مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 793|ئىنكاس: 10

دۇنيا پۇتبول شاھى مارادونا(ئۇيغۇرچە فىلىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2721
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25762
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7551 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن دۇنيا پۇتبول چولپىنى مارادونانىڭ شانلىق ھاياتى ۋە قىزىقارلىق كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن بۇ ئۇيغۇرچە كىنو فىلىمنى مىسرانىم تورى قۇرۇلغانلىقنىڭ ئالتە يىللىقىغا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىغان ئېدىم.ئەپسۇسكى 56،يۇكۇ قاتارلىق فىلىم يوللاش تور بىكەتلىرىگە قانچە قېتىم ئەۋەتسەممۇ  ئۇلار تەستىقلىمىغاچقا چىقىرالماي ئامالسىز تۇرۇپ قالغان ئېدىم.بۈگۈن مەن ئىككىنچى يولنى تۇتۇپ ئۇنى بەيدۇدىكى تور دىسكامغا يوللاپ مۇۋەپىقىيەت قازاندىم.كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغانلار بۇ ئادرېستىن كۆرۈڭلار.
http://pan.baidu.com/play/video#video/path=%2Fmahir%20topqi.flv&t=-1&cate=1

ئەگەر چۈشۈرۈپ كومپىيۇتېرىڭىزدا ساقلىۋېلىشنى ،داۋاملىق كۆرۈشنى خالىسىڭىز بۇ ئادرېستىن چۈشۈرۈڭ.
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=185918&uk=3641852507
مارادونانىڭ ھاياتى بىلەن يازما ماقالە ئارقىلىق تونۇشماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ماقالىگە دىققىتىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ.

دىيېگو مارادونا   ھەققىدىكى تەرجىمھال ماقالە  

دىيېگو مارادونانى مەزكۇر كىتاپنىڭ ئەڭ ئالدىغا تىزىش بەلكىم بەزى مەستانىلەرنى ئانچە خۇشال قىلماسلىقى مۇمكىن، ئەمما سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈلسە مارادونا بۇنىڭغا ئەڭ لايىق ئىكەنلىكىنى بايقاش قىيىن ئەمەس. ئۇ بوي-بەستىنىڭ كىچىك بولۇشىغا باقماي، پۇتبولدىكى تۇغما تالانتى ۋە جاپالىق مەشىق قىلىش نەتىنجىسىدە ھازىرقىدەك شەرەپلەرگە مۇيەسسەر بولغان. ئوڭ-سول پۇت تېخنىكىسىنى ھەر قانداق بىر توپچىغا سېلىشتۇرۇش بىھاجەت، ۋاراتاردىن باشقا مەيداندىكى ھەر قانداق ئورۇننىڭ ھۆددىسىدىن بىمالال چىقالايدۇ، توپ ئېلىپ بۆسۈپ كىرىش ۋە ھالقىلىق ئورۇنغا پاردەمچى پاس تاشلاش ماھارىتى ۋايىغا يەتكەن، ئۇنىڭ مەرد، قارام، ئۆز ئىدىيسىدە توغرا دەپ قارالغان ھەر قانداق ئىشنى ئىككىلەنمەي قىلىدىغان جاسارىتى ئۇنى توپ مەستانىلىرىغا ئەڭ يېقىن، ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئەڭ يېقىن قىلغان. مارادونا پېلىدىن قالسىلا 2- پۇتبول شاھى، ئەمما ياش پۇتبول مەستانىلىرى قەلبىدە ئۇ ھامان پېلىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ رىۋايەتلىك تۈس ئالغان بىر شەخىس، توپ مەستانىلىرى قەلبىدىكى مەبۇدە، شۇنداق بولغانلىقتىن ئۇنىڭ نۇرغۇن كەمچىلىكلىرى مەستانىلەر تەرىپىدىن كۆڭۈلگە سىغدۇرۇپ كېتىلگەن. يۈز يىلدا بىر تەۋەللۇت بولىدىغان ئۇنىڭغا ئوخشاش پۇتبول قەھىرمانى ئېنىقلا مۇتلەق كۆپ ساندىكى مەستانىلەر قەلبىدە ئۇنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ئادەم بولۇشى-بولماسلىقى بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ ئولتۇرماستىن يەنىلا پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ قالتىس پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقىنى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. دىيېگو مارادونا 1960-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئارگىنتىنانىڭ بۇئېنوس-ئايرىس شەھىرىدىكى بىر نامىراتلار رايونىدا دۇنياغا كۆز ئاچقان. 10 ياشقا كىرگەن يىلى ئارگىنتىنا ياشلار كۇلۇبى تارمىقىدىكى «كىچىك باش پىياز» ئۆسمۈرلەر كوماندىسىغا كىرگەن. 13 يېشىدا بۇئېنۇس-ئايرىس ئۆسمۈرلەر كوماندىسىغا قېتىلغان. 1975-يىلى ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن مارادونا ئارگىنتىنا دۆلەت ياشلار كوماندىسىغا تاللانغان. 1977-يىلى بولسا دۆلەت كوماندىسىغا كىرگەن. كوماندىدا ھۇجۇمچىلىق ئورنىدا توپ ئوينىغان. بوي ئېگىزلىكى 1.68 مېتىر، ئېغىرلىقى 70 كىلوگىرام كېلىدىغان مارادونا تەلەتى كۆرۈمسىز بىر ئادەم، ئەمما يېشىل مەيداندا ئۇ ھامان غالىپ زومىگەر.
1978-يىلى 11-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى دەل مارادونانىڭ ئانا تۇپىرىقى ئارگىنتىنادا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئەمما مارادونا يېشى كىچىك ۋە تەجىربىسىز دەپ قارالغاچقا دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى مېيىنورىد ئامالسىز ئامراق شاگىرتىدىن ۋاز كېچىشكە كۆزى قىيىدۇ. 1979-يىلى مارادونا دۆلەت ياشلار كوماندسىنى كاپىتانلىق سالاھىيتىدە ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك دۇنيا ياشلار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە باشلاپ كېلىپ كوماندىسىنى چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشتۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۆزى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ باھالىنىپ بىر يىل ئىلگىرى ئۆزىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
1980-يىلى ۋە 1981-يىلى مارادونا ئۇدا ئىككى يىل دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن، ئامىرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى بولۇپ باھالىنىدۇ. 1980-يىلى يەنە تېخى دۇنيادىكى 1-نومۇرلۇق پۇتبول تەنھەركەتچىسى بولۇپ باھالىنىدۇ. 1981-يىلى بوكا ياشلار كوماندىسىغا قېتىلىدۇ. 1982-يىلى 12-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان مارادونانىڭ نام-شۆھرىتى ئاللىقاچان دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ بولىدۇ. بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن ئوينىغان ئاشۇ مەيدان مۇسابىقىدە مارادونا بىردەملىك كونتىروللۇقىنى يوقىتىپ قەستەن ئادەم زەخمىلەندۈرۈپ قىزىل كارتا بىلەن جازالىنىپ، ھايات يولىدىكى تۇنجى ئوڭۇشسىزلىقنى باشتىن كەچۈرۈشكە مەججىبۇر بولىدۇ. گەرچە بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئارگىنتىنا كوماندىسى قۇرۇق قول قايتقان بولسىمۇ، ئەمما مارادونا دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 10 پۇتبول تەنھەرىكەتچىسىنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىدۇ.

شۇ يىلى مارادونا ئىسپانىيە بارسىلونا كوماندىسىغا ئالمىشىپ كېلىپ ياۋروپا سەپىرىدىكى تۇنجى قونالغۇغا چۈشكەن بولسىمۇ ئەمما مىجەزىدىكى بەزىبىر قىززىققانلىقى بىلەن ئانچە قارشى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولالمايدۇ، ئاخىردا كۇلۇپ خوجايىنى نۇنېسنىڭ سەۋەبىدىن كوماندىدىن كۆڭۈلسىز ئايرىلىدۇ.

1984-يىلى مارادونا ئەينى چاغدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى كۇلۇپ ئالمىشىش ھەققى 7 مىليۇن 500 مىڭ دوللار باھادا ئىتالىيە نابىلىس كوماندىسىغا ئالمىشىپ كېلىدۇ. نابىلىس بولسا ئىتالىيەنىڭ جەنۇپ قسىمىدىكى كىچىك بىر شەھەر بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان بۇ يەردىكى خەلىقتە شىمال تەرەپتىكى دۇلىن، مىلان ۋە رىملاردىن ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان بىر خىل ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى شەكىللىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇلار شىماللىقلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇشتا پەقەت پۇتبولدىن ئىبارەت بىردىنبىر قورالىغا تايىنىشنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، كۇلۇپنىڭ ئىقىتىسادى يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بۇ ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشماي كەلگەنىدى. بارسىلوناغا ئوخشىمايدىغان يېرى نابىلىس مارادونانى ياتاق-تاماق، يۈرۈش-تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە رازى قىلىشتىن باشقا يەنە ئىزچىل ئۇنىڭ نۇرغۇن يولسىز تەلەپلىرىنىمۇ قاندۇرۇپ كەلگەن، شەھەر خەلىقى ئۇنى ئىنتايىن ھۆرمەتلىگەن، ھەتتا قارا جەمئىيەتنىڭ كاتتىباشلىرىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ جەمئىيەتتىكى ئىناۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن. خۇددى پادىشاھلاردەك تۇيغۇغا چۆمگەن مارادونا كۆڭلىنى تېخىمۇ شاد-خۇرام تۇتۇپ نابىلىس كۇلۇبىنى ئۇشتۇمتۇت ھەممىگە تونۇتىۋەتكەن. شىمال تەرەپتىكى داڭلىق كوماندىلار ئارقا-ئارقىدىن مارادونانىڭ قولىدا تەسلىم بولۇپ نابىلىسدىن ئىبارەت بۇ كىچىك كۇلۇپنىڭ شان-شۆھرىتى ھەممە يەرگە تارالغان. نابىلىس كوماندىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالدا ئىككى قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا (1987-يىلى، 1990-يىلى)، بىر قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا (1984-يىلى) مۇيەسسەر بولغان. مارادونا بولسا نابىلىس خەلىقىنىڭ پەخىرىگە ئايلىنىپ، نابىلىسلىقلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ئابىدە تىكلىگەن.

1986-يىلى دۇنيا لوڭقىسى سەھنىسىدە مارادونا خۇددى كاللا كېسەر جاللاتلاردەك غالجىرلاشقان مۇداپىيەچىلەرگە بەك كۆپ دۇچ كېلىدۇ. كورىيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇ كەينى-كەينىدىن چېپىپ تاشلانغان دەرەختەك يەرگە يىقىلىدۇ، ئەمما يەنىلا ئۆملەپ يۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ ھۇجۇم تەشكىللەيدۇ. 4 يىل ئىلگىركىگە سېلىشتۇرغاندا مارادونا كۆپ پىشىپ يېتىلىدۇ، ئۇنىڭ رەقىبلىرىگە نىسبەتەن مارادونانى توسۇپ قېلىشقا قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلەشتىن باشقا ئامال يوق. مارادونا بولسا مۇشۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىلەردە ئەڭ رىيازەت چېكىدۇ.

1986-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مارادونا ئارگىنتىنانى يېتەكلەپ 1:2 نەتىنجە بىلەن ئېنگىلاند كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ مىللەت قەھىرمانىغا ئايلىنىدۇ. 1982-يىلى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئامىرىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئارگىنتىناغا تەۋە بولغان فاركىلان تاقىم ئاراللىرىنى سەۋەپسىزلا بېسۋېلىپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۇرۇش قوزغايدۇ، نەتىنجىدە ئارگىنتىنا گەرچە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، مارادونا بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا مۇشۇ ئىككى توپى ئارقىلىق ئارگىنتىنا خەلىقىنىڭ ئازىراق بولسىمۇ دەردىنى چىقىرىپ بېرىدۇ.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مارادونا دۇنيا پۇتبول تارىخدىكى ئەڭ مەشھۇر ئىككى توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزىدۇ. كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ 5 مىنۇت بولغاندا ئېنگىلاند مۇداپىيەچىسى سىتېۋ ئۆز چەكلەنگەن رايونى سىرتىدا توپنى ئۆز ۋاراتارىغا قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئارقىچىلاپ تېپىپ ھاۋادا كۆكلىتىپ تاشلاپ بېرىدۇ، ئەمما كەيىندە تۇرغان مارادونا خۇددى ئوۋچى يىلپىزدەك ئېتىلىپ كېلىپ ئېنگىلاند ۋاراتارى شېلتون بىلەن ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا سەكرەپ تۇرۇپ توپنى ئۈسكەندەك قىياپەتتە قولى بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزۋېتىپ رېپىرنىڭ پۇشتەك چېلىشىنى ساقلىمايلا يۈگىرەپ تەنتەنە قىلىپ كېتىدۇ، ئېنگىلاند كوماندا ئەزالىرى بولسا رېپپىرنى قورشىۋېلىپ مۇنازىرلىشىدۇ، باش رېپپىر يان رېپپىر بىلەن بىردەم مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن بۇ توپنى ئىناۋەتلىك قىلىدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر تولىمۇ ھەۋەس بىلەن توختىلىپ مارادونانىڭ بۇ توپنى كىرگۈزگەن چاغدىكى چەبدەس ۋە زېرەكلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىپ، بۇ توپنىڭ كىرىشىگە «پەرۋەردىگارنىڭ قولى» نىڭ ياردىمى بولدى دېيىشىدۇ. ھەتتا خەلىقئارا پۇتبولچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ چوڭقۇر ئۇھسىنىپ تۇرۇپ پۇتبولنىڭ سېھرى-كۈچىنىڭ مۇشۇنداق خاتالىقلارنىڭ سادىر بولۇپ قېلىشىغا سەۋەپكار ئىكەنلىكىگە ئامالسىزلىقىنى بىلدۈرىشىدۇ. بۇ توپ بولسا پۇتبول سەھنىسىدىكى بىر داڭلىق ئەسەردىن ئىبارەت. ئارگىنتىنا كوماندىسىنى يېتەكلەپ 1978-يىلى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشتۈرگەن مەشھۇر تېرنىر مېيىنورىد توختىلىپ: «بىز ئۇرۇشتا ئۇتتۇردۇق، ئەمما پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ ئۇرۇشتا بىز ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلدۇق» دەيدۇ.
مارادوناغا نىسبەتەن شېلتون بېقىۋاتقان ئېنگىلاندنىڭ دەرۋازىسى «ئىسمى بار، جىسمى يوق» نەرسىگە ئايلانغانىدى. مۇشۇ توپ كىرىپ نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا مارادونا ئوتتۇرا مەيداندا توپ كونتىرول قىلىپ يۇقىرى سۈرەت بىلەن توپنى ئېلىپ ماڭغىنىچە ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە بەستىلىك ئېنگىلاند مۇداپىيەچىلىرىدىن كەينى-كەينىدىن 4 ئادەمنى ئالداپ بۆسۈپ كىرىپ ئالدىغا ئېتىلىپ چىققان ۋاراتار شېلتوننىمۇ قايمۇقتۇرۋېتىپ يەنە بىر توپ ئۇرىدۇ. ئېنگىلاند كوماندىسىنىڭ تېرنىرى روبىسىن مۇنداق دەيدۇ: «شۇ چاغدا كوماندىنىڭ سەپ شەكىل شۇنچە مۇستەھكەم، بىزدىن ھېچقانداق سەۋەنلىك كۆرۈلمىگەن، ئەمما مارادونا راستىنلا قالتىس تالانىت ئىگىسى، دەل شۇ مارادونا بىزنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىيە سېپىمىزنى بۇزۇپ كىرىپ ئەڭ ئېسىل توپنى بىزگە ئۇرۇپ كىرگۈزدى، بىز بۇنىڭغا چىن كۆڭلىمىزدىن قايىلمىز». مانا بۇ توپ دەل 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئېسىل كىرگەن توپ، يەنى «ئەسىر توپى». بۇنداق توپ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان، ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن. مارادونا خۇددى تەڭرىنىڭ پەقەت پۇتبول ئۈچۈنلا ئاپىرىدە قىلغان ئەڭ مۇكەممەل ئەسىرى بولسا كېرەك. مۇشۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ئارگىنتىناغا، مارادوناغا تەۋە. مارادونا باشچىلىقىدىكى ئارگىنتىنا كوماندىسى داۋملىق ئالغا بېسىپ يېرىم ھەل قىلغۇچتا بېلگىيە كوماندىسىنى، ھەل قىلغۇچتا غەربىي گېرمانىيە كوماندىسىنى ھېچ توسالغۇسىز مەغلۇپ قىلىپ ئىككىنچى قېتىم ئالتۇن لوڭقىنى قولىغا ئالدى، مارادونامۇ ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى شەرىپىگە نائىل بولدى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىردى. شۇ يىلى يەنە «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» بولۇپ باھالاندى. -يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا مارادونانىڭ ئىپادىسى گەرچە 4 يىل ئىلگىركىگە يەتمەسلىكى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما مەستانىلىرىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىدىن ئىبارەت بۇ ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ يەنىلا ئارگىنتىنا كوماندىسىنى باشلاپ جەڭگە كىردى. كامىرون بىلەن ئوينالغان تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئارگىنتىنادىن ئىبارەت بۇ كوزىر كوماندىنىڭ بالدۇرراق شاللىنىپ كېتىشىنى تىلەشتى. ئەمما ئارگىنتىنا كوماندىسىنىڭ خىسلەتلىك تېرنىرى بىلاردونىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا، يەنىلا مارادوناغا تايىنىپ دەلدەڭشىپ يۈرۈپ مىڭ تەسلىكتە ھەل قىلغۇچقا كىردى. بولۇپمۇ يېرىم ھەل قىلغۇچتا بىرازىلىيەدىن ئىبارەت رەتلىك سەپ شەكلىگە ئىگە بۇ كۈچلۈك كوماندا بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە بىرازىلىيە كوماندىسى ھۇجۇمچىسى كارېكا ۋە مۇللېر قاتارلىقلار كەينى-كەينىدىن ھۇجۇم قوزغاپ ئارگىنتىنا كوماندىسى سېپىنى پارچىلىۋەتتى. مارادونا سەۋىرچانلىق بىلەن پۇرسەت ئىزدەپ، رەقىبىگە جان ئالغۇچى زەربە بېرىشنى ساقلىدى. مۇسابىقە ئاياقلىشىشقا بىر نەچچە مىنۇتلا قالغان چاغدا مارادونا ئەڭ ئاخىرقى بىردىنبىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ توپنى ئۇچقۇر ئاتتەك چېپىپ كېلىۋاتقان كانىگىياغا ئەڭ ئەجەللىك ئورۇنغا پاس تاشلىدى، كانىگىيا بۇ توپنى ئىسراپ قىلۋەتمىدى، توپ ئاستا دومىلاپ بىرازىلىيە دەرۋازىسىنى يىرتتى، ئارگىنتىنا كوماندىسى غەلبە قىلدى.

7-ئاينىڭ 8-كۈنى غەربىي گېرمانىيە بىلەن ھەل قىلغۇچ ئوينايدىغان ئارگىنتىنا كوماندىسى جەڭدە ئېغىر چىقىم تارتقان قوشۇنغا ئايلىنىپ قالغانىدى. كانىگىيا قاتارلىق بىر قانچە ئاساسلىق ئەزالار سېرىق كارتا يىغىلىپ قالغان سەۋەپلىك بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جەڭگە چىقىشقا ئامالسىز ئىدى، شۇنداقتىمۇ مارادونا پۈتۈن كوماندا بىلەن بىرلىكتە ئارقا سەپنى چىڭ ساقلاپ، ئالدى سەپتە يالغۇز جەڭ قىلىپ سەپنىڭ تەكشىلىكىنى قوغدىدى، مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغا كەلگەندە گېرمانىيە كوماندىسى بىر جازا نۇقتا توپقا ئېرىشتى، بۇ توپنى بېرخېم ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ ئارگىنتنالىقلارنىڭ ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلاندى. ئەگەردە رېپپىرنىڭ ھۆكۈم قىلسىمۇ بولىدىغان، ھۆكۈم قىلمىسىمۇ بولىدىغان بۇ نۇقتا توپى قويۇپ بېرىلمىگەن بولسا ھېچكىم نەتىنجىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېيەلمەيتى. كۈمۈش مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مارادونا كۆڭلىدە قەتئىي تەن بەرگۈسى كەلمەيتى، ئۇ مۇكاپات تارقىتىش سەھنىسىگە چىققاندا ئاخىرى بارلىق ھېسىياتى پارتىلاپ چىقتى. ئۇ يىغلىدى، ئۆسۈپ يىغلىدى، ئاغىرىنىش ھېسىياتى بىلەن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەركىبىدىكى قارا قول پارتىيسىنىڭ سۈيقەستىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكىگە ئېچىنىپ يىغلىدى. مارادونا يىغلىسا بولىدۇ، ئەمما كىممۇ ئۇنىڭ كۆز يېشىغا ئىشىنەر؟ مۇشۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىنلا مارادونا توغرىسىدا ھەر خىل ئۆسەك سۆزلەر كۆپىيىشكە باشلىدى. 1994-يىلى ئامىرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا مارادونا يەنە بىر قېتىم ئۆز دۆلىتىنى يېتەكلەپ مۇسابىقە مەيدانىغا يېتىپ كەلدى. ھېچكىممۇ ئۇنىڭ بۇنداق قىلالىشىنى ئويلاپ باقمىغان، لېكىن ئورۇقلاپ ئۆلەي دەپ قالغان تۆگە يەنىلا ئاتتىن چوڭ كۆرۈنگەندەك مارادونا بۇرۇنقىدەكلا مەغرۇر، جەسۇرانە ئىدى. ئۇ ئۆزىدىكى تۇغما تالانىت ۋە قەيسەر ئىرادىسىگە تايىنىپ يېشىل مەيداندا جان تىكىپ ئېلىشتى. تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدىلا ئۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك سەۋىيدە بىر توپ ئۇرۇپ نەق مەيدان تارقىتىۋاتقان تېلكامىرا ئالدىغا ئېتىلىپ بارغىنىچە نەرە تارتىپ توۋلىغاندا خۇددى ئۆزىنى دۇنيا شاھى دەپ جاكارلىغاندەك قىلاتتى. كەينىدىلا كۈتۈلمىگەن ئىشتىن بىرسى يۈز بەردى. ئۇنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدىن كېيىن سۈيدۈك تەكشۈرۈش نەتىنجىسى مۇسبەت چىقىپ قېلىپ مۇسابىقىدىن چەكلەندى. شۇنداق قىلىپ چوڭقۇر ئەپسۇسلۇق ئىچىدە مارادونا ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدىن خوشلاشتى. ماتتائۇس ۋە روبىرىت باگگىئو ئوچۇق-ئاشكار ئېتىراپ قىلىپ: «مارادونا قاتناشمىغان دۇنيا لوڭقىسىنىڭ لەززىتى يوق » دېدى. ئۈزلۈكسىز مارادونانى يادىرو قىلغان ئارگىنتىنا كوماندىسىدا گەرچە شامال ئوغىلى كانىگىيا بىلەن بادسىتۇتا بولسىمۇ، ئەمما مارادونا بولمىغاچقا ئۇلارمۇ مەيداندىكى ھەقىقىي ئىپادسىنى تاپالمىدى. رۇمىنىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرغاندىن ئارگىنتىنا كوماندا ئەزالىرى ئەڭ بۇرۇن دۇنيا لوڭقىسىدىن خوشلىشىپ يۈك-تاقىلىرىنى يىغۇشتۇرۇپ قايتىپ كەتتى.

يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مارادونانىڭ بەدەن قۇۋۋىتىمۇ بارا-بارا تۆۋەنلەشكە باشلىدى، ئەمما مەستانىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى سۇسلاپ قالمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھالىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئىپادىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كوكايىندىن ياردەم تىلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى بارا-بارا چۈشۈشكە باشلىدى. 1991-يىلى 3-ئايدا كوكايىن چەككەنلىكى تۈپەيلىدىن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن 15 ئاي مۇسابىقىدىن توختىتىش جازاسى بېرىلدى، شۇ يىلى 4-ئايدا ئارگىنتىنا يەرلىك ئورگانلار تەرىپىدىن مەججىبۇرى زەھەر تاشلاتقۇزۇشقا ھۆكۈم قىلىندى. 1992-يىلى ئىسپانىيە سېۋلىيا كوماندىسىغا بېرىپ توپ تەپتى، ئەمما ئىپادىسى يەنىلا ئادەتتىكىچە بولدى. 1993-يىلى مارادونا ئارگىنتىنا قېرى يىگىتلەر كوماندىسىغا ئالماشتى. 1996-يىلى ئۇ بوكا ياشلار كوماندىسىغا قايتىپ كەلدى. لېكىن ئۇنىڭ سەتچىلىكلىرى ئۈزۈلمىدى. بولۇپمۇ باشقا ئاياللاردىن بالا تېپىپ قويۇش، تانسىخانىدا زەھەر خۇمارى سەۋەبىدىن ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق سەتچىلىكلىرىنىڭ پەيدا قىلغان يامان تەسىرى پۇتبول دۇنياسىنى قاپلىدى.

پۇتبول سەھنىسىدىن چېكىنگەندىن كېيىنمۇ مارادونانىڭ سەتچىلىكلىرى يەنىلا ئۈزۈلۈپ قالمىدى. ھەققانىيەتچى كىشىلەر بولسا بۇلار بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرۇشىنىڭ زۆرۈرىيتى يوق، ئۇنىڭمۇ چۈشكۈنلۈشۈش ھوقۇقى بار ئەلۋەتتە. ئۇ پەقەت پۇتبول مەيدانىغا چىقىپ توپنى ياخشى تەپسىلا، كىشىلەر ئۇنىڭ توپ تەپكىنىدىن خۇشاللىق ھەم ھۇزۇر ھېس قىلسىلا شۇ كۇپايە ئىدى. خۇددى پېلى، بېكىنپاۋىل، كىرۇيېفلارغا ئوخشاش ئادەتتىكىدىن تاشقىرى قابىلىيەت ئۇنىڭدىمۇ بار ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ پات-پات ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان قائىدىگە زىت قىلىقلىرى چىقىپ تۇراتتى.

ئارگىنتىنالىق پىسخولوگ گۇستاۋ بوئىنستەن «بىر دۆلەتنىڭ ئىكونوگرافىيەسى» دېگەن كىتابىدا ئۇ توغرىسىدا توختىلىپ: « مارادونا بولسا بىزنىڭ ئەڭ ياخشى ۋەكىلىمىز، پەقەت ئۇلا بىزلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيتىمىزنى ئەڭ گەۋدىلىك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. بۇ بىزنىڭ 20 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم قايناق ھېسىياتىمىز مۇشۇنداق جۇش ئۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئارگىنتىنا دېمەك مارادونا دېمەكتۇر، مارادونا دېمەك ئارگىنتىنا دېگەنلىكتۇر » دەپ يازغان. مارادونا ئىلىم ساھەسىدە ياخشى باھاغا ئېرىشكەن، سىياسىي سەھنىدىمۇ تەرىپلەشكە ئېرىشكەن. ئارگىنتىنا سادىق زۇڭتۇڭى مېنىم بولسا مارادونانىڭ تەۋرەنمەس مەستانىسى بولۇپ، نۇرغۇن قېتىم ئۇنىڭ بىلەن پۇتبول ئويناشتىكى تەسىراتلىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرغان ۋە مارادوناغا «شەرەپلىك پۇتبول ئەلچىسى» ئۇنۋانى بەرگەن.

مارادونا زوراۋانلىققا قارشى تۇرغۇچى، ئۇ ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۇباغا قاراتقان ئىمبارگو يۈرگۈزۈش جازاسىغا قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، شۇ سەۋەپلىك كاستىرو بىلەن قويۇق بولغان شەخسىي مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. يەنە تېخى 2000-يىلى مەخسۇس كۇباغا بېرىپ زەھەر تاشلىغان. يېڭى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مارادونا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىن ئەسىر توپچىسى مۇكاپاتىنى ئالغان چېغىدا «بۇ شان-شەرەپنى ئارگىنتىنا خەلىقىگە، كۇبا ۋە كاستىروغا، يەنە تېخى ئەڭ مەشھۇر ئارگىنتىنالىق شەخىس گېۋاراغا بېغىشلايمەن» دېگەن. مارادونانىڭ ئاخپارات ۋاستىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەكمۇ مۇرەككەپ. ئۇ ئاخپارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى تەشۋىق قىلىشقا مۇھتاج، ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ ئۇنىڭغا تايىنىپ ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشقا مۇھتاج. ئەمما مارادونا ئاخبارات مۇخپىرلىرىنىڭ «كىرمەيدىغان تۆشۈكى يوق» لىقىدىن بىزار، بىر قانچە قېتىم مۇخپىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلۋېتىپ بىراقلا يۈز ئۆرۈپ ئۇلارنى ھاقارەتلىگەن، ھەتتا ئۆيىنىڭ ئالدىنى بېقىپ ياتقان مۇخپىرلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان.

زەھەردىن ئىبارەت ئالۋاستىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغان بۇ بىر ئەۋلات پۇتبول شاھىنىڭ ھالاكەت گىردابىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قالغانلىقى ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئازابى، شۇنداقلا دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى بىر پاجىئە. شۇنداقتىمۇ 2000-يىلى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان ئېنتىرنىت تورىدا بېلەت تاشلاپ باھالاشتا، مارادوناغا چۈشكەن بېلەت سانى يەنىلا 1-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، پېلىدىن خېلىلا ئېشىپ چۈشكەن، پۇتبول مەستانىلىرى ئۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
مارادونا 1997-يىلىغا كەلگەندە رەسمىي پۇتبول سەھنىسىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆپ قېتىم زەھەر تاشلاش، ئۇزاق مۇددەت داۋالىنىش ئارقىلىق بەدەن سۈپىتى ئۆزگۈرۈپ ناھايتى سەمىرىپ كېتىدۇ. نەچچە يىل سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەتىنجىسىدە ئەھۋالى تۇراقلاشقان مارادونا 2008-يىلىغا كەلگەندە ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرنىرلىق ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلىپ 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا تەييارلىقنى باشلىۋېتىدۇ. 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا ئۆز دۆلىتىنى تۇنجى قېتىم مەشقاۋۇل سۈپىتىدە باشلاپ كەلگەن مارادونا كۆپ يىللىق مول تەجىربىسى ۋە ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ كوماندىنى يېتەكلەپ گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ۋە شاللاش مۇسابىقىلىرىدە ئوڭۇشلۇق مېڭىپ ئەڭ ئاۋۋال 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىدۇ، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن كونا رەقىبى گېرمانىيە كوماندىسىغا 4:0 نەتىنجە بىلەن ئۇتتۇرۋېتىپ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى سەپىرىمۇ پەللىگە ئاز قالغاندا توختايدۇ. مارادونامۇ ئۇزۇنغا قالماي دۆلەت كوماندىسى مەشقاۋۇللىقىدىن ئىستىپا بېرىپ، 2011-يىلى 5-ئايغا كەلگەندە ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكى ئەل ۋاسىر كوماندىسى بىلەن مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا 2 يىللىق توختاملىشىدۇ. ئەمما بۇ كوماندىنىڭ نەتىنجىسى مارادونا كەلگەندىن كېيىن تېخىمۇ چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن مارادونا مۇددەتىتىن 2 ئاي بۇرۇن ئىشتىن بوشتىلىدۇ. دېمەك بۇ شەخىسنىڭ مەيلى كەسپىي ھاياتى بولسۇن ياكى شەخسىي تۇرمۇشى بولسۇن، نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىققا تولغان. پۇتبولچىلىق ھاياتىدا تارىخ بېتىدىن ئۇنتۇلماس ئىش-ئىزلىرى بىلەن ئورۇن ئالغان. گەرچە ھازىرقى تېرنىرلىق ھاياتىنى پۇتبولچىلىق ھاياتىغا روشەن سېلىشتۇرما قىلىشقا بولسىمۇ، ئەمما بۇ شەخىس ھامان مەستانىلەرنىڭ قەلبىدە ھامان ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.

تۆۋەندە 64744658201212240237061926737955308_021.jpg

64744658201212240237061926737955308_018.jpg
64744658201212240237061926737955308_010.jpg
64744658201212240237061926737955308_007.jpg
64744658201212240102283835017309387_008.jpg
64744658201212240102283835017309387_012.jpg
64744658201212240102283835017309387_015.jpg
64744658201212240102283835017309387_021.jpg
20101022125649746018.jpg
01200000033341116253467350755.jpg
01300000162748121224342627805.jpg
01300000857962129223351097885.jpg
1276925882392.jpg
20100730091403713.jpg
45501291738102743.jpg
90101208225869406.jpg
2202_66206_852774.jpg
10002_20051028_642.jpg
934630.jpg
95844747.jpg
5beeba0f46c52ba7ab6457ad.jpg
9_1_85456_34_163_20070329174638.jpg
200px-Maradona-212369675_3c30adbbb4_o.jpg
200px-Maradona_Estadio_Azteca.jpg
ئۇنىڭ ھاياتىدىكى شانلىق مۇۋەپىقىيەتلىرىنىڭ شاھىدى بولغان تارىخى سۈرەتلىرى دىققىتىڭىزدە بولسۇن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-15 02:15 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89744
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-1-8
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن رەھمەت سىزگە ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

تاۋباۋدىن مال سىتىۋىلىشنى ياكى تور ئارقىلىق پۇل تىپىشنى ئۆگەنگۈسى بارلار توپقا كىرىڭ 278345036

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2721
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25762
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7551 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قويۇش ئادرېسىدا قويۇلماي قالسا  بەيدۇ فىلىم قويغۇچىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭلار،ئاندىن نورمال قويۇلىدۇ.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88603
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 38
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-12-15
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت !  ھەقىقەتەن كۆپ ئىزدىنىپسىز،سۇرەتلەرنى ساقلىۋالدىم

پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ

the wolf , he used to be

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 1111
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 361860
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 2657 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
___ دادا ، دادا ! پۇتبول دېگەن نېمە ؟
بالامنىڭ بۇ گۆدەك سوئالىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەن قولۇمدىكى ئىشنى قويۇپ ، تاماكىنى كۈچەپ بىر تارتىۋەتكەندىن كېيىن ، ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئاۋۋالقى بىر مەيدان مۇسابىقە خاتىرىسىنى ئەسلىدىم .
___ بالام ، پۇتبول دېگەن دىئاگو مارادونا ...

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86515
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 57
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-10-27
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  كىچىكىمدە  بەك   ئاڭلايتتىم  مارادۇنانىڭ  پاراڭلىرنى ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51902
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4356
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2011-8-16
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت! مەن كۆرۈشنى باشلىۋەتتىم ئەمىسە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5073
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 253 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشۈرۈش ئادرىسى نېمانداق ئېچىلمايدىغاندۇ؟ سەۋر قىلىپ ساقلىسام بولغۇدەك...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5073
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 253 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە....
ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14257
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8081
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا بەك ئىسىل تىما بوپتۇ سىزگە كۆپ رەھمەت مەنمۇ كۆرۈشنى باشلىۋەتتىم

بولمىسا سىنىڭدە بەخىتكە ئىنكاس
ھاياتىڭ بىر ئىزدا ئۆتىدۇ تىمتاس
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش