مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5424|ئىنكاس: 46

ئەدەبى تەخەللۇسنىڭ نومۇس تۇيغۇسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2613
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 485 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 11:29:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەدەبى تەخەللۇسنىڭ نومۇس تۇيغۇسى

     (ماقالە)

قاراخان

                  تەخەللۇس -ئەرەپچە ئاتالغۇ بولۇپ،ئىستىمال مەنىسى ئەدەبى لەقەم ياكى قەلەم ئىسمى دىگەنلىك بولىدۇ.ئۇ ئادەتتە كىشىلەرگە قويىلىدىغان ئىسىمغا ئوخشىمايدۇ.چۇنكى ئىسىم يىڭى ھاياتلىق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كىيىن ئاتا-ئانانىڭ ئارزۇ  ئىرادىسى بويىچە قۇلاققا يىقىشلىق بولۇشنى نىشانلاپ قويۇلغان بەلگىلىك مەنا ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە نامدىن ئىبارەت.ئۇ يەنە تۇرلۇك تۇمەن شەيئىلەرنىڭ مەنا ،قۇرۇلما ،جىنىس ئالاھىدىلىگىنى ئىپادە قىلىدىغان ئاتالمىلاردىن ئىبارەت حالاس.
      -‹‹سىلەر قىيامەت كۇنى ئۆزۇڭلار ۋە ئاتاڭلارنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىسىلەر››-دىگەن سەھى ھەدىسنىڭ روھى بويىچە بىزدە يەتتە كۇن ئىچىدە  بالىلارغا ئاتىلارنىڭ ياحشى ئىسىم قويىشى بىر خىل ئەنئەنىگە ۋە ئاتىلىق بۇرچقا ئايلانغان .تەخەللۇس يەنە بىر جەھەتتىن فامىلىگىمۇ ئوخشىمايدۇ ،چۇنكى فامىلە -ئاتىسى ياكى بوۋىسنىى بىلدۇرىدىعان ئائىلىۋى نامغا ۋەكىللىك قىلىدىغان لاتىنچە ئاتالغۇ بولۇپ،  ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە،ئۇ بىر مىللەتنىڭ ئۆزلۇك ئېڭىنىڭ بەلگىسى ئىكەن ،يەنى شۇ مىللەتنىڭ نەسەبىنى،تىگى-تەكتىنى ،جەمەت يىلتىزىنى ياكى ئەسلىنىى،خاسلىقىنى  ياكى ئورتاق  قانداشلىقىنى ،مەنىۋى سۇپىتىنى نامايەن قىلىدىغان  بىر خىل ۋارىسلىق قىلىش  رىشتىنى ھازىرلىغان  ئارقا كۆرۇنۇشلۇك ،ھالقىلىق  نام -ئاتاقتىن  ئىبارەت.  يولداش تۇرسۇنبەك ھەسەن (ئاسان) ئوغلى تۈزگەن ‹‹قازاق شەجەرىسى›› ناملىق پۈتۈكتە:‹‹يەتتە ئاتىسىنى بىلمىگەنلىك يىتملىكنىڭ بەلگىسى ، يەتتە ئاتىسىنى بىلگەنلەر ،يەتتە يۇرتنىڭ غېمىنى يىگەنلەر ››دىگەن ھېكمەتلىك پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان . دىمەك يەتتە ئاتىسىنى بىلىش ۋە فامىلە ئىشلىتىشنىڭ مۇھىملىقى، بىر خىل ئەنئەنە شەكلىدە  قازاق خەلقىدە   ئاساسەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان  .بىزدىمۇ بۇخىل ئىلمىلىككە  ئىگە ئادەت بۇرۇن بولغان ھازىرمۇ  داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ .  بۇ ھەقتىە ئەنۋەر سەمەد قورغاننىڭ <<ئۇيغۇرلاردا نەسەپنامە>> دىگەن كىتابى بىزنى ئەتىراپلىق بىلىمگە ئىگە قىلىدۇ. بىز فامىلىنىڭ ئەجداد ۋە ئەۋلاد زەنجىرىنى  تۇتاشتۇرىدىغان تارىخى ھالقا ياكى ئۇنىڭ يىلتىز ،نەسەپ ۋە گىنېئالوگىيە  ئۇچۇرىدىن خەۋەر بېرىدىغان بىر  ساھە ئىكەنلىگىنى  مۇنۇ مىساللاردىن تېخىمۇ  ئەمەلى ھېس قىلىمىز .مەسىلەن : ‹‹ماھىنۇر قاسىم ››،‹‹ئادالەت قاسىم››،‹‹ئايىمخان ئېزىز ›› ...دىگەندەك . بۇ ھەقتە ‹‹شىنجاڭ تەزكىرىچىلىگى››ژورنىلىنىڭ 2003يىلى 1-سانىدا سەلىمە كامالنىڭ ‹‹يەتتە ئاتىسىنى بىلمىگەن -قۇل››-دىگەن ماقالىسىدا پىريومدىن ئۆتكىدەك گەپلەر قىلىنغان .ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم ئەدىپ -تەتقىقاتچىلىرىمىز  تەخەللۇس ۋە فامىلە ھەققىدە ئوخشىمىغان  قىممەت ۋە سالماققا ئىگە تونۇشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بىزنىڭ بۇ ساھەدىكى تىېشىمۇ  ئەستىرىمۇ  تولۇق  تىكىشىنى تاپالمايۋاتقان  پەدىمىزنى تۇزەپ بەردى.ئەدەبى تەنقىتچى ئەكبەر قادىر ‹‹بۇگۇنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تەنقىتچىلىك تارىخى››دىگەن كىتابىنىڭ ئەدەبى تەخەللۇس ھەققىدىكى بايانىدا :‹‹ئەدەبىياتىمىز ئەدەبىلىك خاراكتىرى يوق ، مۇقامى تۆۋەن ››تەخەللۇسلاردىن قانچە بىزار بولسا، ھەقىقى ئەدەبىلىك خاراكتىرى بار ،مەلۇم مەنا ھەم خاھىشقا ئىگە ئەدەبى تەخەللۇسلارغا شۇنچە مۇھتاج بولىۋاتىدۇ ››-دىگەن بولسىمۇ، بىر قىسىم تەخەللۇس ساھىبلىرى ‹‹سايمانغا ساپ بولمايدىغان ››بەزى بىر تەخەللۇسلارنى كۆتىرىپ چىقىپ  دوپپىسىنى قىرلاپ يۇرىدۇ.
                بىز تەخەللۇسنى يەنە كىشىلەر بىر -بىرىگە قويىۋالىدىغان لەقەمگە ئوخشىتىۋالساق تىېخىمۇ بولمايدۇ،‹‹لەقەم خىزىرنىڭ ئىشى››-دىگەندەك ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشى بىلەن بەزى ھاللاردا لەقەممۇ شۇ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ  يىقىن مۇناسىۋىتىدىن ئۇچۇر  بېىرىدىغان  فامىلە ئورنىدىمۇ قوللىنىپ قالىدۇ.مەسىلەن؛‹‹ ھوشۇر تاشچى ›› ،‹‹موللاخۇن توخۇچى››،‹‹تۇرسۇن پالۋان›› ‹‹ياسىن پالتا ››،‹‹توحتى كەكە››،‹‹ئىمىن پوستەك›› ،‹‹قىيىم مەدەك››، ‹‹ئىمىن پوچى››،‹‹ئالى داڭدار››...دىگەندەك. نۆۋەتتىكى بازار  ئىگىلىگى شارائىتىدا ھەر خىل توۋار ماركىلىرى ،مەھسۇلات ناملىرى،ئورگان ،تەشكىلات ۋە كەسپى ئورۇنلارنىڭ تامغىلىرى،كىنىشكىلىرى،شىركەت كان-كارخانىلارنىڭ ۋىۋىسكىلىرى ۋە بىر قىسىم ئورۇن نامى بىسىلغان كونۋىرىتلار،ئېىلان ،چۇشەندۇرۇشلەر،رويخەتكە ئىلتىماس قىلىنىىپ ، بىرقەدەر قىلىپلاشقان  تۇراقلىق ناملار بىلەن ئاتىلىپ كېىلنىۋاتىدۇ.  مەسىلەن :‹‹كرورەن ،يۇلغۇن، مىڭ يول ،ئوقيا ،چەۋەنداز ،چەكمەن،سادا ››- دىگەندەك. بۇلارنىڭ ئىچىدە نام ئاتىقى بىر-بىرىگە ئوخشاپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن قانۇنى چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىرى ،رايون ئەۋزەللىگى سەۋەبىدىن ھاۋالە بويىچە ئوخشاش بىر نامنى ۋەكالىتەن
ئىشلىتىپ كىلىۋاتقانلىرىمۇ بار .  مەسىلەن:‹‹ئالاقات، قىزىل تۇز ،باياۋان ،ئىپار ،نەۋرۇز ،ئۆزقول ،ئارمان››...دىگەندەك .
   ئەپسۇسكى ئەدەبى تەخەللۇسنىڭ ئوخشىتىلىىشى ،تەقلىد قىلىنىشى ،دورىلىشى ،كۆچۇرىلىشى،تەكرارلىنشى ،ئۆزگەرتىلىىشى ،ياسىلىىشى قانۇن -نىزاملارنىڭ ياكى تەخەللۇس ئىگىسنىڭ قارشىلىق ،نارازىلىق ،ئەيىپلەش،چەكلەش،توسالغۇلىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە خالىلىققا ئىگە بولسىمۇ  ، شائىر-يازعۇچىلارنىڭ ،مەتبۇئات-نەشرىيات،گىزىت-ژورنال سەھىپىلىرىدە ھەتتا بىر قىسىم تور ئەدەبىياتىدا  قوللىنىۋاتقان تەخەللۇسلىرىمىزنىڭ  قەستەن ياكى سەۋەنلىكتىن ،قىسمەن ياكى پۇتۇنلەي ئوخشاپ قىلىشلىرى ،كۆچۇرىلىشى ،ياكى تۇزۇت -تەكەللۇپسىزلا تارتىۋىلىنىشى  كەسپى ،ئىدىيىۋى ئەخلاقىمىزنىڭ نەپرەت نەزىرىدىن  مۇتلەق خالىلىققا ئىگە بولالىشى ناتايىن.
