دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىن قاشتېشى چىقىدۇ.قاشتېشى-قاتتىقلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن قاتتىق قاشتېشى،يۇمشاق قاشتېشى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ.شىنجاڭنىڭ ھەر قانداق يېرىدىن چىققان قاشتېشى يۇمشاق قاشتېشى تۈرىگە تەۋە بولۇپ ھەممىسىلا <<خوتەن قاشتېشى>>دەپ ئاتىلىدۇ.بۇلارنىڭ ئىچىدە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قارىقاش،يۈرۈڭقاش دەريالىرىدىن چىقىدىغان <<قۇيرۇق قاشتېشى>>دۇنياغا مەشھۇردۇر.
دىيارىمىزدىكى قاشتېشى چىقىدىغان ئاساسلىق ئورۇنلار تۆۋەندىكىچە:
1.خوتەن ۋىلايىتى:
<1>خوتەن شەھىرى
<2>كىرىيە ناھىيەسى
<3>چېرىيە ناھىيەسى
<4>لوپ ناھىيەسى
<5>قاراقاش ناھىيەسى
<6>گۇما ناھىيەسى
2.بايىنغۇلۇن ئوبلاستى
<1>چەرچەن ناھىيەسى
<2>چاقىلىق ناھىيەسى
3.قەشقەر ۋىلايىتى:
<1>قاغىلىق ناھىيەسى
<2>يەكەن ناھىيەسى
<3>تاشقورغان ناھىيەسى
4.سانجى ئوبلاستى:
<1>ماناس ناھىيەسى
5.قارىماي شەھىرى
قارىمايدىن چىقىدىغان رەڭلىك قاشتېشى <<قاراماي قاشتېشى>> دەپ ئاتىلىدۇ.
6.ئېلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستى
ئالتاي،چۆچەك دائىرىسىدىن چىقىدىغان سۈزۈك قاشتاشلىرى <<جىنسىيۈ>>دەپ ئاتىلىدۇ.
金丝玉
(خەت شەكلىگە قاراپ تەرجىمە قىلغاندا <<ئالتۇن يىپەك قاشتېشى >>بۇلۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم)
بۇنۇڭدىن سىرت شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ گىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا.يىقىن كەلگۈسىدە يېڭى قاشتېشى مەنبەلىرى بايقالغۇسى.
جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى قاشتېشى بازىرى ئەقىدە قاشتېشى دۇكىنى