مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 375|ئىنكاس: 1

ئىقتىسادىي كوئوردىنات،غايىۋى تۇرمۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8922
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 707 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 01:27:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىقتىسادىي كوئوردىنات،غايىۋى تۇرمۇش


«جەنۇپ ھەپتىلىكى»ژۇرنىلىنىڭ يېڭى يىللىق ئالاھىدە سانىدىن
  
(كائىنات تورىدىن تىرىشچان تەرجىمىسى)



  

2012-يىلى ئىقتىسادىي كوئوردىناتقا چۇڭقۇر  بەلگە سېلىندى.

چۈنكى،بۇ بىر يىل يىل بىلەن يىلنىڭ ئالمىشىشى بولۇپلا قالماي،ئون يىل بىلەن ئون يىلنىڭ،ھەتتا دەۋىر بىلەن دەۋىرنىڭ ئالمىشىش چىگرىسى بولدى.

ئالدىنقى 10يىل ئاخىرلاشتى.ئالتۇن دەۋىر دەپ ئاتالغان بۇ ئون يىلدا ئىقتىساد ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ،دۆلەت قۇدرەت تاپتى. GDP كەم كۆرۈلىدىغان 10پىرسەنتلىك سۈرئەت بىلەن ئۆزلۈكسىز ئېشىپ،جۇڭگو دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى.

دەسلەپكى قەدەمدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ئەركىنلىككە ئېرىشكەندىن كېيىن،ئىقتىساد ئۇمۇمىي زاپىسىدا غايەت زور ئېشىش بارلىققا كېلىش ئاساسىدا غايىۋى دۆلەت ۋە غايىۋى تۇرمۇش تەسەۋۋۇرىمىزمۇ كېڭىيىش ئىمكانىيتى ھازىرلىدى. شۇنىڭ بىلەن يېڭى ئون يىل باشلاندى.

بۇ ئون يىل يەنىلا قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدىغان ئون يىل.ئەمما،قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتى مۇھىم نۇقتىدۇر.يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش ئېشىشنىڭ مۇھىم ھەركەتلەندۈرگۈچىسى بولىدۇ.ئىقتىسادىي بۇرۇلۇش بىلەن سىياسىي بۇرۇلۇش بىرلىكتە يولغا چىققان بولۇپ،ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن جەمئىيەت قۇرۇلۇشىمۇ ماس قەدەمدە باشلاندى. كۆپ يىللار ئۆزلۈكسىز يۇقىرى سۈرئەت بىلەن يۈگۈرگەندىن كېيىن،كىشىلەر بارغانسېرى يۈگرەشنىڭ ئەھمىيتى ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە باشلىدى.ئۆزلىرىنىڭ يۈگرەش يولىدا يوقاتقان خىلمۇخىل بەخىت تۇيغۇلىرىغا قايتىدىن نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ بارغانچە پۇل،مەرتىۋىدىن ھالقىغان كىشىلىك تۇرمۇش ئۆلچىمىگە يۈزلىنىۋاتىدۇ.خەلقنىڭ بەخىت تۇيغۇسى دۆلەتنىڭ سېستىما قۇرۇلۇشىدۇر.2012-يىلىدىكى«ئىقتىسادىي كوئوردىنات»تا جەنۇپ ھەپتىلىكى ژۇرنىلى ئىقتىسادىي ساھەلەردىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى خاتىرلىدى ھەم غايىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئۈستىدە توختالدى:

سىزنىڭ غايىڭىز بويىچە بولغاندا دۆلەت قانداق بولۇشى كېرەك؟

سىزنىڭ غايىڭىزدىكى تۇرمۇش قانداق بولۇشى كېرەك؟

بىز ئوقۇرمەنلەرگە قارىتا مۇشۇنداق سۇئال ـ جاۋاپ چىقاردۇق.5000دىن كۆپرەك ئوقۇرمەن «جەنۇپ ھەپتىلىكى»گە ئۆزلىرىنىڭ غايىسىدىكى يۇرت-ماكاننى بايان قىلدى. ئۇلار تېخىمۇ كۆپ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولۇشىنى،قانۇن-تۈزۈمنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشنى،ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىپ ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكە ئېرىشىشىنى،ھېسيات جەھەتتىن خاتىرجەملىككە ئىگە بولۇپ ئائىلىسىنىڭ ئىناقلىققا چۆمۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

يۇقارقى ئىككى مەسىلە،مەلۇم مەنىدىن بىرمەسىلە بولۇپ،دۆلەت ۋە ئائىلە،ئائىلە ۋە دۆلەت.بۇ بىزنىڭ ئائىلىمىز،بۇ بىزنىڭ دۆلىتىمىز.«خەلق گېزىتى»بايانات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرىنىڭ 2012-يىلىدا سانسىزلىغان كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرغان مۇنۇ سۆزىگە ئوخشاش:«سىز ئۆرە تۇرغان جاي،دەل سىزنىڭ دۆلىتىڭىزجۇڭگو».

كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز،يېڭى رەھبەرلىك ئىسلاھاتنىڭ سىگنالىنى بەردى.بۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى ھالقىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىغا قارىتىلغان بولۇپ،مەسىلەن:خامچوت ئاشكارە بولۇش،ئەمەلدارلار مال-مۈلكىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمى،مەمۇرى تەستىقلاشنى ئىخچاملاشتۇرۇش قاتارلىقلار.ھۆكۈمەتنىڭ دىققەت ئېتىبارى GDPنى ئاشۇرۇشتىن پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان كىرىمنى ئاشۇرۇشقا قارىتىلىۋاتىدۇ.ھەتتا ق دوكلاتىدا تۇنجى بولۇپ «پۇقرالارنىڭ كىرىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش پىلانى»مىقدارلاشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

شۈبھىسىزكى، ئىسلاھات سۇنىڭ چۇڭقۇريېرىگە يەتكەندە ھەرقانداق مەنپەئەتنىڭ قايتا تەڭشىلىشى ئىنتايىن مۈشكۈل.ئەمما،ياخشى بىر ئەھۋال شۇكى،مەيلى ئەمەلدارلار،ئالىملار ياكى ئاۋام پۇقرا بولسۇن،مەيلى تۈزۈلمە ئىچىدە ياكى تۈزۈلمە سىرتىدا بولسۇن ھەممەيلەنلا باشتىن-ئاخىرى ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ،ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇلار،ھەممىسىلا غايىۋى دۆلەت ۋە غايىۋى تۇرمۇشنىڭ قۇرغۇچىلىرى.بۇ قۇرغۇچىلار ئارىسىدا بارغانسېرى ئورتاق تونۇش ھاسىل بولۇشىنى،كۈچنىڭ توپلىنىشىنى،مەن ھەم سىزنىڭمۇ ئاشۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.ھەممەيلەن تۇرمۇشتىكى غايىمىز بىلەن بالدۇراق ئۇچراشقايمىز!

خەنزۇچە مەنبە:http://www.infzm.com/content/84708

مەنىۋى تەرەققيياتنىڭ ئۈچ شېخى:ئىلىم-پەن،پەلسەپە،دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 07:21:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز... رەھمەت . تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن ..

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش