قاردىكى باھار
ئاق لىباسقا ئورۇنۇپتۇ كەڭ زىمىن،
قىش زىننىتى چېچەك ئاچقاچ چېھرىدە،
تارام-تارام گىرەلەشكەن چىغىر يول،
نۇرغا تولغان بىر خاسىيەت سېھرىدە.
چىچەكلەرگە قونغان گويا كېپىنەك،
رەڭدار بۇندا ھاياتلىقنىڭ جۇلاسى،
زىمىستاندا چىراي ئاچقان گۈلباھار،
ناز جىلۋىگەر تەبىئەتنىڭ رەناسى.
ئاقلىق تامان ئېيتىلغان بىر لىرىك كۈي،
سالغاچ شۇ دەم قەلىبلەرنى لەرزىگە،
يۈرەكتە ئوت زىمىستانمۇ يەنچىلگەن،
قويماي ئۇنى بۇ پەسىلدە ئەركىگە.
قار كۈيىدىن چۈشكەچ شاتلىق ساماغا،
بارچە دىلدا بىر خوشاللىق ئەۋجىسى،
قونغاندىكى پارچە-پارچە بەرگدىن،
جىلۋە ئۇرغان پاك بىغۇبار مەۋجىسى.
مەنبە:مەن
2013-يىل1-ئاينىڭ14-كۈنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-14 01:56 PM