مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 872|ئىنكاس: 24

ئەرلەرنىڭ كۆز يىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85950
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 616
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەرلەرنىڭ كۆز يىشى

مۇھەممەدئىمىن ھەسەن

”ئەر دىگەن يىغلىمايدۇ، ئوغۇل بالا يىغلىسا سەت تۇرىدۇ“ بۈگۈن كۆز ئالدىمدا راستىنلا بىر ئەركشى يىغلاۋاتاتتى. كۆزىدىن ئاققان ياشلىرى ئىككى مەڭزىنى بويلاپ سىرىلىپ چۈشۈپ، ساقاللىرىنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى. بۇ بىچارە ئەر بىر چاغلاردا يىغلاشنى نومۇس بىلىدىغان، قامەتلىك، كېلىشكەن، ھاياتلىق مۇساپىسىدە نى- نى غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بىجىرىم ئەركەك ئەمەسمىدى!

”ئەركىشىنڭ خوتۇنى ئۆلمەيدۇ“ دەپ قاراش ھەممىمىزگە ئوموملاشقان، بولۇپمۇ ئاياللار ئارىسدا كەڭ تارقالغان مەسخىرىلىك سۆز.

بىزنىڭ كۆز قاراشلىرىمىزدا ئاياللارنى ئاجىز، بىچارە، ئەرلەرنى كۈچلۈك، غەمسىز، ئەركە ياشايدىغان بىجىرىم ئادەم دەيدىغان ئىددىيە كەڭ تارقالغان. راست شۇنداقمىدۇ؟ ئەر دېگەن بۇ شەرەپلىك نام، ئەرلەرگە بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ جاپالىق ئىغىر مەسئۇلىيەتنى سوۋغا قىلغان بولۇپ، ئەرلەر مۇشۇ  مەسئۇلىيەتنىڭ چەمبىرىكى ئىچىدە ئۈن- تىنسز مېھنەت قىلماقتا. ئەرلەر پۈتۈن دەرت- ئەلەملىرىنى كۆز- ياشلىرى بىلەن ئەمەس، يۈرەكلەرگە ئويۇپ قىلىۋاتقان قان نوكچىلىرى بىلەن ساقلىماقتا. شۇڭا ئەرلەر قىرىق ياشقا قوشنا بولاي دىگەندە يۈرەك كىسىلى ھەمراھ بولۇپ بولىدىكەن.

بۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئوغۇل بالا يىغلىسا بولمايدۇ، ئەركشىمۇ يىغلامدۇ؟ دىگەندەك ئۇلۇغ تەلىماتىنىڭ تېگىشلىك ھەسىسى بولۇشى مۆمكىن. راست ئەركىشىنىڭ كۆزى يىغلىمايدۇ، يۈرۈكى يىغلايدۇ، چۈنكى ئۇمۇ بىر ئادەمدە. ھاياتلىقنىڭ يۇقارقىدەك شەرەپلىك سوۋغا- سالاملىرى بۇ بىجىرىم، قامەتلىك ئەركەكلەرنى ھالىدىن كەتكۈزۈپ، پۇت- قولىدىن ماغدۇرىنى ئىلىپ، ئورنىغا ئاجىزلىق، بىچارىلىقنى سوۋغا قىلىپ، چاچ- ساقاللىرىغا ئاق، يۈز- كۆزلىرىگە قورۇقلارنى بەخش ئەتتى. مانا بۇ قامەتلىك ئەرنىڭ ھىرىپ ھالىدىن كەتكەن، بەللىرى مۈكچەيگەن، قەدەملىرى كىچىكلىگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك، 30، 40يىل بىرگە ھەمراھ بولۇپ، خۇشاللىق ۋە خاپىلىقلارنى، قايغۇ- ھەسرەتلىرىنى تەڭ بىشىدىن ئۆتكۈزگەن سۆيۈملۈك ھەمرايى، مېھرىبان ئايالىدىن ئايرىلدى. بۇ ئەڭ ئىھتىياجلىق پەيتتە ئايرىلىش ھىساپلىندۇ، چۈنكى بۇ چاغدا ئەركىشى ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالمىغۇدەك بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش خىزمىتىنى ئوغلى ياكى قىزى، ياكى بولمىسا كىلىنى، يەنە ھەرقانداق ئادەم قىلالمايدۇ. پەقەت ئۆزىنىڭ ئايالىلا قىلالايدۇ.

ئابدۇكىرەم ئاخۇن ئاكا دەل مۇشۇ پەيتتە ئايالىدىن ئايرىلىپ قىلىپ سۇدىن ئايرىلغان بىلىقتەك تىپىرلاپ قالدى.

-: ئەسسلامۇ- ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى، دىدىممەن يولدا ئۇچىرىشىپ قالغان ئابدۇكىرەم ئاخۇن ئاكىغا، جۈدەپ كىتىپلا، ھىچ كۆرۈنمەيلا، ئاياللىرى ئۆلۈپ كىتىپزە بىر يەردە تۇرالماس بولۇپ قاللىمۇ يا؟ دەپ چاقچاق ئارىلاش ئەھۋال سورىدىم.

-: ياق ئۇكام، ئۇنداقمۇ ئەمەس، دەپ گەپ باشلىدى ئابدۇكىرەم ئاخۇن ئاكا، ئايالىم ئۆلۈپ كېتىپ، مەن بەك يىتىمسرەپ قالدىم. بالىلارمۇ ئانىسى بار چاغدىكىدەك ئۆيگە كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئادەم قىرىغاندا يالغۇزلۇق بەك يامان ئىكەن، بەزىدە ئايالىم بىلەن بىللە ئۆلۈپ كەتسەم بوپتىكەن دەپ ئويلاپ قالىمەن، نىمە ئامال دەيسىز ئۇكام. مىنىڭچە ئەركىشىنىڭ قىرىغاندا خۇدادىن تىلەيدىغام بىردىن- بىر تىلىكى كونارىشقان ئايالىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقنى ۋە بۇ دۇنيادىن ئۇنىڭ ئالدىدا تىزراق كىتىشنى تىلەش بولسا كېرەك.

     -: سىز بىشىڭىزغا كەلمىگەچ بىلمەيسىز، ئەركىشىنىڭ خوتۇنى ئۆلسە يالغۇز خوتۇنىلا ئۆلۈپ قالماي ھەممە نەرسسى يەنى كۈلكىسى، خۇشاللىقى، ئۇرۇق- تۇققىنى، خۇلۇم- خوشنىسى ھەتتا بالىلىرىغىچە بىللە ئۆلىدىكەن. ئايالى يوق ئەركىشىنى ھېچكىم  يوقلىمايدىكەن، مەن ئايالىم ئۆلۈپ كېتىپ بىر يىلدىن ئارتۇق يالغۇز ياشىىدىم، بۇ جەرياندا روھىم چۈشۈپ بىر تىرىك موردىغا ئوخشاپ قالدىم، كىچىلىرى يالغۇزچىلىقتا ئۇيقۇم قىچىپ مەرھۇم ئايالىمنى ئويلايمەن. ئويلاپ ياتسام چۈشۈمگە بولسىمۇ كىرسە دەرتلىرىمنى تۆكىۋالسام دىدىم، لېكىن چۈشۈمگىمۇ كىرمىدى، مەن ئۆز- ئۆزۈمگە ياش ۋاقتىلىرىمدا ئانچە- مۇنچە گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالغانلىرىمنى ئەسلەپ، شۇڭا چۈشۈمگە كىرمىگەن چېغى دەپ ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ، پۇشايمان ياشلىرىمنى تۆكۈپ ئۇخلاپ قالىمەن.

-: سىلىگە ھەمراھ بولغۇدەك بالا ياكى نەۋرىلەر يوقمۇ؟ دەپ سورىدىم، ئابدۇكىرەم ئاخۇن ئاكىدىن.

-: بار ئۇكام، ئالتە بالام بار، سەككىز نەۋرەم بار،مەرھۇم ئانسى ھايات چىغىدا بالىلار كۈن- كۈنلەپ ئۆيۈمدىن كەتمەيتتى، نەۋرىلەرمۇ بىزنىڭ ئۆيدە تۇراتتى، ئانىسى ئۆلۈپ كىتىۋىدى، بۇ قۇرۇپ قالغان ئۆيگە بالىلار تۈگۈل چاشقانمۇ كىرمەيدىغان بولۇپ قالدى.

-: بالىلار نېمە ئىش قىلىدۇ،؟ نېمە ئۈچۈن سىلىنى ياشانغاندا تاشلاپ قويىدۇ؟ دەپ سورىدىم ئابدۇكىرەم ئاخۇن ئاكىدىن.

