ياغلىقڭنى ئارتىۋال موما
ياغلىقىڭنى ئارتىۋال موما،
پاخما باشتا نە قىلسۇن ئىمان.
سەن بىلەمسەن چاچ ئۇچۇق تۇرسا،
قەبرىلەردە قىينىلار ئىنسان.
ياغلىقىڭنى ئارتىۋال موما،
ساڭا ھېچكىم بولماس تۇسالغۇ.
بىز ھەممىمىز قايتىمىزھەققە،
بىلسەڭ دۇنيا بىزگەقۇنالغۇ.
دەرسەن بەلكىم «ياغلىق ئارتمايمۇ،
تالاي ياخشى ئىشلارنى قىلدىم.
تەڭرى بىلەر دىلىمدىكىنى ،
غەيرىيلەردەك تۇرسىمۇئەپتىم.
يىتىملارنى يۈلەۋاتىمەن،
مەرىپەتتە نامىم بار مىنىڭ.
بۇ سىياقىم تاقاشتى كىمگە،
تەنتەك شائىر كارىڭ نە سېنىڭ».
ئەگەر شۇنداق ئويلىغان بولساڭ،
خاتالاشتىڭ چۇقۇم جان موما.
نىيەت ئەمەل ئىككىسى بىردەك،
قۇبۇل بولماس بىرى كەم بولسا.
*رەسۇلىمىز ئېيتقان ئەمەسمۇ،
غەيرىيلەرگە ئوخشىسا گەركىم.
جۈملىسىدىن ئەنە شۇلارنىڭ،
ئۇنداق كىشى ئەمەس ئۈممىتىم.
ئويلاپ باقە چايدانداسۈيۈڭ،
قىزىق تۇرار ئېتىلسە ئاغزى.
ئۇچۇق تۇرسا مۇزلايدۇ چۇقۇم،
ئىنكار قىلماس بۇنى ھېچكىشى.
ياغلىقىڭدۇر چايدان ئېغىزى،
ئىتىلسە گەر مۇزلىماس سۈيۈڭ.
يالىڭاچلىقباشلىنار چاچتىن
دىمە زىنھار يالغان بۇسۈزۈڭ.
سېنىڭ تالاي ئىزگۇئىشلىرىڭ،
ئوخشىمىسۇن ئۇچۇق چايدانغا.
تۈزۈۋالغىن قىياپىتىڭنى،
قالماي دىسەڭ پۇشايمانلارغا.
شۇنچە بىلىم ئالسىمۇكۆپلەر،
ئۆزگىلەردەك ياسىنار توۋا.
سەن ئىھسانغا ئىبادەتنى قوش،
قۇشالمىساڭ ئۇ چۇقۇم رىيا.
رىيا بىلەن قىلغان ئەمەلدىن،
تۇزۇپ كەتكەن سامان ياخشىراق.
جىڭ باسىدۇپەقەت تەقۋالىق،
*سەييىدىمىزئېيتقان ئاشۇنداق.
يۈرمە يەنەچاچنى كۆپتۈرۈپ،
ئارتىۋالغىن قېلىنراق رۇمال.
سەندە كۆپقۇ بىزلەردىن تېخى،
سەئۇدىغابېرىشقا ئامال.
ئەۋرەتلەرنىڭ ئۇچۇقلىقىدىن،
چايقىلاركەن زىمىن غەزەپتە.
ھادىساتلار كەتمەكتە جىقلاپ،
يەر تەۋرەشلەر بىشارەت ئەنە.
جېنىم موما رەنجىمە مەندىن،
دىمەي دىسەم كۆيدى بۇ دىلىم
مەن ناتۇنۇش قېرىندىشىڭمەن،
لېكىن ساڭا تۇتاشتۇر مېھرىم.
ئاشتىم مانا مەنمۇ ئوتتۇزدىن،
تۈزىۋالدىم قىياپىتىمنى.
تەۋھىدىمنى يېڭىلاپ يەنە،
تېپىۋالدىم نۇرلۇق يۇلۇمنى.
جېنىم موما قېرىندىشىمسەن،
سەنمۇ مەندەك ياشىغىن ئەمدى.
سەندە بارى مەندە يوق لېكىن ،
تولدۇراركەن ئورنىنى زىكرى.
ياش-قېرى دەپ ئايرىماس ئۈلۈم،
كەتسەئىنسان كەلمەيدۇ قايتا.
پايدا بەرمەس سۇنغان گۈزەللىك،
ياغلىقىڭنى ئارتىۋال موما.
ئاپتۇرى؛يانغىن
*-پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇبارەك ئاتىلىشى.
ئەسەردەتەسۋىرلەنگەن ئانىنى تورداشلارنىڭ كىملەرگىدۇر قىياسلاپ غۇلغۇلا قىلىشىنى خالىمايمەن.مەن بۇئەسەردە ئۈبىكىتنى موما دەپ ئالغان بولساممۇ،بىراق بىزنىڭ نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلىگەن،خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى قىلىۋاتقان، جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى ئۇرۇنلىرىدا نەتىجە يارىتىۋاتقان تۆھپىكار ئاياللىرىمىز, سەنئەتكارلار،مەنىۋىيەت ئالىمىدە ئىزدىنىۋاتقان ئەدىبەلىرىمىز ،مائارىپنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىدا ئىشلىگەن ،ئىشلەۋاتقان ئاياللار مومام،ئانام،،ئاچام،دوستۇم،سىڭلىم دىمەتلىك بۇلىشى مۇمكىن.شېئرى پىكىرنىڭ ئاھاڭدارلىقى ئۈچۈن موما دەپ ئالدىم.ھەر قايسى ساھە،قاتلاملاردىكى ھەر بىر ئايال دوستلارغائازراق بولسىمۇ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولسىدى كەمىنە يانغىننىڭ قەلەم تەۋرىتىش مۇددىئاسى ئىشقا ئاشقان ھىساپلىنىدۇ.
2013-يىل يانۋار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-14 10:42 PM