رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيەتلىرى
رازى بولىمەن
يار ئايرىلدۇق بىزدە يوق گۇناھ،
سۆيگۈمىزگە ئىدى ئاي گۇۋاھ.
قىسمەتلەرگە بەندە ئىلاجسىز،
ساڭا بەخىت تېلەيمەن شۇڭا.
قىينىسىمۇ ھىجران ئازابى،
چىدىماستىن بىزدە چارە يوق.
بۇ تەغدىرنىڭ بەرگەن جاۋابى،
بەخىتلىك بول مەندە نالە يوق.
يالغۇز قالدىڭ دىسە ئۆزگىلەر،
يىغلىمايمەن بەزلەشكە سەن يوق.
ئۆتۈپ كىتەر دەيمەن بۇ كۈنلەر،
غەيۋىتىڭنىڭ يىنىدا مەن يوق.
سېنى ئەسلەپ ھەر كۈنى سەھەر،
يۈتىۋالىمەن كۈندە بىر زەھەر.
ھۆر بەختىڭگە كۆزلەر تەگمىسۇن،
تۇيۇڭ بولسا كۆكلەمدە ئەگەر.
سىمايىڭنى ئەسكە ئالساممۇ،
يار بولالماي دەرتكە قالساممۇ،
ئۆز-ئۆزۈمنى دارغائاسساممۇ،
بەخىتلىك بول رازى بولىمەن.
رۇستەم قاراسۇ .....ئاتۇش
كىچىڭىز
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-14 07:17 PM