مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 559|ئىنكاس: 10

‹نىكاھتىن ئاجرىشىش دولقۇنى›ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يۇلتۇزلاردا بولمىغاچ بىرلىك ،ي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39994
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3180
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىندىشىمىز مىرۇل مەرگەن نىڭ < ئۇيغۇرلاردا نىكاھتىن ئاجرىشىش دولقۇنى قاچان تۈگەيدۇ > دىگەن تېمىسىنى تەپسىلىي ئوقۇپ بۇھەقتە كۆپ ئويلاندىم ۋە تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم .
مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ،جەمىيىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ نىكاھ ۋە ئائىلە ھەققىدىكى چۈشەنچىسى بەكلا يۈزەكى ۋە ئانچە ئەتراپلىق ئەمەسكەن . مەن بۇ يەردە كۆپ سۆزلىمەي ، ئالىم ئابدۈشكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ < ئائىلە > ناملىق كىتابىنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزۈم يولۇققان بىر قانچە ھەقىقىي ۋەقە ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياشلىرىمىزنىڭ ئىبرەت ئېلىشىنى ، ھەر بىر قەدەمنى سوغۇققانلىق بىلەن بېسىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئەشۇ گۆدەك ، گۇناھسىز نارەسىيدەلىرىمىز مەغلۇپ بولغان نىكاھنىڭ قۇربانى بولمىسۇن .
    خەلق دوختۇرخانىسى يېنىدىكى كەچلىك بازاردا ئايالىم ۋە بالام بىلەن تاماق يەۋاتساق ، دۇكان ئايال خوجايىنى بالامغا قاراپ قويۇپ ئايالىمغا :
-بالىڭىز ئەجەپ ئوبدان چوڭ بوپتۇ ، سۈتىڭىز ياخشى ئوخشايدۇ-ھە، دېدى . ئارقىدىنلا :
- بايا تېخى مۇشۇ يەرگە بىر چوڭ ئايال كىرىپتىكەن ، قىزىنىڭ يەڭگىشى تەس بولۇپ قېلىپ مۇشۇ دوختۇرخانىغا ئەكەپتۇ ، ناھىيىلىك دوختۇرخانىدىن يۆتكىگىلى بىر قانچە كۈن بوپتۇ ، بالىسىنى ئوپراتسىيە قىلىپ ئاپتۇ ، لىكىن ئەينەك شىشىدە ( ئالاھىدە كۈتۈنۈش ) بېقىۋىتىپتۇ ، ئۇ ئايالنىڭ دېيىشىچە ، كۈيئوغلى تېخىچە دەسسەپ باقماپتۇ ، يەنە تېخى <بۇ خوتۇن ھىلىتىن مۇشۇنداق نىمجان بولدى ، تۆت كۈندە بىر ئاغرىيدۇ ، بىرمۇنچە پۇل كېتىدۇ ، ئۇنچە پۇلنى خەجلەپ بۇ نىمجان خوتۇن بىلەن ئۆي تۇتقان بىلەن ئەمدى كارغا كەلمەيدۇ ، ئۇ پۇلغا يەنە بىر قېتىم ئۆيلەنگىلى بولىدۇ >دەپتۇ . بۇ ئايالنىڭمۇ ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ، ئىقتىسادى يار بەرمىگەچكە دوختۇرخانا چىقىملىرىنى تۆلىيەلمەي بىرمۇنچە قەرىز بوپتۇ . نەۋرىسىنى بېقىپ چوڭ قىلغۇدەك ئىقتىسادىمۇ يوقكەن . بالا بېقىۋېلىشنى خالايدىغان بىرەر ساخاۋەتچى چىقىپ قەرىزلىرىنى تۆلەپ ، دوختۇرخانىدىن چىقىرىپ قويسىلا ، نەۋرىسىنى بېرىۋىتىش قارارىغا كەپتۇ . ئۇ ئايالنىڭ قار-يامغۇر يىغلىغىنى كۆرۈپ ھەر قانداق باغرى تاش ئادەم بولسىمۇ ياردەم قىلغۇسى كېلىدۇ . شۇڭا مەن  ئۇ ئايالغا :
-مەن بەش بالامغا قېتىپ بېقىۋىتەيمۇ ، لىكىن نەۋرىلىرىنى قايتا ئىزدىمەسلىك توغرىسىدا خەت يېزىپ بېرىلا ، دىدىم . < قىزىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ كېلەي > دەپ چىقىپ كەتتى . دېدى ئايال خوجايىن .
     بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھېلىقى لامزەللە ئاداشقا بەك ئاچچىقىم كەلدى ، مەن بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق ئىشلارنى ئاڭلىغان ، لىكىن ئىشەنمىگەن ، ئەمدى ئىشەندىم . ئويلىنىپ قالدىم ، بىزدىكى مۇشۇ ناتوغرا قاراش قاچانمۇ تۈگەر .
     بىر تويدا ئاغىنەم تونۇشىنىڭ تېخىچە توي قىلالماي يۈرگىنىنى دەپ بەردى .
-ئۇ بىر قىز بىلەن يۈرگەن ، ئۇ قىزنى ئالاي دىسە پۇلى يوق ، يا ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىڭ تايىنى يوق ، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئىشىغا بىر مۇنچە پۇل خەجلىمىسە تېخى ، ئۇ خېنىمنى ئەپ قويغان بىلەن خىزمىتىنى يۆتكەپ  ئەكەلمىسە تېخى ، <ئەھۋالىم بۇ تۇرسا ئۇ قىزنى قانداق باقالايمەن > دەپ ، ئۇ قىزنىڭ باشقا بىرى بىلەن توي قىلىشىغا ماقۇل بوپ قويۇپ ، توي كېچىسى ھاراقنى ئۆلگۈدەك ئىچىپ ، قىزنىڭ مەھەللىسىگە بېرىپ توينى بۇزۇپ يۈرىدۇ ئۇ بايقۇش ،دېدى .
    ئويلاپ قالدىم ، بۇ نىمە سەتچىلىك ئەمدى ؟
    يەنە بىر ئاغىنەم توي قىلىۋىلىپلا يوقاپ كەتتى ، يا ئەل-ئاغىنىلەر بىلەن ئارىلاشمايدۇ ، يا ئولتۇرۇشلارغا بارمايدۇ . بىر ئاغىنىمىزنىڭ تويىدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق .
-ھە دىدار غەنىمەت ئاغىنەم ، يوقاپ كەتتىڭلىغۇ ، خوتۇن ئۆيدىن چىقارماي ، ئاش-تاماق ، كىر-قاتتىن بىكار بولالماي يۇرەمدۇق ؟ ماندا ئوغالبالىدەك مەيدەڭلىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈڭلا دەيمەن . دەپ چاقچاق قىلدۇق .
-نىمىسىنى دەيسەن ، توي قىلمىساڭ تېخى نۇرغۇن گەپ ، تويغا قوپقاندا تېخى ، توي قىلىۋالساملا تۈگەمىكى دىسەم ، بۇ گەپ تېخىمۇ ئاۋۇپ كەتتى ، كاللامدىن تۈتۈن چىكەتتى باللا . ھەي سىلەر بوساڭلامۇ كىيىنرەك ئۆيلىنىڭلا .
- قانداق دەيسەن ؟
- راستىنى دىسەم مۇشۇ چوڭلاردىن جاق تويدۇم .
- نىمە دەيدۇ ماۋۇ ، شۇ چوڭلا يولۇڭنى ماڭمىغان بولسا ئالالماستىڭ بەش يىل يۈرگەن قىزىڭنى ؟
- گەپ بېسىقىدىغانلا ئىش بولسا ، بوپتۇ چىداي ، < ئوتنىڭ تېشىدا كۆيگۈچە ئىچىدىلا كۆيەي > دەپ ھەممە گەپكە چىدىدىم ، دەڭلا .  
- ھە ، ھە ، ھە ، كىيىن قاندا بولدى .
- قاندا بولىتى يەنە شۇ چوڭلا تاس قالدى ئۆيۈمنى بۇزغىلى . باشتا تويدىن بۇرۇن بىرسى-بىرسىگە قىلغان يوغانچىلىقلىرىغا قورسىقى كۆپۈپ چىدىماسلىق قىلدى .
-قانداق ؟
-قانداق قىلىتى ، قوساق كۆپۈكىنىڭ ھەممىنى كېلىن بىلەن كۈيئوغۇلدىن چىقادى . ھەممە گەپ شۇ مەن بىلەن ئايالىمغا كىلىپ توختايدۇ ، ئايالىم ئىچىگە پاتمىغانلىرىنى ماڭا دەيدۇ . ئۇلار مېنىڭ ئىچىمدە چۆكمە بولۇپ ئۇيىيدۇ .
- ئايالىڭ ئەسلى ساڭا دىمەسلىكى كىرەكتى قاندا دىدىم باللا ؟
- شۇ ، شۇ .
- ئۇمۇ قانداق قىلىدۇ ، ئۇنىڭ يۈرىگىمۇ گۆش ئەمەسمۇ ؟ بۇ گەپلەنى ئاڭلىساڭلا سىلەرمۇ زەردىگۆش بوپ كىتىسىلە دەيمەن .
- قانداق ، بەك قاتتىق گەپ قىلىۋەتكەن ئوخشىمامدۇ ؟
- قاتتىق گەپ دەيسەنغۇ ، بىلمەمسەن قەشقەلىقنىڭ ئېغىزىنى ، يامان سېسىق گەپ قىلىۋەتكەن ئوخشايدۇ .
- شۇ ، ھېلىقى < قۇدىلار > بىلەن < دەرتمەنلەر > دىگەن ئىتوتتىكىدەكلا دىگىنە .
- شۇندا قىلىپ ئايالىمغا تەسەللىي بېرىپ ئاران بەزلەپ ئولتاسام ، چوڭ ئانام قوپتى .
- ۋاي ئۇ چوڭ ئاپاڭ نمە دەيدىكەن ، تويۇڭدا خوشلۇقىدىن يىغلاپ كەتكەنغۇ چوڭ نەۋرەمنىڭ تويىنى بولسىمۇ كۆرۈپتىمەن دەپ ؟
- ۋاي ئاداش ، نىمە دەيتى ، < بىز ئەزەلدىن ياتتىن كىلىن ئەكىرمىگەن ، ئۈچ تاغىسىنىڭ قىزى باغۇ چىقاغۇدەك بولغان ، ئەلۋەتتە ، شۇلانىڭ بىرەسىگە سۆز بەسە ، بىرە قىزىنى ئايامتى ؟ > دەيدۇ .
- سەن نىمە دىدىڭ ؟
- نىمە دىيەلەيمەن ئاداش ، مۇشۇ تويغا ئاپام-دادامنى ماقۇل كەلتۈرگەنلەر شۇ تۇرسا ، ئۇنداق ئويلىغان ئادەم نىمىشقا تويىدىن بۇرۇن ھېچ گەپ يوق ئەمدى چىقامدۇ بۇ گەپ ؟ زادى بۇ ئۆينى تۇتقۇزامسىلە يا ؟ دىدىم .
- ئاندىن قانداق بولدى ؟
- چوڭ ئۆيگىمۇ بارمىدۇق ، ھېيىتتىن باشقا چاغدا . ئۇلارمۇ جىمىپلا كەتتى . كىيىن بىلسەم ، چوڭ ئاپام كىلىنىنىڭ يەنى ئاپامنىڭ بۇ ئىشنى ئەپلەشتۈرەلىشىگە ئىشەنمەي گەپ قىلماي تۇرۇپتۇ ، كىيىن قارىسا ئىش بۆلەكچە ، شۇنىڭ بىلەن ساماننىڭ تېگىدىن سۇ قۇيۇپ نۇرغۇن ئىشنى چاندۇرماي قىلىپ ، ( بىز يەنىلا چىرايلىق ئۆي تۇتىۋەرگەندىن كېيىن ) ئاخىرى چىدىماي شۇ گەپنى قىلغان ئىكەن .
ھەممەيلەن :-تۆۋە شۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ ؟ دەپ قالدۇق .
دىسەم بۇنداق مىساللار بەك تولا ، يەنىلا ياشلىرىمىزغا ئېغىر بېسىق بولۇشنى تەۋسىيە قىلماي ئامالىمىز يوق .
كۆپچىلىك ياشلىرىمىزغا قانچىلىك تەس كېلىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان . < ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ > ئەمەسمۇ . يېڭى توي قىلغان يىگىتلەرگە دەيدىغىنىم : چوڭلارنىڭ دىگىنىنىمۇ ئاڭلاڭ ، ئايالىڭىزنىڭ كۆڭلىنىمۇ چۈشۈنۈپ قويۇڭ ، خوتۇننى سىز ئالدىڭىز ، ھەرگىز چوڭلارنىڭ خالىغانچە ئانىي تېپىشىغا ئېپ بەرمىدىڭىز . بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ (مەن توي قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشەنگەن ) : <قېينىئانا بىلەن كېلىن ئوتتۇرىسىدىن توڭگۇز ئۆتۈپ كېتىپتىكەن > دىگەن تەمسىل .خوتۇنىڭىز بىلەن ئۆمۈرلۈك ھەمرا بولىدىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ، زۆرۈر تېپىلغاندا  ئۇنى ( گەپ-سۆزدىن ، خەتەردىن ) قوغداڭ .  
يېڭى كىلىنچەكلەرگە دەيدىغىنىم : قېينىئانىڭىز بىلەن ئوتتۇرىڭىزدا توڭگۇز ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ .

كۆپچىلىك تورداشلار ، بۇ مېنىڭ ئازىراق ھېس قىلغانلىرىم . ئەمدى سىلەرمۇ  ئۇچراتقان ئىش ، ياكى بۇ مەسىلىگە قارىتا قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپ بەرسەڭلار ، ھەممەيلەن ئۆزئارا ئورتاقلىشىپ باقساق . بۇنىڭ توي قىلىش ئالدىدىكى قىز-يىگىتلىرىمىزگە پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەيمەن .   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shiwirghan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-15 04:51 PM  


بەگ بولىدىغان ئوغۇللىرىمىز قۇل بولدى،خانىش بولىدىغان قىزلىرىمىز دېدەك بولدى._كۆلتېگىن مەڭگۈتېشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنى ئېچىندۇرىدىغان بۇخىل ئەھۋال بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، بۇخىل ۋابانىڭ ئائىلىلىرىمىزگىچە بېسىپ كىرىشدىن ئاللاھ ساقلىغاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89409
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 71
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2013-1-1
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجراشماڭلار   ئاتا-ئانىلار،      يىتىم  قالدۇ   سەبى  بالىلا ر.

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13443
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5181 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ھەي .................... بۇ توغرىدا گەپ قىلسا قايناپ قالىدۇ كىشى ! يازمىدىغۇ ساپلا ئاياللارنىڭ كوت - كوت گىپى تىلغا ئېلىنىپتۇ ، بەزى ئەركەكلەر بار ، سەن ئەمەس مەن دەپ كېرىلىپ يۈرىدىغان ، بېقىپ ،كۈرۈپ كەلسە يا قىزىنى ياخشى تەربىيلىمىگەن ، ئىرى تەربىيلىسە تېخى خۇتۇن كىشىدەك ھەممىگە ئارىلىشىۋالغان ....................ھەتتا .................ئىچىدىكى ئىشقىمۇ ئارىلاشقان ................نامەرت غىتمەكلەرررررررررررررررررررررررر ...................!

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36057
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3370
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارلىق ياشلىرمىزنىڭ تۇرمىشىغا خاتىرجەملىك تىلەيمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5086
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپ قىلاي دېسە تېخى.... ھەي ئادەم قاينايدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89451
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلە - ئىنسان ماددىي تۇرمۇشى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ ھەر بىر ئىندىۋىدۇئالى ئۈچۈن ئاساسلىق ئىجتىمائىيي بىرلىك قاتلىمى . ئائىلە - نۇقۇل مەنىدىكى ئىككى جىنىس قۇشۇلمىسىنىڭ قانۇنى شەكلى بولۇپ قالماي ، ئۇ يەنە ، ئىنسان ئەۋلاتلىرىنىڭ تەۋەللۇتگاھى ؛ مىھىر - شەپقەت ، ئەقىل - ئىدراك ، ئەخلاق - ئادەت ، بىلىم - مەدىنيەتنى يىتىشتۇردىغان تۇنجى مەكتىپى ؛ قوشنىلارغا ، ئىلىم ئوچاقلىرىغا ، جەمئىيەتكە ، كىشىلىك دۇنياسىغا يۇزلىنىدىغان بىرىنچى بوسۇغىسى ؛ ئۆمۈر ئەجىرلىرىنىڭ ئەڭ مۇپەسسەل مۇزېيى ؛ كۆڭۇل جاراھەتلىرىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك شىپاخانىسى ؛ كىشىنى مەڭگۈلۈك دۇنياغا ئۇزىتىدىغان مۇسىبەت ئۆيى ؛ ئەۋلەتلار شەجەرىسىنىڭ يىلتىز ۋە شېخى ؛ مىللەتنى قۇيۇپ چىقىدىغان قىلىپ .

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ ‹‹ ئائىلە ›› ناملىق كىتاۋىدىن ئىلىندى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90071
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-1-15
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ نېمە قىلسام بولار دەپ بېشىم غەمدە ... پىشانىدە بارنى كۆرمەي ئامال يوق .

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35289
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 6812 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا-ئانا تەربىيەسى بەك مۇھىم ئىكەن بولۇپمۇ  قىزلارنىڭ. كىتابغا يېقىن يولىمايدىغان خوتۇننى ئېلىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭلار! دۆت خوتۇن( كىبىرلىكتىن ساقلىغايسەن) ئېلىپ قالماڭلار! ئىچى تار، ھەسەتخور، كۈنلەمچى خاتۇنلاردىن يىراق تۇرۇڭلار!
‹‹خوتۇنۇڭ ھازازۇل بولسا پەيلاسوپ بۇلىسەن›› دېگەنكەن ئارستوتېل.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90158
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي، مەنمۇ نىمە ئىش قىلىشىمنى بىلەلمەي يۈرىمەن. خوتۇننىڭ تۇققانلىرى تېخى جىق مېنىڭ تۇققانلىرىم تېخى جىق. يا بۇ خوتۇنۇم گەپ سۆزگە دىققەت قىلمايدۇ، ئىشقىلىپ نۇرغۇن چاغلاردا بەك دۆتلۈك قىلىدۇ، قوسقىدا بار تېخى، ھازىر ئاپىسىنىڭ ئۆيىسىدە يامانلاقلىق ، ئۇزۇن بولدى ئالاقىلىشىپ باقمىدۇق. پەرۋەردىگارىم ئۆزۇڭ ئاسان قىلىپ بەرگەيسەن بۇ ئىشلارنى .  يامانلاشنىڭ ئالدىدا مەن سېنى ۋاي ئېرىم ۋاي ئېرىم دەپ مۇشۇ كۈنگىچە ئەر قىلىپ كەلدىم ئەمدى ئەر قىلمايمەن دەپ يامانلاپ كەتكەن ، بۇ گەپمۇ ماڭا بەك ئۆتۈپ كېتىپتىكەن. لېكىن تۇنجى خوتۇنۇم ئىدى.  قىز بالىغا ئاپىسىنىڭ تەربىيەسى بەك مۇھىمكەن. قىز ئالساڭ ئاپىسىغا قاراپ ئال دىگەن گەپ ئاساسى بار گەپكەن.  بىزدىكى مۇشۇ ئۇششاق گەپلەر قاچانمۇ تۈگەر،،،، ئۇلۇغ ئاللاھ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ئۆزۈڭ ساقلىغايسەن،،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش