مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 375|ئىنكاس: 15

سېنى ئىزدەپ بارسام ناۋادا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86595
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2012-10-29
ئاخىرقى: 2013-1-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

           ئەلرام

                سېنى ئىزدەپ بارسام ناۋادا


               لەۋلىرىڭدە قېپقالغان تاتۇق


                     بۇ كۆڭۈلدىن ئاشۇرۇپ زىنھار،

                     بىرەلمەيمەن ساڭا بىر تارتۇق.

                     نېمە ئۈچۈن دېسەڭ ناۋادا،

                     چۈنكى،كۆڭلۈم ھەممىدىن ئارتۇق.


                     «ئىشەنمەيمەن» دېسەڭ ناۋادا،

                     گۇمان بىلەن بىز نېمە تاپتۇق؟

                     يۈرەك ساڭا تەلپۈنەر،گۇۋاھ-

                     لەۋلىرىڭدە قېپقالغان تاتۇق.


                     شۇڭا رەنجىپ يۈرمىگىن ئەركەم،

                     نەمدەلمىسۇن يېشىمدىن ياستۇق.

                     سۆز قىلغانلار ماڭماس بىز بىلەن،

                     بىلسەڭ كۆڭۈل ھەممىدىن ئارتۇق.


                  غېرىپ بولدۇم غېرىپتەكلا مەن


                     بىر ناتىۋان قۇشنىڭ ھالىتى،

                      سىڭدى ئاستا،سىڭدۈردىغۇ تەن.

                      ئازاپ قىيناپ يىمەكتە مېنى،

                      غېرىپ بولدۇم،غېرىپتەكلا مەن.


                      لېكىن،يەنە ئەركەكمەن ئەركەك،

                      غېرىپلىقىم بولسىمۇ ئايان.

                      بۇ ھالەتتە يۈرسەممۇ مەيلى،

                      كۈلگەن غۇرۇر بولسىلا ئامان...


               سېنى ئىزدەپ بارسام ناۋادا


                     سېنى ئىزدەپ بارسام ناۋادا ،

                     چىقارسەنمۇ ئالدىمغا مېنىڭ.

                     ياكى بىلمەي نېمە قىلىشنى،

                     گۈلدەك تىترەپ تۇرارمۇ تېنىڭ.


                     ئەگەر ئوتنىڭ ئىچىدە بولساڭ،

                     ئىنتىلەمسەن باغرىمغا شۇئان.

                     بۇ يۈرەككە بىرىپ بىر ئارام،

                     دەمسەن يەنە؛سەن بارمۇ ئامان؟


                     ياق،بىلىسەن مېنىڭ كۆڭلۈمنى،

                     بۇ مۇھەببەت ئەزەلدىن شۇنداق.

                     ئۇنتۇلدۇرماس چۈنكى،يۈرەكلەر-

                     ئىككى تەندە بولسىمۇ،قۇشماق.



                     ئېھتىمال سەن ئازاپنى ئۇنتۇپ،

                     چېچەكلەيسەن قايتىدىن چۇقۇم.

                     يېپىشىدۇ بەخىتمۇ ماڭا،

                     ئۇنتۇلىدۇ ياش دېگەن ئۇقۇم...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-14 10:31 PM  


باغراش كاككۇكى!!!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 1441
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 13729
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 468 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سېنى ئىزلەپ بارسام ناۋادا ،
كۈلۈمسىرەپ قارشى ئالامسەن .
سۆيگۈ ئۈچۈن چاڭقاق يۈرەككە،
سەن مېھرىڭدىن شەربەت سۇنامسەن.

سۆيۇشلەرنى كۈتۈپ يۈرۈپ ، كۈتۈشلەرنى سۆيۈپ قالدىم. فەرۇزەباغراش كاككۇكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89279
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز بارىكاللا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 1757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2470
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 684 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىزلەپ كەلسەڭ مېنى ناۋادا،
بولار ئىدى قىشتىمۇ باھار.
بۇلبۇل سايراپ ئەتسە خۇشناۋا،
ئاتار ئىدى بەختىمگە تاڭلار.

ياخشى شېئىرلارغا ياندىشىپ يېزىپ قويىدىغان بۇ ئادىتىمنى تاشلىيالمىدىم دىسە.

نوپۇس كوپ، ئەمما ئادەم ئاز بولىۋاتقان ھازىرقى جاھاندىمۇ، ئادەملەر يەنىلا ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم بولالايدۇ دىگەننىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەك.

باغراش كاككۇكى!!!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 1441
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 13729
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 468 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazigul8 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-14 11:30 PM
ئىزلەپ كەلسەڭ مېنى ناۋادا،
بولار ئىدى قىشتىمۇ باھار.
ب ...


بۇ يالغۇز سىزنىڭلا ئادىتىڭىز ئەمەس بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kakkuk11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-14 11:36 PM  


سۆيۇشلەرنى كۈتۈپ يۈرۈپ ، كۈتۈشلەرنى سۆيۈپ قالدىم. فەرۇزەباغراش كاككۇكى

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6204
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 39693
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2580 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقى ئوتۇڭدا پۇچلانماس ئىدىم
ئۇچراتمىغان بولسام سېنى ئەگەردە.
سۆيگۈ دەرىخى بىخ سۈرمەس ئىدى،
شوخ ئويناپ تۇرغان غەمسىز يۈرەكتە.

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1069
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9067
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۆزلىرىمگە ئىشەنگىن ئىشەن.
چىن دىلىمدىن كۆيدۈم مەن ساڭا.
تەلەپ قىلسام بېرەلەرسەنمۇ.
يۈرىكىڭدىن بىرەر سىر ماڭا.

بۈگۈنكى تىرىشچانلىق ئەتىكى مۇۋەپپەقىيەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76301
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3532
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلرامغا:
ھازىرقى جەمىيەتتە قىزلار يامان بوپكەتتى ،ئاشۇ قىز ( لەۋلىرىڭدە قىپقالغان تاتۇق، ناملىق شىئىردىكى قىز) مال دۇنيا تەلەپ قىلغان گەپ. ھازىرقى جەمىيەتتە ئۆي، ماشىنا ، بولمىسا قىزلار قارىمايدىغان بوپ كەتتى. ئەسلىدە سىز دىگەندەك كۆڭىلدىن ئارتۇق سوغا بولسۇنمۇ دۇنيادا.
شىئىرىڭىز بەكمۇ ھىسسىياتلىق يېزىلىپتۇ.
سىز چوقۇم شائىر.

ئىنسان يىغلاپ تۇغۇلۇپ،باشلارنى يىغلىتىپ كىتدۇ.

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 3905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20046
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 824 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدە مەن ئوقىغان ئەڭ تېتىملىق شئېر بولدى،ئىنكاسلار داۋاملىق يانداشقاي.

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!

قەلبىمىزنى پاكلايلى!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86836
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-11-5
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز قىرىندىشىم، تىخىمۇ تىرىشىڭ!!!

قەلبىم ئۇلۇغىيەت ئۈچۈن مەڭگۈ يورۇق ئاللاھ خالىسا...!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش