satkiz يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 03:13 PM 
ھازىر تىلەمچىلىكنى كەسىپ قىلىپ تاللاپ تۇرۇپ تىلەمچىلى ...
سىڭىلچاق يىغلاپ بولدىڭىزما ؟
.gif)
راست دەيسىز ، ئاپامنىڭ باشقىلاردىن ئاڭلىشىچە يىقىندا بىزنىڭ ناھىيىدە بىكەتتە تىلەمچىلىك قىلىدىغان بىر 65 ياشلاردىكى تىلەمچى ئىجارە ئۆيىدە توڭلاپ ئۈلۈپ قاپتۇمىش . ئۆي ئىگىسى قارىسا بىرىنچى كۈنى جىم ، ئەتىسى يەنە جىم .............شۇنىڭ بىلەن بېرىپ ئىشىكىنى ئىتتىرسە ئىچىدىن تاقاقلىق . قوشنىلارنى ، ساقچىلارنى چاقىرىپ ، ئىشىكنى بۇزۇپ كىرسە ئۇ ئادەم ئاللىبۇرۇن قېتىپ قالغان . ساقچىلار ئاختۇرسا 300 مىڭ يۇەن چىقىپتۇ ، ئۇنىڭدىن سىرت كارىۋات ئاستىدا بىر سوملۇق ، ئىككى سوملۇق............پۇللاردىن بىر تاغار باركەن . كۇچا تەرەپتىن بىر ئىنىسىنى تېپىپ كىلىپ ،دەپنە قىلىۋىتىپ پۇلنى ئىنىسىغا بىرىپتىمىش .......
مىنىڭچە ئۇ كىشى سۇغۇقتا ئەمەس بىرەر جىددى خاراكتىرلىك كىسەل بىلەن كىتىپ قالدىمىكىن دەيمەن . نەدىمۇ ئۆيدە ، يەنە كىلىپ يوتقاندا توڭلاپ قالىدىغان ئىش بار ؟ بىزنىڭ ناھىيە ياكى بىر سىبىرىيىدە بولمىسا .....................؟!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا albax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-15 07:01 PM