-: نىمىسىنى دەيسىز ئۇكام، ئالتە بالىنىڭ ھەممىسىنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدۇم،  بالىلارنىڭ ئالدى ئۈرۈمچىدە، ئاخىرى مۇشۇ يەردە خىزمەت قىلىدۇ، مائاشىمۇ خىلى يۇقىرى، بالىنىڭ كىچىكىنىمۇ ئۆيلۈك- ئوچاقلىق قىلىپ بولدۇم، بالىلارنىڭ غىمىنى بىز ئاتا- ئانىلار دەل ۋاقىتدا قىلىدىكەنمىز، بىزنىڭ بارلىقىمىز ئاشۇلار ئۈچۈن بولارئىكەن، ئەمدى بىز قىرىغاندا ئۇلار بەك ئالدىراش بولۇپ كىتىدىكەن، بالىلارغا مەن يالغۇز قالدىم، ماڭا ھەمراھ تىپىپ بىرىڭلار دىگىلى بولامدىغان، يەنىلا مەرھۇم ئايالىمنىڭ تۇققانلىرى ئارىغا چۈشۈپ، بەك تەستە بالىلارغا دېگەن ئىدى، بالىلارنىڭ ھەربىرى بىر ئىغىزدىن  گەپ قىستۇرشتى، بەزىسى تۇغماس ئايال بولسۇن، بولمىسا مىراسخور پەيدا بولۇپ قالىدۇ دىسە، يەنە بەزىسى يىشى چوڭ ياشانغان ئايال بولسۇن دېدى، بەزىسى ئىلگىرى تۇغمىغان پەقەتلا بالسى يوق ئايال بولسۇن دىسە، يەنە بەزىسى ئانام تۇتقان ئۆينى يات ئايالغا تۇتقىزامدۇق؟ سىلەردە ۋىجدان يوقمۇ؟ دادامنىڭ ئالتە كۈنلىكى قالدى، ئۆيلىنىپ نېمە قىلىدۇ؟ دەپ قارشىلىق بىلدۈردى. مانا مۇشۇنداق تالاش- تارتىشلار ئىچىدە تۇققانلارنىڭ نەسىھىتى بىلەن مىنى ئۆيلەپ قويۇشقا ماقۇل بولدى. لېكىن مەرھۇم ئايالىم تۇتقان، قولى تەگكەن ھەرقانداق نەرسىگە چىقىلمايدىغان، شۇ پىتى ساقلايدىغان، لازىمەتلىكلىرىنى يىڭىدىن سىتىۋىلىش قاتارلىقلار شەرت قىلىندى. شۇنداق قىلىپ قىرىق بەش ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال بىلەن توي قىلدىم. بۇ ئايال ئوبدان ئايال ئىكەن، بالىلىرىمنى بەك ھۆرمەتلىدى، مىنىڭمۇ خىزمىتىمنى ياخشى قىلدى، بىزمۇ ئوبدان چىقىشىپ قالدۇق، بىراق بالىلىرىمنىڭ كۆزىگە قەتئى سىغمىدى، ياخشى گىپى يامان بولۇپ چىقتى، ئىشقىلىپ ھېچقانداق ئىشى يارىمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىم ئۆيدە نىمىنى تۇتسا بالىلار تۇتمىسا ئانامنىڭ قولى تەگكەن دەپ ئايالىمنى چىرماپلا قويدى، مەن بۇ ئايال بىلەن توي قىلىپ ئۆز ئۆيۈمدە پەقەتلا ئۈچ- تۆت ئاي بىللە تۇرالىدىم، ئاخىرى ئۈرۈمچىگە ئايالىمنى ئىلىپ تەركى دۇنيا بولۇپ كەتتىم.

ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن بىر ئىغىز ئۆي ئىجارىگە ئىلىپ ئولتۇردۇم، ئاندىن ئايالىم بىلەن بىرگە ئىككىمىز مېۋە- چېۋە توپ بازىرىدىن ھەرخىل يېڭى مىۋىلەرنى سىتىۋىلىپ، قول ھارۋىسى سۆرەپ كوچىمۇ- كوچا ئايلىنىپ يۈرۈپ ساتتۇق. جاپا تارتساقمۇ كۆڭلىمىز خاتىرجەم، خۇشال- خۇرام ئۆتتى، ئىشقىلىپ جىنىمىزنى جان ئەتتۇق دەڭا ئۇكام.

-: ئەمىسە نېمە دەپ قايتىپ كەللە؟

-: ھەي، بالىلارنى دەپ بولمامدۇ، بالىلارنى كۆرگۈم كېلىپ كەلدىم.

-: يەنە بالام، بالام دەپلىغۇ؟

-: بالا ئەمەسمۇ ئۇكام، بالىلار چىدىغان بىلەن بىز ئاتا- ئانىلار چىدىمايدىكەنمىز.

-: ھەجەپمۇ قىرىغاندا مۇساپىر بولۇپ قاپلا، ناۋادا ئاغرىپ قالسىلا قانداقمۇ قىلالا؟ بالىلار توغرا چۈشەنسە، رىئاللىقنى قوبۇل قىلسا بولاتتى، دىدىم مەن ئابدۇكىرەم ئاخۇن ئاكىغا.

-: شۇنداق ئۇكام بالىلار چۈشىنىشى كېرەك ئىدى، ئۇلارمۇ ھەمىشە ياش پىتى تۇرمايدۇ، ھامان قىرىيىدۇ، بىزگە ئوخشاش بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتنە ئالەم بۇ، بالىلار بىزگە قىلسا كېيىن ئۆزىگە ھەسسىلەپ قايتىپ قالىدىغان ئىش بار تېخى، نېمە تىرىسا شۇنى ئالىدىغان  گەپ. مىنىڭ كۈنۈمغۇ مۇشۇنداق ئۆتىۋاتىدۇ، كېيىن قانداق بولۇشنى بىلمەيمەن، مىنىڭ يېقىن بىر دوستۇم بار ئىدى بۇ دوستۇمنىڭ ئۆلىمى ۋە ئاخىرقى ھاياتى تىخىمۇ ئىچىنىشلىق بولۇپ، دوستۇمنىڭ قىرىق يىلدىن ئارتۇق ھەمراھ بولغان قەدىناس ئايالى تىبىركىلىيۇز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى، ئايالىنى داۋالىتىش ئۈچۈن بارلىق ئىقتىسادىدىن ئايرىلىپ قەرزدار بولۇپ قاپتۇ، دوستۇمنىڭمۇ ئۈچ ئوغۇل، ئىككى قىز بەش بالىسى بولۇپ، قىزلىرى ئەرنىڭ ئۆيىدە، ئوغۇللىرىمۇ ئۆي ئايرىپ بولغان، ئەڭ كىچىك ئوغلى بىلەن بىللە تۇرىدىكەن، ئايالى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، ئىقتىسادى قىىينچىلىقتىنمۇ، يالغۇزلۇقنىڭ قىيىنچىلىقى ئىغىرراق بولۇپ، يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كىچەك قاتارلىق ئىشلاردا بەك قىينچىلىقتا قاپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىسەلجان بولۇپ قاپتۇ، ئولتۇرىۋاتقان ئۆيىنىڭ ئوشۇق يىرىدىن ئازراق سىتىپ داۋالىنياي، ئۆيلىنەي دىسە، بالىلىرى بۇ ئۆيدە ھەممىمىزنىڭ ھەققى بار، ساتساق بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دادام كىسەلجان تۇرسا ئۆيلىنىپ نېمە قىلىدۇ، دىگەندەك بانا- سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ قوشۇلماپتۇ. شۇ كۈنلەردە ئىككى ئوغلى گەپ تالىشىپ قىلپ ئۇرۇشۇپ قاپتۇ، ئوغلىنى ھاي قىلىمەن دەپ گىپىنى ئۆتكۈزەلمەي ئاچچىقلىنپ مىڭىسىگە قان چۈشۈپ كىتىپتۇ، داۋالاتقان بولسىمۇ پالەج بولۇپ، تەرىتىنىڭ ماڭغىنىنى بىلەلمەس بولۇپ، مۇشۇ تەرىقىدە بەش- ئالتە ئاي يىتىپ قاپتۇ. قىز- ئوغۇل، كىلىنلىرى بۇ دوستۇمنىڭ كىيىمىنى ئالماشتۇرىدىغان، يۇيۇندۇرۇپ قويىدىغان، تەرىتىگە قاچا تۇتىدىغان، ئاستىنى قۇرۇقدايدىغان ئىشلاردا قىينچىلىق بولۇپ، ھىچ قايسسى بىر ئايالنىڭ خىزمىتىنى قىلالماپتۇ. بۇ بىچارە دوستۇم ياتقان يىرىدىن ئۆرۈلەلمەي، بىقىنلىرى تىشىلىپ، ياتقان ئۆيى پۇراپ، بىر مېھرىبان ئايالغا موھتاج بولۇپ قالغان ھالدا تولىمۇ قىينىلىپ ئۆلۈپ كىتىپتۇ. بۇ رەھمەتلىك دوستۇممۇ بەش بالىنى بىقىپ قاتارغا قوشقان ئەمەسمىدى، ھەي ئىسىت مىڭ ئەپسۇس، ياشانغاندا ئايالىدىن ئايرىلىپ قالغان ئەرلەر ئۈچۈن نېمە كۈن بۇ! بۇنداق مىساللار ئەتراپىمىزدا سان- ساناقسىز تۇرۇپتۇ، ئەركشى قىرىغانسىرى مۇشۇنداق ئاجىز بىچارە بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالمايدىكەن، بۇ ياشتىكى ئەرلەرنىڭ ئۆيلىنىشنى تەلەپ قىلىشى قانداقتۇر ھاۋايى- ھەۋەس ئۈچۈن بولماستىن، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىدىن، ئايالغا موھتاج بولغانلىقىدىن. ھەي ئۇكام ياش ۋاقتىدا بىز ئەرلەر شۇنداق بىجىرىم، شۇنداق بەختىلىك، ھەممىنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ، ھىچ نەرسىگە ھاجىتى چۈشمەيدىغاندەك ياشىغىنىمىز بىلەن، قىرىغاندا، بولۇپمۇ ئايالىمىزدىن ئايرىلىپ قالغاندا كۈنىمىز مۇشۇنداق تەس بولىدىكەن. يالغۇزلۇقتىن زىرىكىپ بالىلار بىلەن مۇڭدىشىپ ئىچ- پۇشىقىنى چىقىراي دىسە ئۇلار بەكلا ئالدىراش، ھەم گىپىمىز بىر يەردىن چىقمايدىكەن، بۇ نېمە دېگەن ئاجىزلىق، نېمە دېگەن بىچارىلىق، نېمە دېگەن زىرىكىشلىك كۈنلەر ھە! ھەي، بالىلار بىزنى قاچانمۇ چۈشىنىسىلەر دىگىنىچە خىيالغا پىتىپ قالدى.

  ئاپتور:  قاغلىق ناھىيە شاتلىق دوختۇرخانسىدىن



قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13443
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5181 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مۇشۇ قېرى ئاتىسى ياكى ئانىسى يالغۇز قالسا قايتا تۇرمۇشلۇق قىلىشقا ئۇنىمىغانلار ئاساسەن نادانلاردۇر . مەنغۇ ئاپامدىن پات - پات سوراپ قۇيىمەن قائىدە بۇيىچە ...........
   مۇشۇنداق سوراشمۇ بىر قائىدە بۇلىدىكەن .

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84726
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2012-9-5
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنساپ !!!!!   ئىنساپ !!!!!!
  
      ئۇلۇغ ئاللاھ  دىن بارلىق پەرزەنتلەرگە  ئىنساپ تىلەيمەن   !!!!!!!

مەنمۇ ئوغۇل بالا !   ئەمما بەزى چاغلاردا  ئۆزۈمگە  تولىمۇ ھەيران قالىمەن ،   بەزى تەسىرلىك نەرسىلەرنى كۆرسەم ياكى ئوقۇسام   ئۆزۈممۇ بىلىپ بىلمەي كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كېتىدىغۇ  تاڭ !   مەن بەك يىغلاڭغۇمۇ  ياكى  كۆزۈم  شۇنداقمۇ  بىلەلمىدىم   !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 1418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15114
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1522 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تور بېتىدىن ‹خىزىرغا يولۇققان بالا›دىگەن ماقالامنى كۆرەپ قويارسىز

لوقمانجان

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5521
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8354
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنساپ !!!!!   ئىنساپ !!!!!!

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6204
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 39693
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2580 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئاتا -ئانا ئون بالىنى باقالايدۇ،ئون بالا بىر ئاتا -ئانىنى باقالمايدۇ،
ئاتا -ئانىسىغا ياخشى قارىمىغانلار،خورلىغانلار ئاخىرىنى جاجىسىنى تارتىدۇ....

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 3905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20046
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 824 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى ئادەملەردە ئىمان-ئىنساپ،ۋاپا،كۆيىنىش دىگەنلەر قالماپتۇ جۇمۇ..

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5888
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 512 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئۇيغۇر پەرزەتنتلىرىگە ئىنساپ   ، ئىمان ئاتا قىلغايسەن!

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1164
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2964
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 212 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا- ئانىلارنى پات يوقلاپ تۇرايلى .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84726
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2012-9-5
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يولتۇز يوللىغان ۋاقتى  2013-1-16 12:58 PM
ئاتا- ئانىلارنى پات يوقلاپ تۇرايلى .

ئىنكاسىڭىزدا يەنە بىر ( پات )  چۈشۈپ قالدىمۇ ؟ قانداق ؟؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش