ماقال-تەمسىللەر
قەھرىمانغا بىر ئۆلۈم، خائىنغا مىڭ ئۆلۈم.
مول ھۇسۇلغا ئۇغۇت ياخشى، ئوت قالاشقا گۇگۇت ياخشى.
ئىنسانغا بىلىم كېرەك، خارەتكە يىلىم كېرەك.
رەھىم قىلما جوندەككە، مىنىۋىلار خوندەككە.
قېيىن ئانام كەلسە كەلسۇن، قولتۇق خالتىسى كەلمىسۇن.
ئادەم قېرىسا خارلىنار، دەرەخ قېرىسا ياشلىنار .
چاقىرمىغان يەرگە بارما، دەرەخ قېرىسا ياشلىنار .
چاقىرغان يەردىن قالما.
ئايال كىشى قېرىسا ئۆي ئىشى بىلەن،
ئەر كىشى قېرىسا خۇتۇن كىشى بىلەن.
ياش بىلەن مۇڭداش قېرى بىلەن سىرداش.
ياخشى خۇتۇن ئۆي تۇتار،يامان خۇتۇن دوست تۇتار.
خۇتۇن ئالساڭ كۈرۈپ ئال،پۇل ئالساڭ ساناپ ئال.
ياخشى ئەر ئەسكى خۇتۇن بىلەن تەڭ بولماس.
قېيىن ئاناڭنىڭ چىشى بولمىسا سۈڭىكىنى سەن غاجا.
تۇشقان تىرسىمۇ ئۈچ كۈن چىداپتۇ.
دامبىلىخونىڭ دامبىلى بار،يامۇلنىڭ ئامبىلى بار.
ئانىسى بۇزۇقنىڭ بالىسى بۇزۇق.
چاخچاق قىلماڭ چوڭغا كۈتۈرۈپ سالار توڭغا.
يېقىندىكى موللام جا موللام نېرىدىكى موللام دا موللام.
مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ.
قۇرۇق سۈڭەكنى ئىت غاجىماپتۇ.
ئۇتۇن يارغان پالتا ئىشىكنىڭ تېشىدا،
ئانىڭىزنىڭ دوستى دادىڭىزنىڭ قېشىدا.
دوپپىنى كەيگەندە كۆرۈڭ،كىلىننى كەلگەندە كۆرۈڭ.
قازى پۇل تېپىشقا ئۇستا،موللام قۇرساق بېقىشقا(ئۇستا)
پاشىنىڭ جاجىسى بوران،ئادەمنىڭ جاجىسى ئۇران.
ئۆزەمنىڭ دەمە قوپتى قۇپۇپ يەمە،خەقنىڭ دەرمە بەرگەندە يەمە
ياشلىقىڭدا بىلىم ئال،قېرىغاندا ئارام ئال.
زورلىغاننىڭ زورى بار،ئىسسىق ناننىڭ ھورى بار.
قاننىڭ قادرىنى سالجى بىلەر،پۇلنىڭ قەدرىنى بىخىل بىلەر.
ساراڭنىڭ كۈلكىسى تۈگىمەس،ھۇرۇننىڭ ئۇيقۇسى تۈگىمەس.
گىلەمنىڭ ئىسسقلىقى قىلدىن،ئادەمنىڭ ئىسسقلىقى تىلدىن.
پۇلى يوق تاللاشقا ئۇستا،سېتىقچى داملاشقا ئۇستا.
گەپنىڭ يۇغىنى پوچىنىڭ،قاتتىق ئۆتۈك نوچىنىڭ.
ئۇرۇق-تۇغقان سورۇندا ياخشى ،كونا چاپان يامغۇردا ياخشى.
مەنىسىز ئۆتكەن ئۆمۈر داتلىشىپ كەتكەن تۆمۈر.
دوستلار ھىسابى دىلدا،دۈشمەن ھىسابى تىلدا.
چىش ئاغرىقىغا ئامبۇر،باش ئاغرىقىغا تەمبۇر.
بىنەم يەرگە يامغۇر ،ئۆپكە كىسەلگە چامغۇر.
پالتا بولسا ئۇتۇن تېپىلار ،ئۇغۇل بولسا خۇتۇن تېپىلار.
مەككارنىڭ ئىسىلى تامچى،قەلەندەرنىڭ ئىسىلى سازچى.
قېرىغاندا يۈتەل يارشىدۇ،ھۇرۇنغا كىسەل يارشىدۇ.
ئاغچى خىنىم رەللىگە ئىشىنىدۇ،قازى ئاخۇنۇم سەللىگە ئىشىنىدۇ.
يۈندىسىنى ئىت كۆرمەس تۈتىنىسىنى بۇلۇت.
ئادەمنىڭ يۈزىگە باقماي سۈزىگە باق.
يالغانچىنىڭ ئۆمرى كوتەي رىسقى كەم.
كۆزگە ئىلمىغان چۇماق قاڭشارنى يارار.
تۆگىدەك بۇيۇڭ بولغىچە تۈگمىدەك بىلىمىڭ بولسۇن.
ئۇينىڭ مۈڭگىزىگە ئۇرسا تۇۋىقى سىقىراپتۇ.
قايسى تاغقا بارساڭ شۇ تاغنىڭ ناخشىسىنى ئېيت.
بۇيىغا قاراپ كىيىم پىچ،قۇرساققا قاراپ ئۇماچ ئىچ.
قازىنڭنىڭ قاينىشىغا باق،بالاڭنىڭ ئوينىشىغا باق.
مەنبە:خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى