يىـڭى ئــەزا
دېكابىردىكى ئۈمىد
تۈن پەردىسى كەڭرى يېيىلغان، ۋىژىلدايدۇ قار ئۇچقۇنلىرى تەكلىماكاننىڭ نۇر چەمبىرىكىدە. مەن كېچىدە يول يۈرۈشتىن قورقىمەن شۇنچە، ئوغۇز بوۋامدىن قالغان شەمشەرنىڭ بىسى پۇچۇلۇپ كەتكەندىن بېرى. دېرىزەمدىن كىرەر سوغ شامال، تېنىم كۆيەر سوغۇق كارىۋاتتا، نۇرسىز كۆزۈم مەۋھۇم چېكىتتە. سەن بىلمەيسەن ئوماق مۈشۈكۈم، نامەلۇمدۇر ئۆلۈك-تىرىكىم، نەدە سەرسان يۈرەر يۈرىكىم. قايتۇرۇپ بەر تۇتۇۋالساڭ گەر، چۈنكى مېنىڭ بىرلا يۈرىكىم. ساقلاپ قوياي ساندۇققا سېلىپ، ھېچ كىشىگە كۆرسەتمەي ئاستا... قۇرئان، لۇغەت، كالىندار ھەمدە پەرىشتىدەك ئۇلۇغ بىر ئايال مەن موھتاجلىق نەرسە ئېھتىمال. ********** زىناقىمدا ئاتام چۈشىنىڭ مەڭگۈ قۇرىماس ئەلەملىك يېشى. ئېھ قاچانمۇ كۆرۈپ بولارمەن ۋەھىمىلىك چۈشنىڭ تېڭىنى... چەكسىز قاراڭغۇلۇق، سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تەنتەنىسى، دېموكراتىيىنىڭ غەلبىسى، ئەنجانلىق خوجا، ئەركە مىللەتنىڭ كۆز يېشى، قان-ياش بىلەن يېزىلغان تارىخ، قايتىلانغان يەنە باشقىلار... چەكسىز كېچە ئۆچۈپ قالاي دېگەن بىر يۇلتۇز ئەڭ ئاخىرقى قۇۋۋىتى بىلەن يورۇتماقتا ئۆپچۆرىسىنى. ۋاقىتسىزلا مۇزلىغان جىسمى. ئاسترونوم مەي ئىچكەن چېغى، ئۇنتۇپ قاپتۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى. بېشىنى قار باسقان تارىخچى، قەغەزلەرگە مەنىسىز قىلىپ يېزىپ چىقار يېڭى تارىخنى، ئۆزىگىمۇ غۇۋا ئۆتمۈشنى. تەنھا يۇلتۇز، سەييارىلەر توپىدا ئۇ يوق، سامان يولى قالغان يىراقتا. تەن بەرمەستىن بويى بەستىگە يۈرۈپ كەتتى كارۋان يولىغا. ********** قەدەھتىكى زادى قانداق مەي تىلىم كۆيەر سوغۇق شاراپتا. تىلىم، دىلىم كۆيۈشكە تەشنا تەنھا يۇلتۇزدەك. بۈگۈن كېچە ئۇخلىماستىن كۈتىمەن يۈرىكىم ئوت بولۇپ يانغۇچە، ياتىقىمغا باھار كەلگۈچە. 2003-يىلى دېكابىر، شەھىرى تۇرپان
پاش قىلىش
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