مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 502|ئىنكاس: 10

ئۆز قائىدە-يوسۇنلىرىمىزنى بۇزمايلى (ئامانگۈل تۇنىياز دىلچىن) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58888
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3249
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2011-10-3
ئاخىرقى: 2013-1-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز قائىدە-يوسۇنلىرىمىزنى بۇزمايلى
ئامانگۈل تۇنىياز دىلچىن

بىز-ئۇيغۇر مىللىتى ئەزەلدىن قائىدە-يوسۇنلۇق، ئۆز مىللىي خاسلىقىمىز ۋە ئۆرپ-ئادىتىمىزنى ساقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان مىللەتلەرنىڭ بىرسى. ئەلۋەتتە، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە قائىدە-يوسۇنلىرى بولىدۇ. شۇ قاتاردا، بىز-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىمىز تولىمۇ ئۆزگىچە ۋە ئىنتايىن ئېسىل بولۇپ، باشقا مىللەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان نۇرغۇن خاس ئادەتلىرىمىز بار.
بىزنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئالماقچى بولغان مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ۋە قائىدە-يوسۇنلىرىمىز بولسا ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن مىراس قالغان، مىللىتىمىز ئارىسدا تا ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋىى قائىدە-يوسۇنلىرىمىزدىن كېسەل يوقلاش، تۇغۇت يوقلاش، مۇسىبەتلىك بولۇپ قالغانلارنىڭ قارىسىنى ئۇشتۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، بىر-بىرىدىن ھال سورايدىغان ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەت مىللىتىمىز ئارىسىدا ھازىرغا قەدەر كەڭ ئومۇملىشىپ كېلىۋاتقان ياخشى قائىدەرلەرنىڭ بىرى.
بىراق، ھازىر كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىستىمال سەۋىيەسىنىڭ كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بىزنىڭ بۇ خىل ئۆرپ-ئادەت ئۇسۇلىمىزنىڭ شەكلى بار-بارا ئۆزگىرىپ، كىشىلەرنىڭ بۇخىل «ئىلغار مەدەنيەت»كە بولغان كۆز قارىشىى تەدرىجىي سۇسلاپ كەتتى. بىز سەگەكلىك بىلەن ياخشى ئويلىنىدىغان بولساق، بۇنىڭدىن نەچچە يىللار ئىلگىرى قاتناش ناھايىتى قولايسىز، ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى يوق ۋاقىتلاردا بىز بىرەرسىنى يوقلاش ئۈچۈن قارشى تەرەپنىڭ ئۆيىگە ئۇدۇللا بېرىپ، ئالدىمىزغا بىر پىيالە ئىسسىق چاي قۇيسىلا شۈكۈر-قانائەت ھاسىل قىلىپ، يۈز كۆرۈشۈپ قايتىپ كېلەتتۇق. بىراق، بىز ھازىر كېسەل يوقلىغىلى، ياكى تۇغۇت يوقلىغىلى بارماقچى بولساق شۇ بىمارنى ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇپ، بىرمۇنچە تەييارلىق قىلدۇرۇپ، ئۆزىمىزنى كۈتكىلى قويىدىغان، قارىسىنى ئۇشتۇش ئۈچۈن، «قىرقى» توشقاندا رېستۇرانغا چاقىرىپ، ئەر-ئايال جەم بولۇپ ھاراق-شاراب قۇيۇپ قارىسىنى ئۇشتۇشتەك... نۇرغۇن يامان ئىللەتلەر ئەۋج ئېلىپ كەتتى.
ئەلۋەتتە، دوستلارنىڭ بىر-بىرىدىن ھال سورىشى، شۇنداقلا ساھىپخاننىڭ دوستلىرىغا كەڭ قوللۇق قىلىپ، ئۇلارنى ياخشى كۈتىۋېلىشى بىر ياخشى ئىش. بىز بۇ دۇنياغا پەقەت يەپ-ئىچىش ئۈچۈنلا كەلگەن ئەمەس. شۇڭا بىز بۇنداق ھەشەمەتچىلىك قىلىپ، باشقىلارغا بىھۇدە بېسىم بولىدىغان ئىشلاردىن ئۆزىمىزنى تارتساق، باشقىلارغا ھەقىقى كۆڭۈل ئازادىلىكى بەخش ئەتسەك بۇ ھەممىدىن ئەۋزەل دەپ قارايمەن.
بىز بارغانلا يەردە ساھىبخان سالغان داستىخانغا قارايدىغان، يېمەك-ئىچمەك مول بولمىسا، سىرتقا چىقىپلا سۆز-چۆچەك قىلىدىغان يامان ئىللەتنى ئۆزىمىزگە يۇقتۇرۋالمايلى. شۇ سەۋەبلىك، بىر-بىرى بىلەن ئىختىيارى بېرىش-كېلىش قىلىدىغان قائىدىلەر تۈگەپ، بۇ قائىدە-يوسۇنلارنىڭ شەكلى تەدرىجى ئۆزگىرىپ، بۇ ياخشى قائىدە ھازىر «قەرز قايتۇرۇش» سورۇنىغا ئايلىنىپ قالغاچقا، بۇ خىل تەمەخورلۇق ئىللەتلىرىمىز ھەر ۋاقىت دىلىمىزنى غەش قىلماقتا.
بىزدىكى بۇنداق يامان ئىللەت تۈزەلمىسە، خەلقىمىز مەڭگۈ روناق تاپمايدۇ. تەمەخورلۇق، ھەشەمەتچىلىك ئەزەلدىن يامان ئىللەت. بىز بىراۋنى يوقلىساق چوقۇم ياخشى نىيىتىمىز بىلەن يوقلايلى! بىزگە يەپ-ئىچىش ئەمەس، بەلكى دىدار-مۇلاقەت، سەمىمىي سىردىشىش، كۆڭۈل سوراش غەنىمەت!
ئۆز قائىدە-يوسۇنىمىزنى، ئىنسانىي ئەخلاق-پەزىلىتىمىزنى، ئۆزىمىزنى-ئۆزىمىز دەپسەندە قىلمايلى! نىيىتىمىز ھەر ۋاقىت دۇرۇس، كۆڭلى-كۆكسىمىز كەڭ بولسۇن!

باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن:
ئامانگۈل تۇنىياز دىلچىن


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sopi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-14 11:06 PM  


ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 2498
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 26364
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 4433 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەر ئەزالىق ئىسمىڭىز  سوپىكەن .... ھۆكىمەت ئورنىدا ئىشلەپ تۇرۇپ سوپى - ئىشان بولۇش ئاسان ئەمەس ھە - چاق - چاق

مۇشۇنداق پايدىلىق تىمىلارنى يوللاپ تۇرغايسىز رەھمەت !

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15112
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1522 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قائىدە-يوسۇنلار ئۇلۇغ ئىنسانى خىسلەتكە ئىگە،شۇڭا تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا تىگىشلىك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37456
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7130
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2119 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەردە مەرھۇم يازغۇچىمىز يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ «قائىدە- يوسۇنلىرىمىز» دېگەن كىتابىنى  تەۋىسىيە قىلىپ قوياي. ئۇيغۇرلارنىڭ قائىدە- يوسۇن، ئەدەب- ئەخلاق نىزاملىرى توغرىسىدا خېلىلا ئەتىراپلىق توختالغان ئېسىل كىتاب.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5086
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇران يوللىغان ۋاقتى  2013-1-15 01:33 AM
بۇ يەردە مەرھۇم يازغۇچىمىز يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئ ...

يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ۋاپات بولدىمۇ؟ ماۋۇ خەۋەرنى ئەمدى ئاڭلاۋاتىمەن؟

ئاي نۇرلۇق بولغى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13677
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9727
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 5805 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
faruk063 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-15 02:04 AM
يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ۋاپات بولدىمۇ؟ ماۋۇ خەۋەرنى ...

مەرھۇم قازا قىلغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37456
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7130
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2119 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
faruk063 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-15 02:04 AM
يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ۋاپات بولدىمۇ؟ ماۋۇ خەۋەرنى ...

مەرھۇم 2012- يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى ۋاپات بولدى. 7-8 يىلدىن بېرى كېسەل ھەم ۋاقىت بىلەن كۆرەش قىلغان ئىدى. مەرھۇمنىڭ تېخى نەشىردىن چىقمىغان بىر قانچە كىتابلىرى بار. «ئائىلىدىكى دىيانەت ۋە خىيانەت»، «دانىشمەن ھەمراھ». كېسىلى ئېغىرلىشىپ، ئاغرىق تارتىۋاتقان پەيىتلىرىدە ھەم تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ تولۇق شەرئىيسىنى يېزىپ تاماملاپ مىللەتلەر نەشىرىياتىغا سۇنغان، ئاللاھ خالىسا بۇ ئەسەرلىرى پات ئارىدا بىز بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 135
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئىش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5086
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇران يوللىغان ۋاقتى  2013-1-15 09:32 AM
مەرھۇم 2012- يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى ۋاپات بولدى. 7-8 يىلدىن  ...

شۇنچە ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ مەن ئاڭلىماپتىمەن. شۇ ۋاقتلاردا مەن ئۈرۈمچىدە ئىدىم. ۋاقپلاندۇرغىنىڭىزغا رھمەت. ئىننا لىللەھى ۋەئىننا ئىلەيھى راجىئۇۋن. ئاللاھ قەبرە ئازابىدىن ساقلىسۇن، ئۆز رەھمىتىگە ئالسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5086
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇران يوللىغان ۋاقتى  2013-1-15 09:32 AM
مەرھۇم 2012- يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى ۋاپات بولدى. 7-8 يىلدىن  ...

ئۇ كىتابلىرى بىلەن قاچان يۈز كۆرۈشەرمىز. قائىدە- يوسۇن، ئەدەپ- ئەخلاققا دائىر كىتابلارنى تۈزۈپ، بىزلەرنىڭ مەنىۋىيىتىمىز ئۈچۈن خېلى كۆپ ئىشلارنى قىلغان، ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش