|
يەرشارىدىكى ھەرقانداق بىر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ ئۆزلىرى بەلگىلىگەن بىر دۆلەت شىئىېرى دۆلەت ناخشىسى بولىدۇ ! خەلىقئارا دۆلەتلەر ئارا يىغىلش ، ھەربىي پارات ، ھەربىي مانىۋىر ، خەلىقئارالىق ھەرخىل تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە قاتناشقۇچى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت شىئىرلىرى مەخسۇس ئورۇندىلىدۇ! تۆۋەندە مەن سىلەر گە تۈركىيە دۆلەت شىئېرىنى تونۇشتۇرۇشتى ئاۋۋال
بۇ شىئىرنىڭ ئاپتۇرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي !
تۈركىيە دۆلەت شىئېرى بولغان ئىستىقلال (ئەركىنلىك)مارشىنڭ مۇئەللىپى ئوت يۈرەك ۋەتەن سۆيەر ئىسلام تۈرك شائىرى مۇھەممەت ئاكىف ئەرسوي 1873-يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان ! كىچىكىدىن كۈچلۈك ئىسلام تەربىيىسى، ۋەتەن تەربىيىسى ئاساسىدا چوڭ بولۇپ ،ئۆز زامانىدا غەرىب خىرىستىئان دۇنياسى ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىگە قارىتا قوزغىغان ، مۇسۇلمانلار خەلىپىلىكنى يوقىتىش مەقسىتىدىكى نەچچە قىتىملىق بالقان ئۇرۇشى ، 1-دۇنيا ئۇرۇشى ، تۈركىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى قاتارلىقلاردا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان مەھمەت ئاكىف ئەرسوي 1936-يىلى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان! ئۇنىڭ ھاياتىدا يازغان ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىچە :
Safahat (Articles, 1911), Süleymaniye Kürsüsünde (At the Chair of Süleymaniye, 1912), Hakkın Sesleri (Voices of God, 1913),Fatih Kürsüsünde (At the Chair of Fatih, 1914), Hatıralar(Memoirs, 1917), Asım (Asım, 1924), Gölgeler (Shadow, 1933).
Kastamonu Nasrullah Kürsüsü'nde (At the Kastamonu Nasrullah Chair, 1921), Kur'an'dan Ayet ve Hadisler (Sentences and Hadis in the Koran, 1944).
قاتارلىقلار..........................
بۇ شىئېر ئەسلى تولۇقى 10 كۇبلىت بولۇپ ، ئالدىنقى 3 كۇبلىتى دۆلەت شىئىرى قىلىپ بىكىتىلگەن.
ئىستىقلال مارشى
Türkçe:
Korkma, sönmez bu şafaklarda yüzen al sancak;
Sönmeden yurdumun üstünde tüten en son ocak.
O benim milletimin yıldızıdır, parlayacak;
O benimdir, o benim milletimindir ancak.
Çatma, kurban olayım, çehreni ey nazlı hilal!
Kahraman ırkıma bir gül! Ne bu şiddet, bu celal?
Sana olmaz dökülen kanlarımız sonra helal...
Hakkıdır, hakk'a tapan, milletimin istiklal!
Ben ezelden beridir hür yaşadım, hür yaşarım.
Hangi çılgın bana zincir vuracakmış? Şaşarım!
Kükremiş sel gibiyim, bendimi çiğner, aşarım.
Yırtarım dağları, enginlere sığmam, taşarım.
ئۇيغۇرچە
قورقما،بۇئۆچمەس شەپەقلەردە ئۈزگەن ئال بايراق،
ئۆچمەستىن يۇرتۇمنىڭ ئۈستىدە كۆيگەن ئاخىرقى ئوچاق.
ئۇ مىنىڭ مىللىتىمنىڭ يۇلتۇزىدۇر ،پارلار شۇنداق ،
ئۇمىنىڭدۇر ،ئۇ مىنىڭ مىللىتىمنىڭكىدۇر ،ئانداق.
توسما،جان تەسەددۇق ساڭا ئەي نازلىق ھىلال(ئاي)
قەھرىمان ئىرقىمغا بىر كۈل، نىمانچە زورلۇق بۇ ھال
ئاقماس بىكار،تۆكۈلگەن قانلىرىمىز بولسۇن ھالال،
ھەققىدۇر،ھەققە سىغىنغان مىللىتىمگە ئىستىقىلال.
مەن ئەزەلدىن بىرى ھۆر ياشىدىم،ھۆر ياشايمەن،
قايسى ئىپلاس ماڭا زەنجىر سالار ھەرانىمەن.
شىددەتلىك كەلكۈندەك توغان توساقتى ئاشارمەن،
تاغلارنى ئىقىتىپ سىغماسمەن ھىچ يەرگە تاشارمەن.
ئاخىرقى كۇبلىتلىرى
غەرىبنىڭ زىمىنى پولات تام بىلەن قورشالسا گەر،
مىنىڭ ئىمان تولغان كۆكسۈم كەبى پاسىلىم بار .
مىللىتىم قورىقما، بۇ ئىمانىمىزنى قانداق بوغار،
‹مەدەنىيەت›دىگىنى يالغۇز چىشى قالغان جانىۋار.
بۇرادەر،يۇرتۇمغا پەسكەشلەرنى يولاتما،ئاگاھ بولغىن،
قالغان قىل كۆكرىكىڭنى توختىسۇن بۇ ھاياسىز كەلكۈن.
تۇغاردۇر ساڭا ۋاھ!دەيدىغان كۈنلەر ھەققىڭ،
كىم بىلۇر ،بەلكى ئەتە،بەلكى ئەتىدىنمۇ يىقىن.
دەسسىگەن يەرلەرنى‹ تۇپراق› دەپ مىڭىۋەرمە بىل بۇنى،
ئويلىغىن ئاستىىدىكى مىڭلارچە كىپەنسىز ياتقانلارنى.
سەن شىھىت ئوغلىسەن ،رەنجىتمە گۇناھتۇر ئاتىلارنى،
بەرمە دۇنيالارنى بەرسىمۇ ،بۇ جەننەت ۋەتەننى.
كىم بۇ جەننەت ۋەتەننىڭ ئىشقىغا بولماس پىدا؟
تۇپراقنى دەسسىسەڭ چىقار مىڭلارچە شاھىتلار ئۇدا.
جاننى جاناننى ،پۈتۈن بارىمنى ئالسۇن خۇدا،
ئەتمىسۇن بىرلا ۋەتىنىمنى دۇنيادىن جۇدا.
قەلبىمنىڭ سەندىن كۈتكىنى شۇدۇر پەقەت تىلىكى،
تەگمىسۇن بەدىنىم ،كۆكسۈمگە نامەھرەمنىڭ قولى .
بۇ ئەزانلار شاھادەت-بەخىتتۇر دىننىڭ ئۇلى .
ئۇ زامان مىڭ سەجدە قىلار ھەتتا قەبرە تاشىم،
ھەر جاراھىتىمدىن خۇدايىم،ئاقار قانلىق ياشىم.
چىقىپ كىتەر تۇپراقتىن تىنىم روھ كەبى،
شۇندىلا كۆتۈرۈلۈپ ئەرىشكە تىگەر بەلكى باشىم،
لەپىلدە سەنمۇ شەپەقلەردەك،ئەي شانلىق ھىلال،
بولسۇن يەنە تۆكۈلگەن قانلىرىمىز ھەممىسى ھالال
ئەبەدىي ساڭا يوق ،ئىرقىمىزغا يوق قۇللۇق ھال،
ھەققىدۇر ھۆر ياشاش بايرىقىمغا ھۆررىيەت.
ھەققىدۇر ھەققە تىۋىنغان مىللىتىمگە ئىستىقىلال!
-مەھمەت ئاكىف ئەرسوي
|
|