|
|
|
|
تۆنۆگۈن ئامىركا دەرىجىدىن تاشقىرى ئەرلەر ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى جەمئى7مەيدان ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ،مەن بۇنىڭدىن ئۆزەم ياخشى كۆرگەن كوماندا ئەھۋالىنى يوللاپ قويدۇم،مىنىڭ تۇنجى قېتىم تىما يوللىشىم كۆپچىلىكنىڭ بىلمىگەن يەرلەرنى كۆرسىتىپ بىرىشىنى سورايمەن.
تۆنۆگۈن سائەت 8:30 دا لوس ئانژىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسى بىلەن چەۋانداز كوماندىسى مۇسابىقىلەشكەن بۇلۇپ لوس ئانژىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسى 113 كە قارشى93 نەتىنجە بىلەن چەۋانداز كوماندىسىنى يەڭدى. بۇ لوس ئانژىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىنىڭ 6 قېتىم ئۇدا ئۇتتۇرۇش نەتىنجىسىگە خاتىمە بەردى. بۇ مۇسابىقىدە لوس ئانژىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىنىڭ چولپىنى كوبى 28 مىنۇت ئىچىدە2 قېتىم گاردىن قايتقان توپنى ئىلىش ،6قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم، 4قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزۈش ۋە 4 قېتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشتەك نەتىنجە بىلەن جەمئى28 نۇمۇر ئېلىپ بۇ مۇسابىقىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇمۇر ئالغان ئەزا ھىساپلىندۇ.
خوخۇۋادېى 30 مىنۇت ئىچىدە 14 قېتىم گاردىن قايتقان توپنى ئىلىش،2قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلىشتەك نەتىنجە بىلەن22 نۇمۇر ئالدى ،ناشى بولسا 28 مىنۇت ئىچىدە 3قېتىم گاردىن قايتقان توپنى ئىلىش،9قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم،1 قېتىم تارتىۋېلىش بىلەن جەمئى 10 نۇمۇر ئالدى.
كوبى توپنى كۆمتۈرۈپ كىرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
كوبى بىلەن خوخۇۋادېى
ناشى قارشى تەرەپ ئەزاسى بىلەن توپ تالاشماقتا
|
|
|
|
|
|