن ، بۇ بايانلارنى ئوقۇپ شان - شەرەپ ئىگىلىرىدە ئاز كۆرۈلىدىغان ئېگىزدە تۇرۇپ تۆۋەنگە ، ھازىردىن ئۆتمۈشكە ، نەتىجىدىن سەۋەنلىككە ، ئارتۇقچىلىقتىن كەمچىلىككە نەزەر سېلىپ ، ئۆزىنىڭ قانداق ياشىغانلىقىنى ، نېمىلەرنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنى زىيادە كەمتەرلىك بىلەن تونۇپ يېتىشتەك پەزىلەتكە ئىگە بۈيۈك ئىنسان ئىكەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز . ئالىمنىڭ ئۇشبۇ بايانلىرىنى بەزىلەرگە ئوقۇپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدە ئۆزگىرىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلسام ، بىر قىسىملار : " ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندەك ئالىمنىڭمۇ سەل قارىغان تەرەپلىرى بوپتىكەنغۇ ، ئۇنىڭغا قارىغاندا بىزمۇ ئۇنچىۋالا ھەسرەت چېكىپ كەتمىسەك بولغىدەك " دېيىشسە ، يەنە بىر قىسىملار " ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەنزىللىرىدە شۇنداق ھېسىياتقا كەلگەن بولسا بىزدەك ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنداق ئارىفلىققا يېتىشكە خېلى ھايىلىمىز باركەن " دەپ ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك بىخۇدلۇقتا ياشاۋاتقانلىقىدىن بېخەۋەر يۈرمەكتە .
   ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ھاياتى ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن ، ئىجاد ، تەتقىقات بىلەن ئۆتكەن ھايات . ئالىم بۇ ھەقتە توختىلى مۇنداق دەيدۇ : " مەن ئوقۇدۇم ! خۇددى كاتتا ئىمتىھان بولىدىغاندەك ، خۇددى يېقىندا يېڭى بىلىم گورىزونت سىزىقى ئېچىلىپ ، ساۋاتسىزغا ئايلىنىپ قالىدىغاندەك جىددىيلىك ، ئالەم سىرلىرى ئۈستىدە ئۆتكەن ئالىملاردىن دەرس ئالغاندەك كىچىك پېئىللىق ھەممە مۇتلەق خۇلاسىلارغا ئىسيان كۆتۈرىدىغاندەك گۇمانىي تۇيغۇ ، يېڭى بۇغۇننىڭ ئەلچىسىدەك جىددىي جاۋابكارلىق بىلەن ئوقۇدۇم . مەن ھېلىھەممۇ ھەر كۈنى ئوقۇيمەن . پاراڭ - خەۋەر مەنبەلىرىگە قارىغاندا ئاساسىي بىلىش مەنبەلىرىگە مايىلمەن . " ئالىمدا بىلىمگە ئالاھىدە مەسئۇلىيەتچانلىق روھ بولغاچقا ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ ، يەنە بىر تەرەپتىن تەتقىقاتقا كىرىشىپ ھەم خەلقتىن ئېلىشنى ھەم خەلققە بېرىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان . ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىزدىنىش ئالىمنى مول ھوسۇللۇق كاتتا ئەدىبكە ئايلاندۇرغان . بۇ خىل ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىز روھى ئارىمىزدىكى ئالي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا دۇنيادىكى ھەممە بىلىمدىن خەۋەردار بولغاندەك ، بىرەر كىتاب سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايدىغان ، كىتاب ئوقۇغانلارنى ، ئىزدىنىۋاتقانلارنى " كىتاب خالتىسى " ، " كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى " دەپ مەسخىرە قىلىدىغانلارنىڭ " سەرخىل " ئېڭى بىلەن نېمە دېگەن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ - ھە ! تەرەققىي قىلغان ئەللەردە شەكىللىنىپ بولغان ئۆمۈرلۈك ئۆگۈنۈشنى ئالىم ئاللىقاچان ئۆزىدە يېتىلدۈرۈپ كەپتىكەن ئەمەسمۇ ؟!
    ( ماقالىنىڭ سەھىپىسى ئۇزۇنراق بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك يوللاندى ، قىزىققۇچىلار " قەشقەر " ژورنىلىنىڭ 2012- يىللىق 6 - سانىدىن تولۇق كۆرۈۋالسا بولىدۇ .)
      مەنبە :  " قەشقەر " ژورنىلىنىڭ 2012- يىل 6 - سانى .  83- بەت .
    ياقتۇرۇپ يوللىغۇچى : ئەبەي تارىم . 2013 -يىل 1- 15 - كۈنى . شەھىرى شىخو .
                        

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5251
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 01:05:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5251
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 01:08:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇقسىز مەزگىلىمدە ئوقۇتقۇچىمنىڭ «قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئالىملار ‹شىنجاڭلىقلار ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ قەدرىگە يۈز يىلدىن كېيىن يېتىدۇ› دەپ ئېيتقان» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1745
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9711
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 07:42:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەقىلسىز دوستىڭدىن ،دۈشمەن تاپ دەنا ،
يېڭىلسەڭ بۇنىڭدا بىر ھېكمەت مەنا .
ناداننى يەڭمەكنى چاغلىما زەپەر ،
ئەرزىمەس قىلغانلىق ئۇڭا تەسەننا ...
دەنامۇ مۇھتاجدۇر ئاۋام سۆزىگە ،
ئەقىلمۇ كۈچ تاپار ئەلدىن ئۆزىگە ،
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xiho تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-16 07:50 PM  


سىر بېرىپ، سىر سورىغانغا سۆزلىگەن ئەخمەق ئېرۇر ،
رەقىبىڭ قەستى سىرىڭنى سىنچىلاپ ئۇخماق ئېرۇر.
شۇ ئەيىبتىن يەتتى باشقا كۆپ نادامەتلەر بۈگۈن،
ئەمدى بىلدىم ؛ياخشى خىسلەت -دىلنى سىر تۇتماق ئىرۇر .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش