مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1919|ئىنكاس: 41

«ئەدەبىي تەخەللۇسنىڭ نومۇس تۇيغۇسى»دىن نومۇس تۇيغۇسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355826
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3049 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 04:49:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن تاساددىپىي پۇرسەتتە ، جەۋھەر يازما قاتارىنىڭ بېشىدىن ئورۇن ئالغان قاراخان نامىدا يېزىلغان "ئەدەبىي تەخەللۇسنىڭ نومۇس تۇيغۇسى" دېگەن تىمىدىكى بىر پارچە ئەسەرنى ئوقۇپ قالدىم .
ئوقۇدۇم .
ئوقۇغاندىن كېيىن ، بۇ يازما مېنى شۇنداق چوڭقۇر نومۇس ھاڭلىرىغا تاشلىدىكى ، ئاھ ، مەن ئۆزۈمگە ، ئۆزۈمدەك مۇشۇنداق ھاڭگىرت پېيىدىنمۇ يەڭگىل بىر كىشىگە ، " نومۇس قىلماستىن " ، " تەپ تارتماستىن " ، يۈز دېگەننى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ ، " ئەزىزان " دېگەن نامنى تەخەللۇس قىلىۋاپتىمەن . مەن بۇنىڭدىن ھازىر تولىمۇ ئېغىر ئۆكۈنۈش ۋە پۇشايمان ئىچىدە ئازابلىنىپ تۇرۇپ بۇ تەكشۈرۈشنامىنى يازماقتىمەن .
شۇنداق .
بۇ ئەزىزان دېگەن نام سۆز غولىدىن مەلۇم ئېرۇركى ، ئەزىز ماكاندا ياشىغان ياكى تۇغۇلغان بىراۋ ( ان قوشۇمچىسىدىن ئەرلىكى مەلۇم )غا قارىتا ئېيتىلىدىغان سۆز ، بۇنىڭدىن مەنا ئەزىز بولغۇچى ، ئەزىزلەنگۈچى دەپ چۈشەنسەك توغرا . لېكىن بۇ سۆز ئۇزۇن يىللار تارىخ مابەينىدە ، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئەزىزانە دېگەن سۈپىتىگە مائىللىشىپ ، قەشقەرلىك دېگەن ئالاھىدە مەنىنىمۇ ئۆزىگە ھازىرلىغان .
بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، مەن شۈبھىسىزكى ماھمۇد قەشقەرى ۋە ئۇستازىنىڭ ، " تەزكىرەئىي ئەزىزان " ۋە ئۇستاز ئەزىزاننىڭ ، ئۇستاز موللا مۇھەممەد قەشقەرىنىڭ ... شۇنىڭدىن سىرت يەنە بىز بىلىپ بولالمىغان لېكىن نۇرغۇن ئېسىل ئۆتكەن ، ئۆچمەس ئىزلارنى قويۇپ كەتكەن ئەجدادلارنىڭ يۈزىگە كاكۇل لاي سۇۋىغىلى تۇرۇپتىمەن . مېنىڭ بۇ سۆزنى ئۆزۈمگە قەلەم نامى قىلىپ تاللىشىم تاساددىپىي پۇرسەتتىكى ئېلھامدىن كەلگەن ئىدىكى ، ئۇلارغا ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا ، ھەتتاكى دۇنيا مەدەنىيىتىگە بۇنداق خىيانەت قىلىپ قويۇشۇمنى ئويلاپ يەتمىگەن ئىكەنمەن . نومۇس !

ئەمدى مۇشۇ يازمىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك .
1. تىلداش قاراخاننىڭ كەلتۈرگەن ھەدىسىدىن مەلۇم بولۇپ ، " قىيامەت كۈنى سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتاڭلارنىڭ ئىسىمى بىلەن چاقىرىلىسىلەر " دېگەن ئىبارىدىن شۇنچە خۇش بولدۇمكى ، زىممەمدىن ئېغىر بىر يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك بولدۇم ، چۈنكى مۇشۇ ئەزىزان دېگەن ئېغىر نامنىڭ قىيامەتتە چاقىرىققا تاقاشمايدىغانلىقى ، ئىزانى شۇ يەردىمۇ ئىشتماي ، پەقەت مۇشۇ مىسرانىم مۇنبىرىدە ئىشتىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ خۇش بولدۇم . بولمىسا بۇ نومۇس تېخىمۇ يوغىناپ كېتەتتى ئىكەن .
2. مېنىڭ يەنە ئەنسىرىگىنىم قاراخان ئەپەندى دېگەن " سايمانغا ساپ بولمايدىغان " نەدىكى ئەرزىمەس ، دەپدەپىسىز ، داۋراڭسىز ، سۆلەتسىز تەخەللۇسنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن يازارلارنىڭ ئەھۋالى بولدى . قانداقراق تەخەللۇسنىڭ سايمانغا ساپ بولالايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق تەخەللۇس جەمئىيىتىدىن بىرەر ئۇقتۇرۇش ئۆلچەم بارمۇ يوق ، ياكى ساپلاپ كۆرۈپ باقىدىغان بىرەر سايمان بارمۇ يوق ، بۇنىسىدىن خەۋەرسىز قاپتۇق . لېكىن ، ئەسەردە بىر قىسىم تىلغا ئېلىنغان " شەۋقىي " ، " چوغلۇق " ، " تۇغلۇق " ، " كۆلتەكىن " ، " ئەركى " ۋە ياكى " شەيدائىي " ، " نەۋائىي " ، " لۇتفى " ، " يۈكنەكى " دېگەندەك پاساھەتلىك ، قەھرلىك ، ئېسىل دۇردانىلەردىن تەركىب تاپقان ئەدەبىي تەخەللۇسلارغا سېلىشتۇرغاندا ، " تەكلىماكانىي " دېگەنگە ئوخشاش ساپسېرىق قۇم دۆۋىسىنى كۆرسىتىدىغان ، " دىھقان " قاتارلىق تۆۋەن قاتلام خەلق ئاممىسىنى كۆرسىتىدىغان بۇنداق تەخەللۇسلار سايمانغا قانداق ساپ بولالىغاي ... بۇلار بۇ ماقالىنى كۆرگەن چېغىدا " ئەدەبىي تەخەللۇسنىڭ نومۇس تۇيغۇسى " غا مەندىنمۇ چوڭقۇر چۆكۈپ كېتەرمۇ ...
3. " ئەدەبىي ئەسەرنىڭ نومۇس تۇيغۇسى " دا دېيىلگەن "  ئەپسۇسكى ئەدەبى تەخەللۇسنىڭ ئوخشىتىلىىشى ،تەقلىد قىلىنىشى ،دورىلىشى ،كۆچۇرىلىشى،تەكرارلىنشى ،ئۆزگەرتىلىىشى ،ياسىلىىشى قانۇن -نىزاملارنىڭ ياكى تەخەللۇس ئىگىسنىڭ قارشىلىق ،نارازىلىق ،ئەيىپلەش،چەكلەش،توسالغۇلىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە خالىلىققا ئىگە بولسىمۇ  ، شائىر-يازعۇچىلارنىڭ ،مەتبۇئات-نەشرىيات،گىزىت-ژورنال سەھىپىلىرىدە ھەتتا بىر قىسىم تور ئەدەبىياتىدا  قوللىنىۋاتقان تەخەللۇسلىرىمىزنىڭ  قەستەن ياكى سەۋەنلىكتىن ،قىسمەن ياكى پۇتۇنلەي ئوخشاپ قىلىشلىرى ،كۆچۇرىلىشى ،ياكى تۇزۇت -تەكەللۇپسىزلا تارتىۋىلىنىشى  كەسپى ،ئىدىيىۋى ئەخلاقىمىزنىڭ نەپرەت نەزىرىدىن  مۇتلەق خالىلىققا ئىگە بولالىشى ناتايىن. شۇڭا كېسىپ ئېيتىمەنكى ، تەقلىدچىدە ھەقىقەتەن ئەركىنلىك ،خاتىرجەملىك ئەمىنلىك روھى ھالىتى  كەمچىل بولىدۇ ‹‹خۇددى ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك -پوك ››-دىگەندەك ،باشقىلارنىڭ ئەدەبى تەحەللۇسىنى تەپ تارماستىن دوراپ ئىشلىتىش،ئەينەن كۆچۇرۇۋىلىش ، تەكرارلاش ھادىسسى  ماھايەت جەھەتتە ئېغىر سەلبى ھادىسە  بولۇپ ئۇ نېگىزىدىن ئالغاندا:
بىرىنچىدىن-شۇ تەحەللۇسنىڭ ئىناۋەت كۇرسىنى  يەرگە ئۇرعانلىق.
ئىككىنچىدىن-شۇ تەحەللۇسنى ئاۋۋال ئىشلەتكۇچىنىڭ قەلبىگەھۇجۇم قىلعانلىق.
ئۇچىنچىدىن-ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى، سىياسى ،كەسپى ساپاسىنىڭ چولتىلىغىنى،مەنىۋى نامراتلىغىنى،بەدئى دىتسىزلىغىنى،بىپەرۋالىغىنى ئاشكارىلىغانلىق.
تۆتىنچىدىن -ئۇيغۇر تىلى يەنى ‹‹ئانا تىلى››مىزنىڭ شانۇ شەۋكىتىنى،ئۇنىڭ لۇغەت بايلىقىنى ،مۆلچەرگە يەتمىسىمۇ مۇمكىنچىلىككە يىتىدىغان  ئىچكى قۇۋۋىتىنى دەڭسەپ،سىلىشتۇرۇپ ،قىدىرىپ  تەكشۇرۇپ كۆرمىگەنلىك. ھەتتا ئۇنى ئىستىخيىلىك ھالدا چۆكتۇرۇشكە ئىختىيارى ئىشتىراك قىلغانلىق.ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى تەشۋىش ئىزتىراپقا،،باشقىلارنى ئورۇنسىز ئىختىلاپقا سالغانلىق بولىدۇ ئەلۋەتتە. "
دېگەن ھېكمەتلىك بۆلەكلىرىنى ئاساس قىلغاندا ، مەنغۇ نومۇسنى باياتىنلا خېلىخوپ ئىشتىۋاپتىمەن ، شۇنىسى قەشقەرى ۋە ئەزىزان دېگەن نامنى تەخەللۇس قىلغان باشقا ئۇستازلار ، ئۇيغۇر پەن-مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆچمەس بابلارنى يېزىپ قالدۇرغان شۇ ئەجدادلار مۇشۇ تۆت خىل نومۇسنىڭ كاتېگورىيىسىگىمۇ كىرىپ كېتىپ قاپتۇ . قەشقەرىلەر ماھمۇد قەشقەرىنىڭ ، ئەزىزانلار پەلسەپە تارىخىدىكى ئابىدە ئۇستاز ئەزىزاننىڭ ، سايرامىلار موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئىززىتىنى سېتىپ يەپ بولۇشتىن سىرت يەنە كەسپىي ساپاسىنىڭ نەقەدەر چولتىلىقىنىمۇ ئىپادىلەپ قويۇپتۇ .
شۇنىڭ ئورنىغا ئۇلار ئۆزى ئايرىم تەخەللۇس قىلسا بولمامدۇ ؟ نېمىشقا خەقنىڭكىنى دورىۋالىدۇ ؟
4. قاراخان ئەپەندىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا ئۇيغۇر تىلى تۈرك تىللارنىڭ تاكامۇللىشىشىغا نۇرغۇن ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسىتەلەپتۇ . مەنغۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ قاچانلاردىن بېرى ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتىلىپ باشقا تۈركىي تىللارغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى بولغان قىرغىز تىلىغا ، رىشاد نۇرى گۈنتەكىنگە ئوخشاش يېرىك دۇنياۋىي ئەدىبلەر كۆرۈلگەن تۈرك تىلىغا قانداق بىر تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى تازا ئېنىق بىلمەيمەن . يەنە قاراخان ئەپەندى دېگەن " سەردار ئەدەبىي تىل " نىڭ قايسى بىر گۇرۇپپا تىللارغا سەردار بولغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن . ئەلۋەتتە ، بۇ مېنىڭ بىلىمسىز چولتىلىقىم . مېنىڭچە ، مۇشۇنداق نوچى ، پاساھەتلىك ، ئېسىل تىل-يېزىقىمىز بولغانىكەن ، بۇنىڭدا سۆزلۈك ئامبىرىمىز چوقۇم ناھايىتى زور ، شۇڭا تەخەللۇسنى قايتىلاپ دوراپ ئىشلىتىشتىن ، ۋە شۇ ئارقىلىق تۈگىمەس پۈتمەس تەخەللۇس نومۇسىغا قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، بىز شۇ سۆزلۈك ئامبىرىمىزدىكى سۆزلەرنى ساناپ چىقايلى . ساپ ئۇيغۇر سۆزلۈكى بولغان سۆزدىن مىڭنى تېپىپ چىقىپ ، بۇ مىڭنىڭ يۈز دانىسىنى مۇشۇ قاراخان ئەپەندى مەخسۇس زاپاس ئېلىپ قالسۇن ، قالغىنىنى باشقا ئۇيغۇرلار تەخەللۇسقا ئىشلەتسۇن . تەخەللۇس يەتمىگەنلەر تەخەللۇس قويماي يېزىۋەرسىمۇ بولىدۇ ، ھامان بىز ئاسماننى يېرىۋەتكۈدەك بىر نەرسە يازالمىغاندىكىن . ھەتتا بەزىلەرنىڭ ھاياتىدا يازغان ئەڭ پاساھەتلىك جۈملىسى پەقەت ئۆزىنىڭ تەخەللۇسى خالاس .

ئاخىرىدا ، نومۇس قىلايلى ، ئېغىر نومۇس قىلايلى . بىز ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر دەپ تۇرۇپ يەنە ئۇيغۇر ئەجدادلارنىڭ نام-بەلگىلىرىنى يەرلىكتىن كولاپ چىقارغاندەك ئوغرىلاپ ئىشلەتكەنلىكىمىزدىن نومۇس قىلايلى . سايمانغا ساپ بولغۇدەك تەخەللۇس قويايلىيۇ ، يەنە شۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالامدىمەن يوق ئويلىشىپ قويايلى . تارىختا كۆرۈلگەن " نەفىسە " ، " شەھىدى " ، " ئەزىزى " دېگەندەك تەخەللۇسلارنىڭ سايمانغا ساپ بولغان بولمىغانلىقىنى ، شۇلار ھۆددىسىدىن چىقالىغان چىقالمىغانلىقىنى ، ھازىرچە سايمان زاۋۇتىدىن خەۋەر بولمىغاندىكىن ، شۇ قاراخان ئەپەندى بىر نەرسە دەپ بەرسۇن .

---ئەزىزان---

2013-يىلى 15-يانۋار

( قەشقەر )



( ئاپلا ، يەنە ئەزىزان دەپ يېزىۋاپتىمەنغۇ نومۇس قىلماي . بوپتۇ ، يېڭىسى تەقسىم بولغۇچە مۇشۇ تۇرۇپ تۇرسۇن )
  



مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 07:46:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   باشتىن - ئاخىر تەنە ئىكەنغۇي بۇ يازما ؟ قاراخان نىمە دەر ئەمدى ؟ قاراخاننىڭ يازمىسىنى مەن ئۇقۇماپتىمەن ، شۇڭا بۇ ئىككى يازما توغرۇلۇق بىر نەرسە دىمەي ھازىرچە ماۋۇ تەستە كىلىدىغان تۆرنى ئېلىپ تۇراي ...................... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   albax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-15 07:47 PM  


كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32284
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 09:56:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇغۇ تەخەللۇس ئىكەن،ئەمما ھازىر بەزىلەر پامىلىسىغا  جاڭ نى قوشمىسا خاپۇلايدۇ،مۇشۇنداق كىتىۋەرسە چاتاق چىقارمىكى.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1403 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 09:56:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنىڭ كۆرىلىش قېتىمى مۇشۇ مىنۇتقىچە كۆپ بولسىمۇ مۇنازىرە قىسمىغا تېگىش قىلالماسلىقتەك ئاجىزلىق  مەن قوشۇلۈپ ھەر-بىر ئەزانىڭ ساپاسىنى ئىپادە قىلىپ بېرىشكە ئۈلگۈرۈپتۇدەك....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-15 10:01 PM  


قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6521
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 10:09:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇمۇس! مەن قايتا تىزىملىتىپ كىرسەم بولغىدەك!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26362
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 10:12:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى مەسىلە نۇرغۇنلار فامىلە بىلەن تەخەللۇسنى ئايرىيالمايدىكەن...تەخەللۇس دېگەندە «نومۇس تۇيغۇسى» دېگەن گەپ بولۇنمايدۇ، كىم نېمىنى قويغۇسى كەلسە قويسا بولىۋېرىدۇ، قانغا، جەمەتكە چېتىلىدىغان ئىش ئەمەس...
تەخەللۇسنى نومۇس تۇيغۇسىغا چېتىۋالغان ئۇ يولداشنىڭ قېنى زەل قىزىپ قالغان ئوخشايدۇ، بىرەر رومكا قېقىۋالغانمىدۇ يا؟
لېكىن فامىلە قوللىنىش باشقا ئىش، ئۆز جەمەتىنىڭ تارىخىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈمەن دېسە مەندەك سان قويۇۋالسۇن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2942
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2614 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 01:51:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹نومۇس تۇيغۇسى››نىڭ نېرى-بېرىسىغا ......

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ‹‹ئەزىزان›› !

گېپىڭىز ئەتىگە قالغان بولسا چوقۇم ئېچىپ (پۇراپ)قالىدىكەن ،ئۆتكەندە بىر تورداش ‹‹قەشقەرنىڭ سېسىق گېپى ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن›› ۋە ‹‹قەشقەرنىڭ سېسىق لەتىپىللىرى›› دىگەندەك مەزمۇندا يوللانما يوللاپتىكەن (ماۋزۇسى ۋە قايسى توردا كۆرگەنلىكىم ئېنىق ئېسىمدا  قالماپتۇ) ئۇنىڭدا راستىنلا قەشقەرلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ بىر ئۆلكىگە ئوغۇت بولغۇدەك سېسىق گەپلىرى يېزىلىپتىكەن ،ئۇنىڭدا ھوزۇر بار ئىكەن .چۈنكى ئۇنىڭدىكىسى راست گەپلەر ئىكەن،راست گەپ دىگەننىڭ چومىقى بولىدۇ.راست گەپتە ھەقىقەتنىڭ ئاز- تولا ئۇچقۇنى بولىدۇ. ئەندى مۇنۇ سىزنىڭ ‹‹سېسىق››گەپلىرىڭىزگە كەلسەك ئۇنىڭدا قۇسۇر بار ئىكەن،چۈنكى قۇسۇر دىگەن ‹‹قادىلىپ قارىسا ئاپپاق سۈتتىن››مۇ تېپىلىدىغان نەرسە ئىكەن،مەن ‹‹سېسىق گەپ››نىڭ لەتىپىدىن تەرەققى قىلىپ سىزنىڭ ‹‹زاۋۇتىڭىز››دا ‹‹سېسىق تەنقىت›› كە،ئايلانغانلىغىدىن ‹‹نومۇس تۇيغۇسىنىڭ ناغرىسىغا ئۇسۇل ئوينايدىغان››لارنىڭ يوق ئەمەسلىكىنى پەملىدىم.سىز ‹‹ئەزىزان ››دىگەن تور نامىڭىزدىكى ‹‹ان››دىگەن قوشۇمچىنى  ‹‹ئەرلىك››كە  بەلگە دەپ ئىزاھلاپسىز ،ئۇنداقتا ‹‹ئەزىزانە قەشقەر›› دىگەن سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى ‹‹ئە››قوشۇمچىسى ‹‹ئايال››لىققا بەلگە بولۇپ كېلەمدۇ؟سىز ئەزىزلەرنىڭ نام شەرىپىنى ئۆزىڭىزگە تور نامى قىلىش بەدىلىگە ئۇيغۇرغا ،ئەجداتقا،دۇنيا مەدەنىيىتىگەخىيانەت قىلغان ‹‹نومۇسسىز››بولۇپ كەتمەيسىز،گەپ شۇ دوراپ ئىشلەتكەن تەخەللۇسقا مۇناسىپ مېھنەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشتا ،ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ تىلى ۋە دىلى بىلەن خىيانەت قىلماسلىقتا،كىم بىلىدۇ بۇ توردا ئۆزىنى‹‹ۋىجدانى››‹‹خەندانى ››دەپ ئاتىۋالغانلارنىڭ كىمنىڭ ۋىجدانىغا ،كىمنىڭ بېغىغا قاراپ سايراۋاتقانلىغىنى؟ مېنىڭ ماقالامنىڭ ئارىسىدىكى سىزدەكلەرگە قالدۇرۇلغان ئېھتىماللىق پىكرىمنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىپ ئاندىن ئاللا-توۋا دەپ ‹‹سازايى››توۋلىسىڭىز بولىدۇ.
ئەندى مەنمۇ گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەم:

1.دىلداش ئەزىزان سىزنىڭ ھەدىس شەرىپلەردىكى شىپى كەلتۈرگەنلىرىمدىن ئېسىڭىزگە كېلىپ ‹‹بالدۇر بايقاش،بالدۇر داۋالاش،بالدۇر ئالدىنى ئېلىش ››رېتسىپىنى تۇرغۇزغانلىقىڭىز مېنىڭمۇ مۆمىنلىك يۈكۈمنى سەل يەڭگىللەتتى...بولمىسا سىزنى خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلالمىغانلىقنىڭ گۇناھىنى دولامدىكى پەرىشتە چوقۇم ماڭا يېزىپ قويغان بولاتتى.
2.‹‹سايمانغا ساپ بولۇش››بىر ئىدىئوم خالاس !ئۇنى سىز دالدىغا ئاپىرىۋېلىپ ،ياكى يوتقانغا ئەكىرىۋېلىپ دەڭسەپ باقىدىغان پەۋقۇلادە سىرلىق نەرسە ياكى ‹‹ئۇر كالتەك››نىڭ بىر خىلى ئەمەس ،ئۇنى پالتىغا ساپ بولماق دەپ قوبۇل قىلسىڭىز ‹‹گېپىڭىز››نىڭ‹‹ سېسىق›› يېرى تارتىلىپ كېتەمدىكەن؟ ئۇنىڭ دۈشمەننىڭ پالتىسىغا ساپ بولۇپ بىزنى چانايدىغان ۋە بىزنىڭ پالتىمىزغا ساپ بولۇپ دۈشمەننى چانايدىغان ئىستىرولۇق مەنىسىنى ئىستىمالىڭىزغا زورلاپ بېقىڭ ،ئۇنى باشقىلارنى ھەم ئۆزىڭىزنى بىئارام قىلىدىغان ‹‹ساپ››لارغا تەققاسلاپ يۈرمەي،ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدۇ دەپ سىزنىڭ ‹‹تەكلىماكان››ۋە ‹‹دېھقان››نى ‹‹تۇغلۇق››‹‹چوغلۇق››لارغا سېلىشتۇرۇپ قىلغان گەپلىرىڭىز كاللىڭىزنىڭ سېسىق گەپ بىلەن بولۇپ كېتىپ ‹‹كالۋايى بەرھەق›› تەختىگە ‹‹ساھىبقىران›› بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ.قېرىندىشىم سىز ‹‹تەكلىماكان››نى ‹‹قۇم››دەپلا چۈشەندىڭىزمۇ ؟ بىلىپ قويۇڭ ئۇ مېنىڭ ۋە مەن مەنسۇپ ئەلنىڭ تۇغما ھۇجەيرىسى!‹‹دېھقان››چۇ ؟ ئۇ دەل ئاشۇ ھۈجەيرىدىن چىچەكلەپ چىققان روھ مۇئەككىلى ،سىز ئۇنى نومۇس قىلىدىغان تەخەللۇسنىڭ ئۆبىكتى  ياكى ۋارىيانتى دەپ قالدىڭىزمۇ ؟مەسىلەن ‹‹ئابدۇرەئۇپ  تەكلىماكانى››‹‹دېھقان شائىر روزى سايىت›› دىگەندەكلەر قانداقمۇ مېنىڭ نەزىرىمدىكى ‹‹نومۇس تۇيغۇسى››غا مەھكۇم  پازىللار بولسۇن؟ كۆمەچ بەرسەم  يىيەلمەي كۈلگە بۇلاپ قويغىنىڭىزغا مەن نومۇس قىلىشىم كېرەكمۇ؟
3.سىز تۆت خىل نومۇس كاتىگورىيەسىگە كىرگۈزگەن ئەزىزلىرىمىز مېنىڭ نەزىرىمدە كىرمەيدۇ،چۈنكى ئۇلارنىڭ ‹‹ئوقى بىر نىشانى ئىككى ››بولماستىن ‹‹نىشانى بىر ئوقى ئىككى›› مەسىلەن موللا مۇسا سايرامىنىڭ ‹‹سايرامى ››دىگەن تەخەللۇسىنى ئىشلەتكەن بىزدە يوق ئەمەس بار،ئۇلارمۇ ئۆزىگە يارىشا ‹‹تاپقىنىنى ››ئەلگە سۇندى،ئەگەر ئۇلار يا ئاچماي ،يا تاشماي‹‹سايرامى›› بولىۋالسا ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ نامىنى ساتقان،كۇرسىنى چۈشۈرگەن،ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەي يەرگە قاراپ قالغانلار بولماي نىمە ؟ سىز ئىسمىڭىزنى ‹‹ۋۇسۇڭ››قويۇۋېلىپ بىر مۇشۇكمۇ ئۆلتۈرەلمىسىڭىز سىزگە شۇ مۇبارەك ئىسىمنى قويغان پەدەرىڭىزنىڭ سىزدىن كۈتكىنى‹‹ۋۇدا›› بولسىمۇ بولاتتى دىگەندىن ئىبارەتمۇ؟ بولسا بولار بولمىسا كاۋىسى بولار دىگەندەك.شۇڭا تىل شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋالدا دورىمىسا ،ئۆزىدە تۇرۇپ خەقتىن سورىمىسا ،ياكى خەقنىڭكىنى كولىمىسا ياخشى ئەمەسمۇ؟
4.ئۇيغۇر تىلى تۈركى تىلغا تېخى يېقىندىلا تەسىر كۆرسەتتى،يەنى تۈركىيەلەكلەر جوڭگۇنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشتا خەنزۇچە ۋە باشقا تىلچە تەرجىمىلەردىن كۆرە ئۇيغۇرچە تەرجىمىنىڭ دەل ۋە جايىدا ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل كېلىشىىنى سېلىشتۇرۇپ چىقىپ شۇ بويىچە تەرجىمىگە كىرىشكەن،نۇرمۇھەممتەت ئېركىمۇ،ئوسمانجان ساۋۇتمۇ ھەييام رۇبائىللىرىنى پارىسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشتا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھاللىق سەۋىيەسىدىن سۆيۈنگەن ،ناۋايىمۇ ،مەھمۇد قەشقەرىمۇ تۈرك تىلى يەنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى ئۈستۈن چاغلىغان،نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن قىرغىزنىڭ ۋە دۈنياغا تونۇلغان رىشات نۇرىنىڭ شارائىتى بىلەن بىزنىڭ شارائىتىمىزنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ،بىزدە ئاشۇنداق شارئىت بولسا ئاۋۇ ‹‹مويەن››ئېرىشكەن نوبىلغا ‹‹زوردۇن سابىر››نى‹‹جالالىدىن بەھرام››نى‹‹ياسىنجان سادىق چوغلاننى››‹‹ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىن››نى ئېرىشەلمەيدۇ دەپ قالماڭ.
مەن ئۇيغۇر تىلىمىزنى ‹‹سەردار ئەدەبى تىل››دىگىنىمدە قىرغىزلارنىڭ،پارىسلارنىڭ،تۈركلەرنىڭ،قازاقلارنىڭ،تاجىكلارنىڭ،ئۆزبەكلەرنىڭ تىلىدىن ئۈستۈن كۆرۈش ھېسسىياتىم بىلەن دىدىم،قايسى خىل ھېسسىياتتا مەدھىيەلەش ئۈچۈن ئەزىزانە قەشقەرگە بېرىپ سىزدىن ‹‹ئەزىزان››دىن مەدرىس تەلىمى ئېلىشىم كېرەك ئەمەستۇ؟مەن بۇ ھەقتە‹‹ناۋايى تىلىدا سۆزلەيمەن مەغرۇر›› دىگەن شېئىرىمدا ئۆزۈمگە مەنسۇپ بولغان ئەركەك تۈكۈمنى داڭلاپ بولغان ،بۇ يەردە پىستان چېقىپ ئولتۇرمايمەن.بىزنىڭ لۇغەت تەركىبىمىزدە ساپ ئۇيغۇر تىلىدىن مىڭ سۆزلۈك چىقمايدۇ دىسىڭىز بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىتنىك مەدەنىيەت قاتلىمىغا بولغان نامرات خىيالىڭىز ،سىز ئاسماننى يېرىۋەتكۈدەك بىرنەرسە يازالمىسىڭىز ھېچ بولمىغاندا زېمىنگە قوزۇق،ئېلىمگە ئوزۇق بولغۇدەك بىر نەرسە يازالىشىڭىز مۇمكىن ،ئۆزىڭىزنىڭ بىر نەرسە يېزىشقا بولغان تاھارىتىڭىزنىڭ بوشلۇقىمۇ ماڭا قارىتىپ ئاتىدىغان سېسىق گېپىڭىزنىڭ دەسمايسىمۇ؟‹‹شەھىدى››‹‹نەفىسە››‹‹ئەزىزى››ياكى ‹‹ئا .ئىلىلىق›› نىڭ سايمانغا ساپ بولغۇدەك تەخەللۇس بىلەن ھاياتىغا مەنا بەرگەن- بەرمىگەنلىگىنى خەلق پەقەت خەلق باھالاپ چىقالايدۇ،سىز بىلەن مېنىڭ يەكپاي پىچقان تونلىرىمىز ئۇلارنىڭ بويىغا خوپ كەلمەسلىكى مۈمكىن.
تەخەللۇسنى خەلق ياكى ئۆزىڭىز تاللاپ قويغۇچە  نومۇس تۇيغۇڭىز چىۋىن قونۇپ يايرايدىغان   ‹‹سېسىق ››گەپكە ‹‹شىرنە››  بولۇپ بەرمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2942
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2614 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 02:14:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Naprat2009 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-15 10:12 PM
ھازىرقى مەسىلە نۇرغۇنلار فامىلە بىلەن تەخەللۇسنى ئاير ...

تەخەللۇستا نومۇس تۇيغۇسى بولمايدۇ دەپ قارىغان ‹‹نەپرەت››نىڭ پىكىرى  قىپ-قىزىل ‹‹غەپلەت›› نىڭ پىكىرى بولۇپتۇ، تەخەللۇسنى كىم نىمە دەپ قويسا بولىۋېرىدىغان ئەرمەك ئىتلارنىڭ ئىسمى ئەمەس،ئەقەللىسى بالىغا ئىسىم قويۇشتىمۇ ئاتا-ئانا نەچچە كۈن ئويلىنىدۇ،بالام ئۇنداق بولسۇن،بۇنداق بولسۇن دەپ،تەخەللۇس قويغۇچىلار مىللەت ئالدىدا نىمە قىلىپ بېرىشىنى ئويلۇشۇپ ئاندىن تەخەللۇس قوللىنىدۇ،ياكى باشقىلار ئۇنىڭ ئەل ئۈچۈن ئۇنداق ياكى مۇنداق بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىشىنى كۆزلەپ ئۇنىڭغا تەخەللۇس قويىدۇ،سىز باش سۈرىتىڭىزدىكى بالىغا ئەمەس ،بالىغا قورال تەڭلەپ تۇرغان غاپىل ئەسكەرنىڭ ئورنىدا گەپ قىلىپسىز، بۇ گېپىڭىز پۈتۈن تور ئەھلىگە كۈلكىلىك تۇيۇلمىسا مەن يۇقۇرقى سېسىق گەپنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشكە رازى...تەخەللۇستا ئار نومۇس تۇيغۇسى بولمىسا ئۇنى نىمە دەپ قويىدۇ،مېنىڭ قېنىم قىززىپ قالغان بولسا سىزنىڭ ئاۋۇ قالپاق ئىچىدە كاللىڭىز چۆگىلەپ قالمىغاندۇ -ھە؟ مېنىڭ بىرەر رومكا قېقىۋالغان چاغدىكى گېپىم سىزنىڭ چېركاۋدا يېتىۋالغان چاغدىكى گېپىڭىزدىن ئورۇنلۇق!

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355826
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3049 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 10:18:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaraxani يوللىغان ۋاقتى  2013-1-16 01:51 AM
‹‹نومۇس تۇيغۇسى››نىڭ نېرى-بېرىسىغا ......

ئەسسالامۇئەلە ...

ئوغۇلبالىدەك ئىنكاس .
ئۇنداقتا مەنمۇ كىنايىنى قويۇپ باشقا تەرەپتىن زەربە بېرىپ باقاي :
1. ئەسلى يازمىدىكى ھېلىقى مەنىداش سۆزلەردىن تۈزۈلگەن شېئىرلار دەپ توپلانغان شېئىرلاردا قايسى سۆزلەر مەنىداش ؟ بۇنى ئاھاڭداش ياكى شەكىلداش سۆزلەر دەمدۇق ياكى مەنىداش دەمدۇق ؟
2. سىزنىڭ ماقالىڭىز ئوبزورلار سەھىپىسىدە بولغانىكەن ، بۇ ماقالە باشتىن ئاخىر بىزگە بىر يەكۈننى تاشلاپ بېرىشى شەرتقۇ دەيمەن ؟ ئۇنداقتا سىز بۇ ماقالە ئارقىلىق مېنىڭ كاللامدا پەيدا بولغان ئاشۇ « سېسىق » يەكۈننىڭ سەۋەبكارى كىم دەپ ئويلايسىز ؟ باشقىلاردا مۇشۇنداق يەكۈننىڭ مەن بىلەن ئورتاق بولمىغانلىقىنى نېمە بىلەن كاپالەت قىلىسىز ؟ بەلكى باشقىلار ماقالىڭىزنى ئىچكىرىلەپ ئوقۇمىدى ، ئوقۇغان بولسا ئىدى ، ۋە ياكى شۇلاردا مەن بىچارىگە ئوخشاش قايتىلانما تەخەللۇس بولغان بولسا ئىدى ، ئۇلارمۇ نومۇس قىلاتتى .
3. «شىنجاڭ تەزكىرىسى » دېگەن قانداق مەتبۇئات ؟ ئۇنىڭ مەلۇم يىلدىكى مەلۇم سانىدىكى سۆزلەرنى ۋە ياكى مۇشۇ مەتبۇئات خىزمەتچىلىرىنىڭ نېمىشقا ھۆكۈم سۈپىتىدە قوللانغۇدەكمىز .
4. مەن ئۇيغۇر تىلىنى بىر پۇڭغا ئەرزىمەس قىلىۋېتىش نىيىتىدە ئەمەس بەلكى كىنايە ئېھتىياجىدا شۇنداق سۆزلەرنى ئىشلەتتىم ، لېكىن ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمانلىقىنىڭ قانچىلىك سەۋىيەدە ئىكەنلىكى ، ئىلگىرىلىگەن ياكى چېكىنگەنلىكى سىز بىلەن ماڭا بەكرەك ئايانغۇ دەيمەن ؟ كىمنى ئالدايمىز ؟

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26362
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 10:42:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaraxani يوللىغان ۋاقتى  2013-1-16 02:14 AM
تەخەللۇستا نومۇس تۇيغۇسى بولمايدۇ دەپ قارىغان ‹‹نەپر ...

جېنىم ساقام...... تەخەللۇس، ئىسىم، فامىلە ھەممىسى ئايرىم-ئايرىم  ئۇقۇم، ئىسىم بىلەن  فامىلىغا  چاقچاق قىلىشقا  بولمايدۇ...لېكىن  تەخەللۇس ھەممە كىمنىڭ  ئىختىيارىدىكى ئىش، سىزنىڭ قېلىپىڭىزغا چۈشمىسىمۇ، «نومۇس تۇيغۇسى» دە تولغىنىپ  كەتمىسىمۇ  بولىدۇ...
ئەجىبا دۇنيادىكى 6 مىليارد ئادەم «نومۇس» قا  قالىمەن دەپ 6 مىلياردتىن ئارتۇق تەخەللۇس تېپىشى كېركمۇ...10 نەچچە مىليون ئۇيغۇر «نومۇس» قا قالىمەن دەپ 10 نەچچە مىليون تەخەللۇس تېپشى (ياكى تۈزۈپ چىقىشى) كېرەكمۇ؟
يەنە بىرى، چېركاۋ سىزدىن ماڭا ئاشماسمىكىن، مەھەللەمدە بىر چېركاۋ بار، ئالدىدىن ئۆتۈپ باققان ئەمەسمەن، نەچچە ئون  كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مەسچىتكە بارىمەن...
باشقىلارنى ئۆزىڭىزنىڭ سىزىقىدا ماڭدۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ، سىز بولمىسىڭىزمۇ يەر شارى چۆرگىلەيدۇ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش