سېغىنىش بولغاندا مۇھەببەت بۇلىدۇ
1.يارغا سۆز
بىلەمسەن ئەي يايرىم سېغىندىم سېنى، ئايرىلمايمىز دىيىشكەن ۋەدىلەر قېنى. مەن سېنى ھەرۋاقىت سېغىنغىنىمدەك، سەنمۇ كېچە-كۈندۈز ئەسلەمسەن مېنى.
ھەر ۋاقىت ئەسلەيمەن شۇ ۋاقىتلارنى، كۈلۈشۈپ ئۆتكۈزگەن شۇ مىنۇتلارنى. يېنىمدا تۇرساڭ سەن بىلمەپتىكەنمەن، ئەمدى بىلدىم مەن سېنىڭ قەدرىڭنى. كۈزۈمدىن كەتمەيدۇ قارا كۆزلەرىڭ، كىشىنى لال قىلدىغان ئۇزۇن ساچلىرىڭ. ھەركۈنى چۈشەمدە كۆرىمەن سېنى، كەتمىگەچ كۈزۈمدىن ئاشۇ جامالىڭ. كۆزلىرىم كور بولدى يولىڭغا قاراپ، سەن ئۈچۈن مېنىڭكى يۈرىكىم كاۋاب، تەشنالىق ئىلكىدە كۈتىمەن سېنى، قاچان كىلىسەن يايرىم بەرگىن جاۋاب. بىر ئۆمۈر پەقەتلا كۈتىمەن سېنى، سۆيمەيمەن سېنىڭدىن باشقا بىرىنى. ئاللاھنىڭ نامىدىن بىرەي مەن قەسەم، بىر ئۆمۈر پەقەتلا كۈتىمەن سېنى.
يارغا خىتاب
پەقەت چىن سۆيگۈلا مەڭگۇ يۇقالمايدۇ!
تەقدىر پەلەك تەتۈر كەلدى بېشىمغا، ئايرىۋەتتى سەن يايرىمنى مېنىڭدىن. تەنھالىقتا كۈنلەر ئۆتەر مەنىسىز، ئەمما پەقەت ئارىلمايمەن سېنىڭدىن. تەقدىر شۇنداق ئۇنىڭغا نە چارە بار، كاككۇك زەينەپ مۇ يەتمىگەن ۋىسالغا. قۇش بولسام مەن يېنىڭغا ئۇچۇپ باراتتىم، قۇش ئەمەسمەن ئامالىم يوق بېرىشقا. كۈن بۇيى سېنىلا ئەسلەپ ئۆتىمەن، بولمىسا بۇلىمەن بەكمۇ بىئارام. تىزراق كەل ئەي يايرىم مېنىڭ قېشىمغا، بولمىسا ساقايماس بۇ كۆڭۈل تارام. ئۆتمەكتە ۋاقىتىم سائەت مىنۇتلاپ، قېينىىماقتا مېنى سېغىنىش ئوتى. قارايمەن كېلەر دەپ سېنىڭ يولىڭغا، قاچانمۇ يوقىلار ئازاب بۇلىتى. ھەركۈنى چۈشۈمدە كۆرىمەن سېنى، كەتمىگەچ كۈزۈمدىن ئاشۇ جامالىڭ. ئەسلەيمەن كۈنمۇتۈن ئۆتكەن كۈنلەرنى، ئونتالمىغاچ كۈزۈمدىن كەتمەس سىمايىڭ. بىر ئۆمۈر پەقەتلا سۆيىمەن سېنى، بۇۋەدە مەڭگۈلۈك ئۆزگەرمەس پەقەت. سۆيمەيمەن سېنىڭدىن باشقا بىرسىنى، ئۆزگەرمەس بۇ ھەقىقەت ئەبەدىلئەبەت.
2013-يىلى 1-ئاي 14 جېجاڭ خاڭجۇ ئۇيغۇر ئوغلى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-14 08:39 PM
|