تىرىشچان ئەزا
كارىز يولى يۇلغۇنلۇق، ئوتتۇرسىدا قۇغۇنلۇق. قۇغۇنلۇقتا ئىشلەيدۇ، قەلەمقاشلىق تال بويلۇق. قەلەمقاشلىق يارىمنىڭ، خۇمار كۆزى قوش بۇلاق. بۇيى زىلۋا،قولى گۈل، ئوينىغۇچتەك يۇمبۇلاق. كارىز سۈيى ئۇلغۇيىدۇ، قىرىمنى چاپقانسىرى، كۆڭۈل ئەجەپ ياشىرىدۇ، يارىمنى تاپقانسىرى. كارىز باشىدا قاغا، ئۇستىخاننى چۇقۇيدۇ. بىزنىڭ يارلار قەلەم قاش، كۈندە دۇرۇت ئوقۇيدۇ. تۆت كارىزنىڭ باشىدا، كەكلىكتىن تۇلا توشقان. قانچە سۈفكۆچ قىلساڭمۇ، بىزلەرنى خۇدا قوشقان. مەن يۇرمۇڭدىن ئۆتكەندە، كارىزغا چۈشۈپ كەتتىم. يارىم بولغاچ بەدگۇپا، گەپ قىلماي ئۆتۈپ كەتتىم. مەن دىغاردىن كەلگىچە، كارىز كۈلىدە تۇردۇم. ئوينىساممۇ ئوينايمەن، لۈكچۈنلەر مىنىڭ يۇرتۇم. چوڭ كارىزدىن ئۆتكۈچە، تىكەن كىردى پۇتۇمغا. يارىم ئۈچۈن سوقۇشۇپ، پىچاق يىدىم يوتامغا. كارىزلارنى چاپقىچە، ئاق قوشقارنى قان قىلدۇق. كارىز ئىچى خەتەرلىك، خۇدايىمغا تاپشۇردۇق. تەشمە تەشتىم كېچىدە، پۇتلىرىمدا ئۆتۈكۈم. سۆيسەم سۆيىمەن يارنى، يوقتۇر مېنىڭ خۇدىكىم. ئالتىنچايدا، ئاتماس تاڭدا، كارىزلار چاپتۇق. قىزىل گۈلنىڭ غۇنچاسىدەك، قىزلارغا باقتۇق. قىزغا بىقىپ،قىزغا بىقىپ، يالغۇز يۈرۈيمىز. يالغۇز،يېتىم شۇ باشلاردىن، تەڭگە ئۆرۈيمىز. كارىز چىپىپ سۇ باشلىسام، مەنمۇ پەرھاتتەك. جانىم يارىم چىقارسەنمۇ، سەنمۇ شېرىندەك. ئىگىز ئوردا چۆرىسىدە، كارىز بار ئىكەن. چىن دىلىدىن كۆيگەنلەرنىڭ ئىشى ئوڭ ئىكەن. كۈيۈۋىرىپ،كۈيۈۋېرىپ، قالمىدى ھالىم. مانا ئەمدى كۈيۈشلەرنى، ساڭىلا بەردىم ....
پاش قىلىش
uygur man uygur dak yaxay man
يېتىلىۋاتقان ئەزا
يىـڭى ئــەزا
ئادەتتىكى ئەزا
بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!
تەجىربىلىك ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