مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 213|ئىنكاس: 6

سۆيگۈ قەسىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 451
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۆيگۈ قەسىرى


شىلدىرلاپ شاماللار بارقلىرىمدا ،

غەپلەتنىڭ قوينىدىن سەگىتەر مېنى.

سايەمگە پۇتلاشقان بىر پۇچۇق كوزا،

ئەجداتلار تىلىدا سۆزلىتەر مېنى.


قەدەملەر چىشىغا چۈشكەندە قۇرۇت،

پۇچۇق تام يوللارغا يازار ۋەسىيەت.

شەيتانلار رەستىگە بولسا ھۆكۈمران ،

مېغىزنىڭ رولى يوق شاكىلى قىممەت .


چىغىر يول تىللىرى سۆزلىسە تارىخ ،

يالپۇزلار تۆكىدۇ بېھۇدە كۆز -ياش  .

پەسىللەر قوللىرى چۈشسە قىمارغا،

يوقسۇللۇق ئەۋلاتنى ئۇرغۇزىدۇ باش.


تاملارنىڭ كەينىدە يۇشۇرۇن شەھەر ،

سىقماقتا بۇلۇڭلار گىرادۇسىنى.

ئەخلەتلەر ئازگىلى يۇتماقتا ئەنە،

بىخلانغان ئەۋلاتلار ئېرادىسىنى.


مازاردىن ياخشىلىق ئىزدىگەن ئانام ،

يوللارغا بىر ئۆمۈر سالدى ئىسىرىق.

بەك غېرىپ مۇڭلاندى بۇۋام سۆڭىكى

ئەي تەقدىر ، چاخچىقىڭ  ئەمەسكەن سىلىق.


ناخشامنىڭ بۈرجىكى ئالغاندا نەپەس ،

چاپلاشتى چىۋىنلەر دىماقلىرىمغا.

سېغىنىپ مەرىسەم يايلاقلىرىمنى،

قاسساپلار ئەن سالدى قۇلاقلىرىمغا.


قۇياشنى تۇغقاندا تۇمارىس ئانام ،

ئوغۇزنىڭ بۆرىسى كەلدى سەجدىگە.

مىڭ ئەسىر خاتىرجەم سايىداش ئۈچۈن،

چىن تۆمۈر چىقىدۇ بۈگۈن سەيلىگە.


رىزۋانگۈل قېرىسا چۈشمەس ھاسىغا،

ئەتتىرگە ئايلىنىپ تۇرسا تىنىقى.

ۋەتەنگە ئايلانسا غۇرۇر ۋە ئىپپەت،

خاتىرجەم ئېچىلار سىڭلىم زىنىقى .


ئا.خالىق 《 ئويغان > دەپ بەرمەس ئىدى جان،

يات نىيەت چىقمىسا قوۋۇرغىمىزدىن .

يەنە نى ئوغلانلار كېتەر قان قوسۇپ،

رازى بوپ ياشىساق ئىمىزگىمىزدىن.


رىۋايەت رىزقىنى قىلىپ خام -خىيال،

كۈندۈزدىن زېرىكىپ بولدۇق شەپەرەڭ.

مۇقەددەس ئېتىقاد بولسىمۇ زەرەت،

ھالىمىز نە ئۈچۈن دائىم زەپرەڭ ؟


سادىرنىڭ قەبرىسى مۇڭلاندى ئەجەپ،

ئەجدادنى تونىماس شالغۇت نەۋرىسى.

ئالقانغا تەۋۋەككۈل سىزىپ خەرىتە،

بىر توختام ئېقىننىڭ توشتى سەبرىسى.


باغلارنىڭ پۇرىقى چاڭلاشتى جىمجىت،

كۆك پىتلار يامرىدى قوۋزىقىمىزغا.

ئەركەكلىك تۈكىنىڭ يۇمشاقلىقىدىن،

مىتىلەر چاڭ سالدى ئوزىقىمىزغا.


مەھمۇدنىڭ لوغىتى ھەققىدە ئويلاپ،

بالامنى ياندۇرۇپ كېتەي كەينىگە.