             شۇڭا كېسىپ ئېيتىمەنكى ، تەقلىدچىدە ھەقىقەتەن ئەركىنلىك ،خاتىرجەملىك ئەمىنلىك روھى ھالىتى  كەمچىل بولىدۇ ‹‹خۇددى ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك -پوك ››-دىگەندەك ،باشقىلارنىڭ ئەدەبى تەحەللۇسىنى تەپ تارماستىن دوراپ ئىشلىتىش،ئەينەن كۆچۇرۇۋىلىش،تەكرارلاش ھادىسسى  ماھايەت جەھەتتە ئېغىر سەلبى ھادىسە  بولۇپ ئۇ نېگىزىدىن ئالغاندا:
بىرىنچىدىن-شۇ تەحەللۇسنىڭ ئىناۋەت كۇرسىنى  يەرگە ئۇرعانلىق.
ئىككىنچىدىن-شۇ تەحەللۇسنى ئاۋۋال ئىشلەتكۇچىنىڭ قەلبىگەھۇجۇم قىلعانلىق.
ئۇچىنچىدىن-ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى، سىياسى ،كەسپى ساپاسىنىڭ چولتىلىغىنى،مەنىۋى نامراتلىغىنى،بەدئى دىتسىزلىغىنى،بىپەرۋالىغىنى ئاشكارىلىغانلىق.
             تۆتىنچىدىن -ئۇيغۇر تىلى يەنى ‹‹ئانا تىلى››مىزنىڭ شانۇ شەۋكىتىنى،ئۇنىڭ لۇغەت بايلىقىنى ،مۆلچەرگە يەتمىسىمۇ مۇمكىنچىلىككە يىتىدىغان  ئىچكى قۇۋۋىتىنى دەڭسەپ،سىلىشتۇرۇپ ،قىدىرىپ  تەكشۇرۇپ كۆرمىگەنلىك. ھەتتا ئۇنى ئىستىخيىلىك ھالدا چۆكتۇرۇشكە ئىختىيارى ئىشتىراك قىلغانلىق.ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى تەشۋىش ئىزتىراپقا،،باشقىلارنى ئورۇنسىز ئىختىلاپقا سالغانلىق بولىدۇ ئەلۋەتتە.
             چۇنكى بىزنىڭ ئانا تىلىمىز  بىر ئەسىردىن بېرى ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى،ئىملا قائىدىسى‹‹ئورفوگراپىيە››سنى ئالتە- يەتتە قېتىملىق ئىسلاھ  قىلىش، تەرتىپكە سېلىش ،تۈزەش خىزمىتى ئارقىلىق  مەركىزى دئىالىكىتىمىزنىڭ  تۇراقلاشقان ،تويۇنغان ئاساسى لۇغەت تەركىۋىنى تەدىرجى  بېيىتىپ ئىستىمالىمىزدىكى بارلىق ئاتالغۇ تېرمىنلارنى ئىملا ،تەلەپپۇز ،لېكسىكا تەلىپى بويىچە ‹‹يەر-جاي ناملىرىمۇ ئىچىدە›› قېلىپلاشتۇردى .
           بۇ تىل يەنە ئۆز دەۋرىدە تارىخ ،پەلسەپە ،ئىجتىمائىيەت ۋە  تۈرلۈك ئېىتىقاد سېستىمىسىدىكى مەدەنىيەت جەۋھەرلىرمىزنى  تەرجىمە قىلىپ باشقىلارغا تونۇشتۇرۇشقا  ،ھەم باشقا تۇركى تىللارنىڭ تاكامۇللىشىشغا ئىجابى تەسىرلەرنى كۆرسىتەلىگەن ئەدەبى تىل بولدى .نۆۋىتىدە ئۇ يەنە خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى  يىرىك ئەسەرلەردىن ‹‹سۇ بويىدا ››،‹‹غەرپكە ساياھەت››،‹‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش››قاتارلىقارنى تەرجىمە قىلىپ يەنە نەچچە مىشكاپ ئېشىپ قالغان  پاساھەتلىك تىلمۇ بولالىدى.‹‹ ئاتاقلىق تەرجىمان ئابدۇكېرىم  غوجا ئاكىمىز شۇنداق دىگەن ››. ئۇ يەنە  ئۆمەر ھەييامنىڭ پارىس تىلىدىكى رۇبائىلىرىنى ساپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشتا  نەچچە پۇڭ ئېشىپ قالغان شېكەر تىلمۇ  بولالىدى ‹‹ئاتاقلىق شائىر نۇرمۇھەممەت ئېركى  شۇنداق دىگەن ›› .ئۇ يەنە ئەلىشىر ناۋايىدىن تارتىپ تېيىپجان ئېلىيوپقىچە بولغان ئاتاقلىق شائىرلىرىمىزنىڭ  مەنىداش سۆزلەردىن تۈزۈلىدىغان پەقەت ئۇيغۇر شېئىرىيىگىلا خاس بولغان ‹‹تۇيۇق ››دىگەن شېئىر شەكلىنى ۋۇجۇتقا چىقىرالىغان  سەردار ئەدەبى تىلمۇ بولالىدى . خالاس .
مەسىلەن:
لەئەلدىن  جېنىمغا ئوتلار ياقىلۇر ،
قاشى -قەددىمنى جاپادىن يا قىلۇر .
مەن ۋاپايئى ۋەدىسىدىن  شادىمان،
ئول ۋاپا قىلمامكى،قىلماس يا قىلۇر.

-ئەلىشىر ناۋايئى
.......
مەيلى دۆت دە ،مەيلى سەت دە يا مېنى
لېكىن ئەمەسمەن ئادەملەرنىڭ يامىنى.
بەللىرىم مۈكچەيسىمۇ لازىممەن ساڭا،
دۈشمەننى ئاتقاندا قىلارسەن يا مېنى .

-تېيىپجان ئېلىيوپ
..........
زاتىمىز تەرىپلىگەندەك ،ئەر قاناتى ئات بالام،
ئاتقا مىن، جەڭگاھقا كىر،ئەل دۈشمىنىنى ئات بالام.
رازى مەن مەيدان ئارا مەردلىك بىلەن بولساڭ شېھىت،
بىلكى،دات قالغاي ياماندىن ،ياخشىلاردىن ئات بالام.

-مۇھەممەتئېلى زۇنۇن  تەشنائى.

          دىمەك يۇقۇرقىدەك فونىتىكا ،لېكسىكا، گراماتىكا ،ئېتىكا (ئەخلاق)،ئىستىتىكا (گۈزەللىك)پىسخىكا(روھىيەت) پوئىتىكا(شېئىرىيەت) ھەم پەلسەپە جەھەتتە رۇشەن ئىچكى مۇئەييەنلىككە ئىگە ئەدەبى تىلىمىزنىڭ خەزىنىسىدىن سىز، بىزگە مۇناسىپ كەلگۈدەك ئىسىم -فامىلە،تەخەللۇس،لەقەم،ۋىۋىسكالارنىڭ چىقماسلىغى مۇمكىنمۇ؟ شۇنداق ئىكەن تەخەللۇسقا سەل قاراش ،ئوغرىلاش ،ئۇنى كەمسىتىشمۇ ئانا تىل مەدەنىيىتىمىزگە قىلىنغان خورلۇق، مەسۇلىيەتسىزلىك ۋە ئانا تىلنىڭ تەربىيەسىدىن غاپىل ،بىپەرۋا يۈرگەنلىكىمىز بولىدۇ ئەلۋەتتە.
          ئەگەر بىزگە ھەرقانداق ماكان، زاماندا تەخەللۇس ئىشلىتىش  زۆرۇرىيىتى تۇغۇلسا ئۆز ئانا تىلىمىزغا مۇراجىئەت قىلساق ياكى باشقا تىللاردىن پەرقلىق بولغان تەخەللۇس ۋارىيانتلىرىنى قوبۇل قىلساق تامامەن  ئارزۇيىمىزنى ئەمەل تاپقۇزالايمىز ئەمەسمۇ. بەزىدە ئوخشاش بىر تەخەللۇسنى ئوخشىمىغان  ساھەگە ئىشلىتىپ ئۇنىڭدىن بەلگىلىك ،ئۇنۇم ، قىممەت ۋە خاسلىقنى نامايەن قىلالايدىغان ئىجادىيەتچىلەرمۇ چىقىدۇ .ئەگەر ھۆددىسىدىن چىقالىسا  بۇخىل ئوخشاشلىقنى ئەيىپلەش  بىمەنىلىك ھىساپلىنىدۇ.مەسىلەن ؛
             شائىر قۇتلۇق شەۋقى ئازاتلىق تېمىسىدا ،ئىجادىيەتچى مېھرۇللا تەۋەككۇل شەۋقى ئاخبارات تېمىسىدائۆز كارامىتىنى ئىپادە قىلغان بولسا  ،ناخشىچى ئەسقەر خۇيلاڭ(كۆكبۆرە) بىلەن شائىر ئەكبەر ئىمام (كۆكبۆرە)لەر ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت تاللىشىدا ھەر ئىككىسى دىگۈدەك ئۆز تەخەللۇسىغا يارىشا ئات سالالىدى. يەنە بەزى ھاللاردا ئوخشاش ئىسىم فامىلىلىك يازغۇچىلار  كىتاپخانلار ئارىسىدا بىر-بىرىنى پەرقلەندۇرۇش  تەقەززاسى بىلەن تەخەللۇس ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. مەسىلەن ؛ ئابدۇخالىق داموللا  مەخسۇم (ئۇيغۇر) ۋە ئابدۇخالىق ئابدۇۋايىت(ئۇيغۇرى) قۇربان داۋۇت،ۋە قۇربان داۋۇت شاھىدى...قاتارلىقلار .
                  بەزى بىر تەخەللۇسلار فامىلىنى مەقسەت قىلغان ھالدا قويۇلۇپ جەمەت ئارىسىدا  ۋارىسلىق شەكلىدە داۋاملىشىدۇ .مەسىلەن؛ھاجى ئەخمەت كۆلتىكىن،زۇلفىيە ئەخمەت كۆلتىكىن دىگەندەك...دىمەك بىز تەخەللۇسنى قارىغۇلارچە ياكى ئىستىخىيىلىك ھالدا دوراپ قوللانمىساقمۇ  بىزنىڭ تىلىمىز يەتمەيدىغان يەر يوقلىغىنى رئىياللىق جانلىق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
           ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئاتاقلىق شائىرلىرى ،رەسسام -خەتتاتلىرى،ۋە بىر قىسىم يازغۇچى ،تىلشۇناس، تەتقىقاتچى ،تەرجىمانلىرىمىزنىڭ ‹‹ئۇيغۇر ›،‹‹ئۆتكۈر››،‹‹مىسكىن ››‹‹قاينام ئۆركىشى››،‹‹سەنئەت خۇمارى ››،‹‹نىمشېھىت››‹‹جۈرئىتى››،‹‹يالقۇن ››،‹‹تەشنائى›› ‹‹ئارسلان››،‹‹شەرقى››،‹‹ئارتىشى››،‹‹نەشتەر››، ‹‹قەيسەر جەڭچى››،<<بەكتۇر>>،‹‹جىلال››،‹‹زۇليارى››‹‹زىيائى ››،‹‹ۋاپايئى›› ‹‹تىرەن››....قاتارلىق بىردىن ۋە ئىككىدىن قوللىنىپ كەلگەن تەخەللۇسلىرىغا ھازىرغىچە ھېچكىم خىيانەت قىلغىنى يوق ،ئەگەر ئوخشاش ئىشلەتتى دىيىلگەندىمۇ ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلىش ،ئۇلارغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىنى ،ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش ،ۋە ئاشۇ خىل تەۋەرۇك  تەخەللۇسلارغا يۈز كېلەلەيدىغان مەسۇلىيەت ۋە بۇرچنى تونۇپ يېتىش پەللىسىدە تۇرۇپ ئۇنىڭغا خېرىدارلىق قىلدى.
          يەنە بىر قىسىم يازغۇچى شائىرلار  توم -توم نادىر كىتاپ رىسالىلەرنى خەلقىمىزگە قوش قوللاپ سۇنغان ،ئۇلاردىمۇ يۇقۇرقىدەك تەخەللۇس ئىشلىتىشنىڭ ماددى مەنىۋى  شەرتلىرى تولۇق ھازىرلانغان بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا  مىننەت-تاماسىز، ئۇن-تۇنسىز ئىجات بەيگىسىدە باش چۆكۈرۈپ خەلقىمىزنىڭ تەخەللۇستىن نەچچە ھەسسە يۇقۇرى  شان -شەرەپ ،باھالىرىغا ، تەرىپلىرىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە.مەسىلەن؛‹‹روزى سايىت››،‹‹مۇھەممەت رېھىم››،‹‹مۇھەممەتجان راشىدىن ››‹‹ئابدۇسالام توختى››،‹‹ قۇربان بارات›› ،‹‹بوغدا ئابدۇللا›››‹‹ئوسمانجان ساۋۇت››‹‹ئەخەت تۇردى››،‹‹ئەخمەت ئىمىن›› ، ‹‹غازى ئەھمەد››،‹‹ئابدۇكېرىم نەسىردىن ››، ‹‹سەيپىدىن ئەزىزى››،‹‹ئابدۇكېرىم غوجا››،‹‹غەيرەت كەنجىبەك››،‹‹‹‹مۇھەممەتېئىلى ھېلىم››...قاتارلىقلار.
                 شۇ نەرسە ناھىيىتى ئېنىقكى ،تەخەللۇس ئىشلىتىش بىر خىل ھوقۇق بولسىمۇ ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن  چىقماقلىق بىر خىل  مەجبۇرىيەت .چۈنكى ئۇنىڭغا ۋىجدان ئار -نومۇس ،بۇرچ-مەسۇلىيەت  يۈكسەك شان -شەرەپ  مۇجەسسەملەنگەن .ئۇنى بىز ئۆزىمىزنى ئىپادىلەشكە ئىنتىلگەن  بىجىرىم روھنىڭ  مەشئەل ياكى پاسپورتى دىسەكمۇ بولىدۇ  .چۈنكى كىشىلەر سۆزىگە قاراپ ئۆزىنى باھالىيالايدىغان  بىر ھالقىنى  دەل ئاشۇ تەخەللۇسنىڭ قوينىدىن تاپالايدۇ. ئۆز دەۋرىدە  تەخەللۇس بىر قىسىم يازغۇچى ،شائىرلارنىڭ  نىقاپلىنىش قورالىمۇ بولغان ،،مەسىلەن  ئاتاقلىق يازغۇچى ،ئەدىپ  جۇشېرىن ‹‹لۇشۇن››دىگەن تەخەللۇسنى ‹‹تۈن يانغاندا رومانىنىڭ ئاپتورى شېن يەن بىڭ ‹‹ماۋدۈن ›› دىگەن تەخەللۇسنى ،مەرھۇم ئا.ت.ئۆتكۈر ‹‹مىسكىن››-دىگەن تەخەللۇسنى پولات قەلەم جالالىدىن بەھرام ‹‹نەشتەر ››دىگەن تەخەللۇسنى ئا.م. ئىمىن‹‹يالقۇن››  ،نۇرمۇھەممەت‹‹ئېركى›› -دىگەن تەخەللۇسنى بىخەتەر، دەخلىسىز ياكى خۇپىيانە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن دەۋر چەكلىمىسى بىلەن ئىشلىتىشكە  مەجبۇر بولغان ،ئەندىلىكتە بۇ مۇبارەك تەخەللۇسلار ئۇلارنىڭ قىسقارتىلغان ئىسمى ياكى فامىلىسدەك ئەلنىڭ قەلبىگە نەقىش بولۇپ كەتتى .
              دىمەك تەخەللۇس ئەدەبىيات-سەنئەت  ئىلىم -پەن  ئەسەرلىرى ئاپتورلىرىنىڭ  مۇەئەييەن دەۋر تەقەززاسى ۋە دەۋر ئېھتىياج ئالاھىدىلىگىگە ماس ھالدا قويۇلغان سىياسى ،ئىقتىسادى ،مەدەنىيەت ،ئىجتىمائى ئەخلاقى  ھايات كارتىنىسىنىڭ ئىستىتىك بەدئى كارتىسى ۋە مىللى كىملىگىدىن ئىبارەت.ئەگەر ئۇ لايىقىدا تېپىپ قويۇلمىسا ‹‹تاز باشقا يېشىل تەقى ››كىيىۋالغاندەك بىر ئىش بولىدۇ ،ئۇنى قويۇشقا ،ئىشلىتىشكە ھەممە كىشى  ھەقلىق ھوقۇقلۇق ،بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن كەتمەن چېپىشقا ھەممە كىشىنىڭ يارىمىقى  بەك تەس خۇددى ‹‹سۇدا ئاققاننىڭ ھەممىسى تاھىر ،شېئىر يازغاننىڭ ھەممىسى شائىر ›› بولالمىغاندەك.  شۇڭلاشقا ئۇنى ئىجادىيەتچنىڭ ئىچكى- تاشقى زۆرۈرىيىتىنىڭ مەھسۇلى ، زىمىستان ياكى تومۇزغا قاقلىنىپ چىقارغان ئاداققى ئىدىئال كۈيى ،ئوبىكتىپ ۋە سوبىكتىپ مۇھىتى تەۋەللۇت قىلغان بىر كەلىمىلىك مىكرو ئەسىرى ،ئىختىراسى ھەم ئۆزگىچە تاللىشى دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.
                  تەخەللۇس بىلەن ئىجادىيەتچى ،ئىجادىيەتچى بىلەن تەخەللۇس بىر -بىرىنى نامايەن قىلىدىغان گارمونىيە!خالاس .ئۇنىڭغا ئۈچىنچى  بىر كىشىنىڭ  ئالدى-ئاقىسىغا قارىماي ،ئۆزىنى چاغلىماي  قىستۇرىلىۋېلىشى بىھۇدە ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . شۇڭا ئۇنى پەدەرىمىز ياكى قۇرئاندازىمىز ئەزان توۋلاپ،تەگبىر ئېيتىپ  قويغان ئىسىمغا ئوخشاش دەپ قارىساق ئىلمىلىك بولمايدۇ: شۇڭا ئۇنى باشقىلار بىزگە غەرەزلىك ،غەرەزسىز قويىۋالغان لەقەمگە ئوخشىتىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ : شۇڭا  ئۇنى بىر ئەۋلات نەسىل -نەسەپنىڭ بايرىقى ئاستىغا يىغىلغان ئائىلە تاۋابىئاتنىڭ فامىلىسىگە ئوخشىتىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ .
          بىراق تەسادىپى ھالدىكى قىسمەن  ئوخشىشىپ قېلىشلارنىڭ ئارقا كۆرۇنىشىگە قارىتا مىللىتىمىزنىڭ تەخەللۇس ئېڭى ، ئەدەبىيات چۇشەنچىسى نۇقتىسىدىن ئىلمى،ئايرىم قاراش مەسىلىسىنى بىردىنلا چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ .  نۆۋەتتە بىر قىسىم ياش،ئوتتۇرا -يازغۇچى ،شائىرلار ،رەسساملار ئارىسىدا ئەدەبى تەخەللۇس قىزغىنلىقى دەريا سۈيىدەك كۆتىرىلىپ ئۆزلىرىگە ئانا يۇرتلىرىنىڭ ،دەريا -كۆللەرنىڭ ،قۇم بارخانلارنىڭ ،چۆل-جەزىرە،تاغ -تاشلارنىڭ ،شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ پەلسەپىۋى چۇشەنچە تەلىماتلىرىنىڭ  نازۇك توقۇلمىلىرىنى تەخەللۇس قىلىپ قويىدىغان ھالەت  بىر خىل ئېقىمغا ئايلاندى مەسىلەن:ئابدۇرەئۇپ تەكلىماكانى ، ئوسمان ئىسمائىل تارىم ،تاھىر تالىپ بەكتۇر،غالىپ مۇھەممەت قارلۇق،ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىش ،،ئەركىن داۋۇت ئوغۇز ، نۇرمۇھەممەت ئالىپ ئوغۇز ، ھۇسەن روزى تىرىك ،تۇرسۇنبەك ئىبراھىم تايماس ، نۇرمۇھەممەت توختى مەرگەن ،روقىيەگۇل تۇرسۇن ئايقۇت ،ياسىنجان سادىق چوغلان ،دىگەندەك .........بۇ بىر خىل ياخشى كەيپىيات ،چۈنكى ھەسسىسى قايتمايدىغان ئەمگەك يوق ،ئۇلارنىڭ ئاشۇ تەخەللۇسنىڭ نام -شەرىپىنى ئاقلايدىغان مەنىۋى قۇدرەتكە ،ئىجادى ئىلھام كۈچىگە نائىل بولىشىغا   مىللىتىمىز ۋە نىيىتىمىز تەقەززا. شۇغىنىسى تەخەللۇسنى كېلىپ چىقىشى ،مەنىسى ، رولى ،ئىستىمال قىممىتى ،ئارقا كۆرۇنىشى ،غايە ،ئىستەك ،خاھىشقا قاراپ ،ئۆزىنى چاغلاپ ،بەلنى باغلاپ قويۇش ئۇنىڭ ھەقىقى ئىرادىلىك ،ئىجراچىسى  بولۇش كېرەككى، ھەرگىزمۇ نامى ئۇلۇغ سۇپرىسى قۇرۇق ،تەخەللۇس ‹‹ھەيكىلى››بولۇپ قالماسلىق  كېرەك .ئۇنى زىبۇ -زىننەت ،تاج -تۇمار ئورنىدا  كۆز-كۆز قىلىدىغان دەستەك ،ياكى‹‹ كاكار ›› دەپ تونىۋالساق ھەرگىز بولمايدۇ .ئۇنىڭ نومۇسى ئۈچۈن ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ  ساپ- سەمىمى ھېسياتىمىزنى ،ساپا-سالمىقىمىزنى ،ۋىجدان غورۇرىمىزنى  رىئاللىقنىڭ سىناق تاشلىرىغا بولغان    مۇۋازنىتىمىزنى دەڭسەپ كۆرۇشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.  كىتاپخان ياكى خەلقنىڭ قەدىرلەيدىغىنى شائىر يازغۇچى  سەنئەتكارنىڭ  ئەدەبى تەخەللۇسى بولماستىن بەلكى شۇ تەخەللۇس ئاستىدا گەۋدىسى  مۈكچىيىپ ئۈن -تۈنسىز  گۆھەر قېزىۋاتقان ئەزگۈلۈك ۋە گۈزەللىك مەستانىسىدىن ئىبارەتكى ھەرگىزمۇ كونا يېڭى گۇمانىزىمنىڭ  سىرتىدا مەڭدەپ ،خىيالپەرەستلىك  بىلەن تەخەللۇسغا تەۋەككۇل قىلغۇچى ،تەخەللۇسنى تەقلىد قىلغۇچى ياكى ئۇنى نۇسخىلاپ  يۈرگۈچى ئەمەس .شۇنى ئويلاش كېرەككى تەخەللۇسقا مۇھەببەت بولغان يەردە مۇشققەت بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس!
       ‹‹ج.خ.جۇمھۇريىتى  مىللى تېرىيتورىيىلىك ئاپتونومىيە  قانۇنى ››،‹‹ج.خ.دۆلەت ئورتاق تىل يېزىق قانۇنى ››،‹‹ش ئۇ ئا  رايونىنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى قانۇنى ›› يولغا قويۇلغان چارەك ئەسىردىن بۇيان ھەر مىللەت خەلقى ئۆزىنىڭ تىل -يېزىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش ،قوللىنىش  ،راۋاجلاندۇرۇش ،ئىلمى تەتقىق قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ،ئىسلاھ قىلىشقا بىردەك ئېتىۋار بېرىۋاتغان ،‹‹شىنجاڭ تەزكىرىچىلىگى ››،‹‹شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى ››،‹‹شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئىلمى ژورنىلى››،‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى ››،‹‹مىراس ››ژورنىلى ھەم‹‹  ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى ۋە ئىملا لۇغىتىنى تۇزۇش رەتلەش ›› ھەيئەتلىرى قىممەتلىك پىكىر ماقالىللىرى بىلەن ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت ھادىسسىگە  قىزغىن ئىشتىراك قىلىپ بار ئاۋازى بىلەن ‹‹بايلىقىمىزمۇ تىل ،بارلىقىمىزمۇ تىل ››دەپ چۇقان سېلىۋاتقان ‹‹ئىسىم فامىلە قوللانمىلىرى ››ئۈزلۈكسىز نەشر قىلىنىۋاتقان  مۇشۇنداق بىر ئىلمى تەرەققىيات بوسۇغىسىدا  بىر بىرىمىزنىڭ بالىلىرىمىزغىمۇ تۈزۈك ،ئۆزگىچە ئىسىم قويالماي  بىرسى قوپۇپ ‹‹چوغلۇق ››دەپ قويسا  يەنە بىرسىمۇ ‹‹چوغلۇق ››دەيدىغان ،يەنە بىرسى‹‹ تۇغلۇق›› دىسە يەنە بىرسىمۇ ‹‹تۇغلۇق ››دەيدىغان يۇقۇملىنىش شەكىللىنىپ، مەھەللىمىز ‹‹ئات قوشنىلار مەھەللىسى››گە  ئايلىنىپ كەتكەنلىگىنى ئاز دەپ   ئەدەبى تەخەللۇسنىمۇ تاللاش ۋە قويۇشنىڭ ھاللىق سەۋىيىسىنى يارىتالماي بىرسى ‹‹باھادىر ››قويسا يەنە بىرسى چىقىپ مەنمۇ بۇ ئىسىمنى ‹‹ياخشى›› كۆرۈپ قالغان دەپ ئۇمۇ ‹‹باھادىر ››قويىۋېلىپ  سادىر ،نادىر ،قادىر جاھانگىر ..دىگەن ئىسىملارنىڭ  مەنىسى ھەققىدە ئازراقمۇ ئىزدىنىپ باقماي  ئۇدۇل تامغا ئۈسۈۋەرسەك  كىممۇ ئەدەبى تەخەللۇسقا  خېرىدارلىق قىلىپ ئۇنىڭ قەدىر قىممىتىنى  نامايەن قىلار؟!
                 شۇڭا ئەدەبى تەخەللۇس دىگەن نىمە ؟ئۇنىى ئىشلىتىشنىڭ قانداق ئىستىتىك ئۆلچەم تەلەپلىرى بار ،ئۇنى ئىشلەتكەنلەر قانداق مەسۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئۇستىگە ئېلىش كېرەك  ئۇنى تەقلىد قىلىپ ئىشلىتىشنىڭ ئاقىۋىتى قانداق ؟ئۇنىڭ شان -شەرەپ ۋە نومۇس تۇيغۇسى قايەردىن قايەرگىچە؟-دىگەن مەسلىلەرنى ئويلىشىپ كۆرۈشنى ھەر بىرىمىزنىڭ زۆرۇر بۇرچى دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن  دەسلەپكى قەدەمدىكى ئىزدىنىش پىكرىمنى كۆپچىلىككە ئورتاقلاشقۇم كەلدى.ئەدەبى تەخەللۇس ساھەسىدىكى  ىبر قىسىم غەيرى رەسمى  ئاينىش ۋە ئەگرىلىككە تاقەت قىلالماسلىق  ھەر كىمنىڭ نازارەت ۋە بۇرچى ئاستىدىكى تەخەللۇس ھادىسسىگە قارىتا سەزگۈر بولۇش ،بولماسلىق  مەسىلىسى .شۇڭا دەيمەنكى ئەدەبى تەخەللۇس ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ  دۇرۇس تۇيغۇسى -ئەدەبى تەخەللۇسنىڭ نومۇس تۇيغۇسى ئەمەسمۇ؟

پايدىلانمىلار ؛
1.‹‹سادا ››ژورنىلى،
2.ئابدۇرېھىم راخماننىڭ ‹‹ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت ››دىگەن ماقالىسى،
3. ئۇيغۇرچە <<ئورفوگراپىيە قائىدىلىرى>>،
4.ئەكبەر قادىرنىڭ ‹‹....تەنقىتچىلىك تارىخى››،
5.‹‹شىنجاڭ تەزكىرىچىلىگى››

6.ئەركىن ئابدۇقادىرنىڭ <<غورۇرنامە>>،
7. ئەنۋەر سەمەد  قورغاننىڭ <<ئۇيغۇرلاردا نەسەپنامە>>قاتارلىقلار.
2009-يىلى27
-ئۆكتەبىر.     تامام


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tarurum + 500 ماختاشقا تېگىشلىك
مارشال + 200 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 700   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7171
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 01:09:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن،خېلى ئەجىر قىلىپسىز.

كۈن ئېيتىدۇ: مېنىڭ قەدرىم كۈندۈز كەتكەندە،
ئاي ئېيتىدۇ: مېنىڭ قەدرىم كېچە يەتكەندە.

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 3921
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20088
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 824 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 01:34:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادېرلاپ قويسا بولغىدەك تېمىكەن ماۋۇ.

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5151
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 01:45:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارۋان يوللىغان ۋاقتى  2013-1-15 01:34 PM
نادېرلاپ قويسا بولغىدەك تېمىكەن ماۋۇ.

ئەگەشتىم.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1187
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 23654
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 7873 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2013-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 01:51:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ لەقەم بىلەن دېمىسە تۇنۇمايدىغان ئىسىملار مەۋجۇد.
ساندۇق زاۋۇتى قۇرغان رېيىمجاننى رېيىم ساندۇق دېمىسە تۇنۇمايدۇ،بۇرۇن كېسەك قويدىغان ئابلىز ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى،ئۇ كىشىنى ئابلىز مىڭ كېسەك دېمىسە تۇنۇمايدۇ.مېنىڭ بوۋاممۇ بۇرۇن ئۇستا مەرگەن ئىكەنتۇق،ئۇنى رۇزى پالگان دېمىسە چوڭلار تۇنىمايدۇ.دادامنىڭ چوڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى چوڭخان بولىسمۇ،لېكىن،مەھەللىدىكى كۆپ كىشىلەر چوڭ ئايلا دەپ چاقىرىپ ئادەتلەنگەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىكى لەقەم بىلەن ئىسىم چاقىرىش تارىختىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئادەتلەرنىڭ بىرى بولغاچقىمۇ،بۇ ھازىرغا كەلگۈچە كىشىلەرنىڭ كىشى ئىسىملىرىنى تۇنۇش ۋە پەرقلەندۈرۈش جەھەتتە مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلگەن.مەن ئۆز يۇرتۇمدا بىلىدىغان،ئىسمى كۆپ زىكرى قىلىندىغان كىشىلەرنىڭ ئىسىم-ئاتالغۇسىنىڭ كەينىدە تەخەللۇس(لەقەم)بويىنچە چاقىرىلدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتكەن ئىدىم.
يۇقۇرقى يازمىدىكى ئەمەلىي كەلتۈرۈلگەن بايانلاردىن يەنە شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى،باشقىلار قويۇلۋالغان لەقەمنى ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىش،خەلق قويۋالغان لەقەمنى ئىنكار قىلىش نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى يارىتۋاتقان شانلىق مادەنىيىتىمىزگە ماس كەلمەيدۇ.
ھەر قانداق كىشى قويۋالغان ئىسىم بولسۇن ۋە ياكى باشقىلار تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسىملار بولسۇن،چاقىرىلغان كىشىگە نىسبەتەن ھۆرمەت تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك.

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى رايىش ۋە تىنچ كېلىدۇ،ئېلىشقا تېگىشلىك ھېساب-كىتابنىمۇ ئاللانىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ.
-مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13211
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 7675 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2013-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 03:35:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن ،لىكىن تەھرىرلەش زۆرۈرمۇ قانداق ؟ باشقۇغۇچىلار ئازراق كۈچ چىقىرىڭلار ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tewelgha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-15 03:35 PM  


ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2613
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 485 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 04:40:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارشال يوللىغان ۋاقتى  2013-1-15 01:51 PM
بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ لەقەم بىلەن دېمىسە تۇنۇمايدىغان ئى ...

لەقەم خىزىرنىڭ ئىشى دىگەن شۇ ،ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى بار لېكىن،بەزى لەقەملەردە مەسخىرە تۈسى قويۇق،شۇڭا ئۇنى لەقەم  قىلىپ خېرىدارلىق قىلىشقا بولمايدىكەن،مەسىلەن‹‹ تۇردى قاپقان ››‹‹ قادى تۈتۈن››‹‹رىشىت كاررەك››‹‹داۋۇت چىڭگىز››دىگەندەك ،ئەمما تەخەللۇستا چوڭقۇر ئىلمىلىك،ئالاھىدە ئارقا كۆرۈنۈش،بەلگىلىك مۇددىئا ۋە بۇرچ ئەمەل تاپقان بولىشى كېرەككەن،سىزنىڭ تولۇقلاپ قويغىنىڭىزدىن مىننەتدارمەن مارشال !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 865
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6382
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 05:39:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېمىكەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89948
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2013-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 06:28:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادېرلاپ قويسا بولغىدەك تېمىكەن ماۋۇ.                                                                 

مەنمۇ ئەگەشتىم.



سۈرىيە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2613
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 485 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 06:52:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2013-1-15 03:35 PM
ياخشى تېمىكەن ،لىكىن تەھرىرلەش زۆرۈرمۇ قانداق ؟ باشقۇ ...

راستىنلا ئىملادا ئازراق مەسىلە يوق ئەمەس...رەھمەت تېۋىلغا!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش