دەرۋىش ئانسانبىلى 1999-يىلى 7-ئايدا قازاقىستاندا بىر قىسىم ئۇيغۇر ناخشا ھەۋەسكارلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مۇزىكا ئەترىتى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۆزلىرىنىڭ جۇشقۇن ھەم شوخ ناخشىلىرى بىلەن كەڭ تۈركىي قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدا شۇنداقلا رۇسىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە شۆھرەت قازىنىپ كەلدى، شۇنداقلا ئۇيغۇر كۈيلىرىنى جاھانغا تۇنۇتۇشتا ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ئانسانبىل ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قازاقىستان مۇزىكا ئىنىستۇتىنى پۈتتۈرگەن، ئاساسلىق ئۇيغۇر قازاق ھەم رۇس تىللىرىدا ناخشا ئورۇندايدۇ، قازاقىستاندىكى داڭلىق مۇزىكا ئەترىتىنىڭ بىرى.
1999-يىلى دەرۋىش ئانسانبىلى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن بولمايلا مەزكۈر ئانسانبىلنىڭ يەتتە ناخشىسى بىراقلا قازاقىستان دۆلەتلىك «ئالتۇن دۇمبۇرا» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن
2002-يىلى تۈركىيە ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2002-يىللىق نادىر ناخشىلار بايرىمىغا تەكلىپلىك قاتناشقان
2000-يىلدىن 2004-يىلغىچە ئۇدا تۆت يىل قازاقىستان «ئالتۇن پىلاستىنكا» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن
2005-يىلى رۇستەم ھاشىموف (گىتتارچى) مۇزىكا ئەترىتىگە كىرىپ كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن ئەزىز مەسىموفنىڭ ئورنىنى تۇلۇقلىغان
2007-يىلى 12-ئايدا ئادىل رانباكىيېۋ ئۇيغۇر تىياتىر ئۆمىكىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ مۇزىكا ئەترىتىدىن چېكىنىپ چىققان
2008-يىلى خانزات ۋىلياموف مۇزىكا ئەترىتىگە قوشۇلغان
ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلغان پىلاستىنكىلىرىدىن ياسىمىن (Ясмин)، شەرققە نەزەر، دۇنيا، 2003-يىللىق نادىر ناخشا توپلىمى، «دۇنيا» كونسىرت تاللانمىلىرى، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قاتارلىقلار بار
دەرۋىش ئانسانبىلى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ سۈرىيە، بولغارىيە، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، ھىندىستان، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردە كونسىرت ئۆتكۈزگەن
ھازىرقى گۇرۇپپا ئەزالىرى
دىلمۇرات باھاروف، رەھىمجان ھەمرايىۋ، رۇستەم ھاشىموف، خانزات ۋىلياموف، رۇسلان نادىروف
تۆۋەندە ئۇلار ئورۇنلىغان بىر قانچە ناخشىنى ھۇزۇرىڭلارغا تەقدىم ئىتەي
1.ھەر ئاخشام
2.دۇنيا
3.ئايلىناي
4.توينامە
5.خۇمارىم
6.ناۋاستوكى
7.ئاتا
8.ئەپەندىم
9.يار قىشىغا مەن باراي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-15 04:42 PM