كىملىكىم سۈيىگە چىلاي بالامنى،

بوسوغام قۇرۇيدۇ قويسام مەيلىگە.


يۈسۈپنىڭ داستانى مۇڭلىنار ئېغىر،

ئەبجەش تىل روھىمنى قىلدى شاكاراپ.

دەرۋىشلىك  بابىدا ئېلىپ دىپولۇم ،

ھەقىقەت ئوردىنى كېلىمەن تاقاپ.


كىتابلار تاختىغا تىزىلدى پەقەت ،

رومكىلار بازىرى چىقتى ئەۋجىگە.

بىخۇتلۇق ئىلكىدە بېرەمدۇ جاۋاب،

ئەۋلاتلار ئەتە يا ئۈگۈن قەۋمىگە؟


ناخشىلار ياڭرىسا يۈرەك ياشىرار،

شىلدىرلاپ سۇلارنىڭ ئاققىنى ياخشى.

كېرەكسىز ئوقىدا سېسىتار باغنى،

بۇلۇڭدا مۈكچىيىپ رودىپاي باخشى.


بارىنىڭ قەدرىنى قىلمىغاچ بۈگۈن،

تارىمىز پەدىگە دەسسىدى قىڭغىر.

خەلقىمنىڭ روھىدا كۆكلىيەلمىگەن،

چولپانلار پەقەتلا قىلىدۇ جىمىر.


تاشلاردىن خۇشاللىق ئىزدىمەي پەقەت ،

ئېتىقاد ئېرىقى ئاقسۇن شىلدىرلاپ.

تەرىمىز قالدۇرسۇن يىلتىزغا ئوزۇق،

ئەۋلادلار بەختلىك ئۈنسۈن شىۋىرلاپ.




ئا. مۇھەممەت باغۋەن شېئىرى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahwanbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-15 12:50 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73757
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3939
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم .مۇشۇنداق تىمىلىرىڭىزنى ئايىمغايسىز....

ئادەمدە پاك ۋىجدان بولمىسا ئەگەر،
ئۇ بولۇپ قالمامدۇ مېغىزسىز شاكال.
قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى،
ئۇچۇرتۇپ كەتمەمدۇ قۇدرەتلىك شامال.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1164
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2964
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 212 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىىسل شىئېركەن ئىسىل رەھمەت

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 3905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20046
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 824 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېتىملىق ئەسەردىن يەنە بىرنى ئوقىدىم.

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88957
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 199
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-12-22
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلدۇقلاپ چاچرىغان فونتان بۇلاقتەك،
قاينىدى بىر ئىلھام دىلدا ھاياجان،
قەلەملەر تىترىدى سۈكۈت باغاشلاپ،
ئاق قەغەز تۈس ئالغاچ بولۇپ تەلەپچان.


ئات سېلىپ مېڭىپتۇ زەپەردەست ئوغلان،
تىنىقى ئوت پۈركۈپ تۇغلىرى جەۋلان،
ئۈمۈدى نۇرانە  پىكىرلەر ئويغاق،
بولغۇسى بىز ئۈچۈن ھاتىمى پەلۋان.


ھارمىغىن ساڭا قۇت بولسۇن مەڭگۈ يار،
يامان كۆز ئەبەدى قىلالمىسۇن كار،
سۇنغۇنىڭ كەۋسىرى زەم-زەم بۇلاقتىن،
تەشنالىق خەلقىڭدە بولۇپ كەتسۇن خار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 451
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Gulxat08 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-15 03:02 PM
بۇلدۇقلاپ چاچرىغان فونتان بۇلاقتەك،
قاينىدى بىر ئىلھا ...

ھەجەپ تېتىملىق لىرىكىدىن بىر كەلتۈررۈپسىز ، قەلىمىڭىز كۈچلۈككەن ، قېرىندىشىم ، ھارماڭ ، مەڭگۈ مۇشۇنداق يېزىپ تۇرۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88957
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 199
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-12-22
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bahwanbiz يوللىغان ۋاقتى  2013-1-15 07:16 PM
ھەجەپ تېتىملىق لىرىكىدىن بىر كەلتۈررۈپسىز ، قەلىمىڭى ...

ئىلھام بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش